مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 318|ئىنكاس: 20

ئوقۇتقۇچى قىممىتىڭىزنى چۈشىنەمسىز؟ ھونساك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28970
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2009
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-2-3
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                     ئوقۇتقۇچى قىممىتىڭىزنى  چۈشىنەمسىز؟                                              قۇربانجان مۇھەممەدئىمىن ھونساك

قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگۇدىن چەتئەلگىچە ئوقۇتقۇچىلار جەمىيەتنىڭ ئىلغار ئىددىيىلىك كىشلىرىدىن  بۇلۇش سالاھىتى بىلەن ھەر قايسى دەۋىرلەردە سىنپىلقتىن خالى ھالدا ئەۋلادلارنى ئىلىم-ھېكمەت، پاراسەت، جاسارەت ۋە ئادىمىلىكى بىرلەشكەن مۇكەممەل ئادەم قىلىپ يىتشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇق مەقسەت ئاساسىدا، ئاتا – ئانىلار بىلەن ماسلىشىپ باشقا كەسپتىكىلەر ئۆز ئۈستىگە ئالالمايدىغان، ئىنسانلار تۇپىنىڭ تەلىم – تەربىيە ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ كەلگەن. شۇ مەنىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشتىكى ھېچكىمگە بېرىلمىگەن ئالى ھوقۇق بېرىلگەن دىيىشكە بولىدۇ. بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ئارمىينىڭ ھوقۇق ۋە ئىمتىيازىنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقى ھەمىمىزگە ئايان. لىكن گىرمانىيە پەيلاسوپى كارىل جاسسپېرس《گىرمان مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا مائارىپ ئارمىيدىن بەكرەك مۇھىم》دىگەن قارشى ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىگە نىسبەتەن مائارىپنىڭ ئاخىرقى چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دىمەك مۇشۇنداق مۇقەددەس ھوقۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئوقۇتقۇچىنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيتىنى ئېنىق تونۇش ۋە قانداق مەقسەت، قايسى خىل ئۇسۇلدا  ئوقۇتۇش مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا باغلىق. نمىس پەيلاسوپى نىتزى《بىر مىللەتنىڭ ئىككىلا بايلىقى بار، بىرى بالا ئىمىتىۋاتقان ئانا، يەنە بىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى》دىگەن پەلسەپىۋى ھېكمىتى ئارقىلىق بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئانىلار بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى مىللەتنىڭ بىردىن-بىر ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان. دەر ھەقىقەت مىللەتنىڭ مەڭگۈلۈك  مەۋجۇتلىقىدا بالا تۇغۇش ۋە ئىمىتىش، مەكتەپكە كىرگىچە بولغان ۋاقىتتىكى ئائىلە تەربىيسى بېرىش ۋە مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىنمۇ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيسى ئارقىلىق بالىلارنى ئانا تىل، تۇرمۇش ئادەتلىرى، دىنىي ئىتىقاد، ھېيىت-بايرام مۇراسىملىرى، توي تۆكۈن-ئۆلۈم يىتىم ئادەتلىرى، كىيىم-كېچەك، يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى، ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇش ۋە ئولتۇرۇپ قوپۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەت قائىدىلىرى شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىدىكى قىممەت قارىشى، ئىستىتىك قارىشى، ئەخلاق ئۆلچەملىرى، بەخت-سائادەت جەھەتتىكى تەلەپلىرى، مىللى خاسلىق ۋە خاراكتېرى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى قاتارلىقلارنى تۇنجى قېتىم تونۇتۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇپ مەكتەپ تەلىم تەربىيسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئانا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. مانا بۇنى نىتزى ئوتتۇرىغا قويغان بالا تۇغالايدىغان ھەم تەربىيلىيەلەيدىغان ئانىلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك ھەقىقى بايلىق بولۇش شەرتى  دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. تارىختا ئۇيغۇر ئانىلىرى ئائىلىسىگە پەرزەنتلىرىگە ۋاپادار، جاپاغا چىداملىق، قائىدە –يوسۇنلۇق بولۇش بىلەن ئۇلۇغۋار ئانىلار ئوبرازىنى نامايان قىلىپ كەلگەن. ئەتراپلق بولغان پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلى ۋە ئائىلە ئەخلاق مىزانلىرى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنى لاياقەتلىك تەربىيلەپ پارلاق مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ئەنئەنىسىنى جاھانغا تاراتقان. لىكىن بۈگۈنكى جەمىيتىمىزدە بىر قىسىم ئائىللەرگە نەزەر سالساق ئانىلار تەدرىجى يوسۇندا بالىلارنى تۇغۇش ۋە كىىيم-كېچىكىنى بېرىپ بىخەتەر چوڭ قىلىپ مەكتەپكە تاپشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىقلا ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيتىدىن قانائەتلىنىپ يۈرگەچكە بارلىق تەربىيلەش مەسئۇلىيتى مەكتەپكە يۈكلىنىۋاتىدۇ. بەزى جايلاردا بالىلار ھەتتا ئۈچ يېشىدىلا ئائىلىدىن ئايرىلىپ يەسلىگە كىرىپلا ئانا تەربىيسىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ.بەزى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغان بىلىملىك  ئاتا-ئانىلارمۇ خىزمەت، تۈرلۈك باردى-كەلدى، توي-تۆكۈن، ئولتۇرۇشلار بىلەن ئائىلىدە بالىلارغا تەربىيە بېرىشكە ۋاقتى چىقمايۋاتىدۇ. ھەتتا كەچلەردە بىرەر يېرىم سائەت يېنىدا ئولتۇرۇپ سىرداشقاچ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەم بېرىشكىمۇ يارىماي يۇقىرى ھەق بىلەن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بالىلارنى مەكتەپتە ۋە ئائىلىدە《بىلىم قاچىلاش ماشىنىسى》غا ئايلاندۇرىۋاتىدۇ. يېزىلاردىكى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار تەربىيلىنىشىنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن ساپاسى ئىنتايىن تۆۋەن، بولۇپمۇ بالىلارنى تۇغۇش ۋە بىۋاستە تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئانىلارنىڭ بالىلارغا كېچىكىدىن باشلاپ خاسلىققا ئىگە بولغان ئەنئەنە تەربىيسى بېرىش ئىقتىدارى يوق دىيەرلىك.بۇ جەھەتتە ئىقتىدارى بولسىمۇ ئائىلىدىكى ئايىغى چىقماس ئشلار ۋە ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرى بىلەن جان بېقىشنىڭ كويىدا بالىلارغا ۋاقىت ئاجرىتالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا  بۇ ئانىلارنى ياپۇنىيەدىكى بالىلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىدىغان مىللەتنىڭ ھەقىقى 《بايلىق》لىرى بولالايدىغان ئانىلارغا تۈپتىن سېلىشتۇرغىنى بولمايدۇ.نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ھايۋاناتلار دۇنياسىدا  كاككۇكتىن باشقا قۇشلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى تۇغۇش، تۇخۇم بېسىشتىن تارتىپ مېڭىش ۋە ئۇچۇش، ئوزۇقلۇق تېپىش، باشقىلاردىن قوغدىنىشتەك ئۆزى ئۆگۈتەلەيدىغان يىتىلىش  جەريانلىرى ۋە  ياشاش ئۇسۇللىرىنى  ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگۈتىدىغانلىقىنى بىلىپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئۇۋىسىغا كاكىلاپ قويۇپلا بالىسىغا ئىگە بولمايدىغان كاككۇكقا ئوخشاش ئۈچ ياشلىق بالىسنى يەسلىگە،يەسلىنى پۈتكۈزسە باشلانغۇچ مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىپ بالىنىڭ غەلۋىسىدىن قۇتۇلغىنىغا خوش بولۇپ خاتىرجەم ھالدا باشقا《مۇھىم》 ئىشىغا ئاتلىنىۋاتىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار تەتىل، دەم ئېلىش بولسا بالىلاردىن زېرىكىپ دەم ئېلىشنىڭ تىزراق توشۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.ئەمىلىيەتتە ئۇلار تەتىل ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرىدىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان، ئاتا-ئانىلار بىلەن سىردىشىپ مىھىر ئۆتكۈزىشىدىغان، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىدە ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك شۇ مىللەت جۈملىدىن شۇ ئائىلە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە تەربىيسىنى قوبۇل قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىگى توغرىسىدا  ئەسلا باش قاتۇرمىغاچقا بالىلار ئائىلىدە ئۆگۈنۈشكە تېگشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن تەدرىجى مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەپسۇسلىنارلىق رىئاللىققا نىسبەتەن ئېيىتقاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ زىممىسىدىكى يۈك تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ  ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلاردىن ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك بولغان ئەنئەنەنىۋى ئائىلە تەربىيسىى ۋە مەكتەپتە ئۆتۈلىدىغان  بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ئۆگۈتۈشتىن ئىبارەت قوش ۋەزىپە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھېس قىلغان ۋە قىلمىغان، خالىغان ۋە خالىمىغان ئاساستىكى مەسئۇلىيتىگە ئايلانغان. بۇ خىل ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى يىتىلدۈرۈش ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانىغا دەسلەپكى ئاساس تۇرغۇزۇپ مىللەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم بايلىقى بولۇشتىن ئىبارەت قىممىتىنى نامايەن قىلىش باش تارتىپ بولالمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىغا ئايلىنىش كېرەك.  بۇ خىل مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇق قانداقتۇر ئوقۇغۇچىلارنى بۇيرۇق دائىرسى ئىچىدە دىگەن يېرىگە كەلتۈرۈش ۋە كىتاۋى بىلىملەرنى ئۆگۈتۈپ، خاراكتېرىنى بىكىتىلگەن ئورتاق قېلىپ بويىچە قۇيۇپ، تەقدىرىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان مۇتلەق بىر بويسۇنغۇچىنى ياساپ چىقىش  ھوقۇقىى بولماستىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىغا ۋە تاللىشىغا  ھۆرمەت قىلغان ئاساستا خاس ئىنسانى خاراكتېر يىتىلدۈرۈپ ، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيتى، تارىخى ئۆتمۈشى توغرىسىدا ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىش  بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بۈگۈنى، كەلگۈسى ھەققىدە  چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋە كىملىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ مىللىتىنى، خەلقىنى، ۋەتىنىنى سۆيەلەيدىغان، ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىجاتچان، ھەرقانداق مەھكۇملۇق ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدىغان باتۇر ئەجداتلارنى تەربىيلەش  ھوقۇقىدۇر. يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى《ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيسى 》ناملىق كىتاۋىدا ئاتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق شەرىپىگە ئېرىشكەن ئوغلىغا بېرىدىغان تەربىيسى توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:《بالام سەن ئوقۇتقۇچى بولدۇڭ. ئوقۇتقۇچى دىگەن مىللەتنىڭ، ئەۋلاتلارنىڭ ئۇستازى، ئۇستاز دىگەن بۇ شەۋكەتلىك نامنى ھالال ئەجرىڭ بىلەن ئاقلاشقا تىرىشقايسەن. ئوقۇتقۇچى دىگەننىڭ مەسئۇلىيتى ئەڭ ئېغىر خىزمەت، چۈنكى سەن ياكى يېڭى بىر ئۇلۇغ ئىنساننى يارىتىسەن، ياكى ئەۋلادلارنى نابۇت قىلىسەن. ئېسىڭدە بولسۇنكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەركىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئىز قالدۇرىدۇ. سەندىن نەمۇنە قالغان ياخشى بىر سۆز جەمىيەتنىڭ ھەر بىر قاتلىمىدا يادلىنىدۇ. ئەگەر يامان سۆز ھەركىتىڭ بىلەن يامان تەسىر بەرسەڭ مەڭگۈ يۇغىلى بولمايدىغان داغقا، ساقايتقىنى بولمايدىغان جاراھەتكە ئايلىنىدۇ. ئەقلىڭ بولسا مۇنبەردە ئۆتكەن ھەر بىر سائەتنى پۇرسەت ۋە ئامەت دەپ بىلگىن. مىھرىبان ئاتا-ئانىلار سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىنى ئىشىنىپ ساڭا تاپشۇردى، ئۇ مەسۇمە بالىلارنىڭ تەقدىرى مەلۇم جەھەتتە سېنىڭ قولۇڭدا.... بالام مەكتەپ دىگەن بالىلارنىڭ جەننىتى بولۇش كېرەككى ئۆزۈڭنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى زالىملىقى بىلەن ئۇنى دوزاققا ئايلاندۇرۇپ قويۇشۇڭ مۈمكىن. سەن ھەقىقى پىداگوگقا ئايلىنالىساڭ بالىلار سېنىڭ ئەتراپىڭدا پەرۋانىدەك ئايلىنىدۇ. سەن شامدەك ئۇلارنىڭ سەبى قەلبىنى يورۇتۇسەن، زالىم بولساڭ بالىلارنىڭ قەلبىنى يارا قىلىسەن، ۋاقىتنىمۇ ئالىسەن. شۇڭا سەن ھەر بىر سائەتلىك دەرستە بالىلارنى يېڭى بىر ھاياتلىق يولىنى تاپقاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈشۈڭ كېرەك. ئۇلار سەندىن قېچىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىل... 》. مانا بۇ نەسىھەتتىن ئوقۇتقۇچىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇق ھەم ئېغىرلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئەپسۇس ھازىر بەزى مەكتەپلەرگە ئايرىم ساندىكى ئىشسىزلارغا جان بېقىش يولى تېپىپ بېرىدىغان ئورۇن سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ دىپلۇمى بارلا ئادەم ئىمتىھان بېرىپ 《ئوقۇتقۇچى》بولۇپ دەرس مۇنبىرىگە چىقالايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولغاچقا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ساپاسى ۋە ئەخلاقى ساپاسى تۆۋەن بولۇپ مىللەتنىڭ 《بايلىقى》بولۇشتەك ئۇلۇغلۇققا مۇناسىپ كەلمەيدىغان《ئادەم》لەرمۇ دەرس مۇنبىرىدە بالىلارنىڭ ئۆمرىنى نابۇت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بەزى مەكتەپلەردە《ئادەم》تولۇق، ئوقۇتقۇچى يىتىشمەيدۇ.
