مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 859|ئىنكاس: 27

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى توغۇرسىدا مەلۇمات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9745
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3889
تۆھپە نۇمۇرى: 518
توردا: 2663 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش  جەھەتتىكى رولى توغۇرسىدا
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ دۇنيا تىچلىقى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش جەھەتتە ئوينىغان رولىنى بايان قىلىش ۋە يۇرۇتۇپ بېرىشتىن بۇرۇن ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئۈستىدە توختىلىش زۆرۈر.
2- دۇنيا دۇنيا ئۇرىشىنى ئاياغلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان <يالتا يىغىنى >دا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇش ئوتۇرىغا قۇيۇلغانىدى.ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىنچە،دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئىتىپاق قۇرۇش ئۈچۈن ،ئامېرىكازۇڭتۇڭى روزۋېلىت زوركۈچ سەرىپ قىلىپ ،<بىرلەشكەن دۆلەتلەر خىتاپنامىسىنى يېزىپ چىققان .
1942- يىلنىڭ بېشىدا جۇڭگۇ ،ئامېرىكا،سوۋېت ئىتىپاق ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق 26دۆلەت مەزكۈر خىتاپنامىگە قول قويغان .
بۇ تۇنجى قېتىم <بىرلەشكەن دۆلەتلەر>نامى بىلەن ئاتالغان دۇنياۋى سىياسې تەشكىلات ئىدى.بىراق ئەينى ۋاقىتتا <بىرلەشكەن دۆلەتلەر> تېخى خەلىقارالىق تەشكىلات ئەمەس ئىدى.1943- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنىگە كەلگەندىلا سوۋىت ئىتىپاقى،جۇڭگۇ ،ئامېرىكا،ئەنگىلىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت ۋەكىللىرى موسكىۋا يىغىنىدا<ئادەتتىكى بىخەتەرلىك خىتاپنامىسى> توغرىسىدا ئورتاق بايانات ئىلان قىلىپ،ئۇرۇشتىن كىيىن خەلىقارا بخەتەرلىكنى قوغدايدىغان بىرتەشكىلات قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.شۇنىڭدىن كىيىن ،سوۋىت ئىتىپاقى،جۇڭگۇ،ئامېرىكا،ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىرقانچە خەلىقارالىق يىغىن ئېچىپ ،بۇ خەلىقارالىق تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈپ چىققان،شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا بىرقاتار شەرىتنامىلار ئىمزالانغان،1945- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى ئامرىكىنىڭ سان فىرانسىسكو شەھىردە<بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە ئالاقىدار خەلىقارا تەشكىلى يىغىن>چاقىرتىپ <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى>نى غەيرى رەسمى ماقۇللىغان .1945- يىلى 6- ئاينىڭ 26-كۈنى سان فىرانسېكو يىغىنىغا قاتناشقان 50 دۆلەت بىرلىكتە<بىرلەشكەن دۆلەتلەر نىزامنامىسىنى ماقۇللىغان .يەنە شۇيىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى>رەسمى كۈچكە ئىگە بولغان بۇلۇپ،بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى.شۇنىڭدىن كىيىن <بىرلەشكەن دۆلەتلەر>دىگەن بۇ ئىسىم فاشىزىمغا قارشى ئومۇمىيۈزلۈك غەلبە قىلغاندىن كىيىن قۇرۇلغان دۇنياۋى تەشكىلاتنىڭ نامى بۇلۇپ قالدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1945- يىلى 10-ئاينىڭ 24- كۈنى قۇرۇلغان .ئەينى ۋاقىتتا خەۋىپسىزلىك كىڭىشىگە ئەزا بەش دائىمى دۆلەت(بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش نىزامنامىسىنىڭ23-ماددىسىدا  جۇڭخۇ مىنگو،فىرانسىيە جۇمھۇريىتى،سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىتىپاقى،بۈيۈك بىرتانىيە ۋە شىمالى ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى ھەمدە ئامېرىكا قوشماشىتاتلىرى قاتارلىقلار )ھەمدە باشقا ئىمزا قۇيۇپ ئەزا بولغان 46 دۆلەتنىڭ ۋەكىلىرى<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىىلاتى نىزامنامىسىنى >ماقۇللىغاندىن كىيىن،بىرلەشكەن دۆلەتلەر رەسمى تۈردە سېستىمىلىق دۇنياۋى تەشكىلات بولغان.ئامېرىكا كېگەش پالاتاسى 1945-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 89ئاۋازنىڭ قۇشۇلىشى 2ئاۋازنىڭ قارشى تۇرىشى بىلەن<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى>ماقۇللاشنى قارا قىلغان. 