مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5100|ئىنكاس: 43

«ئۇيغۇر» دىگەن سۆز ھەققىدە بىر كەلىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4860
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 06:20:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز مىسرانىمداشلار ۋە باشقا تورداشلار .

ئەگىتىپ ئولتۇرماي ئۇدۇل مەقسەتكە كىلىلى ، بۈگۈن بىرەيلەن مىسرانىمغا ئۇيغۇر ئەمەس ئۇيىغۇر دەپ بىر تېما يوللاپتۇ ،  تارىخى يازمىلارنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ يازغان تېما ئىكەن ، ھەم بىرمۇنچە رەددىيەلەر بىرىلىپتۇ ، كۆپىنچە تورداشلا  "ئۇيغۇر"  دىگەن سۆزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ .

توغرا ، ھەممىمىزگە شۇنداق ئىللىق مىھىرلىك ئاڭلىندىغان ئۇيغۇر سۆزىگە ھەممىمىز كۈنۈپ كەتكەن ،مەيلى باشقا مىللەت بولسۇن مەيلى ئۆز قەۋمىمىز بولسۇن ، ھەممىسى  ئۇيغۇر دەپ كۆنگەم ، ھالا بۈگۈنكى كۈندە ، تۇساتتىن بىرەيلەن كىلىپ بىر ھەرىپ چۈشۈپ قاپتۇ ، ئەسلى مۇنداقتى دىسە ، ھىچكىم قۇبۇل قىلمايمىز ، چۈنكى شەخسەن ماڭا "ئۇيىغۇر " دىگەن سۆز شۇنداق قوپال ئاڭلاندى ، ھەم  ئىملا خاتالىقىدەك ھېس قىلدىم .

راس ئۇيىغۇرمۇ ؟؟    ياق !   

ئۇيغۇر دىگەن سۆز نىمە ئۈچۈن ئۇيۇشۇش دىگەن مەنىدە ؟   

ئەسلى بۇ مۇنداق :   

ئۇيغۇر دىگەن سۆز  "ئۇي" ۋە  "غۇر" دىگەن ئىككى بۇغۇمدىن ياسالغان ، بۇ يەردە ئۇي دىگەن ئۇيۇش دىگەن
مەنانى ئىپادىلگەن ،  غۇر سۆزى بولسا  "غۇچى " دىگەن قۇشۇمچە بۇلۇپ كەلگەن ، مەسىلەن " ئەتكۈچى ، قىلغۇچى
...دىگەندەك.

چاپچىپ تۇرىدىغان ، چاپسا ھەممىنى ئارقىدا قالدۇردىغان ئاتلارنى بىز "چاپقۇر" ئات دەپ ئاتايمىز ، بۇ يەردىكى چاپ سۆزى ھەرىكەن ، قۇر دىگەن قۇشۇمچە ، شۇنىڭ بىلەن ئىسىم بۇلۇپ ئۆزگەرگەن .

بۇمىسال ئارقىلىق ، چاپقۇر ۋە ئۇيغۇر دىگەن ئىككى سۆزنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى ،  ئۇيغۇر دىگەن سۆزدىكى ، ئۇي بولسا بۇ سۆزتۇمۇرى ، غۇر بولسا قۇشۇمچە ، تىلىمىزدا -غۇر،-قۇر،--كۈر دىگەندەك قۇشۇمچىلار بار .  ئۇيغۇر بولسا  ئۇي دىگەن سۆزتۇمۇرىغا غۇر قۇشۇمچىسى قۇشۇلۇپ ياسالغان ، چاپقۇر بولسا  چاپ دىگەن سۆز تۇمۇرىغا  قۇر دىگەن قۇشۇمچە قۇشۇلۇپ ياسالغان .  

كىچىك ۋاقتىمىزداقىش ۋاقتىمىزدا قامچا بىلەن ئۇرۇپ چۆرگىلىتىپ ئوينايدىغان نۇرنى ، تازا ئۇرۇپ مەلۇم سۈرئەتكە يەتكەندە ، چۈرگىلەۋىتىپ قېتىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمىز ، بۇچاغدا  كىچىك باللار ھاياجابلىنىپ " قارا قارا ، مىنىڭ نۇرام ئۇيىدى " دەپ توۋلايدۇ ؛   ئۇنىڭدىن باشقا ، قېتىق ئۇيۇتۇش دىگەندەك سۆزلەر بار ....

شۇڭا  "ئۇي" دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز ، ئانا تىلىدىن خەۋىرىمىز بولغان ھەرقانداق بىرىمىز بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بىلىمىز.

ئەركەك كالىنى "ئۇژا، ئۇژ " دەيمىز ، ھەرگىز "ئۇي"  دىگەن سۆز بىلەن ئارلاشتۇرۋىتىشكە بولمايدۇ .

ئۇيغۇر دىگەن نامغا ئۇنداق بۇنداق دەپ چات كىرىپ يۈرگىلى ، ھەم خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ، شۇنىڭ
ئۈچۈن بۇ  تېما ئارقىلىق رەددىيە بىرىلدى ، ئايرىم تېما قىلىپ يوللىشىمدىكى سەۋەب ، ھەممە ئادەم كۆرسۇن ،
ئۇيغۇر دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە قۇرۇلمىسى ھەققىدە چۈشەنچە ئىنىق بوپ كەتسۇن دەپ ئويلىدىم.

ئۇيغۇر دىگەن بۇ سۆز ھەرگىزمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن چۈشەنگىلى بولمايدىغان سۆزلۈك ئەمەس، ئۇي سىگەن سۆز ۋە  غۇر دىگەن قۇشۇمچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بار .

ئەڭ ئاخىردا ، ئۇيىغۇر ئەمەس ئۇيغۇر !  ئۇرغۇي مۇ ئەمەس ئۇيغۇر ! uigur   uighur ئەمەس بەلكى uyghur  ئەڭ ئۆلچەملىك ! 维族ئەمەس  بەلكى 维吾尔族  !!

مەنبە : ھازىرقى زامان ئانا تىلىمىز !

باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپ قويساڭلا ، ئۇيغۇر دىگەن بۇ بەك ئۇلۇغ نام ، خاتا تەلىماتقا ۋاقتىدا رەددىيە بەرمىسەك بولمايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YAZR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-3 06:34 PM  


ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79982
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3992
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 07:45:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا  !قولىڭىز غا دەرت بەمرىسۇن ،
مەنمۇ مۇشۇنداق ئىنكاس يازغان،....
بەزىلە راستىنلا جۆيلۇپ نام چىقىراي دەپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79982
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3992
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 07:45:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا  !قولىڭىز غا دەرت بەمرىسۇن ،
مەنمۇ مۇشۇنداق ئىنكاس يازغان،....
بەزىلە راستىنلا جۆيلۇپ نام چىقىراي دەپتۇ

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 07:52:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ تىمىدىكى پاكىتنى قوللايمەن مەنمۇ ئەزەلدىن مۇشۇ خىل ئاتاش ئەڭ توغرا دەپ چۈشۈنۈپ كەلگەن ، ماۋۇ ئادەمگە پۇقاق چىققاندەك نەدىن پەيدا بولدى ئۇيىغۇر دىگەن مەتۇ سۆز؟

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81687
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3096
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 07:52:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kuy@x يوللىغان ۋاقتى  2012-7-3 07:45 PM
يائاللا  !قولىڭىز غا دەرت بەمرىسۇن ،
مەنمۇ مۇشۇنداق ئىن ...

جۆيلۈپ نام چىقارماقچى بولغانلا بەلكىم ، [ ئاپپاق غوجا ، ئىپلاس ]غا ئىتىقاد قىلىدىغان چىغى  !
ياكى شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەللىدىن ،

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 07:56:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
delim يوللىغان ۋاقتى  2012-7-3 07:52 PM
جۆيلۈپ نام چىقارماقچى بولغانلا بەلكىم ، [ ئاپپاق غوجا  ...

ھاي ھاي ھاي بەك ھەددىدىن ئىشىپ كىتىپتۇ ماۋۇ سۆزىڭلا ، بەلكىم ئۇنىڭمۇ ئىزدىنىشىدۇ بەلكىم ،باشقىچە پىكىرلەرگە كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلايلى . دىمكىراتىيە دىگەن شۇ .
گەپ قىلغاندا سەل ئۈزىمىزنى بېسىۋېلىپ ئالدىرىماي سۆزلەيلى بۇرادەر.

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 07:58:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن زادىلا ئۇيغۇر ،،،......

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 08:04:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمەن،نورغۇن تارىخى ئىسپاتلاردا ئۇيغۇر دەپ ئېلىنغان.

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 08:05:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر دىگەن سۆزنىڭ ھەقىقەتەن ئىسىل مەنىسى بارلىقىنى بىلىۋالدىم رەھمەت چۈشەندۈرۈپ قويغىنىڭىزغا

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 08:12:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتتۇرا ئەسىردە ھۆكۇم سۇرگەن « خاقانىيە » ۋە « ئۇيغۇر ئېلى » تېرىتورىيىلىرىدە ياشىغان خەلق ئوز تىلىنى ئورتاق ھالدا « تۇرك تىلى »، ئوزلىرىنى بولسا « تۇرك » دەپ ئاتىغان. ئوزلىرىنىڭ سىياسىي ھاكىميەتلىرىنى « خاقانىيە » ۋە « ئۇيغۇر ئېلى » (ئون ئۇيغۇر ئېلى دەپمۇ ئاتىغان) دەپ ئاتاشقان. ماھمۇد كاشغەرى خاقانىيىلىكلەرنى « خاقانىيە تۇركلىرى » دەپ ئاتىغاندەك، سىڭقو سەلى تۇتۇڭ « تۇرك ـ ئۇيغۇر » دەپ ئاتىغان. خۇددى ماھمۇد كاشغەرى « ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى » دىگىنىدەك « ئۇيغۇر » سىياسىي نام ئىدى، يەنە بىر جەھەتتىن جۇغراپىيىلىك نام ئىدى. لېكىن خەلقنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىمىغان، ئۇلارنىڭ تىلى بولسا « ئۇيغۇر تىلى بولسا »ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇركلەرنىڭ تىلى ئىدى، ئۇلار موڭغۇللارغا خىزمەت قىلغان چاغلاردا مۇسۇلمانلاردىن ئوزلىرىنى پەرقلەندۇرۇش ئۇچۇن دولەت نامى بويىچە ئوزلىرىنى ‹‹ئۇيغۇر›› دەپ ئاتاشقان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمغا ئىگە سىياسىي نامدۇر. شۇڭىمۇ مىرزا ھەيدەر كورگانى ‹‹تارىخىي رەشىدى›› ناملىق كىتابىدا ئاقسۇنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ‹‹ئۇيغۇرىستان›› دەپ يازغان.

تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ليويتاڭ « ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات » ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: « تۇرك ۋە غەرب ئالىملىرىنىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بۇگۇنكى شىنجاڭ رايونىنى يادرو قىلغان ھالدا غايەت چوڭ خانلىق قۇرغان». مەيلى قانداق بولمىسۇن يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا « ئۇيغۇر » نامىنى مىلادىيەدىن خېلىلا ئىلگىرى پەيدا بولغان ھەمدە ھازىرقى شىنجاڭنى مەركەز قىلغان ھالدا ياشىغان « ئۇيۇشقان » بىر ئىنسانلار توپىنىڭ ۋە سىياسىي نامى سۇپىتىدە خىزمەت قىلغان.


« ئۇيغۇر » دىگەن بۇ نام مىلادىيە 1350 ـ يىللاردىن 1935 ـ يىللارغىچە ئۇنتۇلۇپ ئۇنىڭ ئىزىغا « تۇرك » دىگەن ئەسلى نام قوللىنىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوزلىرىنى يۇرت نامى بىلەن پەرقلىق ئاتىغان، مۇسۇلمان دەپ ئاتاشمۇ بىر خىل مىللەت نامى تۇسىنى ئالغان. ئۇنداقتا « ئۇيغۇر » دىگەن بۇ مىللەت نامى قانداقچە قايتىدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟


بۇمەسىلىنى ئالدى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەتكە باغلاپ چۇشىنىش مۇمكىن. مىلادىيە 20 ـ ئەسىردە دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئاجايىپ ئوزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى ئاغدۇرۇلۇپ جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلدى. چاروسىيە ئاغدۇرۇلۇپ تۇنجى سوتسىيالىستىك ئىمپىرىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى. سوۋېت ئىمپىرىيىسى بارلىققا كېلىشى بىلەنلا ئوزىنى پۇتكۇل دۇنيادىكى ئېزىلگۇچىلەرنىڭ باشلامچىسى دەپ ئېلان قىلدى ھەمدە تۇرلۇك ئاماللار بىلەن غەربىي تۇركىستاننى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى. پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىيانى مەڭگۇ ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۇچۇن گۇرۇھلارغا بولۇپ ئىدارە قىلىش زورۇر بولۇپ قالدى. بۇ خۇددى ‹‹ئۇيغۇرلار يەڭىدىن بارلىققا كەلگەن مىللەت گەۋدىسى بولۇپ، ئۇ تەسەۋۋۇر ئىچىدىكى تارىخىي ئەنئەنە ۋە يېقىنقى سىياسىي ئەھتىياج تۇپەيلىدىن يەرداشلىقنى بىرىكتۇرۇپ باشقىلار تەرىپىدىن كەشپ قىلىپ چىقىلغان›› دىيىلگەنگە ئوخشاش مەلۇم پەرقلەرنى ئاساس قىلىپ يېڭى مىللەتلەر ياساپ چىقىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر ۋە ئوزبەك بارلىققا كېلىپ تۇرك نامى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىلدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqi.mardan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-3 08:18 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش