بۇ ئۈچىنجىسى،ھەم بۈگۈن ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقىسى، خاتا جاۋاب بەرگەنلەر، ياكى يىرىم توغرا يىرىم خاتا جاۋاب بەرگەنلەر ماڭا باشتا دىيىشكىنىمىزدەك ئۆزۈڭلارنى سوراپ ماڭا پۇل ئەۋەتىۋىتىڭلار، بولمىسا مالىيەدىن چاتاق چىقىۋاتىدۇ
قاردىكى ئاياغ ئىزى
شىۋىرغان غۇيۇلسدپ چىقماقتا، قاتتىق قار لەپىلدەپ ياغماقتا ئىدى، جاڭ خو بىر كىچە ئۇخلىمىدى،
ئۇنىڭ مىڭىسىدە قاتتىق كۈرەش بولىۋاتاتتى، بىر تىزدىن بىر قارارغا كەلمىسە بولمايتتى. ئۆز ئۆيىدە بىر ياقا يۇرتلۇق ئاغىنىسىنى قەرز ماجراسى تۈپەيلى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدى، قانداق قىلىش كىرەك؟ بىرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش كىرەكمۇ ياكى پاكىتنى تىزدىن يوقۇتۇش كىرەكمۇ؟
يەنىلا ياشاش كىرەك، ئۇ كالىىسىغا پاكىتنى يۇقۇتۇش قارارى كەلدى.
ئاپپاق قار ئەتراپنى قاپلىغان، قارنىڭ قىلىنلىقى 30سانتىمىتىرغا يەتكەن قەھرىتان قىشنىڭ بىر سەھىرىدە جەسەتنى كۆتۈرگىنىچە يىقىن ئەتراپتىكى بىر ئائىلىنىڭ يىڭىدىن سىلىۋاتقان ئۆيىگە ئاپىرىپ تاشلىدى-دە بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى نەق مەيداننى يوقاتتى.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆيگە قايتىش يولىدا تېلفۇنى ئارقىلىق ئەھۋالنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلدى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كىيىن ساقچىلار چارلاش ماشىنىسى بىلەن تىزدىن يىتىپ كىلىشتى. ئۇ بايقۇغۇچى قىياپەتكە كىرىۋىلىپ ھېچ ئىشنى بىلمىگەن ھالەتتە:
__بۈگۈن ئەتىگەن مەن قار تازلىماقچى بولۇپ،قوشنامنىڭ سىلىۋاتقان ئۆيىگە قار ئىتتىرىش تاختىسىنى ئالغىلى بارغان ئىدىم،كىرىشمگىلا كۆزۈم بىر ياشنىڭ جەسىتىگە چۈشۈپ قالدى.كۆرۈپلا نىمە قىلارىمنى بىلمەي قورقۇپ
كەتتىم. چۈنكى بۇ بوش ئۆي ئەتراپىدا مىنىڭ ئاياغ ئىزىمدىن باشقا بىرەر قاتىل ياكى زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ ئىزى كۆرۈنمەيتتى،شۇڭا بۇ ئادەمنى تۈنۈگۈن كىچە قار يىغىشتىن بۇرۇن مۇشۇ يەردە ئۆلتۈرۈۋەتكەن ،دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ،__دەپتۇ.
بۇ چاغدا بۇ يولنى كۈزەتكەن رازۋىتچىك بۇ گەپنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن،ئەھۋال مەلۇم قىلغۇچىغا قاراپ:
__سەن ئەبلەخ يالغان سۆزلەۋاتىسەن،قاتىل دەل سەن!__دەپتۇ.
قىنى دەپ بىقىڭلار، رازۋىتچىك نىمىگە ئاساسەن شۇنداق ھۆكۈم چىقارغان؟
__رازۋىتكا ھىكايىلىرى__مەلىكە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-4 04:37 PM