1945-يىلى 12-ئايدا كىڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى بىرلىكتە بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر باش شىتابىنى ئامېرىكىدا تەسىسى قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.1946- يىلى 1-ئاينىڭ 10-  كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە تۇنجى قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى لوندۇندا ئۆتكۈزۈلگەن . مەركۈز تەشكىلاتنى قۇرغان51 ئەزا دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشكىلى سېستىمىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن . 1949- يىلى ئامېرىكا تەشكىلى بەدەل پۇلى تاپشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ، شۇنىڭدەك 1950- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر باش شىتاب بىناسى نىيۇرۇكنىڭ مانخاتتان رايونىدا قەد كۆتۈرگەن . مەشھۇر بانكىر جون.روڧلىكلىرنىڭ 8مىليون 500مىڭ  ئىئانە مەبلىغىگە تايىنىپ 1951- يىلى 1- ئاينىڭ 9 – كۈنى رەسمىي خىزمىتىنى باشلىغان .جۇڭگۇ ، روسىيە، ڧىرانسىيە ، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كىڭىشىگە دائىمى ئەزا دۆلەتلەر ھىساپلىنىدۇ .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 6 چوڭ ئاساسلىق ئورگىنىنىڭ بىرسى . ئۇ جۇڭگۇ ، فىرانسىيە، روسىيە ، ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق 5 دائىمى ئەزا دۆلەت ۋە 10 ئالاھىدە ئەزادىن تەركىپ تاپقان، جەمئى 15 ئەزاسى بار.
خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدە ئالاھىدە تۇرۇشلۇق ئەزا دۆلەتلەر  بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنىدا سايلاپ چىقىلىدۇ . 1965- يىلى 10 سايلاپ چىقىلغان ، ھەرقايسى قىتئە ، رايونلار بويىنچە ئايرىم – ئايرىم سان بېرىلگەن ، ئاسىيادىن 2 سى ،ئاجرىقىدىن 3ى لاتىن ئامرىكىسىدىن 2سى، شەرقى ياۋروپادىن 1 سى ، غەربى ياۋروپا ھەمدە باشقا دۆلەتلەردىن 2سى خەۋىپسىزلىك كىڭىشىنىڭ ئالاھىدە ئەزالىق سانىغا ئىرىشكەن . ئالاھىدە ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ جەۋىپسىزلىك كېڭىشىدە تورۇش مۆھلىتى 2 يىل .
خەلىقارلىق سوت مەھكىمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئەدىلىيە ئورگىنى ھېساپلىنىدۇ . 1945- يىلى 6- ئاينىڭ 26 –كۈنى سان فىرانسىېسكودا ئىمزالانغان<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىغا>ئاساسەن ،ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ئورگىنى دەپ قارالغان .
خەلىقارا سوت مەھكىمىسى<خەلىقارا سوت مەھكىمىسى قائىدە تەرتىپلىرى>ھەمدە پىرىنسىپلىرى بويىنچە خىزمەت قىلىدۇ .<قائىدە تەرتىپلەر> <باش نىزام> نىڭ تەركىبى قىسمى ھېساپلىنىدۇ .
خەلىقارا سوت مەھكىمىسى 1946- يىلى ئىشقا كىرىشكەن بۇلۇپ ، ئۇ 1920- يىلىدىكى خەلىقارا ئىتىپاق رىياسەتچىلىكىدىكى  خەلىقارا سوت مەھكىمىنىڭ ئورنىنى ئالغان ئىدى .
خەلىقارا سوت مەھكىمىسنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى گوللاندىيەگە جايلاشقان . ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 6 ئاساسلىق ئورگىنى ئىچىدە بىردىنبىر ئامېرىكىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان ئورگان.
خەلىقارا سوت مەھكىمىسى 15 سوتچىدىن تەركىب تاپقان ، خەلىقارا سوت ماھكىمىسدە ئىنگىلىز تىلى بىلەن فىرانسوز تىلى قولىنىلىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر كاتىبات باشقارمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرى كاتىبات ئىشلىرى ئورەىنىدۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەئىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. باش كاتىپنى بىرلەشكەن  دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەۋىپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا سايلاپ چىقىدۇ .ۋەزىپە ئۆتەش مۇدىتى 5 يىل بولىدۇ.باش كاتىپ خەلىقارالىق ئىشلاردا  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن خەلىقارالىق ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىش سالاھىتىگە ئىگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغان ۋاكالەتەن ئەزا دۆلەت ھەمدە باشقا خەلىقارالىق تەشكىلاتنىڭ ئۆز- ئارا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدۇ .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋاكالەتەن  خەلىقارالىق توقۇنۇش ۋە تالاش تارتىش قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ چۈشۈنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.
