|
|
|
|
جۇڭگو ئاخبارات تورى پوسكام 3-ئىيول خەۋىرى شىنجاڭ قەشقەرنىڭ پوسكامدىكى ھۆرقىزنىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇنلىقى 1.65 مېتر بولۇپ، پارقىراقلىقىدىن كىشىنى جەلىپ قىلىدىكەن، بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىك بولسا تۇخۇم بىلەن چاچ يۇيۇش بولۇپ، ئۇ بىر قېتىم چاچ يۇيغاندا سەككىز دانە تۇخۇم ئىشلىتىدىكەن.
ھۆرقىز پوسكام ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بۇ يىل 31 ياش، بوي ئىگىزلىكى 1.70 مېتر، ئىككى ئوغلى بار، يولدىشىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى.
ھۆرقىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 21 يىل بۇرۇن چاچ ئۆستۈرۈشنى باشلىغان، ھازىرغا قەدەر چېچىنىڭ ئۇزۇنلىقى 1.65 مېتر. 2008-يىلدىن باشلاپ پوسكام ناھىيىسىنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان چىلان بايرىمى ئۇزۇن چاچلىق قىزلار مودىل مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، شۇ يىلى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 2010-يىلى ۋە 2011-يىلى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مۇسابىدە چاچنىڭ ئۇزۇنلىقىغا قاراپلا قالماستىن يەنە كىيىم-كېچەكنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى، شەخىسنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىپادىسىگىمۇ قارايدىكەن.
ھۆرقىزنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىكەن، ئۇ سەككىز يىل ئىلگىرى تۇخۇم بىلەن چاچ يۇيۇشنى باشلىغان بولۇپ، تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى مول دەپ قارايدىكەن. ھەر قېتىم چاچ يۇيغاندا ئاۋۋال سەككىز دانە تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ ئارلاشتۇرۇۋالىدىكەن، ئاندىن چاچقا تەكشى سۈركەپ، قۇرۇپ 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن يۇيۇۋېتىدىكەن.
ئېيتىلىشىچە، ئۇ چاچ يۇيغاندا چېچىنى ئالدى تەرەپكە تاشلاپ، ئادەتتىكىدىن چوڭراق داس ئىشلىتىپ يۇيىدىكەن.
مەنبە;نۇر تۇرى
|
|
|
|
|
|