|
|
|
|
جەنۇپتىكى سەھرادا، باش ئەتيادا باھاردا. يىغىن ئاچتى كادىرلار، كەنىتتىكى چوڭ زالدا.
يوقرى بەردى ۋەزىپە، بىز تېرىشقا قىزىلچا. قالغان قالدى يەرلىرىمىز، ئاق قالمىسۇن زادىلا.
يوقرى ئالدى بىزدىنمۇ، ۋەدىلەرنى پىلاننى. بۆلەك ئاشلىق تېرىساق، دەپ سۈرمەڭلار خىيالنى.
ئەپ چىقىڭلار ئېتىزغا، قوي قىغىدىن توشقۇچە، قۇپۇڭ ئەتىگەن سەھەردە، يەردىن پاتقاق چىققۇچە.
پاخال قىغنى ئېتىزغا، ئەپچىقىشقا بولمايدۇ. سەن بەرمىسەك يەرگىمۇ، ساڭا ھۇسۇل بەرمەيدۇ.
پۇل تەييارلاڭ گاچچىدە، بۈگۈن-ئەتە ئىچىدە. بىر تۇتاشلا ئالىمىز، ئوغۇت ئۆسۈپ كەتكۈچە.
بۈگۈن -ئەتە ئىچىدە، چىقار باشلىق غىپپىدە. بېسىپ قۇيۇڭ ئامبارغا. تۇرسۇن ئوغۇت زىچچىدە.
كەپتۇ باشلىق ناھيىدىن، پەيلى يامان باشقىچە. سۈپرۈپ تازلاڭ يوللارنى، چىقىپ قېرى-ياشقىچە.
ئەتگىنى سەھەر تۇرۇڭلار، ئېرىقنى چوڭقۇر چېپىڭلار. كونىراپ كەتتى ئۆيۈڭلار. ياز چىققۇچە چېقىڭلار.
پۇل بولمىسا يانچۇقتا، بانكىدىن جىق ئېلىڭلار. تەييارلىقنى پۇختىلاپ، سېلىمۇ داچا سېلىڭلار.
داچا پۈتسە كۈزگىچە، دارھال كۆچۈپ كېرىڭلار. ئولتۇرماڭلار بۇ ئۆيدە، ھايات پەيزى سۈرىڭلار.
يېڭى كەلگەن باشلىققا، ياقماپتۇدەك داچىمىز. پۇل تەييارلاپ قۇيۇڭلار، چېقىپ قايتا سالىمىز.
سۈيلەپ كەلسە بانكىدىن، ھەرگىزمۇ يوق دېمەڭلار. ئامال قىلىپ بىر يەردىن، قايتۇرۇڭلار تۆلەڭلار.
ھويلامدىكى بىر پۇڭ يەر، ماس كېلەرمىش خاڭگاغا. سىقىۋەرسە دېھقاننى، ئوخشارئىمىش ياگوغا.
شۇندىن بېرى كادىرلار، كۈندە بولدى سۈيلەمچى. دېھقان دېگەن بەك ياۋاش، بولۇپ قالدۇق ئىشلەمچى.
ئېجادىيتىم 2012-7-5 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-5 03:24 PM
|
|
|
|
|
|