كاتىبات باشقارمىنى باش كاتىپ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى تەشكىل قلىدۇ .ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورگانلىرىغا خىزمەتچى قىلىش ، شۇنىڭدەك بۇ ئورگانلارنىڭ تۈزگەن لاھىيە ۋە سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بۇلۇشتۇر. باش كاتىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەمۇرى ئەمەلدارى ، ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كىشى – كورىيەلىك فەن جىبۋىن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر  تەشكىلاتى باش كاتىبىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولىدىن بىرى ئۆزىنىڭ .ئاكتىپ ئىقتىدارى>نى جارى قىلدۇرغانلىقى ،مۇستەققىل، ھەققانى ، سەمىمى ، بولغانلىقى ، خەلىقارالىق تالاش – تارتىشنىڭ پەيدا بۇلىشى ، ئۆتكۈرلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىدۇر.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە بولغان باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلار تۈەندىكىچە:
1.تېرىگوڧ . رېى (نورۋىگىېلىك). 1946- يىل 2- ئايدىن 1952- يلى 11- ئاينىڭ 10 –كۈنىگىچە  ۋەزىپىدە ئولتۇرغان .1946- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى نوۋەتلىك باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن .1951- يىلى قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاۋشەن ئۇرىشىغا ئارلىشىشىنى قولىغاچقا ،1952- يىلى 10 –ئاينىڭ 12 – كۈنى باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان .
2.داگ.خامسار(شىۋىتسىيەلىك) 1953- يىلى 4- ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 11961-يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان.
1953- يىلى 4- ئاينىڭ 10 –كۈنى 47 ياشقا كىرگەن خامسار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تتەشكىلاتىنىڭ 2- نۆۋەتلىك باش كاتىپى بولغان .1961- يىلى ئاڧرىقىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى زامبىيەدە ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازاقىلغان .
3.ۋۇدان (بېرمىلىق) 1962- يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 1972- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان . 1961-يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى ،ۋۇدان تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇۋەققەت باش كاتىپى بولغان . 1962- يىلى 11- ئاينىڭ 30 –كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 3- نۆۋەتلىك باش كاتىپى بولغان ، 1966- يىلى قايتا شايلانغان . 1972-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنى ۋەزىپە ئۆتەش مۇدىتى تۇشۇپ پىنسىيەگە چققان.
4.كۇرت.ۋالدىھم(ئاۋىستىريىلىك) 1972- يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1981-يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان .1971-يىلى 9-ئايدىن 1981- يىلغىچە ئىككى نۆۋەت ۋەزىپىدە ئولتۇرغان .ۋالدىھىم ۋەزىپىدە ئولتۇرغان مەزگىلدە جۇڭگۇ بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولغان .ۋالدىھىم 1972-يىلى ،1977-يىلى ،1979-يىلى 5قېتىم جۇڭگۇنى زىيارەت قىلغان .
5.فوۋىر.پېرس.دىكوليار(پىرولىق) 1982-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 31- كۈنگىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان . 1981-يىلدىن 1991-يلى 12-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە 2 نۆۋەت باش كاتىپ بولغان .(دىكوليارنىڭ رەھبەرلىكىدە ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىككى قېتىملىق ئىراق ئۇرىشىنى ئاخىرلاشتۇرغان .نامبىيىنىڭ مۇستەقىلىقى .كامبۇدژدىكى تىنىچلىق كىلىشىمى، لىۋاندىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ...قاتارلىقلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان .
6.بوتروس.گالى(مىسىرلىق) 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان . 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 3- كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى بوتروس گاللينى 6-نۆۋەتلىك باش كاتىپ قىلىپ تەيىنلىگەن . ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تارىخىدا باش كاتىپ تۇنجى ئاڧرىقىلىق ئىدى. ئۇ باش كاتىپ بولغاندىن كىيىن ،ھەرتەرەپنىڭ تالاش- تارتىشىنى قوزغاپ قويغان .كىشلەر ئۇنى 1994-يىلى دۇۋاندىكى چوڭ قىرغىنچىلىققا قارىتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى دەپ ئەيىپلەنگەن.ئۇنىڭدىن باشقا ئانگولادىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە،گالى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پىكىر بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان .ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوينىغان رولى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورنى مەسلىسىدە گالى كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىغان،ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئامرېكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سالغان بېسىمىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ ،ئەمما گالى پەيدىنپەي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئەمەلى ھوقۇق يوق قۇرۇق جازىغا ئايلىنىپ قالغان .شۇنداقتىمۇ 3ئاڧرىقا دۆلىتى(مىسىر،گىۋىنيە،بۇتسۇانا)نى مەركەز قىلغان 10دىن ئۇشۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى يەنە بىر نۆۋەتلىك نامزاتلىققا كۆرسەتكەن .بىراق ئامرېكىنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىغان ،گەرچە ئەنگىلىيە ،پولشا،كورىيە،ھەمدە ئىتالىيە ئۇنىڭ ۋەزىپىدە ئولتۇرىشىنى قوللىغان بولسىمۇ ،ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىش بىلەن بۇ دۆلەتلەر مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ گالىنى قولىمىغان .1996-يىلى 12-ئاينىڭ 31- كۈنى گالى ۋەزىپىدىن ئايرىلغان .گالىنىڭ ۋارىسى كوڧى.ئاننان ئاڧرىقا رايونىغا ۋاكالىتەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش كاتىپ نامزاتى بۇلۇپ سايلانغان.