يازغۇچىمىز ئابدۇللا ساۋۇت ئوبرازلىق قىلىپ 《نوپۇس كۆپىيىۋاتىدۇ، ئادەم ئازىيۋاتىدۇ》دىگەن ھېكمىتى ئارقىلىق  جەمىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادەم سىياقىدا ياشاۋاتقان بولسمۇ بىلىمسىزلىك، نادانلىق، نەپسانىيەتچىلىكنىڭ دەردىدە ھەقىقى ئادىمىلىك خىسلەتلىرىدىن يىراق ھالدا ئادىمى ھايۋان خۇلقىدا  ياشاۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا خۇلاسلىغان. دىمىسىمۇ بۇ خۇددى 《ئادەملەرگە لىق تولغان كوچا، ئادەم توۋلار ئادەم قېنى دەپ》دىگەن شېئىرى مىسرالاردىكىدەك جەمىيتىمىزدە ھەقىقەتەن نوپۇس كۆپ، لىكىن ئىلىم ۋە پەزىلىتى ئارقىلىق باشقىلار تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنغان ئادىمىلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشپ ياشاۋاتقانلار ساناقلىقلا. نۇرغۇن كشىلەرنىڭ نەزىرىدە يەتتە ئەزايى ساق بولسىلا 《ئادەم》دەپ قارىلىشى مۈمكىن.لىكىن 《ئادەم》ئۇقۇمىدىكى بىز تەكىتلەۋاتقان ھەقىقى ئادەم نۇرمال پىسخىك ھالەتتكى مۇھەببەت-نەپرىتى ، گۈزەللىك رەزىللىك قارىشى ئېنىق، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرەلەيدىغان، ئاق كۆڭۈللىكى، سەمىمىلىكى، مىھرى-مۇھەببىتى ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، ھەقىقى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئىچىدە ھەم قەدىرلىيەلەيدىغان ھەم قەدىرلىنەلەيدىغان، ھاياتىنى مىھرى-ۋاپا، شەرمى-ھايا، باتۇرلۇق ۋە مەردۇ-مەردانىلىق بىلەن ھەقىقى مەناغا ئىگە قىلالايدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.بۇ ھەقتە بىلىنىسكىي《ئالىم، شائىر، جەڭچى...قانۇنشۇناس ۋە باشقىلار بولۇش ياخشى. لىكىن شۇلار بىلەن بىللە ئىنسان بولماسلىق يامان》دىگەن بولسا ل.شىفىر 《ئادەمنىڭ ھەقىقى ئىنسان بولۇشتىن باشقا مەقسىدى يوق》دەيدۇ. ئىنسان بولۇش پەقەت چوڭ ئىشلارنى قىلىش بولماستىن بارلىق ئىش پائالىيەتلىرىدە ئىنسانى خاراكتىرنى ئىپادىلەشتۇر.مانا بۇ قارىشىمىزنى گىيۇتىنىڭ 《ھەمىشە قەھرىمان بولۇش مۈمكىن ئەمەس، لىكىن ھەمىشە ئىنسان بولۇپ قېلىشى مۈمكىن》دىگەن قارىشى تېخىمۇ تىرەنلىككە ئىگە قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار  ئالدى بىلەن يۇقارقى سۈپەتلەرنى ھازىرلىغان ھەقىقى ئىنسانلىق سۈپىتىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆز خىسلىتى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى بىز 《ئادەم》دەپ ياشاۋاتقان ئەمما ھەقىقى ئادەمدەك ياشىيالمايۋاتقان نوپۇس توپىدىكىلەرنىڭ روھى دۇنياسىغا ئۆز خىسلىتى، ئادىمىلىگى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىپ  خەلق ھەقىقى ئېتىراپ قىلىغان ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازى بىلەن  ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېڭىيىۋاتقان روھى دۇنياسىغا ئۈنسىز سىڭىپ كىرىپ مۇئەييەن قىممەت قارىشى ۋە ئادىمىلىك بىخلىرىنى يىتىلدۈرەلىسە، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشىغا بىلىم ۋە تەرەققىيات نىشانى كۆرسىتىپ بېرەلىسە سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئىچىدە ھاياتى چىىن مەناغا ئىگە بولىدۇ.بۇنداق بولغاندا ئەللامە زەمەخشەرىينىڭ 《ھەرقانداق مۈشكۈل ئىش ئەقىل ئىگىلىرى تەرىپىدىن ھەل قىلىنۇر》دىگەن ھەقىقىتىنى ئۆز ئەمەلىيتى ئارقىلىق ئىسپاتلىيالايدۇ. لىكىن بۇ جاپالىق ھەم تىنىمسىز ئىستىخىيلىك تەسىر كۆرسىتىش جەريانى بولغاچقا ھەقىقى ئىتىقاد ۋە پاك ئەقىدە، ھالال تەر، ئوخچۇپ تۇرغان قانلار بەدىلىدە نەتىجىلىنىدۇ.  شۇڭا  مەشھۇر مۇتەسەۋۋۇپ، جاھان ئەھلى ئىتىراپ قىلغان ئالىم جالالىدىن رۇمئىنىڭ《ئنساننىڭ كوڭلىنى تازىلاش ھاجەتخانىنى تازىلاشتىنمۇ بەسى مۈشكۈل》دىگىنى بىكار ئەمەس.گەرچە بۇ مۇشۇنداق جاپالىق جەريان بولسىمۇ  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە مۇھەببەت چەمبىرىكىدە ئۆز كەسپىنى، خەلقىنى، مىللىتىنى، مىللەتنىڭ ۋارىسلىرىنى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق تىرىشىپ نەتىجە قازىنىپ جەمىيەت ۋە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىشتىن  ئىبارەت سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئارزۇسى ۋە تارىخى بۇرچ تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇش كېرەك. چۈنكى بۇنداق كۆللۈكتىپ توپى ئىچىدە ئېرىشكەن قانائەتلەندۈرۈش ۋە قانائەتلىنىش تۇيغۇسى ئوقۇتقۇچىى-ئوقۇغۇچىلاردا ۋە جەمىيەت كىشىلىرىدە ئورتاقلىققا ئىگە بولسا《جاپانىڭ تېگى ئالتۇن》غا ئايلىنىپ ھەممە ئادەم ئوقۇتقۇچىنىڭ مىللەتنىڭ ھەقىقى 《بايلىقى》بولالىغانلىقىدىن رازى بولىدۇ ھەم قايىل بولىدۇ.
بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەسەل ھەرىسىدەك تىنىمسىز جاپا چېكىپ ئۆي بىلەن مەكتەپ ئارلىقىدا نۇرغۇن ۋاقتىنى بالىلارغا سەرپ قىلغاچقا باشقىلارغا ئوخشاش ھەر خىل باردى كەلدى، كۆڭۈل ئىپادىلەشلەرنى ۋاقتىدا قىلالماسلىقىمىز، بىكار ۋاقىت بولمىغاچقا باشقا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تېزلا پۇل تېپىپ زامانغا لايىق ئۆي ياكى ماشىنىغا ئېرىشەلمەسلىكىمىز، سورۇنلاردا چوڭچىلىق قىلالماسلىقىمىز، ئۆي تۇتۇش، كىيىم كىيىشتە مودا قوغلىشالماسلىقىمىز مۈمكىن. شۇ سەۋەپلىك ئەتراپىمىزدا  ئوقۇتقۇچىلارنى《نامرات، پىخسىق》دەپ ياراتماي زاڭلىق قىلىدىغان ،ئارىغا ئالمايدىغان، كەمسىتىدىغان كىشىلەرمۇ ھەم بار.  ئەشۇ ئوقۇتقۇچىلارنى نامرات دەپ ياراتمايدىغان پۇلدارلار، كۆزگە ئىلمايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ۋە بەزى ئەمەلدارلارنىڭ قايسى بىرى سومكا ئېسىپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ چىقمىغان؟ ئوقۇتقۇچىغا باش ئىگىپ ئىتائەت قىلمىغان؟ ئەگەر سىز جەمىيەتتە باشقىلار تەرىپىدىن نامرات، پىخسىق...دەپ ھاقارەتلەنگەندە پۇلدارلارنىڭ پۇلىنىڭ خەجلىنىپ تۈگەيدىغانلىقىنى، ھوقۇقنىڭمۇ ھېچكىمگە مەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەسلىكىنى، ئاخىرقى ھېساپتا ئۇلارنىڭ دۇنيادا ھېچنىمىسى يوق نامرات كىشىلەر ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىڭىزدە باشقىلار ئېلىۋالالمايدىغان ئەمما بەرگىنى بولىدىغان تۈگىمەس بايلىقنىڭ ۋە ھالال ئەجىرنىڭ بارلىقىدىن پەخىرلىنىپ ئۆزىڭىزنى ئىككى دۇنيالىقتا باي-باياشات ھەم بەختلىك ھېس قىلىڭ.
ھازىرقى تۇرمۇشىمىزغا نەزەر سالساق دۆلىتىمىزدە مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ ،ئالدى بىلەن  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەمىلىلىشىشى  نەتجىسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى.بېنا ئۆي، ماشىنا دىگەنلەرمۇ ئومۇملىشىشىقا باشلىدى. دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا مائارىپ ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ رايۇنىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپقا ۋە بىۋاستە رول ئوينايدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا زور ئۈمىد ۋە ئىشەنچ باغلاندى. بۇ خىل تارىخى پۇرسەت ۋە خىرىسقا تولغان پەيىتتە سىز يەنىلا ۋەتەن مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىڭىزنى تونۇماي،《ئوقۇتقۇچى》دىگەن قالپاقنى كىيىۋېلىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ، زاماننىڭ تەلىۋىدىن يىراق ھالدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن ھېساپلاشماي مائاش ئېلىشنى بىلىپلا ياشىسىىڭىز سىزنى ئوقۇتقۇچى دىمەي 《يوقاتقۇچى》دىسەك توغرا بولىدۇ.  شۇنى بىلىڭكى سىز مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ئەشۇ سەبىلەرنى تەربىيلەش سالاھىتىگە ئىگە بولغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا شۇنداق كەسپى ۋە ئىقتىزادى ئىمتىيازغا ئىگە بولالىغان. شۇڭا سىز كوڭزىنىڭ قارىشى بويىچە《سالاھىتىڭىزنڭ يوقلىقىدىن ئەنسىرىمەي، سالاھىتىڭىزگە يارىشا ئىقتىدارىڭىزنىڭ يوقلىقىدىن ئەنسىرە》شىڭىز كېرەك. سىزدە پەقەت سالاھىيەت بولۇپ سالاھىيەتكە لايىق ئىقتىدار ۋە بېغىشلاش روھى كەمچىل بولسا بالىلارغا ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋە ئېھتىياجلىق بولغان بىلىم ۋە مىھرى مۇھەببەتنى بېرەلمىسىڭىز،《ئوقۇتقۇچى》لىق سالاھىيىتىڭىز ئارقىلىق ئېرىشكەن ماددى مەنپەئەتلەردىن بەھىرلىنىپ تۇرمۇش ھوزۇرى سۈرىۋاتقىنىڭىزدا، چىرايلىق كىيىمىڭىز، ئۆيىڭىز، ھەر ۋاق تامىقىڭىزدا ئەشۇ سىز ھېچنىمە بېرەلمەيۋاتقان، سىزنى ھەر ۋاقىت زېرىكتۈرگەن،سىز كۆزگە ئىلمايدىغان  بالىلارنىڭ توھپىسى بارلىقىنى ئويلاپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇندەك ئۆمرىنى نابۇت قىلغانلىقىڭىزدىن نۇمۇس ھېس قىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى مىللەت ۋە خەلق ئالدىدا تارىخى جاۋاپكار سۈپىتىدە ۋىجدان سوتىغا تارتىشىڭىز كېرەك . دىمەك شۇلار بولغاچ سىز ۋە مەكتەپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. سىز مەكتەپتىن، ئوقۇغۇچىلاردىن زىرىكسىڭىز، ھەدىسە كەسپىڭىزدىن ۋايساپ يۈرسىڭىز مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ ئەينى يىللاردا مەمتىلى ئەپەندى تۈركىيەدە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتكەندىن كىيىن شۇ يەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ ساۋاتسىزلىق، بىلىمسىزلىك، خوراپاتلىقنىڭ دەستىدىن نادانلىق پاتقىىغا پېتىپ خار ۋە زەبۇنلۇقتا ياشاۋاتقان ئانا يۇرت خەلقىنىڭ  مائارىپ، ئاقارتىش ئىشلىرىنى دەپ يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوتتەك قىزغىنلىقى، پۈكۈلمەس ئىرادىسى بىلەن يېڭى مائارىپ تۇغىنى لەپىلدىتىپ 60 نەپەر ئىزچىنى ئەگەشتۈرۈپ  پىيادە نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ تەشۋېقات ئېلىپ بارغان.  تەرەققىپەرۋەر بايلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ 24 ئورۇندا مەكتەپ ئېچىپ خەلقنى سۇسىز چۆلدە بۇلاققا باشلاپ ئىلىم-مەرىپەت يولىدا مەنىۋىيتى چاڭقاپ ھالسىرىغان خەلققە يېڭىچە ھاياتى كۈچ ۋە ئۈمىد ئاتا قىلغان. ئەينى دەۋىردە بۇ ۋەزىپىنى مەمتىلى ئەپەندىگە ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرمىغان بولسىمۇ ئۆز مىللىتىگە، ئۆز يۇرتىغا، ۋەتىنىگە بولغان قىزغىن مۇھەببەت ۋە ئۆز خەلقىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى، ھەتتا ھاياتىنى خەلقىنىڭ مائارىپ ئاقارتىش ئىشلىرىغا بەخش ئەتكەن.چۈنكى مەمتىلى ئەپەندى ئەينى دەۋىردە  ئەبۇ رەيھان بىرۇنى ئېيىتقاندەك 《بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ كۆڭلى خۇراپاتلىققا مايىل كېلىدۇ》غانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئۆز خەلقىنى بىلىم ئارقىلىق نادانلىق پاتقىقىدىن تارتىپ چىقىرىشنى ئۇلۇغۋار مەقسەت قىلغان. ھازىرقى شارائىتتا پارتىيە ھۆكۈمەت مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغاچا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى زامانىۋېلىشىپ شارائىت، ئۈسكۈنە، مائاش تەمىناتى تارختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. مۇشۇنداق شارائىتتا سىز مەيلى خالاپ ياكى خالىماي قايسى خىل يول بىلەن بولسۇن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتىگە ئىگە بولغان بولسىڭىز بۇ كەسپنى سىز پەقەت جان بېقىشنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالسىڭىىز, بۇ دەسمايە بىلەن سىز جان باقالىغان بىلەن سىز چالا ساۋات قويۇپ ھاياتقا،كەلگۈسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق نىشانى يوق ھالدا جەمىيەتكە ئىتتىرىۋەتكەن ئەۋلاتلار بىلىم ۋە تېخنىكا رىقابىتىگە تولغان جەمىيەتتە جان باقالماسلىقى مۈمكىن. ئەگەر مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا بولسۇن جان باقالىدى دىگەن تەقدىرغىمۇ  ئۆزىڭىزنىڭ ماددى ئېىھتىياجىنىلا قامداپ پۈچەك مەنىۋىيتىڭىز بىلەن بالىلارنى ئاۋارە قىلىپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزدا يىتىشكەن بۇ نۇرغۇنلىغان يەپ-ئىچىش، بۇزۇپ چېچىش ماھىرلىرى خۇسراۋ دېھلىۋى ئېيىتقاندەك《بىلىمسىزلىك زىندانىغا گېرىپتار بولۇپ يۈز كۆزا تىللاسى بولسىمۇ مەڭگۈ گادايدۇر》. سىز ھاياتىڭىزدا سۈرەن-شاۋقۇن ۋە غەۋغالار ئىچىدە ھەرخىل پىسخىك-خاراكتىردىكى سانسىزلىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىسىز. شۇلار ئىچىدە سىزنىڭ تۈزۈم چەمبىرىكىڭىزگە چۈشمەيدىغان سىزگە ئارام بەرمەيدىغان كەپسىز ئوقۇغۇچىلار سىزنى زىرىكتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىقتىن بېزار قىلغاندۇ، ياكى مەكتەپ مۇدېرىنىڭ مائارىپ قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان بەزى بىر باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ئىددىيىڭىزدىن ئۆتىمىگەندۇ، ۋە ياكى ھېيىت بايرام دەم ئېلىش دىمەي ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان ئۆگۈنۈش تەربىيلەشلەر سىزگە ئارام بەرمىگەندۇ. لىكىن شۇ خىل شارائىت ئىچىدە سىز يەنە نىمىنى قىلىشىڭىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ ئۆزىڭىزگە ئېنىق نىشان تۇرغۇزالىسىڭىز سىز تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن كەلگۈسىدە سىز پەخىرلىنىدىغان، سىزنىڭ يۈزىڭىزنى نۇرلاندۇرىدىغان ياراملىقلار يىتىشىپ چىقىپ سىزنى ھەقىقى قەھرىمانغا ئايلاندۇرىشى مۈمكىن. سىزنى قاقشاتقان، سىزنى بېزار قىلغان ئەشۇ كەپسىزلەرنى ئازراق مىھرىڭىز، ئەجرىڭىز بىلەن ئادىمىلىك يولىغا باشلاپ قويسىڭىز كىيىنكى كۈنلەردە سىز ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ئۇلار سىزنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. سىز تونۇماي قالسىڭىزمۇ 《ۋاي مۇئەللىم》دەپ تونۇشلۇق بېرىپ سىزنى قاخشاتقانلىقىغا بولغان پۇشايمانلىرىنى،كەپسىزلىكلىرىنى سۆزلەپ ئەجرىڭىزگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەندە كۆزلىرىڭىزگە ئىسسىق ياشلار كېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ قەدىر قىممىتىنى ئاندىن ھېس قىلىسىز.سىز بۇنىڭدىن ئەبۇ رەيھان بىرۇنى ھۆكۈمىدىكى 《ھەر بىر ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى ئۆز ئىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە بىجىرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ 》غانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يىتىسىز. ئوقۇتقۇچىلار مانا مۇشۇنداق ئىنچىكە ۋە مۇشەققەتلىك مىھنەت جەريانى ئارقىلىق خەلقنىڭ دىل ۋە مەنىۋىيەت قاراڭغۇلىقىنى يورۇتقۇچىلار بولغاچقا كۆكتىكى نۇرلۇق يۇلتۇز، قۇياش، مىھرىبان ئانا...ئېيتاۋۇر ئىنسانىيەتكە يورۇقلۇق بېرىپ ياشاش پۇرسىتى ۋە بەخت ئاتا قىلغۇچى سۈپىتىدە ئۇلۇغلىنىپ بارلىق ياخشى سۈپەتلەر ۋە ئوبرازلار بىلەن تەرىپلىنىپ كەلگەن. شۇ مەنىدىن ئۇنىڭ ئەجىر-مىھنىتىنى ئوبرازلىق ھالدا ئىنساننىڭ دىل قەسرىگە چىراق يېقىپ مەڭگۈلۈك يورۇقلۇق ئاتا قىلىش دەپ قارىساق ئوقۇتقۇچىلار بۇ چىراقنى ئۆز قەۋمىدىكىلەرنىڭ دىل قەسىرىگە ياقالمىسا ياكى يېقىشتىن زېرىكسە ، ئۆز ئۆيىدىكى چىراقنى پەرلەشتىن زىرىككەن ئادەم ئۆز ئائىلىسى بويىچە مەڭگۈ قاراڭغۇلۇققا مەھكۈم بولماسمۇ؟؟؟

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى ›› 2012- يىلى 6-سان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 533
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار سىلەرنى مەكتەپتە ئۇقۇغاندا بەك قاقشىتاتتۇق  ھەتتا  بىزنىڭ سىنىپقا كىرگەن  ئۇقۇتقۇچىلارنى يىغلىتىپ چىقىرۋىتاتتۇق بالامغا ئوبدان تەربىيە قىلىپ ماڭا ئوخشاش قىلماسلىقنى دەيمەن (كەلگۈسىدە )

پەخرىم بىلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ بۇخەتنى بېسىپ كىېىپ كۈرۈڭ
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2854
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1487 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راىست گەپنى قىلسام مۇشۇ ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنىڭ بىسىمدىن زىركىپ تۇرغاندا ، شۇنداق تويۇپ كېتىۋاتىمەن ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن . يالغان ، قىلىمىغاننى قىلىدىم دەپ ئىشلەشتىن .

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2854
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1487 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaliptax يوللىغان ۋاقتى  2012-7-5 10:30 PM
كەچۈرۈڭلار ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار سىلەرنى مەكتەپتە ئۇقۇ ...

مانا ماۋۇ چىن كۆڭۈلدىن چىققان سۆز ~

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82421
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپتىكى ئۇستازلىرىمنى ئەسلسپ كۆڭلىم يىرىم بوپ قالدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىنىڭ قىممىتى كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىدا، بىلىمىنى ئۈزلىكسىز يېڭىلاپ تۇرغانلىقىدا، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلغانلىقىدا ، ئشقا ناھايىتى جۇشقۇن ، رولۇق قەدەملەر بىلەن ماڭغانلىقىدا ، دەرستىن چۈشكەندىكى چىن تەبەسسۇمىدا ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىنىڭ قىممىتى كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىدا، بىلىمىنى ئۈزلىكسىز يېڭىلاپ تۇرغانلىقىدا، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلغانلىقىدا ، ئشقا ناھايىتى جۇشقۇن ، رولۇق قەدەملەر بىلەن ماڭغانلىقىدا ، دەرستىن چۈشكەندىكى چىن تەبەسسۇمىدا ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىنىڭ قىممىتى كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىدا، بىلىمىنى ئۈزلىكسىز يېڭىلاپ تۇرغانلىقىدا، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلغانلىقىدا ، ئشقا ناھايىتى جۇشقۇن ، رولۇق قەدەملەر بىلەن ماڭغانلىقىدا ، دەرستىن چۈشكەندىكى چىن تەبەسسۇمىدا ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىنىڭ قىممىتى كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىدا، بىلىمىنى ئۈزلىكسىز يېڭىلاپ تۇرغانلىقىدا، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلغانلىقىدا ، ئشقا ناھايىتى جۇشقۇن ، رولۇق قەدەملەر بىلەن ماڭغانلىقىدا ، دەرستىن چۈشكەندىكى چىن تەبەسسۇمىدا ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىنىڭ قىممىتى كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىدا، بىلىمىنى ئۈزلىكسىز يېڭىلاپ تۇرغانلىقىدا، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلغانلىقىدا ، ئشقا ناھايىتى جۇشقۇن ، رولۇق قەدەملەر بىلەن ماڭغانلىقىدا ، دەرستىن چۈشكەندىكى چىن تەبەسسۇمىدا ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش