مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6815|ئىنكاس: 105

توردىكى ئالتۇن كۈمۈش سودىسى قەتئى ھارامدۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8429
تۆھپە نۇمۇرى: 208
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 09:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                            توردىكى ئالتۇن كۈمۈش سودىسى قەتئى ھارامدۇر


    كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى ئاجايىباتلار ، بىزنى گاھىدا مەستخۇش قىلسا ، گاھىدا باتىل ئاقىدە بىلەن ئىزىقتۇرىدۇ .دىيارىمىز ئۇيغۇر جەمىئىتىدە مۇشۇ يىقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان خىلمۇ-خىل شەكىلدىكى تور ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىدىغان سودا تۇرلىرى بارلىققا كەلمەكتە .
    كىشىلەرنى ئەڭ قىزىقتۇرىۋاتقان تور سودىلىرى ئىچىدە ، (ئالتۇن كۈمۈش ، نەخ مال ياكى كاپالەت سودىسى )دىن ئىبارەت بولىۋاتىدۇ .شەخسەن بۇرۇن بۇ سودىسىنى ئۆزۇممۇ قىلىپ باققان . ئەمما ئۇ ۋاقىتتا بۇ سودىنىڭ خارەكتىرى توغۇرلۇق ئۇنچە كۆپ بىلىمگە ئىگە بولمىغانلىقىم ئۇچۇن ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلغان يىرىممۇ بار (ئاللاھ بۇ گۇناھىمنى مەغفىرەت قىلسۇن ). بىراق بۇ سودىنى قىلىش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى ، بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن قىمار . بۇ سودىدا ئىككى يۆلىنىشكە مال ئىلىنىدۇ ، چۇشۇش ، ئۆسۇش . مەيلى سىز چۇشۇشكە ئىلىڭ ياكى ئۆسۇشكە ئىلىڭ، شۇ ئالغان يۆلىنىشىڭىزنى "دەتتىكام"غىلا ئالىسىز .مەيلى سىز قانداق بىر چوڭ مۇتەخەسىسى  ياكى تەھلىلچىدىن سوراڭ ئۇ بەرىبىرى سىزگە پەرىزىنىلا ئىيتىدۇ ، ئۇ پەرەزنىڭ توغۇرلۇق توغۇرلۇق نىسبىتى 50% ئاشمايدۇ .مەن بۇ سودىنى قىلىش جەريانىدا ، مەلۇم بىر ئۇيغۇر شىركەتنىڭ ۋاستىچىلىكى بىلەن ئىچكىردىكى پايچىك شىركىتىدىن ھىسابات ئاچقۇزدۇم.دەسلەپتە بۇ سودىنى قىلغاندا خىلى يامان ئەمەس پايدىغا ئىرىشتىم .ھىساباتتىكى پۇلۇمنى بىر قاتلىدىم .ئەمما شۇ بىر پايدا ئالغانلىق بىلەنلا ، مىنىڭ زىيانغا مال سىتىش تارىخىم باشلاندى .شۇ ئۇيغۇر شىركەتتىكىلەر قۇرغان QQ توپىدا ، بۇ سودىغا پىشقان "مۇتەخسىسلەر"نىڭ كۆز -قاراش تەھلىللىرىگىمۇ ئاساسلىنىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم .شىركەت مەسئۇلى ئانچە مۇنچە كىرىپ، بىزگە مەسلىھەت بىرىپ ئۆتەتتى .يەنە ھەر ھەپتىدە ئۆتىدىغان بىر سائەتلىك تور دەرىسمۇ بار ئىدى .بىراق دەرسىنىڭ ھەممىسى نەزىريە بولغاچقا ، ئەمەلىيەتتىكى بۇ قالايمىقان بازارغا قەتتىلا ماس كەلمەيدىكەن ،مەن دەسلەپتە "ئۇستاز"ئۆتكەن دەرسنى شۇنداق قىتىرقىنىپ ئۆگەنگەن بولساممۇ، بىراق كۆز ئالدىمىزدىكى سىكىنۇتتا بىر ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بازارغا نىسبەتەن ، خۇددى "قۇسقىڭىز ئاچسا تاماق يەڭ، ئۇسساپ كەتسىڭىز سۇ ئىچىڭ " دىگەندەك گەپلەر ئىكەنلىكىنى كىينچە ھىس قىلدىم .QQتوپقا يىڭى كىرگىنىمدە خۇددى ھەممىسىلا پايدا ئىلىۋاتقاندەك شۇنداق قىزغىن كۆرۇندى ، ئەمما كىيىنچە QQ توپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ گەدەنگىچە تارتقان زىيانلىرىنى ئىزلاۋاتقانلىقىنى ۋە زىيىنىنى ئىزلاپ بولۇپلا، ئىككىنچى قولىغا ئالمايدىغانلىقىدەك ئاھۇ زارىنى ئاڭلىدىم .نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن بازىرىدا نۇرغۇن كىشىلەرنى زار-زار قاقشاتقان چوڭ چۇشۇش ھادىسى بولدى. توپتىكىلەردىن ئاڭلىسام بۇ چوڭ چۇشۇشتە ئازلىرى 20-30مىڭ ، كۆپلىرى 100-200-مىڭ زىيانغا دەسسەپ كەتكەنلەر كۆپكەن .مەن شۇندىلا بۇ سودىنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك نەقەدەر باتىل بىر سودا ئىكەنلىكىنى تولۇقى بىلەن ھىس قىلدىم . شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تارتقان ئازدۇر-كۆپتۇر زىيىنىمنى ئىزلىۋىلىشنىلا نىيەت قىلىپ بىرمەھەل شۇ غەمدە يۇردۇم ، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۇ زىيىنىمنىمۇ ئىزلاپ بۇ بازارغا  ئىككىنچى يىقىن يوللىماسلىققا ئۆزۇمگە ۋەدە بىرىپ ئاستا بۇ توپتىن چىكىندىم . ئاللاھقا مىڭ قەتدىر شۇكۇرلەر بولسۇن !
    بۇ بازاردا جۇملىدىن بۇ ئالتۇن كۈمۈش سودىسىدا مىنىڭ ھەققىم قالمىدى . ئەمما مەن بۇ سودىنى قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقاتتىم . گەرچە بۇ يوقاتقانلىرىم ئىقدىسادى مەسىلە بولمىسىمۇ ، ئەمما مىنىڭ كەتسە كەلمەدىغان زىھنىمنى ۋە ۋاقتىمنى يوقاتتىم . شۇ مەزگىللەردە مىنى شۇنداق بىر شەيتان ۋەسۋەسىگە سالدۇكى ، گويا بىر كىچىدىلا باي بولۇپ كىتىدىغاندەك  . ئەمما ئەتىسى سودا ھىساباتىغا قارىسام ، بىرمۇنچە زىيانغا مىڭىپ تۇرىدۇ . ئاچچىقىمدا ، كومپىيۇتىرىمنى ئۆچۇرۇپ نىم بولساق بولارسە، دەپ ئۆز ئىشىمنى قىلىۋەردىم .قولۇمدىكى مال ئىزلىشىپ پايدىغا ماڭغۇچە يۇرەك پوك-پوك. خاتىرجەم باشقا ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ .بۇ بازاردا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھىساباتتىكى پۇلنى غايىپ قىلىدۇ .ئەمما مەن بۇ پىشكەللىكلەردىن ئامان قاپتىمەن .
   مەن ئويلاندىم . نىمە ئۇچۇن بۇ سودىدا ھەممىلا ئادەم زىيان تارتىدۇ . نىمىشقا پايدا ئالغىلى بولمايدۇ ؟
  بۇنىڭ جاۋابى دەل بۇ سودىنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەن ھارام ئىش بولغانلىقى ئۇچۇن ھەممىمىزنى داغدا قويىدىكەن . مەن مۇھەممەد سالىھ قاراجىمنىڭ قولىدا تەلىم ئالغان قىرىنداشلاردىن بۇ مەسىلە توغۇرلۇق سورىدىم .ئۇلار كەسكىنلا "ھارام"دەپ پەتىۋا چىقاردى .بۇ توغۇرلۇق يەنە مۇسۇلمانلار تورىدىمۇ ئىنىق پەتىۋا چىقىرىلىپتۇ .

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئالتۇننى كۆرمەي تۇرۇوپ، تور ئارقىلىق، زاكالەت پۇلى تۈلەپ، توردىكى باھاسىنىڭ چۈشىشىگە ياكى ئۈسىشىگە ئەگىشىپ پايداتاپقانلىقى ياكى زىيان تارتقانلىقى ئايرىلسا ،بۇنداق سودىنى قىلسا دۇرۇسمۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: ئالىم ئاخۇن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى ئالتۇن سودىسىدا بىر قولدا بېرىپ يەنە بىر قولدا ئالمىسىڭىز جازانە شەكىللىنىدۇ، بۇنى بىلىشىڭىز لازىم.
ئاللاھنىڭ دىنىدا، ئالتۇن-كۈمۈشنى ۋە باشقا پۇل ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئۆز جىنسىغا ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ «نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ» بولۇش شەرتىگە، پەرقلىق نەرسىلەرگە ساتقاندا «نەقمۇنەق» بولۇش شەرتىگە رىئايە قىلىش كېرەك. ئەكسى تەقدىردە جازانە مەيدانغا كېلىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۆمۈشنى كۆمۈشكە، ئارپىنى ئارپىغا، بۇغداينى بۇغدايغا، تۇزنى تۇزغا، خورمىنى خورمىغا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچى ئوخشاشتۇر»– مۇسلىم، مۇساقات 82؛ ئەبۇ داۋۇد بۇيۇئ 12.
2 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار»– بۇخارى، بۇيۇئ 78؛ مۇسلىم، مۇساقات 88؛ نەسەئىي، بۇيۇئ 47.
3 ـ «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئاپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا ساتقاندا، ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى لازىم. لېكىن تۈرلىرى پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ»– مۇسلىم، مۇساقات 81.
4– «ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتقاندا، كۈمۈشنىڭ ئالتۇندىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن ھەر ئىككى بەدەلنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇغداينى ئارپىغا ساتقاندا، ئارپىنىڭ بۇغدايدىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن نەقمۇنەق بولۇش شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ»– ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12.
5 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سا سۈپەتلىك خورمىنى ئىككى سا سۈپەتسىز خورمىغا سېتىۋالغانلارغا: «بۇ قىلغىنىڭلار ئۆسۈم مۇئامىلىسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇنداق قىلماڭلار! ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئەگەر سۈپەتلىك خورما سېتىۋالماقچى بولساڭلار، سۈپەتسىز خورماڭلارنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا سۈپەتلىك خورمىنى سېتىۋالساڭلار بولىدۇ» دېگەن. –بۇخارى، ۋەكالەت 95؛ مۇسلىم، مۇساقات 96، 97.
6- فەدالە ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئەل ـ ئەنسارىي مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەيبەردە مارجان ۋە ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر بىر بويۇنئاسقۇ كەلتۈرۈلدى. بۇ بويۇنئاسقۇ سېتىلىدىغان غەنىمەتلەردىن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بويۇنئاسقۇدىكى ئالتۇن ئايرىلدى. كېيىن ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئالتۇن ئالتۇنغا، تەڭمۇتەڭ سېتىلىدۇ» دېدى.- مۇسلىم، مۇساقات 89.
7- فەدالە ئىبنى ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ: «خەيبەر كۈنى مارجان ۋە ئالتۇن ئارلاش بىر بويۇنئاسقۇنى 12 دىينارغا سېتىۋالدىم. ئالتۇن بىلەن مارجاننى ئايرىپ، ئۇنىڭدا 12 دىيناردىن ئارتۇق ئالتۇن بارلىقىنى بايقىدىم. بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەلۇم قىلغان ئىدىم. ئۇ: «ئايرىماستىن سېتىشقا بولمايدۇ» دېدى.- مۇسلىم، مۇساقات 90.
8- ھەنەش مۇنداق دەيدۇ: بىز فەدالە ئىبنى ئۇبەيد بىلەن بىر ئۇرۇشتا بىللە ئىدۇق. مەن ۋە مېنڭ دوستلىرىم ئالتۇن ـ كۈمۈش ۋە گۆھەردىن ياسالغان بىر بويۇنئاسقۇغا ئېرىشتۇق. مەن ئۇنى سېتىۋلماقچى بولۇپ فەدالە ئىبنى ئۇبەيددىن سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالتۇننى ئايرىپ تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە قوي، سېنىڭ ئالتۇنىڭنى يەنە بىر پەللىسىگە قوي. ئىككىسى ئوخشاش بولغاندىلا ئاندىن سېتىۋالغىن. شۈبھىسىزكى مەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم:
«كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئالتۇن سودىسىدا ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا سېتىۋالمىسۇن»- مۇسلىم، مۇساقات 92.
بۇ ھەدىسلەردە «نەقمۇنەق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى يەدەن بىيەدىن «يَدًا بيَدٍ» دۇر. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بىر قولدا بېرىپ بىر قولدا ئېلىش، دېگەن بولىدۇ. بۇ ئۇزۇن مەنانى «نەقمۇنەق» سۆزى ئەينەن ئىپادىلىگەنلىكى ۋە بۇ سۆز ئىخچام بولغانلىقى ئۈچۈن، يەدەن بىيەدىن «يَدًا بيَدٍ» مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىنىدۇ.
ئەمدى مەنمۇ سىزدىن سوراپ باقاي:
توردا ئالتۇن سودىسى قىلسىڭىز، بۇ شەرتكە رىئايە قىلالامسىز؟ يەنى سىز قارشى تەرەپكە ئالتۇننى بىر قولىڭىزدا بېرىپ، بۇ ئالتۇننىڭ پۇلىنى يەنە بىر قولىڭىزدا ئالالامسىز؟ ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئالتۇنىنى بىر قولىڭىزدا ئېلىپ، بۇ ئالتۇننىڭ پۇلىنى يەنە بىر قولىڭىزدا بېرەلەمسىز؟
ئەلجاۋاب: ياق!!!



  مەن يەنە بۇ سودىنىڭ خارەكتىرىنى بىرقەنچە نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاپ چىقتىم :
1.بۇ سودا ئىنسان پىسخىكىسىغا ئىنتايىن زىت .
2.مەيلى سىز قايسى يۆلىنىشكە ئىلىڭ ، كۆز ئالدىڭىزدىكى بازار چوقۇمكى قاراڭغۇ . مەيلى سىز خەلىقئارا خەۋەرلەرگە تەپسىلى قاراڭ ياكى تىخنىكىلىق ئانالىزغا پىششىق بولۇڭ ، سىز شىرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان ۋاقىت ئىچىدە بىرمۇنچە زىيانغا پاتۇرۇپ قويىدۇ .دىمەك بىز قىمارغا ئوخشاشلا "دەتتىكام"غا "ئۇشۇق"نى تاشلايسىز .
3.سىز پەقەت سان-سىفرنى ئالىسىز ، سان -سىفرنى ساتىسىز ، ھەرگىزمۇ ئالتۇن كۈمۈش ئەمەس . پەقەتلا ئۇنىڭغا شۇنداق "چاپان"كەيدۇرۇلگەن يىرى بار خالاس . بۇ شەرىئەتتىكى "قولىدا بولمىغان نەرسە توغۇرلۇق سودىلىشى ھارامدۇر "دىگەن جاۋاپقا ئۇيغۇن كىلىدۇ .
4.ئەگەر قولىڭىزدا ئۆسۇشكە ئالغان ئالتۇن بار بولسا ، بازار بىر كىچىدىلا چۇشۇپ كەتسە ، سىز زىياننىڭ ئىغىرلاپ كىتىشىدىن ۋە ھىساباتىڭىزنىڭ پارتلاپ (كاپالەت سودىسىدا شۇنداق پارتلاپ كىتىش ھادىسى يۇز بىرىدۇ ) ھەممە پۇلىڭىزنىڭ يوق بولىشىدىن قۇرقۇپ، قولىڭىزدىكى ئالتۇننى زىيانغا سىتىۋەتتىڭىز ، دىمەك بۇ سودا يەنى مەۋھۇم بولغان سودىلاشقۇچى تەرەپ سىزنى مال سىتىشقا قىستىدى . نىھايەتتە بۇ زۇلۇم ھىساپلىنىدۇ . ئەگەر بۇ دۇرۇس سودا ئاتالغان بولسا ، بىز مالنى خالىساق ساتاتتۇق خالىمىساق ساتمايتتۇق .بىزگە ئىقدىسادى جەھەتتتىن بىسىم ئىشلىتىپ، مالنى سىتىۋىتىشكە قىستىدى ، بۇ ئادالەتسىز بولغان سودا .ئاقىۋەتتە -زۇلۇم بولغان بولىدۇ .
....
....
.....
     خۇلاسە شۇكى ، شەرىئەتنىڭ ھەرقايسى ئەركان-ئاھكانلىرىغا ئاساسەن بۇ قەتئىلا ھارام سودا دەپ بىكىتىلىپ بولىدى .شۇنداق بولغاچقا ، بۇ ئارقىلىق تاپقان پۇلمۇ ھەم شۇنداق ھارام دىگەن گەپ. شۇڭا بۇ سودىنى قىلىۋاتقانلار بۇ سودىدىن تىزدىن چىكىنىڭ .
  ھارام مال-دۇنيادىن يىراق تۇرايلى . قىيامەتتە ھارام مالدىن ھىساپ بەرمەك ھەممىدىن تەس .


    مەنبەسى ئۆزۇم . باشقا تور بىكەت مۇنبەرلەرگە تارقىتىشىڭلارنى ۋە تىخىمۇ كۆپ قىرىنداشلارنىڭ بىلىۋىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن .

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 09:50:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە بۇرۇن بىلىمگەن ھەم بۇ ھەقتە چۈشەنمىگەن بولساقمۇ بۈگۈن بىر بىلىم ئىگەللىۋالدۇق .

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 858
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3112 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 10:03:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر بىلىمگە ئىرىشتىم ، ئاللاھ سىزگە ساۋابى بولسۇن ، ياخشى ئىش قىلىپسىز بۇرادەر !

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 10:06:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-4 10:03 PM
يەنە بىر بىلىمگە ئىرىشتىم ، ئاللاھ سىزگە ساۋابى بولسۇن ...

كەچ بولغاندا نەگە ماڭدىڭىز .....ئۆزىڭىز يالغۇز يولدا مىڭىپ كىتىپسىز دەيمىنا

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79815
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-5-6
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 10:29:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر يىل بولاي دىدى رەسمى سودىنى باشلاشتىن بۇرۇن تەقلىدى تاشقى پرۋوت سودىسى بىلەن شۇغۇللاندىم.ھىس قىلغانلىرىم سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش.شۇڭا بۇ سودىغا قەتئى كىرمەسلىك قارارىغا كەلدىم.بىزنىڭ ئاتۇشتا بۇ سودىغا قىزىقىدىغانلار مىنىڭ بىلىشىمچە ئاساسەن يوق.

باھار ھامان ئىللىق!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77760
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4334
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2012-3-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 10:53:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بۇرۇن  ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ئەمدى بىلىۋالدىم  خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم!

سىزئۆزىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىزلا قۇتقۇزالايسىزئۆزكۈچىگەتايىنىشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ تەقدىرى مەڭگۈئۆزقولىدابولمايدۇ.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6745
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 11:04:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
篮球美女 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-4 10:06 PM
كەچ بولغاندا نەگە ماڭدىڭىز .....ئۆزىڭىز يالغۇز يولدا مى ...

ئۆستەڭنىڭ قىرىدا تۇرىۋاپتۇ..كېچىدە تېيىلىپ يىقىلىپ كەتمىگىيدى ھە

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6745
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 11:05:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن..رەھمەت  ئەزىز

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 11:05:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قىرىندىشىم،يىڭى بىلىملەر بولسا خەۋەردار قىلغايسىز!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 11:06:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilbar يوللىغان ۋاقتى  2012-7-4 11:04 PM
ئۆستەڭنىڭ قىرىدا تۇرىۋاپتۇ..كېچىدە تېيىلىپ يىقىلىپ ك ...

ھى ھى ھى ..................يىقىلىپ كىتىشىدىن قورقىغان ئادەم ھە قاچان ئۇ يەردىن ماڭماس ئىدى
ئۆزىنى بىر نىمە قىلىپ قويمىسىلا خۇداغا شۈكىرى دەيلى جۇما ~

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش