مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1137|ئىنكاس: 20

زەھەرگە ئائىت قانداق جىنايەت ناملىرى بار ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4093
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17369
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1470 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 11:16:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

زەھەرگە ئائىت قانداق جىنايەت ناملىرى بار ؟




1. زەھەر ئەتكەسچىلىكى، زەھەر ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش جىنايىتى.

2. زەھەر ساقلاش جىنايىتى.

3. زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى.

4. زەھەرنى، زەھەر تاپاۋىتىنى ساقلاش، يۆتكىۋېتىش، يوشۇرۇپ قويۇش جىنايىتى.

5. زەھەر خۇرۇجى ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى.

6. زەھەر خۇرۇجىنى قانۇنسىز ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى.

7. زەھەر ئۆسۈملۈكلىرىنى قانۇنسىز تېرىش جىنايىتى.

8. زەھەر ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى ۋە مايسىلىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ساقلاش جىنايىتى.

9. باشقىلارنى زەھەر چېكىشكە ئازدۇرۇش، كۈشكۈرتۈش جىنايىتى.

10. باشقىلارنى زەھەر چېكىشكە زورلاش جىنايىتى.

11. باشقىلارنىڭ زەھەر چېكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى.

12. ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى قانۇنسىز تەمىنلەش جىنايىتى.



مەنبە    :       جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   .

http://www.uycnr.com/fw/flxw/201206/t20120627_350047.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4093
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17369
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1470 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 01:12:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەھەر چەكلەش قانۇنىدىن سۇئال-جاۋابلار



چەكتى دەپ گۇمان قىلىنغان ۋە زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارغا قانداق تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ ؟
«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ج خ ئورۇنلىرى زەھەر چەكتى دەپ گۇمان قىلىنغانلارنى تەكشۈرۈپ تىزىملەيدۇ . تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ ئورگىنى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن مەجبۇرىي تەكشۈرسە بولىدۇ . بۇ قانۇننىڭ نىڭ 33-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلارنى ج خ ئورگىنى مەھەللىدە زەھەر تاشلاشقا بۇيرۇسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زەھەر چەككۈچى نوپۇسقا ئېلىنغان جاي ياكى ھازىر تۇرۇشلۇق جايدىكى شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ، مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش مۇددىتى 3 يىل بولىدۇ.


زەھەر تاشلايدىغانلار قايسى ئورۇندا زەھەر تاشلايدۇ؟

مەھەللىدە زەھەر تاشلىتىش خىزمىتىگە قايسى ئورۇنلار مەسئۇل بولىدۇ؟ «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 33-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، زەھەر تاشلايدىغانلار نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى مەھەللىدە زەھەر تاشلايدۇ ، نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىن باشقا، ھازىر تۇرۇشلۇق جايدا مۇقىم تۇرالغۇسى بارلار تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىدە زەھەر تاشلىسا بولىدۇ. بۇ قانۇننىڭ 34-ماددىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى مەھەللىنىڭ زەھەر تاشلىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى زەھەر تاشلايدىغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئالاقىدار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلارنى زەھەر تاشلايدىغانلار بىلەن مەھەللىدە زەھەر تاشلاش كېلىشىمى تۈزۈپ، مەھەللىنىڭ زەھەر تاشلىتىش تەدبىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بېكىتسە بولىدۇ. ج خ ئورگىنى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مەھەللىنىڭ زەھەر تاشلىتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدىۇ ھەمدە ھەمكارلىشىدۇ . زەھەر تاشلايدىغان ئىشسىز ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى يوقلار قانداق مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولىدۇ ؟ «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 34-ماددىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەھەر كوچا باشقارمىسى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى زەھەر تاشلايدىغانلاردىن ئىشسىز ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ئاجىزلىرىنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيىلەيدۇ ، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ .


مەھەللىدە زەھەر تاشلايدىغانلار قايسى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ ؟
ۋە زەھەر تاشلاش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلسا قانداق تەدبىر قوللىنىلىدۇ؟ «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 35-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەھەللىدە زەھەر تاشلايدىغانلار قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، مەھەللىدە زەھەر تاشلاش كېلىشىمىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشى ھەمدە ج خ ئورگىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. مەھەللىدە زەھەر تاشلاش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مۇناسىۋەتلىك خادىملار تەنقىد، تەربىيە بەرسە بولىدۇ ، كېلىشىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلار ياكى مەھەللىدە زەھەر تاشلاش مەزگىلىدە زەھەرنى يەنە چەككەن ۋە ئوكۇل قىلىپ سالغانلارنى ج خ ئورگىنىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ . زەھەر چەككۈچىلەر قانداق ئورۇنلارغا ئۆزى بېرىپ داۋالانسا بولىدۇ؟ «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 36-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، زەھەر چەككۈچىلەر داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش ساپاسىغا ئىگە داۋالاش ئاپپاراتىغا ئۆزى بېرىپ داۋالانسا بولىدۇ. زەھەر تاشلىتىدىغان داۋالاش ئاپپاراتى قۇرىدىغانلار قانداق رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى كېرەك؟ «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 36-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، زەھەر تاشلىتىدىغان داۋالاش ئاپپاراتى قۇرىدىغانلار ياكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىندىغانلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى، شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. داۋالاپ زەھەر تاشلىتىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزگەن داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.



قورامىغا يەتمىگەنلەرگە زەھەرنىڭ زىيىنى ھەققىدىكى تەربىيەنى قايسى كىشىلەر ئېلىپ بارىدۇ ؟

«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ زەھەرنىڭ زىيىنى ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ . پوچتا كارخانىلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى زەھەر چەكلەشتە قانداق مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 26-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پوچتا كارخانىلىرى پوچتا يوللانمىسىنى تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، زەھەرنى پوچتىدىن ئەۋەتىش ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى پوچتىدىن قانۇنسىز ئەۋەتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى چارلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدىكى زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى سەزگەن ھامان ج خ ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك .


زەھەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلغان بويوملار قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ؟

«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 28-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرنى ۋە زەھەر چېكىدىغان، ئوكۇل قىلىپ سالىدىغان سايماننى، زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى ۋە پايدىسىنى شۇنىڭدەك زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش سادىر قىلىشقا بىۋاستە ئىشلىتىلگەن، شۇ كىشىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغان سايمان، ئۈسكۈنە، مەبلەغنى يىغىۋېلىپ بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .


پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرغۇچى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقنىڭ زەھەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشقا زەربە بېرىشتە قانداق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؟
«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرغۇچى مەمۇرىي مەسئۇل تارماق گۇمانىي زەھەر جىنايىتى مەبلىغىنى كۆزىتىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك. پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرغۇچى مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ۋە پۇل يۇيشقا قارشى تۇرۇشتا قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيتى بار باشقا تارماق ۋە ئاپپارات زەھەر جىنايىتىگە چېتىشلىق مەبلەغنىڭ ئوبوروت ئەھۋالىنى بايقىغان ھامان تەھقىقلىگۈچى ئورگانغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تەھقىقلەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.


زەھەر كۆزىتىش ۋە چەكلەشكە قانداق خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ ؟
«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 30-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت زەھەر كۆزىتىش ۋە زەھەر چەكلەش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەھەر كۆزىتىش ۋە زەھەر چەكلەشكە دائىر ئۇچۇرلارنى يىغىش، تەھلىل قىلىش، پايدىلىنىش، ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. داۋالاپ زەھەر تاشلىتىشتا پايدا كۆزلەشكە بولامدۇ؟ داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش ھەققى قايسى ئۆلچەم بويىچە ئېلىنىدۇ ؟ «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 36-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، داۋالاپ زەھەر تاشلىتىشتا پايدا كۆزلەشكە ، داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش دورىلىرى، داۋالاش ئەسۋابلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى ھەققىدە ئېلان بېرىشكە بولمايدۇ. داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش ھەققى ئالىدىغانلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىرلىكتە بېكىتكەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئېلىشى كېرەك.


داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش ئېھتىياجىغا قاراپ، زەھەر تاشلايدىغانلارغا قانداق تەدبىر قوللانسا بولىدۇ؟
«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 37-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاپ زەھەر تاشلىتىش ئېھتىياجىغا قاراپ، داۋالىنىپ زەھەر تاشلايدىغانلارنىڭ تېنىنى ۋە ئېلىپ كىرگەن بۇيۇملىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ؛ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدە جىسمانىي خەۋىپ بارلىرىغا قوغداش خاراكتېرلىك زۆرۈر بولغان ۋاقىتلىق چەكلەش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ. داۋالىنىش مەزگىلىدە زەھەر چەككەن ۋە ئوكۈل قىلىپ ئۇرغانلار قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ؟ «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 37-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، داۋالاش ئاپپاراتى داۋالىنىپ زەھەر تاشلاۋاتقانلاردىن داۋالىنىۋاتقان مەزگىلىدە زەھەرنى چەككەن ۋە ئوكۇل قىلىپ سالغانلىرىنى سەزسە، ج خ ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.



ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىشنى قانداق تېزگىنلەش كېرەك ؟
«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 19-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت ناركوز دۆرا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىشنى تىزگىنلەيدۇ. كۆكنار، كوكا ئۆسۈملۈكى، كەندىر ۋە دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن زەھەر چىقىدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز تېرىشنى مەنئىي قىلىدۇ. بىخ تارتىش كۈچىدىن قالمىغان زەھەر ئۆسۈملۈكى ئۇرۇقىنى ياكى مايسىسىنى ئەتكەسچىلىك قىلىش ياكى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش ۋە ئىلكىدە تۇتۇشنى مەنئىي قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قانۇنسىز تېرىلغان زەھەر ئۆسۈملۈكىنى سەزگەندە قانداق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ ؟ «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 19-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنسىز تېرىلغان زەھەر ئۆسۈملۈكىنى سەزگەن ھامان تەدبىر قوللىنىپ چەكلىشى ۋە يۇلۇۋېتىشى كېرەك. كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى قانۇنسىز تېرىلغان زەھەر ئۆسۈملۈكىنى سەزگەندە، ۋاقتىدا چەكلىشى ۋە يۇلۇۋېتىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ج خ ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.


ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىيدىغان كارخانىلار مەجبۇرىيىتىنى قانداق ئادا قىلىشى كېرەك؟
«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 20-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت بېكىتكەن ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تېرىشى شەرت. قانداق ئورۇنلار دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قاراۋۇللۇق ئورنى قىلىنىدۇ ؟ بۇ ئورۇنلارغا رۇخسەتسىز كىرگەنلەرگە قانداق تەدبىر قوللىنىلىدۇ؟ «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 20-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، دۆلەت بېكىتكەن ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىيدىغان كارخانىنىڭ ئايرىش، پىششىقلاش سورۇنى شۇنىڭدەك دۆلەت قۇرغان ناركوز دورا ئامبىرى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قاراۋۇللۇق نىشانى قىلىنىدۇ. دۆلەت بېكىتكەن ناركوز دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىيدىغان كارخانىنىڭ ئايرىش، پىششىقلاش سورۇنى شۇنىڭدەك دۆلەت قۇرغان ناركوز دورىسى ئامبىرى قاتارلىق قاراۋۇللۇق رايۇنىغا ئىجازەت ئالماي ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگەنلەرنى قاراۋۇللار دەرھال چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ چىقىپ كېتىشكە ئۇنىمىغانلارنى نەق مەيداندىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىدۇ.


ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلار، زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇمنى قانداق تىزگىنىلەيدۇ؟ ئىمپورت-ئېكىسپورتىنى قانداق باشقۇرىدۇ؟
«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تىزگىنلەيدۇ، ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى تەجرىبە قىلىش، تەتقىق قىلىش، ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، ساقلاش، توشۇشتا ئىجازەت تۈزۈمى ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دۆلەت زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇمنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، سېتىۋېلىش، توشۇشتا ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئىشلەش، ئېلىپ-سېتىش، توشۇش، ساقلاش، بېرىش، ئىلكىدە تۇتۇش، ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 22-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورتىدا ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىگە بىنائەن، ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ. ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ئەتكەسچىلىك قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ.


ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملار يوقۇلۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك ؟
«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 23-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملار ئوغرىلانغان، بۇلانغان، يوقاپ كەتكەن ياكى باشقا قانۇنسىز تەرەپكە كېتىپ قالغان بولسا، دېلو يۈز بەرگەن ئورۇن دەرھال زۆرۈر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە ج خ ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىش كېرەك. ج خ ئورگىنى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ياكى ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ قانۇنسىز تەرەپكە كېتىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولسا، ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى كېرەك ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنغا زۆرۈر تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.


دورا نازارەتچىلىك تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار ج خ ئورگىنىنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىشى كېرەك. ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ياساش ئۇسۇلىنى قانۇنسىز ئۈگەتكەنلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 24-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ياساش ئۇسۇلىنى قانۇنسىز ئۆگىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ج خ ئورگىنى ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ياساش ئۇسۇلىنى قانۇنسىز ئۆگەتكەنلىك مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى ئۇنى سەزگەن ھامان قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى قايسى ئورگان چىقىرىدۇ؟
«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ناركوز دورىلىرى، روھىي دورىلار ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.


ج خ ئورونلىرى زەھەر چەكلەش يۈزىسىدىن تەكشۈرش ئېلىپ بارغاندا قايسى تارماقلار ماسلىشىشى كېرەك؟ «زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 26-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ج خ ئورگىنى زەھەر چەكلەش ئېھتىياجىغا قاراپ، چېگرا رايۇن، مۇھىم قاتناش يولى، پورت، ئايروپورت، ۋوگزال، گاراژ ۋە پرېستاندا ئۆتىدىغان ئادەم، بۇيۇملار، ماللار ۋە قاتناش قوراللىرىدا زەھەر ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇمنى تەكشۈرسە بولىدۇ. خەلق ئاۋىئاتسىيىسى، تۆمۈر يول، قاتناش تارماقلىرى ئۇلارغا ماسلىشىشى كېرەك.


تاموژنا ئورۇنلىرى زەھەرنى تىزگىنلەشتە قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟
«زەھەر چەكلەش قانۇنى» نىڭ 26-ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تاموژنا پورتتىن ئۆتىدىغان ئادەم، بۇيۇم، مال ۋە تىرانسىپورت قورالىنى تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، زەھەر ۋە زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .




مەنبە    :     ئوكيان  تورى      .


http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=10298

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1901
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 01:27:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىرويىن چەككەن ئادەمنى ئۇنى-بۇنى دىمەي ئىتىۋەتسىلا بولىدۇ .

زەنجىر بوغار دۈشمەن قاچار!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4990
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1112 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 01:35:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى  كۈنى كېچە  سا ئەت  10لاردىغۇ  دەيمە  ،  قورودا  بىرسى  ھە دەپ   سانجىغىلى  تۇرۇپتۇ  ئشپىرىسنى  ،  ئەتىراپىدا  بىر  مۇنچە   تاماكا قالدۇقلىرى  تۇرىدۇ   بەك  مەينەتچىلىك  ئىشقىلىپ  ،

يېنىدىن  ئۆتۈپ  كەتسەم  ھىچ  ئىش  بولمىغاندەك  قىلدىغىننى  قىلىپ  يۈردۈ  ....


ياقامنى  چىشلىگىنىمچە  ئۆيگە  كىرىپ  كەتتىم  ....


ساقچىغا  مەلۇم  قىلىپ  قويايمىكىن  دىسەم


يەنە شۇ  ئۆزەمنىڭ  مىللىتىكەن ....ھەي.......... نىم  بوپ  كىتىپباردىغانكىن  بۇ  جاھان ......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zanjir34 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-5 01:38 PM  


قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3951
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19742
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 831 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 01:46:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاخخوي نىمدا جىق...

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22431
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6727 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 02:34:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەشە  زەھەرگە كىرەمدۇ -  كىرمەمدۇ ؟

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ھەممىڭلارغا تىن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10951
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7219 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 02:45:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kapTalis يوللىغان ۋاقتى  2012-7-5 02:34 PM
نەشە  زەھەرگە كىرەمدۇ -  كىرمەمدۇ ؟

نەشىمۇ خىروئىننىڭ  نەۋرە -چەۋرىسى بولغاندىن كىيىن  زەھەرلىك چىكىملىككە  كىرىشى مۇمكىن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67273
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3141
تۆھپە نۇمۇرى: 170
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2011-11-27
ئاخىرقى: 2013-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 03:20:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر دۆلىتىمىزدە زەھەر چىكىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10866
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 05:18:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا  ئادەم  بەدىنىگە  زىيانلىق  دىيلىدۇ  ،  تاماكا  تەركىبىدىكى  نىكوتىن ئۆپكىنى  زەھەرلەپ  ، نەپەس  يوللىرىنى زىيانغا  ئۇچۇرتىدىكەن   ،  قىلمىشى ئېغىر  بولغانلىرى  جاننى ئالىدىكەن  .

شۇنداق بولغان ئىكەن  ، تاماكىنى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئەگەشكۈچىسى دەپ نام قويۇش كېرەك .

پۇل يوق!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3028
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-5 05:20:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىرويىن چەككەن ئادەمنى ئۇنى-بۇنى دىمەي ئىتىۋەتسىلا بولىدۇ .

باشقىلار قىلغاننى سىزمۇ قىلالايسىز،مۇۋاپىقىيەت پەقەت سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزدا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش