1. «ئۈچ ياش» تىلۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا
سىنارىست-مەمەتئېلى زۇنۇن.رىژىسۇر-مۇختىبەر مەخسۇت ئوپىراتۇر-جۈرئەت غالىپ.مۇزىكانت-تۇرسۇن قادىر ئاساسلىق روللاردا: ئالىمجان-ئارىسلان مەتنىياز.مۇھەررەم-دىلنار ئابدۇللا. مەخمۇت قەشقىرى- مىرادىل ھاجىم.ئىززەتخان-ئايشەم كىرىم. مۇكەررەم-گۇلباھارتۇرغۇن. داموللام- مىرادىلھاجىم قاتارلىقلار فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: شىنجاڭنىڭ قەشقەر كونىشەھەر ناھيە ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىق كەنتىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى-مەخمۇت قەشقىرى دەپىنە قىلىنغان. مەخمۇت قەشقىرى بۇندىن بىر مىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى «تۈركى تىللار دىۋانى»دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. ئەمما مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قايسى ئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئېنىق بولماي كەلگەن.بۇ ھەقتە ئېلىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىللىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھارماي-تالماي جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، ئاخىرى پەننى ئاساستا ئەمىلىي يەكۈن چىقىرىپ، مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنى تاپىدۇ. بۇ فىلىم مۇشۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىشلەنگەن. بۇ فىلىمدە ئالىمجان، مۇھەررەم ۋە مۇكەررەمدىن ئىبارەت ئۈچ ياشنىڭ ئۇلۇغ ئالىم مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنى تېپىش جەريانىدىكى ئىزدىنىشلىرى جاپا-مۇشەققەتلىك كۆرەش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ بۈيۈك مەخسەتكە يەتكەنلىكى شۇنداقلا ئالىمجان بىلەن مۇھەررەمنىڭ چىن سۆيگۈ-مۇھەببىتى ھەم خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى يارقىن ئوبرازلار ئارقىلىق، رۇشەن ھالدا ئىپادىلەنگەن. فىلىم باشلىنىش بىلەنلا ئالىمجان بىپايان چۆلدە بىر تۆگىگە مىنگەن ھالدا يول يۈرۈپ، ھارغىنلىق ۋە ئۇسسىزلىق ئازاۋىدىن بىر ئېرىق بويىدا ئولتۇرۇپ، قولى بىلەن ئوچۇملاپ سۇ ئىچمەكتە. مۇھەررەم ھېيىتكا چوڭ جامەئە ئىچىدە چەتئەلدىن زىيارەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە جامائەنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرمەكتە. ئۇ جامەئەدىن چىقىپ تۇرىشىغا جامەئە ئالدىدىكى چوڭ گۈللۈك ئەتراپىدا قولىدا ساتار چېلىپ ناخشا ئوقىۋاتقان بوۋاينىڭ يېقىملىق ناخشىسى مۇھەررەمنى جەلىپ قىلىۋالىدۇ-دە، شۇ يەرگە كىلىپ، ناخشىنى دىققەت بىلەن تىڭشىماقتا. يارالمىشلەر ھەزرىتى مەۋلان ئوپال ئازىق ئاراسىدا، يېتىپ 70 كامالەتكە كىشىگە ئۆز يۇرۇت ھاۋاسىدا. يېتىپتۇلەر ئارامگاھ ئەل لىۋان چەشمىش زىباھ باغرى، نىگاھ يەڭلىغ قارا تۈننى ناھار ئەيلەپ دىياسىدا. مەۋلانى يۇ شەمشىدىن ياسىننىڭ جۇلاسى بار، ئېرپان بېغى بېغىنىڭ گۈل-چىچەكتىن گىياسى بار. پىرىمغا جەننەت رىزىۋان ئاتا قىلغىن ئىخ خۇداۋەندە. مۇھەررەم ناخشىنى ئاڭلاۋىتىپ، خۇددى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولىدۇ. ئۇ ئۆيىگە قايىتقاندىن كىيىن ناخشىنىڭ تىكىستىدىن مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئوپال يىزىسىنىڭ ئازىق كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىگىدىن ئىبارەت يىپ ئۇچىغا ئېرشىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن تارىخىي مۇزىيخانىدا ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىگىدىن دەرس تەكرارلاپ، ئالىي مەكتەپكە ئىنتىھام بېرىش ئۈچۈن ئۆگىنىش قىلىدۇ. ئۇ ئاخىرى ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىى ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇكەررەم مۇھەررەمنىڭ ئاچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مىجەزى چۇس،ھورۇن، بىلىمگە ئىنتىلمەيدىغان ئويۇن-تاماششاغا ئامراق قىزنىڭ ئوبرازى. فىلىمدە بۇ ئاچا-سىڭىل ئىككى قىز ئالاھىدىلىكى سىلىشتۇرلۇش ئارقىلىق، مۇھەررەمنىڭ خاراكتىرى تاماشىبىنلارغا ئالاھىدە ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ. مۇھەررەم خاتىرسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«مەن بۈگۈن توساتتىن بىر تارىخىي ناخشا ئاڭلاپ قالدىم. بۇ ناخشىدا ھەززىتى موللامنىڭ ئوپالدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇ بوۋاينىڭ شۇنچە مەدىھلەپ، ئوقىغان ناخشىسى ھەززىتى موللام مەخمۇت قەشقىرى بولمىسۇن يەنە. ئالىمجان مېنىڭ ئوي-پىكرىم ھامان سىزدە.قانىتىم بولغان بولسا، ئۇچۇپ بېرىپ سىزگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزسەم، نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟ سىزئەڭ يۇقىرى ئۆتكەلدە يۇقىرىغا قاراپ كىتىۋاتىسىز، جاھانغا مەشھۇر بولغان «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ ئىگىسى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى تۈگىمەس تالاش-تارتىشلار سىزنىڭ ئىزدىنىشىڭىزدا ئېنىقلىنىپ چىقسا، ئۆمرىمىز ھەقىقىتەنمۇ بىھۇدە ئۆتمىگەن بولاتتى.» ئالىمجان سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، قاسىم بوۋاينى ئىزدەپ، جاپالىق ئىزدىنىپ، ئاخىرى بوۋاينى تاپىدۇ، بىراق بوۋاي ئۇنىڭ ھەززىتى موللام ھەققىدىكى سۇئالىنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كەتكىنىدىن ساراڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. شۇڭا ئالىمجان قاسىم بوۋايدىن ھېچقانداق يىپ ئۇچىغا ئېرشەلمەيدۇ. بىر قانچە كۈندىن كىيىن مۇھەررەم ئالىمجان بىلەن ئۇچرۇشۇپ، ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئالىمجان تەشكىلنىڭ تاپشۇرقى بويىچە قەتئى نىيەتكە كىلىپ، شۇ يۇرۇتتىكى داموللاھاجىمنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن مەخمۇت قەشقىرى يېزىپ قالدۇرغان قوليازما ۋە مەدىنىي يادىكارلىقلارنى تاپشۇرىۋالىدۇ. بۇ ئىشتىن ئالىمجان چەكسىش خوشاللىققا چۈمىدۇ. بۇ قوليازمىدا مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قەۋرىگايى ئوپال يىزىسىنىڭ ئازىق كەنتىدە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقىي دەلىل-ئىسپات بار ئىدى. شۇڭلاشقا ئالىمجان داموللاھاجىمنى قۇچاقلاپ، ئۇنىڭغا كۇرمىڭ تەشەككۇر بىلدۈرۈپ، خوشاللىق ياشلىرىنى تۆكىدۇ. قۇربان ھېيىت كۈنى جامائەت بۇ قوش بايرامنى تەنتەنە قىلىپ، شاتلىققا چۆمىدۇ. ئالىمجاننىڭ ئانىسى- مىھرىنساخان ئوغلىنى ئۆيلەش ئۈچۈن مۇھەررەمنىڭ ئۆيىگە ئەلچى ئىبەرتىدۇ. كۈتمىگەندە ئەلچىلەر ئالىمجان ياخشى كۆرىدىغان قىز مۇھەررەمنى مۇكەررەم دەپ ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. بىر قاتار زىددىيەت توقۇنۇشلار ئارقىلىق ئاخىرى يەنە ئالىمجان بىلەن مۇھەررەمنىڭ توي ئىشىدا بىرلىككە كىلىدۇ.ئاخىرى ئالىمجان خىزمەتتە تۆھپە ياراتقانلىقىتىن بېيجىڭغا ئوقۇشقا بېرىش ئۈچۈن ئايدۇرۇمغا ماڭىدۇ، مۇھەررەم،مۇكەررەم قاتارلىق بىر مۇنچە خىزمەتداشلىرى قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، ئوقۇشقا ئۇزۇتۇپ قويىشىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ مۇۋاپىقيىتى توغرىسىدا: بۇ فىلىم ئىشلىنىش جەھەتتە قەشقەردە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئوپال يىزا ئازىق كەنتىدىكى مەقبەرىسى ئەينەن سۈرەتكە ئېلىنغان. فىلىمدىكى يەرلىك ئورۇنلار ھەقىقىي بولۇپ، فىلىمدىكى ئاساسلىق پىرسۇناژلاردىن ئالىمجان رولىدىكى ئارىسلان، مۇھەرەم رولىدىكى دىلنار ئابدۇللا، ئىززەتخان رولىدىكى ئايشەم كىرىم،مەخمۇت قەشقىرى رولىدىكى مىرادىلھاجىم قاتارلىق سەنئەتكارلار ئاساسلىق رولنى تولىمۇ تەبىيئى،يارقىن، ئوبرازلىق ئېلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ھىسداشلىقىغا ئىرىشكەن. فىلىمدىكى ناخشا-مۇزىكىلار تولىمۇ يېقىملىق بولۇپ، ئۇيغۇر ئالىمى-مەخمۇت قەشقىرىنىڭ ئوبرازىنى ئىپادىلەپ بېرىشتە تۈرۈتكىلىك رول ئوينىغان. فىلىمدە مۇھەررەم ۋە مۇكەررەمدىن ئىبارەت ئاچا-سىڭىل ئىككى قىزنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىگى رۇشەن ھالدا سىلىشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئالىمجان بىلەن مۇھەررەمدىن ئىبارەت دەۋرىمىز ياشلىرىمىزنىڭ ئالىجاناپ پەزىلىتى،جاپا-مۇشەققەتتىن قورىقمايدىغان يۈكسەك روھىنى كەڭ ياشلارنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشىگە قارىتا دەۋەت قىلىنغان. بۇ فىلىم يازغۇچى-مەمەتئېلى زۇنۇننىڭ تىلۋىزىيە فىلىم ئىجادىيىتىدىكى موھىم بىر تۆھپىسى بولۇپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ناھايىتى موھىم رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا كەڭ تاماشىبىنلارنى خۇددى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك ھىس-تۇيغۇغا ئىگە قىلىدۇ. يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
|