جاۋابىنى دەپلا بىرەي، بولمىسا ئىچىم پۇشۇپ كىتىدىكەن، دەپ بىرىشتىن بۇرۇن يۇمۇر ئىيتىپ بىرەي-ھە؟
بىر ئائىلە خىزمەتكارى بار ئىكەن، ئۇ خىزمەتكارنىڭ بىر ئەيىبى شۇ ئىكى، ئۆيگە مىھمان كىلىپ خوجايىنى ھە دەپ پاراڭلىشىۋاتقاندا خىزمەتكار ئىختىيارسىز گەپ قىتىپ،پاراڭلىرىغا لوقما سالىدىكەندە خوجايىنىنى مىھمانلار ئالدىدا ئوسال قىلىپ قويىدىكەن.
بىر كۈنى خوجايىننىڭ چىدىغۇچىلىكى قالماپتۇ-دە خىزمەتكارنى قاتتىق تەنقىتلەپتۇ ھەم ئاخىرىدا :‹‹ئەگەر يەنە مۇشۇنداق ئۆز ئىشىڭنى قىلماي گەپ قىستۇرىدىغان بولساڭ، سىنى ئىتىۋىتىمەن›› دەپتۇ.
خىلى بىر مەزگىلگىچە خوجايىننىڭ قۇلىقى تىنجىپ قاپتۇ،خىزمەتكارمۇ ئۆيگە مىھمانلار كەلسىمۇ بۇرۇنقىدەك گەپ قىستۇرمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.
بىر كۈنى خوجايىن بىر مىھمان بىلەن پاراڭلىشىپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ كىتىپتۇ:
مىھمان: دۇنيادا ئەڭ چوڭ يۇپۇرماق ئۈزۈمنىڭ يۇپۇرمىقىمىكى دەيمەن، ھەم چوڭ، ھەم كەڭرى...
خوجايىن: ياق، مىنىڭچە بانان دەرىخىنىڭ يۇپۇرمىقى ئەڭ چوڭ...
شۇنداق قىلىپ ئىككىسى بىرلىككە كىلەلمەي خىلى بىر چاغقىچە تالىشىپتۇ...
بىر چاغدا خىزمەتكار ئۆپكىدەك ئىسىلىپ بۇلارنىڭ يىنىغا يۈگۈرۈپ كەپتۇ،ۋە خوجايىنغا قاراپ قاتتىق ئاۋازدا:
__ئىتىۋەتسەڭمۇ ئىتىۋەت، دۇنيادا ئەڭ چوڭ يۇپۇرماق پالما دەرىخىنىڭ يۇپۇرمىقى!_دەپتۇ.