فىلىپپىن باياناتچىسى: جۇڭگۇ دىققەت قىلسۇن
يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇخبىرى خەۋرى: 7-ئاينىڭ 4-كۈنى فىلىپپىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى باياناتچىسى چىن شەندا جۇڭگۇ تىلى پوتۇڭخۇا(ئاممىبات تەلەپپۇز) بىلەن :" جۇڭگۇ سەل دىققەت قىلسۇن" دەپ ئاگاھلاندۇرغان. شۇكۈنى بۇخەۋەر فىلىپپىن GMA ئاخپارات تورى، "قۇياش يۇلتۇز گېزىتى" قاتارلىق كۆپلىگەن ئاخپارات ۋاستىللىرىنىڭ باش تېما خەۋىرىگە ئايلانغان.
چىن شەندا ئامېرىكا ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ جەنۇبى دېڭىزدا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجراقىلىش ئەھۋالىغا قارتا بايانات ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېگەن:" بۇ خىرىس قىلغانلىق ئەمەس، بىز جەنۇبى دېڭىز ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈرشنى خالىمايمىز، ئامېرىكىنى دېڭىز چارلاپ نازارەت قىلىشقا ياردەمگەچاقىرىشتا، فىلىپپىن تەرەپ پەقەت ئۆز ئىگىلىك ھۇقۇقىمىزنى ئىشقا سالدۇق خالاس".
رېتىر ئاگېنىتلىقى مۇخبىرى سۇئال سۇراپ: " فىلىپپىن تەرەپ ئامېرىكا ئايرۇپىلانلىرىنىڭ فىلىپپىن ھاۋابوشلىقى تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىشىغا قۇشۇلدىمۇ؟"دېگەن سۇئالىغا، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى ئاجىنوئۈچۈنجى مۇنداق دېگەن:" بۇ فىلىپپىننىڭ نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشتىكى بىرخىل تاللاش. ئەمما ئاساسى مەسئۇلىيەتنى يەنىلا فىلىپپىن تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ".
" فىللىپپىن يۇلتۇز گېزىتى"نىڭ 4-چىسلادىكى خەۋرىدە فىلىپپىن سابىق قۇراللىق قىسىم باش مەسلىھەتچىسى بىيا سۇڭنىڭ سۈزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:" بىز ئامېرىكا ئايرۇپىلانلىرىنىڭ جۇنۇبى دېڭىزدا رازۋىت قىلىشنى قوللايمىز، بۇ فىلىپپىن- ئامېرىكا ئىتىپاقداش كېلىشىمىگە ئۇيغۇن." مۇخبىر بۇنىڭغا جۇڭگۇتەرەپنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى سۇرىغاندا، بىياسۇڭ يەنە مۇنداق دېگەن :" جۇڭگۇ خاپابولسا نېمەبوپتۇ، ئۇلار يەنە نېمە قىلالايتى؟". بيياسۇڭ فىلىپپىن ھۈكۈمەت تەرەپنى تىزدىن خۇاڭيەنداۋ ئارىلىغا كېمە- پاراخۇت ئىۋەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان ۋە زۈرۈر تېپىلغاندا ھەربى پاراخۇت ئىۋەرتسىمۇ بۇلىدۇ، دېگەن.
مەنبە: سۇخۇ تورى، ئەسىلى مەنبە:
http://news.sohu.com/20120705/n347311615.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yadikar- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-5 11:24 AM