7.كوڧى. ئاننان(گانالىق) . 1997 –يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئولتۇرغان. كوڧى.ئاننان 1938-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى گانانىڭ كوماس شەھىرىدە تۇغۇلغان ، گانا سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرۈپ ،ئامېرىكا ۋە شىۋىتسارىيەدە ئوقۇغان ، ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ  ئامېرىكا مىنسۇدار شىتاتى مېكراستى ئىنىستۇتىدا ئىقتىساد پەنلىرى بويىنچە تۇلۇق كۇرۇس مەلۇماتى ۋە ماساچوستېس شىتاتى سانائەت ئىنىستۇتىنىڭ باشقۇرۇش ئىلمى بويىنچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق مەلۇماتىغا ئىرىشكەن.1962- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىپ خىزمەت قىلغان ،ئىلگىرى – كىيىن بۇلۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاڧرىقا ئىقسادى كومىتىتى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تكىلاتى باش شتابى ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپاتكە ئۇچرىغان پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش ئورنى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق تارماقلاردا خىزمەت قىلغان.1974-يىلى ئوتتۇرا شەرىقتىكى <ئۆكتەبىر ئۇرىشى>دىن كىيىن ،ئۇ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە قىسىمىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالغان .20-ئەسىرنىڭ 80-يىلىرىنىڭ بېشىدا، ئاننان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىغا يۆتكىلىپ ئىلگىرى كىيىن خەلىق ئىشلىرى ۋە مالىيە تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . 1986-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردەمچى باش كاتىپلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ،خەلىق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان.
1990-يىلى پارىس قولتۇرقى ئۇرىشى پارتىلىغاندىن كىيىن ئاننان ئىراق سۆھبىتىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە باشقا خەلىقارا تەشكىلاتلاردىكى خىزمەتچى –خادىملارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىرىنى قۇيۇۋېتىش مەسلىسىگە مەسئۇل بولغان ،شۇندىن كىيىن ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىچىك گۇرىپىلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىپ ئىراقتا< نىڧىتنى ئاشلىقا ئالماشتۇرۇش> سۆھبىتى ئېلىپ بارغا ئاننان 1993- يىلى 3-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوغدىنىش ۋە سەپەرۋەرلىك تارمىقىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بۇلۇپ تەيىنلەنگەن.ئاساسلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋاكالەتەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تىنچلىقھەركەتلىرىنى قانات يايدۇرغان .
1996-يىلى 12- ئاينىڭ 17 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چوڭ يىغىنىدا ئۇ 7-نكۋەتلىك باش كاتىپ بۇلۇپ تەيىنلەنگەن.1997-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇ رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۋالغان .2006-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان .ئاننان باش كاتىپ بولغان مەزگىلدە ، 1998- يىلى باغداتقا زىيارەتكە بېرىپ ،ئىراقنىڭ يادىرو قورال كىرزىسىنى پەسەيتكەن .2001-يىلى 10-ئايدا  ئاننان نوبىل تىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.2005-يىلى 3-ئايدا ،ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ سابىق رەئىسى يۇرك رەھبەرلىكىدىكى مۇستەققىل تەكشۈرۈش كومىتىتى بايانات ئىلان قىلىپ ،ئىراقتىكى <نىڧىتىنى ئاشلىققا ئالماشتۇرۇش>پىلانى جەريانىدا ئاننانندا ھىچقانداق چىرىكلىششى ھادىسىسنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى دەلىللىگەن .
8.پەن جىۋىن(كورىيەلىك) 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.كورىيە خەلىق جۇمھۇريىتىنىڭ سابىق دېپلوماتىيە سودا مىنىستىرى،سىياسىئون،پەن جىۋىن ئەپەندى 1970-يىلى سىئول دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتى خەلىقارا مۇناسىۋەتلەر پەنلىرى پەخىرى بويىنچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. 1985-يىلى خارۋاد ئۇنۋېرسىتى ئاممۋې مەمۇرى پەنلىرى بويىنچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان .
پەن جىۋىن كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە خەلىقارادا مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن.پەنجىېىن باش كاتىپلىققا سايلانغان چاغدا كورىيەنىڭ دېپلوماتىيە ئەمەلدارى ئىدى.ئۇ دېپلوماتىيە مىنىستىرى بولغاندا ئىلگىرى كىيىن يېڭى دېھلى،ۋاشىنگتون ۋە ۋېينادا ۋەزىپە ئۆتىگەن.ئۇ پۈتۈن خىزمىتى جەريانىدا ،ئۇنىڭ ئەك ئارزۇ قىلدىغىنى تىنىچ بولغان چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى بەرپاقىلىش ئىدى.
ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك.خەلىقارا تىنچىلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغاداش بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتىنىڭ ئاساسى مەخسەدلىرىنىڭ بىرى.تەشكىلات قۇرۇلغاندىن تارتىپ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىم تالاش-تارتىشلارنى، ئۇرۇش،جەڭگە جىدەللەرنى دەرىجىگە كۆتۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ ،تالاش-تارتىش قىلۋاتقان ئىككى تەرەپنى سۆھبەت ئۈستىلىگە چاقىرىپ ، قورال ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇپ كەلدى .توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كىيىن تىنىچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى.خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا  10 نەچچە يىل مابەينىدە،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۇقۇنۇشلارنى پەسەيتىشكە ئاز بولمىغان كۈچ چىقاردى .خەۋىپسىزلىك كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلىقارا تىنىچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىدىكى ئاساسى ئورگان بۇلۇپ قالدى .
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ،يېپيېڭى بىر بىخەتەر دۇنيا مۇھىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.بۇنىڭ ئاساسى ئىپادىسى،قىسمەن ئۇرۇشلار پارتىلىغان بولسىمۇ ،بۇ دۆلەتنىڭ ئىچىكى قىسىمدىكى ئۇرۇش بۇلۇپ ئەكسىچە دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى زور ھەجىمدىكى ئۇرۇشقا ئايلىنالمىغان. 21- ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن يېڭى بىر يەرشارى خارەكتىرلىك خەۋىپ يىتىپ كەلگەن. 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېركىغا قارىتىلغان تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ،خەلىقارا تېرورىزىمنىڭ خەلىقارا جەمىئەتكە ئۇرۇش ئىلان قىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئۇنىڭدىن كىيىن يۈز بەرگەن ئىشلار خەلىقنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كىتىشى ھەمدە باشقا قوراللارنىڭ خەۋىپىگە بولغان ئەندىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ دۇنيا خەلىقىنىڭ پاراۋان تۇرمۇشىغا،بىر قارا كۆلەڭگۈ ئېلىپ كەلدى .
شۇنىڭ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئاپىرات ۋە تارماقلىرى دەرھال ھەركەتلىنىپ ھەر قايسى ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسى بويىنچە تېرورىزىم ھەركەتلىرىگە چاخماق تىزلىكىدە زەربە بەردى.شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى با نىزامنامىسى>دىكى بەلگىلىمە بويىنچە قاتتىق تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىپ كەڭ خەلىق ئامىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزدى.تېرورىزىمغا ماددىي جەھەتتىن قوللاش ۋە ياردەم قىلىشنى قاتتىق چەكلەپ تېرورلۇققا ياردەم قىلغۇچىلارنى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن لىك دەپ ھېساپلىدى،شۇنىڭدەك تېرورچىلارنىڭ ھەر قايسى بانكىلاردىكى مەبلىغىنى توڭلىتىۋەتتى .خەۋىپسىزلىك كېڭىشى يەنە تېرورىزىمغا قارشى كومىتىت تەسىسى قىلىپ قارار ناملىرىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولدى .
ئۇنىڭدىن باشقا،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەرخىل ۋاستىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ يېڭى خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان تاكتىكىلارنى ئىشقا سالدى .ھەرقايسى جايدىكى خەلىق تەشكىلاتلىرىنى قوزغىتىپ ،توقۇنۇش پەيدا بولغاندا خەلىقارا جەمىئەتنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتىگە قانداق تاقابىل تورىدىغانلىقىنى جۈملىدىن ئۇرۇشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىغان جەلىققە قانداق قىلغاندا ئەڭ ئۈنۈملۈك ياردەم قىلغىلى بولىدىغانلىقىدەك ئىشلارغا يول كۆرسەتتى .
دۆلەت ئىچى تۇقۇنۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى مۇرەككەپ ۋە پەۋقۇلادە بولغان تىنىچلىق ھەركەتلىرىنى قانات يايدۇردى. سالۋادور،گۇۋاتىمالا،كامبۇژا ۋە موزامبىك قاتارلىق جايلاردا ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە چۈشەنمەسلىكلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئاز بولمىغان مۇھىم روللارنى ئوينىدى .شۇنداقلا بىر قىسىم رايون توقۇنۇشلىرى ،مەسىلەن سومالى ،رۇئاندا ۋە سابىق يۇگۇسلاۋىيەدە پارتىلىغان ئىرقى تۇقۇنۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلاتنىڭ جىزمەتچى –خادىملارنى تەڭشەشكە بولغان بىر جەڭ ئىلان قىلىش سورۇنى ھازىرلىدى. بۇ تۇقۇنۇشلار بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغانلىقتىن ،خەۋىپسىزلىك كېڭىشى 1995-يىلىدىن 1997-يىلغىچە ھىچقانداق بىر تىنىچلىق ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارالمىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ئۆتمەي بىرلەشكەن تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رولى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى .20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىشىشى پەيتىدە ،كونگو دېموگىراتىك جۇمھۇريىتى،ئوتتۇرا ئاڧرىقا جۇمھۇرىيىتى ،شەرقى تېمور،كوسوۋو ھەمدە سارايىۋ قاتارلىق جايلاردا ئارقا – ئارقىدىن ئۈزۈلمەي توقۇنۇشلار پارتىلىدى .بۇنىڭغا قارىتا،خەۋىپسىزلىك كېڭىشى يەنە 5 قېتىم ئالاھىدە ئۆمەك ئەۋەتتى .
شۇنىڭدىن كىيىن ،خەۋىپسىزلىك كېڭىشى يەنە ئېڧوپىيە ۋە ئىرسترىيگە ئالاھىدە ئۆمەك ئەۋەتكەن (2000-يىلى)، شەرقى تېمۇرغا قۇتقۇزۇش ئۆمىكى ئەۋەتكەن(2002-يىلى ) لىۋىيەگە ئالاھىدە ئۆمەك ئەۋەتكەن(2003-يىلى) ،بورۋىندى (2004-يىلى) ،كوتىتدىۋۇر(2004-يىلى) قاتارلىق جايلاردا خەۋىپسىزلىك كېڭىشى تىنىچلىق ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارغان،ھايتىغا تىنىچلىق قوغداش ئالاھىدە قىسىمى ئەۋەتكەن (2004-يىلى) ھەمدە سودانغا (2005-يىلى )ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتكەن .
يېقىنقى يىللاردىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەرقانداق ۋاقىتدىكىدىنمۇ بەكىرەك تىنىچلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن .تىنىچلىقنى قوغداش ،تىنىچلىق سۆيەر تەشكىلات ۋە ئورۇنلارنىڭ ئورتاق ھىمايىسىگە ئىرىىشىشىدۇر .ئىلگىرىكى تەجىربىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكىن ،پەقەت ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىقسادنى كۈچەپ تەرەققى قىلدۇرۇش، جەمىئەت ئادىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ،كىشلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، دېموگىراتىيەسىنى جارى قىلدۇرغاندىلا ئاندىن ئۇزۇن مۇدەتلىك تىنىچلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ .خەۋىپسىزلىك كېڭىشى شەرقى تېمور ۋە كوسوۋۇغا ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىپ تىنىچلىق قوغدىغاندىن باشقا ،ئوتتۇرا ئاڧرىقا جۇمھۇرىيىتى ،گىۋىيە،لىۋىيەۋە تاجىكىستان قاتارلىق جايلاردا قۇتۇزۇش ئىشخانىلىرى تەسىس قىلغان .
خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى قاتارلىقلار دۇنيا تىنىچلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە ئكزىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغان ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ دۇنيا تىنىچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ۋە ھەركەتلىرىنى تۋەندىكى بەش نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1.تۇقۇنۇشنى پەسەيتىش
2.تىنىچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش
3.تىنىچلىقنى قوغداش
4.مەجبۇرى ئىجرا قىلىش
5.تىنىچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسلىسىدۇنيا نىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدىكى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم مەسلىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خېلى بۇرۇنلار بۇ رايوندىكى مەسلىلەرگە دىققەت قىلىپ كەلگەنھەم مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداش تەدبىرلىرىنىمۇ قوللانغان .پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسلىسى بىر رايون خارەكتىرلىك مەسىلە بۇلۇپلا قالماي ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر تىپىك خەلىقارالىق مەسىلە .
1-دۇنيا ئۇرىشى ئاىىرلاشقاندىن كىيىن تۈرۈك ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ يىمىرلىشىگە ئەگىشىپ ،پەلەستىن مەسلىسى بىر خەلىقارا مەسلىگە كۆتۈرۈلگەن .ئەينى چاغدا <خەلىقارا ئىتىپاق >نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن پەلەستىن ۋە شۇنىڭدەك ئىلگىرى ئوسمابلى سۇلتانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقدا بۇلۇپ كەلگەن بىرقانچە ئەرەپ دۆلىتى ئەنگىلىيەنىڭ ۋاسىيلىق ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكۈۈپ بېرىلگەن .1917پيىلى بۇ رايوندا بىر يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇش پىلانى تەستىقلانغان .1922-يىلدىن 1947-يىلغىچە بۇلغان ئارىلىقتا پەلەستىنگە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ نۇرغۇن يەھۇدى كۆچمەنلەر ئېقىپ كىرگەن .ئەرەپلەرنىڭ يەھۇدىلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە دىننىي زىدىيەت سەۋەپلىك 1937-يىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى پارتىلىغان ،بۇنداق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى ئۈزۈلمەي بۇلۇپ تۇرغاچقا 1947-يىلى ئەنگىلىيە پەلەستىن مەسلىسىنى بىرلەسكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرغان ،ئەينى چاغدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ جايدا بىر ئەرەپ دۆلىتى ۋە يەھۇدى دۆلىتى  قۇرۇش لاھىسىنى ئوتتۇرغا قويغان .ئىرۇسالىم شەھىرى بولسا خەلىقارا ئورتاق باشقۇرىدىغان رايون بۇلۇش بەلگىلەنگەن .بۇ لاھىيە پەلەستىندىكى ئەرەپلەر ۋە باشقا ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقغا ئۇچرىغان .1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى يەھۇدىلار ئۇيۇشمىسى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئىلان قىلغان .شۇكۈنى پەلەستىندىكى ئەرەپلەر باشقا ئەرەپ  دۆلەتلىرىنىڭ يارىمى ئاستىدا بۇ يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتكە ئۇرۇش قۇزغىغان .خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ئۇرۇشنى توختىتىپ يارىشىشنى تەشەبۇس قىلغان بولسىمۇ ئۈنىمى كۆرۈلمىگەن ،ئەكسىچە توقۇنۇش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .1956يىلى دىكى ئىككى تەرەپ تۇقۇنۇشىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  تىنىچلىق ساقلىغۇچى قىسىم ئەۋەتىپ ۋەزىيەتنى تىنىچلاندۇرغان .1967-يىلى دىكى تۇقۇنۇشتا ئىسرائىلىيە،مىسىر،ئىئوردانىيەۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كەسكىن ئۇرۇشقان .نەتىجىدە ئىسرائىلىيە مىسىرنىڭ دىناي يېرىم ئارىلى ،گازا رايونى ئىئوردان دەررياسىنىڭ غەربىئى قىرغىقى قاتارلىق رايونلارنى بېسىۋالغان.خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىغانازارەتچىلىك قىلدىغان ئەمەلدارلارنى ئەۋەتكەن  .1974-يىلى ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىن خەلقىنىڭ ئاپتونومىيەگە،دېموگىراتىيەگە ھەم ئۆز-ئۆزىگە خوجا بۇلۇش ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى.،شۇنداقلا بۇنىڭ ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان ھوقۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى .
2000-يىلى 9-ئايدا پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى يەنە بىر قېتىملىق قارشىلىق ھەركىتى يۈز بەردى .شۇنداق قىلىپ گازا رايونى ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىى قىرغىقى رايونىدىكى ئىنىسانى ھوقۇق كىرزىسى تېخىمۇ يۇقرى پەللىگە چىقىتى .خەۋىپسىزلىك كېڭىشى بۇ جەرياندا توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،تىنىچ بىرلىككە كىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى .
سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ تاجىكىستانمۇ 1991-يىلى مۇستەققىل بولدى .جەمىئەت ئەھۋالىنىڭ تۇراقسىزلىقى ئىقسادىي كىرزىس،رايۇن ۋە سىياسى ۋەزىيەتنىڭ مۇقۇمسىزلىقى ھەمدە ئىسلام گۈللىنىش ھەركىتىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن تاجىكىستان ئۇزققا سوزۇلغان ئىچىكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى .
1994-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۇرۇش توختىتىپ سۆھبەتلەشتى،خەۋىپسىزلىك كېڭىشى تاجىكىستاندا نازارەتچىلىك قىلىشنى بەلگىلەپ،تىنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نازارەتچىلىك قىلدى .
دىمەك ،گەپنى خۇلاسىلىسەك ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە دۇنيادىكى كىچىك كۆلەملىك ئۇرۇشلار ۋە رايۇنلار تۇقۇنۇشىدا دۇنيا تىنىچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلدى .خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدىن ئىبارەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھوقۇقلۇق ئورگىنى ھازىرمۇ تىنىچلىقنى قوغداش بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلمەكتە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aziz33 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-5 10:07 AM  


بىلىم ئال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3699
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگونىڭ ب د ت دىكى قانۇنلۇق ئورنى رەسمى ئەسلىگە كەلگەن ۋاقىت 1972-يىلىمۇ شۇنداق.ئىلگىرى مىنگو سالاھىيىتى بار ئىدى .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئىمپىراتور

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 675
تۆھپە نۇمۇرى: 748
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرۇق جازا بوپ قالدىغۇ ھازىر  ب دت  ئامىرىكىنىڭ دىگىنى ھىساب  بولمىسا ئامىرىكا بەدەل پۇلى تۆلەشنى رەت قىلىدۇ، ھى ھى ھى

DOTA hero alliance ADC, AP, ssqi auxiliary professional player

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3588
تۆھپە نۇمۇرى: 850
توردا: 1307 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbar0997 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-5 12:47 PM
جۇڭگونىڭ ب د ت دىكى قانۇنلۇق ئورنى رەسمى ئەسلىگە كەلگە ...


جوڭگونىڭ ئەمەس،جوڭخۇا خەلىق جومھۇريىتىنىڭ  جوڭخۇا مىنگونىڭ ب د ت دىكى ئەزالىق ئورنىنى ئىگلىگەن ۋاقتتى 1972-يىلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-5 02:58 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82209
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 694
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-6-27
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5879
تۆھپە نۇمۇرى: 1098
توردا: 1355 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ب د ت باش كاتىپى (ئاننان دېگەن زەڭگى، ھازىرقى بانكوۋېن) لاتا-لامزەللە ئادەملەرئىكەن، شۇنىڭغا قاراپ، مەخسۇس شۇنداقلارنى ئىزلەپ تېپىپ باش كاتىپ قىلسا كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5879
تۆھپە نۇمۇرى: 1098
توردا: 1355 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىغامۇناسىۋەتسىز:
باشقۇرغۇچىلار، ھازىربۇمۇنبەردە نەچچە تېمام بار، ھەممىسىگە قۇلۇپ سېلىقلىق. نېمەئىش بو؟
مەسلىەن: "فىلىپپىن جۇڭگۇ دىققەت قىلسۇن دېدى"، " ج ك پ ئەزالىرى82مىلىيۇندىن ئاشتى"، " جۇڭگۇئىشچىللىرى رۇسىيەدېھقانلىرى بىلەن جىدەللەشتى"، " شىنفاڭدا پارتىكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبەردى"، " ۋىتنامدا جۇڭگۇغا قارشى نامايىش بولدى" قاتارلىق تېمىلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yadikar- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-5 05:01 PM  


‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2089
تۆھپە نۇمۇرى: 1503
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yadikar- يوللىغان ۋاقتى  2012-7-5 04:31 PM
تېمىغامۇناسىۋەتسىز:
باشقۇرغۇچىلار، ھازىربۇمۇنبەردە ن ...

تاقمسا مۇنبەر ئەزاسدىن نەچسسى ئۆزنى مۇنبەر تۈرمسدە كۆردغان گەپ شۇ ...

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1682
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگخىسگگ كۆپ رەخمەت،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى توغرىسىدا بىر قەدەر تەپسىلىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم.
مىنىڭ ئاڭلىشىمچە شۇ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئاننان ئامرىكىلىق ئىكەن،شۇڭلاشقا ئامرىكىنىڭ دىگىنىگە قاراپ ئىش تۇتىدىكەن،ھەي،،،زومىگەر ئامىرىكا

ئۇنتۇلماس نەپرەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81712
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شۇڭا

ھىسابتا ب د ت ئامرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە زوراۋانلىق قىلىشتىكى نىقابى بوپ قالدى ، ب د ت مالىيەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئامرىكا بىرىدىكەن . شۇڭا كۆپ ھاللاردا ئامرىكىنىڭ گىپى گەپكەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەپرەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-5 06:16 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش