ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، بۈگۈنكى كۈنىڭلار خەيرلىك بولسۇن!(ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كىيىنكى ھەر بىر كۈنىڭلارمۇ خەيرلىك بولغاي!)
مەندىن ئەھۋال سورىساڭلار مەن بەك خاپا!
سەۋەبى؟ مۇشنىڭ بىلەن 4-قىتىم دىيىشىم، ئەگەر توغرا جاۋابنى كۆرۈپ ئۆزۈڭلارنىڭ خاتا جاۋاب بەرگەنلىكىڭلارنى بىلگىنىڭلاردا ماڭا 30 دوللار پۇلنى ھىساۋىمغا ئۇرۇۋىتىڭلار دەپ...
يائاللا...بۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى،ئويۇنغۇ بۇ
.
مەيلى ئەمىسە، مەن باشلىدىم-ھە؟ ھە راست تۈنۈگۈن يىغىن ئىچىپ مىنى يۇشۇرۇن تەنقىتلىۋالدى، يەنى<<ھەرقايسىڭلار خىزمەت ۋاقتىدا كومپىيۇتىرنى خىزمەتكە ئىشلىتىڭلار،بولۇپمۇ مەسئۇللار تىخىمۇ دىققەت قىلىڭلار>> دىگەندەك...
شۇڭا بۇنىمۇ مەخپى يۇللاۋاتىمەن،ئەمىسە دىققىتىڭلار تۆۋەندە بولسۇن:
بىر پويىز تىز سۈرئەتتە كىتىۋاتقاندا شوپۇر تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىكى ئايلىنىش ئىغىزىدا بىر نەرسىنى بايقاپ
قاپتۇ-دە،جىددىي تورمۇزلاپ،پويىزدىن چۈشۈپ تەكشۈرگەندە،بىر ياش ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقاپتۇ.
قانۇن دوختۇرى بۇ ئايالنىڭ ئۆلگەن ۋاقتىنى تۈنۈگۈن كەچ سائەت10لەر ئەتراپىدا بولۇپ، بۇيۇن تەرىپىدە ئىنىق تاتۇق بارلىقىنى،شۇڭا باشقىلار تەرىپىدىن ئارغامچىدا بوغۇپ ئۆلتۈرگەن،دەپ بىكىتتى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق ساقچىلار ناھايتتى تىزلا بىر نەپەر مۇھىم بولغان جىنايەت گۇماندارىنى تېپىپ چىقتى.
مەزكۇر كىشى جەسەت تىپىلغان جاي بىلەن بولغان ئارىلىقى 50كىلومىتىر كىلىدىغان بىر كىچىك بازاردا ئولتۇراتتى.
ساقچىلار ئۇنى قولغا ئىلىپ قاتتىق سوراق قىلغان بولسىمۇ،ئەمما مەزكۇر كىشى ئالدىنقى كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىن تاكى بۈگۈن ساقچىلار ئۇنى ساقچىلار ساقچىخانىغا ئىلىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا بازاردا
ئىكەنلىكىنى ئىيتتى.
بىر جەھەتتىن ئىيتقاندا،ئۇ ئەردە دىلو سادىر قىلغۇدەك ۋاقىتنىڭ يوقلىقىنى بىلگەن ھەمدە جەسەت يۆتكىگەن كىشىنى تاپالمىغان.
شۇڭا رازۋىتچىكلار ئامالسىز مەزكۇر كىشىنى قۇيۇپ بەرگەن، بۇ سىرلىق ئەنزە ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇشقا ماھىر رازۋىتچىكلار يىپ ئۇچى ئىزدەش ئۈچۈن كىچىك بازارغا كەلگەن.
ئويلىمىغاندا بىر نەرسىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئۇلارنى ناھايتتى خۇشال قىلىۋەتتى. شۇھامان قاتىلنىڭ سوراق خاتىرىسىنى كۆردى ھەمدە يەنە بىرقىتىم ھېلىقى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى.
جىنايەت گۇماندارى جىنايىتىنى بوينىغا ئالماسلىققا ئامالسىز قالدى ۋە جىنايەتنى تاپشۇرشقا مەجبۇر بولدى.
ئۇنداقتا جىنايەتچى كىچىك بازاردىن ئايرىلماي تۇرۇپ قانداقمۇ جەسەتنى 50 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى جايغا ئاپىرىۋەتكەن؟ رازۋىتچىكلارنىڭ بايقاپ قالغىنى نىمە؟
ئەمدى تىپىپ بىقىڭلار، ھەراست ، بۇ كىتابنى كۆرگەنلەر جاۋابىنى يىزىشقا ئالدىرمىساڭلار، باشقىلارمۇ كاللا
قاتۇرۇپ باقسۇن،مەقسەت جاۋابتا ئەمەس پىكىر قىلىشتا ئەمەسمۇ؟ كىتاب كۆرمەي تۇرۇپ توغرا جاۋاب
بەرگەنلەرگە ئەلۋەتتە كەمىنە مەلىكە ۋاقتىدا مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرىدۇ.
__رازۋىتكا ھىكايىلىرى__مەلىكە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-5 11:41 AM