بۈگۈندىن باشلاپ قىزىقارلىق رازۋىتكا ھىكايىلىرى ھەم قىزىقارلىق خۇلاسە جاۋابلىرى كەمىنە مەلىكەنىڭ ۋاقتى بولسىلا مۇنبەرگە يۇللىنىپ تۇرىدۇ، ھەم توغرا تاپقۇچىلارنى ئۆزۈم مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلايمەن، خاتا تاپقۇچىلار ئاخىرىدا ماڭا 30 مۇنبەر پۇلى جازا سۈپىتىدە ئۆزىنى سوراپ قوشۇپ قويسۇن، بۇنداق بولغاندا توغرا جاۋاب بەرگەنلەرنىڭ مۇكاپاتنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈشكە پايدىسى بار.
ماشىنا توسقۇچى
ساقچى ماشىنىدىكى سىمسىز تېلىفۇن سايراپ كەتتى، تېلىفۇندا ساقچىخانا باشلىقى چارلىغۇچىلار باشلىقىغا :10مىنۇت ئىلگىرى زىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان مەرۋايىت دۇكىنىدىن بىر تۈركۈم قىممەت باھالىق ماللارنى بۇلاپ تۆت نەپەر جىنايەتچى،ئىككىنجى نومۇرلۇق يۇقىرى سۈئەتلىك تاشيولدا غەربىي جەنۇب تەرەپكە قاچتى،- دەپ مەلۇم قىلدى.
خونتىر (رازۋىتچىك) تىلفۇننى قويۇپ ماشىنىنى ئايلاندۇرۇپ ئىككىنجى نۇمۇرلۇق يۇقۇرى سۈرەتلىك تاشيولغا قاراپ كەتتى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالىنى ئىچىۋەتتى. ساقچى ماشىنىسى يۇقۇرى سۈرەتلىك تاشيولدا ئۇچقاندەك كىتىۋاتاتتى،سىرتنىڭ تىمپىراتۇرىسى36سىلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ئىدى.
بىر ئاز ئۆتكەندىن كىيىن ماشىنىنىڭ ئالدىنى بىر ياش يىگىت توستى،مۈرىسىگە بىر ساياھەت سومكىسى ئىسىۋالغان ئىدى. چارلىغۇچىلار باشلىقى ماشىنىدىن چۈشۈپ <<سىز بۇ يەردە تۇرغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟>>دەپ سورىدى.
<<تەخمىنەن بىر سائەت.>>
<<سىز بۇ يەردىن تۆت-بەش ئادەمنىڭ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كەتكەنىكىنى كۆردىڭىزمۇ؟>>
<<كۆردۈم،ئۇلار بۇ يەردىن سولغا بۇرۇلۇپ ماڭدى،ماشىنا سۈرئىتى ناھايتتى تېز بولغاچقا،مېنى سوقۇۋىتىشكە تاسلا
قالدى.>>
چارلاش ساقچىسى ماشىنا توسقان ئادەمگە قاراپ:<<ياخشى، ماشىنىغا چىق>>،دىدى.
ماشىنا توسقۇچى ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا ئولتۇردى،چارلاش ساقچىسى سىمسىز تېلفۇننى ئىلىپ،ئىدارە باشلىقىغا:<<ئىدارە باشلىقى، بىر ئادەم جىنايەتچىلەرنىڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيۇلدىن سول تەرەپتىكى كىچىك تاشيولغا قاراپ قاچقانلىقىنى كۆرۈپتۇ،>>دەپ دوكلات قىلدى.
ماشىنىنى توسقۇچى ساياھەت سومكىسىنى ئىچىپ چارلاش ساقچىسىدىن:<<سىز شاكىلات يىيىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟>> دەپ سوراپتۇ.چارلاش ساقچىسى شاكىلاتنى ئالغاچ رەھمەت ئىيتىپتۇ ھەمدە يىرىمىنى ماشىنا
توسقۇچىغا بىرىپتۇ.
بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن ساقچى ماشىنىسى ئىدارىگە يىنىپ كەپتۇ،چارلاش ساقچىسى ماشىنىدىن چۈشۈپ تاپانچىسىنى ماشىنا توسقۇچىغا تەڭلەپ تۇرۇپ:<<قولۇڭنى كۆتۈر! سەن قولغا ئىلىندىڭ، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى!>> دەپتۇ.
ماشىنا توسقۇچى قوققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ.
دەپ بىقىڭلار، چارلاش ساقچىسى ماشىنا توسقۇچىنىڭ شۇ جىنايەتچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىكەنلىكىنى
قانداق بىلىۋالغان؟ تىپىۋالغۇچىلارغا مۇنبەر پۇلى سۆيۈنچە.
رازۋىتكا ھىكايىلىرىدىن . __مەلىكە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-4 11:31 AM