مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2675|ئىنكاس: 0

جۇڭگۇ ئىشچىلىرى ۋە رۇسىيە دېھقانلىرى جىدەللەشتى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8410
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1473 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 11:16:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگۇئىشچىلىرى ۋە رۇسىيەدېھقانلىرى جىدەللەشتى


يەرشەرى ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرى خەۋرى، رۇسىيە يىراق شەرىق  يېركۇزىكې شىتاتىدا يېقىندا جۇڭگۇئىشچىلىرى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا زور كۈلەمدە تۇقۇنۇش يۈزبەرگەن. رۇسىيە" كومۇنىستىك ياشلارئىتىپاقى ھەقىقەت گېزىتى"نىڭ 2-چىسلادىكى خەۋرىگە قارىغاندا ئىككى تەرەپ بېلىق تۇتۇدىغان ئارا، كالتەك، يېقىلغۇ بۇتۇلكىسى قاتارلىقلارنى ئىشقاسالغان، ماجراغاقاتناشقانلارسانى 80 ئادەمدىن ئاشقان. يەرلىك ئاھالىلەر شۇكۈنى  كەنىت ئاھالىلەر چوڭ يىغىنى چاقىرىپ، جۇڭگۇلىقلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان، يەرلىكلەر جۇگۇلىقلارنى ھەتتا " بۇلاڭچىلار" دەپلا ئاتاۋەرگەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە جۇڭگۇلىقلار يەرلىكلەرنىڭ سودا پۇرسىتىنى تارتىۋالغان ئىكەن."كومۇنىستىك ياشلارئىتىپاقى ھەقىقەت گېزىتى"نىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، شۇچاغدا بۇشىتاتتىكى يەرلىك ئاھالىلەر بىر ياغاچ ماتىرياللىرى زاۋۇتىدىكى جۇڭگۇلىق ئىشچىلارنىڭ ئەخلەتلەرنى  قالايمىقان تاشلىشىغا چىداپ تۇرالماي نارازىلىق بىلدۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگۇئىشچىلىرى تىلفۇن قىلىپ 40دىن ئارتۇق ھەمراھلىرىنى چاقىرىپ كىلىپ زورلىق قىلغان، كىيىن يەرلىكلەرمۇ جۇڭگۇئىشچىللىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ مۇنازىرىلەشمەكچى بولغان، ئەمما ئۇلار تېخى ئەمدىلا گەپ باشلىشىغىلا جۇڭگۇ ئىشچىلىرى  بېلىق تۇتىدىغان ئارا، كالتەكلەربىلەن يەرلىكلەرنى ئۇرۇپ كەتكەن، ھەم يەرلىكلەرنىڭ ھەيدەپ كەلگەن ماشىنىسىنى چېقىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ماجراغا قاتناشقانلار سانى بارغانسىرى كۈپۈيىپ، ئىككى تەرەپ تاش، بۇتۇلكا لارنى ئىشلەتكەن، يەرلىكلەر ياغاچ سېتىۋېلىش پونكىتىنىڭ  ياغاچتىن ياسالغان قوروتېمىغا ئوت قۇيىۋەتكەن، ھەمدە پونكىت ئىچىگە يېقىلغۇ بۇتۇلكىسى ئاتقان، ئەڭ ئاخىردا يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئارلىششى بىلەن كىشىلەر تارقىلىپ كەتكەن. ماجرادا ئادەم  ئۈلۈش ۋەقەسى كۈرۈلمىگەن، ئەممە 6ئادەم يارلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. نۆۋەتتە ساقىچلار جۇڭگۇلىقلار تۇرۇشلۇق جاينى قوغداۋاتقان ئىكەن. ئەمماشۇكۈنى يەرلىك ئاھالىلەر چوڭ يىغىن چاقىرىپ، 200دىن ئارتۇق ئادەم بىردەك قۇشۇلۇش ئارقىلىق، جۇڭگۇلىقلارنى تىزدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان، يەرلىك دائىرلەر جۇڭگۇلىقلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى تەكشۈرگەن بۇلۇپ، رەسمىيەتلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بايقاپ، جۇڭگۇلىقلارنى قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېسقىلغان.بۇكەنىتتە 600نەپەر ئاھالە بۇلۇپ، 5 يىل ئىلگىرى جۇڭگۇلىقلار كەنىت باشقۇرۇش كومىتىتى ئارقىلىق بۇيەردىن بىرپارچە يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ ياغاچ سېتىۋېلىش پونكىتى قۇرغان ئىكەن، يەرلىك كۆچمەنلەر ئورگىنىنىڭ دىيىشىچە، دەسلەپتە جۇڭگۇلىقلار سېتىۋالغان ياغاچ باھاسى خېلى يۇقىرى بولغاچقا يەرلىكلەر خوش بولغان،  ئەمما ياغاچ مەنبەسىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگۇلىقلار سېتىۋېلىش باھاسىنى تۈۋەنلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن يەرلىكلەرنىڭ نارازىلىقى قوزغالغان. ئۇندىن سىرىت، جۇڭگۇلىقلارنىڭ "سودا پۇرسىتى" نى تارتىۋېلىشىمۇ يەرلكىتىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. يەرلىكتىكى 600 ئاھالىنىڭ 200دىن ئارتۇقى جۇڭگۇلىقلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان، بۇنىڭغا يەرلىكتىكىلەرنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ جۇڭگۇلىقلار تەرىپىدىن ئىگەللىنىپ كىتشىدىن ئەندىشە قىلىشى سەۋەپ بولغان ئىكەن. يەرلىك ئاھالە مۇخبىرغا: " جۇڭگۇ ئىشچىللىرى بىزنىڭ ئورمان بايلىقىمىزنى بۇلاپ كەتمەكتە، شۇنداقلا ئۇلار ھاراق ئىچىپ مەسىت بۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى تۇلۇمۇ چاكىناۋە ھاياسىز " دېگەن.مەنبە: تىڭشۈن تورى، ئەسلى مەنبە:

http://news.qq.com/a/20120704/000073.htm


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-4 01:03 PM  


ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tohtihan1 + 10 بىزمۇ قوغلايلى
XERHAN + 10 مىتە قۇرىتلەر.....
muttelib + 10 ھەممە ئادەم بىزدەك يۇ.
国民党 + 10 ھەممە دۆلەتتە باركەن .
yawaat0998 + 10 نەگە بارسا شۇيەردە رە.
KURAX.JAN + 10 خوش خەۋەركەنغۇبۇ
kaisar + 20 ھەممە يەرنى سىسىتىپ
zanjir34 + 10 رەزگى چوشقىلارنى ئېتى.
nazife + 10 بىزلا قالدۇق قوغلىمىغ.
!UYGHURJAN + 11 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 111   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش