مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6234|ئىنكاس: 0

كوڭزى ھەيكىلى يېڭىساردا تىكلىنىپتۇ  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۈللە ئۇيغۇرۇم م

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34573
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6626
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 5456 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 11:52:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
26-ئىيۇن، يېڭىسار ناھىيەسى كوڭزى ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش ۋە ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆگزىسىنى يېپىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تۇنجى كۇڭزى ھەيكىلى تىكلەندى.
جۇڭگو كۇڭزى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى سۆز قىلدى ھەمدە مەزكۇر جەمئىيەتكە ۋاكالىتەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 1000 پارچە كىتاب، دېسكا، كارتون فىلىم "كۇڭزى" قاتارلىق بويۇم ئىئانە قىلدى، شۇنداقلا يېڭىسار ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە "مىللىي مەرىپەت كۆچمە كۇتۇپخانا" تەسسىس قىلىپ، ۋېۋىسكا تارقىتىپ بەردى. بۇ پائالىيەت مەدەنىيەت جەھەتتىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم شەكلى ۋە يېڭى يارقىن نۇقتىسى بولۇپ، كۇڭفۇزى تەلىماتى مەدەنىيىتىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ياخشى سەھنە ھازىرلاپ، ئۇلارغا جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر روھىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەۋھىرىنى چۈشەندۈرۈش، كۇڭزى مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ تەربىيەسى ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېتىراب قىلىشنى كۈچەيتىش، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم تەسىرگە ئىگە قىلدۇرۇلىدۇ.
كۇڭزى ھەيكىلى يېڭىسار ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئۇنى جۇڭگو كۇڭزى فوندى جەمئىيىتى ئىئانە قىلغان بولۇپ، يۈز دانە ھەيكەل تىكلەش پىلانىدىكى 28-ھەيكەل ئىكەن. بۇندىن ئىلگىرى، كۇڭزى ھەيكىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئۇنىۋېرىستېتى، شۋېتسىيەنىڭ ستوكھولم ئۇنىۋېرىستېتى، يېڭى زىللاندىيە ئوكلان ئۇنىۋېرىستېتى، زىمبابۋې ئۇنىۋېرىستېتى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئورنىتىلغان، ئاسىيا، ئامېرىكا قىتئەسى، ئاۋستىرالىيە ۋە شىمالىي ياۋروپا قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارالغان بولۇپ، جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە كۇڭفۇزى ئىدىيەسىنىڭ چەتئەللەردىكى تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە جارى قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاكىتىپ رول ئوينىغان. 2.jpg

مەنبە: يېڭىسار ھۆكۈمەت تورى http://www.yjs.gov.cn/Article/ShowArticle.asp?ArticleID=6745

ھازىرغىچە 27 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mahbusman + 39 تاجاۋۇزچى مۇتەھەملەر..
تىلسىم + 10 داۋاملىشار قاچانغا؟
tuprag + 10 تۇفى......
guzaltarim + 10 نۇمۇسسىزلار
baturana + 10 لاۋزىچىلىق،بىر تەخسە .
52arslan + 10 مەدەنىيەت زوراۋانلىق.
رەگەتكە + 10 يۈرۈگۇم يىغلايدۇ
kaisar + 10 kohlimisak bolmaydu amdi'
simab + 10 0*****0000
narqiqegim + 10 sichuange apirip tiksun,tufiiiiiiiiiiii
قۇيۇن + 20 قاراپ تۇرۇڭلار تۆت كۈ.
kulpat + 11 ئىت مۇناپىق پوق قوساق .
abdul757 + 10 يۈزمىڭ لەنەت !!!!!!!!!!!!!!!
@يۇرتۇم@ + 10 تۇفففففففففففففففففف.
tinih + 10 ئاسمىلاتسىيە....
uzumtal + 10 بۇقىرىغايىڭساردانىمە.
aptap104 + 10 دىنغائىشەنمە،كۇڭزىغا.
نەۋرۇز + 10 بۇ ھەيكەل ئۇزۇنغا قال.
gvlqay + 10 لەنەت !
yadikar- + 10 لەنەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 310   باھا خاتىرىسى

بۈيۈك ئۇيغۇرۇم بۈيۈك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش