خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسىدىكى قىز ئوقۇغۇچىلار مىللىيچە
ئالاھىدىلىككە ئىگە مەكتەپ فورمىسى كەيدى
تۈنۈگۈن 12:09 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (61.51 KB)
تۈنۈگۈن 12:09 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (68.38 KB)
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (خوتەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى روزى توختى، ئەلى شىرئەلى فوتوسى، خەۋىرى) كىيىم – كېچەك مىللىي خاسلىقنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. 15 – ئىيۇن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان تەۋەككۈل يېزىسى «مىللىيچە مەكتەپ فورمىسى كىيىش، يارقىن ياشلىق سالاپەتنى ئىپادىلەش» تېمىسىدىكى مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى.
شۇ كۈنى، خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسىدىكى ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 100 قىز ئوقۇغۇچىسى ئەتلەستە تىكىلگەن مىللىيچە تۈس ئالغان مەكتەپ فورمىسى ۋە دوپپىنى كىيىپ، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى باشلامچى قىلغان، ئوقۇغۇچىلار فورمىسى ئىسلاھاتىدىكى ئالدىن سىناش خىزمىتى تەجرىبىسىنى نامايان قىلدى. تەۋەككۈل يېزىسى ئوتتۇرا مەكتىپى سەنئەت ئەترىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان «تەۋەككۈل ناخشىسى» ۋە «بادام» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلىدى، گۈزەل مىللىي تۈستىكى مەكتەپ فورمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەپىس ئۇسسۇلى تەۋەككۈل يېزىسىدىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ يارقىن ياشلىق سالاپىتىنى ئىپادىلەپ بەردى.
يېڭى مەكتەپ فورمىسى ئەتلەس بىلەن لايىھەلەنگەن كىيىم ۋە دوپپا بولۇپ، ئۇيغۇر قەدىمىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغان، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئەتلەسنىڭ رەڭگى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، قۇملۇق ئەتراپىدىكى زېرىكىشلىك مۇھىت بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما بولالايدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رېئال ۋە كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە تەلپۈنۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىلى زۇلخۇمار مەمتىمىن: «بىزنىڭ مەكتەپ فورمىمىز ناھايىتى چىرايلىق، ناھايىتى راھەت ھېس قىلىمىز. بۇ فورما بىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەكلىرىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا يەنە مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە ھازىرقى زامان ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولۇپ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە قايتقاندەك ھېس قىلىمىز.» دېدى.