مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3439|ئىنكاس: 115

قاسىم سىدىق:نەتىجەۋە مۇكاپات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1398 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 02:00:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نەتىجەۋە  مۇكاپات


قاسىم سىدىق


«يىڭى نەتىجە» ــــ ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنىڭ پاراۋۇزى.بىزنىڭ دىققەت مەركىزىمىزدە «مۇكاپات» ئەمەس «نەتىجە» تۇرۇشى كىرەك.مەيلى ئۇ دۇنياۋى نەتىجە ياكى مەھەللىۋى نەتىجە،مەيلى چوڭ ياكى كىچىك نەتىجە بولسۇن.بىزدە ئالدى بىلەن «نەتىجە»گە ئىنتىلىدىغان ژۈرەك،«نەتىجە»نى كۈرۈپ،دەڭسىيەلەيدىغان كۈز بولىشى لازىم.

نەتىجىلەر ئالدىدىدا «مۇكاپات »كۈڭۈل بۈلۈپ كىتىشكە ئەرزىمەيدىغان بېزەك بۇيۇمىدىن ئىبارەت.نەتىجىسى يوق مىللەت شۇساھەدە ئۈزى يوق مىللەتتۇر.بۇنداق مىللەت تەقلىتچى سۈپىتىدە ،باشقىلارنىڭ كەمتۈك ۋارىيانتى سۈپىتىدەمەۋجۇت.بۇنداق مىللەتنىڭ ئىلىم-پەن دۇنياسىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

«يىڭى نەتىجە» ئەلۋەتتە كۈپ ئەجىر تەلەپ قىلىدۇ.لىكىن ئىلىم-پەن سىرلىقلاشتۇرۇش بىلەن كىلىشەلمەيدۇ.تەتقىقات ئۇسۇلىغا ئۈلۈك رامكا بىكىتىشكىمۇ بولمايدۇ.ئوخشىمىغان يوللاردا مىڭىپ سىناپ بېقىش كىرەك.


«يىڭى نەتىجە»ھەممىدىن مۇھىم ،يىڭى نەتىجىنىڭ مەيدانغا كىلىش جەريانى بەزىدە كۈتۈلمىگەن،بىزنىڭ تەساۋۋۇرىمىزدىن ھالقىغان ھالەتتە يۈز بىرىشىمۇ مۈمكىن.مانا بۇ«خاتالىقتىن كىلپ چىققان نوبىل مۇكاپاتى»دىگەن تېما بۇ نۇقتىنەزەرنى قوللايدۇ.رىنتىگىننىڭ  xنۇرىنى بايقىشىنىمۇ مۇشۇنداق تەسادىپى جەريان دىيىشكە بولىدۇ.ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرۇۋىلىپ توشقان تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقىنىم يوق.بىز تەتقىق قىلىش،ئىزدىنىش يوللىرىنىڭ كۈپ خىللىغىنى تەكىتلىشىمىز كىرەك.ھەممەيلەن بىرلا خىل قىلىپلىشپ كەتكەن يولغا كىرىۋالسا يىڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتى  ئاز ۋە ھەتتا يوق بولىدۇ.


ھە دىسىلا نوبىل مۇكاپاتىنى تەكىتلەش،بۇ مۇكاپاتنى ئىلمى ھەقىقەتلەرنىڭ ئۈلچىمى دەپ قارىۋىلىش ،ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە چۇقۇنۇش توغرا ئەمەس.ئىلىم-پەننىڭ تۈپ مەقسىدى مۇكاپات ئەمەس بەلكى ئىلمى ھەقىقەتكە ئىرىشىش ۋە ياكى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتۇر.مۇكاپاتلانغان نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسىلا شەك-شۈبھىسىز ئىلمى ھەقىقەت دەپ قارىۋىلىشنىڭ ئۈزى ئىلمى بولمىغان پۇزىتسىيەدۇر.تارىخنىڭ سىنىغىغا بەرداشلىق بىرەلىگەن نەتىجىلەرلا بىر قەدەر توغرا بولغان نەتىجە دەپ قاراش مىنىڭچە توغرا قاراشتىن ئىبارەت.ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ــ جۈملىدىن نوبىل مۇكاپاتىغىمۇ ھەر بىر كونكىرىتلىقتا رۇشەن دەۋىر تامغىسى بىسىلغان بولىدۇ.ئۇزۇن تارىخى مۇساپىلەردە بۇ تامغا خۇنۈكلىشىپ كىتىشى مۈمكىن.ئىلمى روھ،ئىلمى ئىزدىنىشلەرنى «مۇكاپات»بۈشۈگىگە بۈلىگىلى بولمايدۇ.نۈۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا ئاز بولمىغان كەسىپ ئىگىلىرى يىڭى بىر نۈۋەتلىك فىزىكا ئىنقىلاۋىنىڭ مەيدانغا كىلىدىغانلىغىدىن،بۇنداق ئىنقىلاپ فىزىكىدىكى كىلىشتۈرگۈسىز زىددىيەتلەر ۋەجىدىن يۈز بىرىدىغانلىغىدىن بىشارەت بەرمەكتە.شۇسى ئېنىقكى ،بىر قىتىملىق پەن-تخنىكا ئىنقىلاۋى ــــــــــ مەيلى ئۇ بۇرۇن ياكى كىيىن كىلىشىدىن قەتئىنەزەر ــــ ئالدىنقى دەۋىرلەردىكى ئاز بولمىغان«مۇكاپات»لارنى ئاسارە-ئەتىقەگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.ھازىر تەبىئەت پەنلىرىدە ھەرقانداق بىر پەننىڭ  مۇكەممەل رامكىسى قۇرۇلۇپ بولغىنى يوق.

ھەر تەرەپلىمە قارىغاندا ئۇيغۇر جەمىيىتى تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان«نەتىجە» شەيدالىغىغا بىرىلىشى كىرەككى،«مۇكاپات»شەيدالىغىغا بىرىلمەسلىگى كىرەك.ئالدى بىلەن بىز تارقىتىش ھوقۇقى ئەسلا بىزدە بولمىغان ئاللىقانداقتۇر «مۇكاپات»لار ئۈچۈن باش قاتۇرماي،«يىڭى نەتىجە»لەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ۋە ئىلمى باھالاش ئېقتىدارىمىزنى ئۈستۈرۈشىمىز كىرەك.مەن بىر قانچە يىلدىن بىرى شۇنى ھىس قىلدىمكى بىزدە بۇنداق ئېقتىدار تولىمۇ كەمچىل ئىكەن.بىزنىڭ ئالى مائارىپ تەربىيىسى كۈرگەن خىلى چوڭ ئىلمى قالپاقلارغا ئىگە بىر قىسىم زىيالىلىرىمىزدا مۇستەقىل ھۈكۈم قىلىش ئېقتىدارى تولىمۇ كەمچىل ئىكەن.مانا بۇ بىرمىللەتنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىغا نىسبەتەن كىشىنى ئۈمىتسىزلەندۈرۈدىغان مەنزىرە.

مۇستەقىل ھۈكۈم قىلىش ئېقتىدارى ــــــــــ موھىمنىڭ مۇھىمى،مەۋجۈتلۈكنىڭ ئەڭ ئالى شەكلى.«ئۈزى بولۇش» ـــــــ بىزنىڭ  ئىلگىرلىشىمىزدىكى ئالدىنقى شەرىت.ئۈزىنىڭ مۇستەقىل نەتىجىسى بولۇش،ئۈزىنىڭ نەتىجىلەرنى دىتلاش ساپاسى بولۇش،ئۈزىنىڭ ئىلمى تەنقىت ئىدىيىسى بولۇش قاتارلىقلار ـ «ئۈزى بولۇش»نىڭ كونكىرىت مەزمۇنلىرىدۇر.



تۈۋەندە نوبىل مۇكاپاتىنىڭ خاتا تارقىتىلغانلىغىغا  ئالاقىدار بەزى تېمىلارنىڭ ئولىنىشلىرىنى قالدۇردۇم:

خاتا تارقىتىلغان نوبىل مۇكاپاتلىرى(تېمىلار)

历史上诺贝尔奖的错误


诺贝尔奖发错之后

错颁的诺贝尔奖

2012.7.3
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=11594&page=1&extra


ئىمپىراتور

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64728
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 679
تۆھپە نۇمۇرى: 748
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 02:50:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇمكىن بولسا ئاسىتدىكى ئۇلانمىدىكى  خاتا ھالدا نوبىل مۇكاپاتى ئالغان نامزاتلار بار ئۇلانمىنى تەرجىمە قىلىپ يوللىۋەتكەن بولسىڭىز............. مەن بىر  كۆرگۈم باتى ، بەزەن يەرلىرىنى شۇنچە ئۇقۇپمۇ چۇشۈنەلمىدىم خەنچە سۆزلەرنىڭ!

DOTA hero alliance ADC, AP, ssqi auxiliary professional player

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7716
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7562
تۆھپە نۇمۇرى: 284
توردا: 4384 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 03:36:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاسىم سىدىق ئاكا ،  ھەق گەپ قىلسام ، سىز راستىنلا بىكارغىلا ئاۋارە بولىۋاتىسىز . ئىلىم پەندە ، جۈملىدىن ئىلمى تەتقىقاتتا ، ئۇنداق ئاسان ئىش يوق .
تورداشلار مېنى تىلىساڭلارمۇ مەيلى ،  بىراق ئەمىلليەت يەنىلا ئەمىليەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1673
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 03:55:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tarim315 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-3 03:36 PM
قاسىم سىدىق ئاكا ،  ھەق گەپ قىلسام ، سىز راستىنلا بىكار ...

مەنمۇ شۇنداق قاراشتا، 30 يىل بىكا كەتتى دىيەلمىسەمۇ ئىسراپ بولاپ كەتتى، نەدە ئايىغى چىقمايدىغان تازا ئەھمىيىتى يوق نەسىگە ئىسىلىۋالغىچە بۇ ئاكامىز شۇ 30 يىللق ئەجرىنى ئۆزىنىڭ كەسپى يىزىقچىلىق شايىرلىققا سەرىپ قىلغان بولسا نۆۋەتتە زامانىمىزدىكى ئەڭ كاتتا ئەدىپ بولۇپ قالاتتى ۋە بايمۇ بولۇپ كىتەتتى ، ئايىغى چىقمايدىغان يا ھازىرغىچە ئىتىراپ قىلىنىشقا ئىرىشەلمىگەن ئاتالمىش شەكىل نەزەرىيەسى بۇ ئاكىمىزنىڭ يازغۇچلىق تالانتىنى نابوت قىلىۋەتتى، بۇ ئاكىمىزنى فىزىكىغا قىزىقىپ يامان قىلدىڭىز دىمىدۇق ، ئەگەر فىزىكا ئىلمىدا پەننى ئومۇملاشتۇرغۇچى يازغۇچى بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتى يەنە باشقىچە بولاتتى، نۇرغۇن يىللارغا سوزۇلغان ۋە تالاش تارتىش قىلىنىپ ئايىغى چىقمىغان ئاتالمىش شەكىك نەزەرىيەسىنىڭ بۇ ئاكىمىزغا كۆپ دەخلى قىلغىنىنى ئويلىسام بۇ ئاكىمىزغا ئىچىنماي تۇرالمايمەن. 80-90 يىللىرى قاندا ياخشى شىيىرلارنى يازاتتى ھە، ھازىر شۇ كايىنات تورىنى قۇرۇۋىلىپ ئۇ يەر بۇ يەردىن تىما كۆچۈرۈپ كىلىپ چاپلاش بىلەن ئاۋارىدەك تۇرىدۇ.
سالامەت بولۇڭ ئاكا، خۇدايىم ئۆمرىڭىزنى بەرسۇن، تىخىمۇ ياخشى شىيىر ھىكايە رومانلىرىڭىزنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز، قويۇڭ ئۇ نەزەرىيەلىرىڭىزنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1781
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6834
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 5256 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 04:09:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tarim315 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-3 03:36 PM
قاسىم سىدىق ئاكا ،  ھەق گەپ قىلسام ، سىز راستىنلا بىكار ...

بۇ يەردىكەنسىز ئېنىم تارىمجان!! ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم ، يەنىلا شۇ خاتا ھۆكىمىڭىز ھەققىدە. كۆرۈپ بېقىڭ.
ياشتىن قېرىسىغىچە ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ ياتسا، ھېچ بىر  قېيىن ئاسان بولمايدۇ تارىمجان!!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1781
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6834
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 5256 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 04:26:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yaro يوللىغان ۋاقتى  2012-7-3 03:55 PM
مەنمۇ شۇنداق قاراشتا، 30 يىل بىكا كەتتى دىيەلمىسەمۇ ئى ...

چۈشىنەلمىگەن ياكى خاتاسىنى تۇتۇپ كۆرسىتەلمىگەن نەزەرىيەنى «ئاتالمىش» دېمەڭ.
بۇ دۇنيادا تېخى 30 يىلمۇ ياشىمىغان بولسىڭىز ، بىراۋنىڭ 30 يىللىق ئىزدىنىشىنى ئايىغى چىقماس،    ئەرزىمەس ، قۇرۇق ئاۋارىچىلىق سانىماڭ.
بىراۋنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ، پۇل ۋە نامنى تەرك ئەتتى دەپ ئەخمەققە چىقارماڭ.
بىراۋنىڭ تالانتنى بايقىغۇدەكمۇ ھالىڭىز بولمىسا،  تالانتى ئۆلدى ، نابۇت بولدى ، تۈگەشتى دەپ ھۆكۈم قىلماڭ.
قىسقىسى ، چۈشەنمىگەن ياكى چۈشىنىشنىمۇ خالىمىغان تېمىلارغا ئاقساقاللىق قىلىپ سۆزلىمەڭ..!!

   

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gvlqay + 10 دۇرۇس!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47565
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1184 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 04:37:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىملا

ئىنتىلىدىغان ژۈرەك،    دەڭسىيەلەيدىغان كۈز    دەپ نەچچە يەردە ئىملا خاتالىغى كۆرۈلۈپتۇ .   ئوڭشاپ قويساڭلا بوپتىكەن .  رەھمەت .     
   تورداشلار دىگەندەك 30 يىل سەرىپ قىلغان بولسا ، بۇ بىر ئادەمنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىغا ھېسابلىغاندا ئاز گەپ ئەمەس .  بۇنى بىكار كەتتى ، زايە كەتتى دىسەڭلە قاملاشمايدۇ .    باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەش دىگەننى ئۇنتۇپ قالمايلى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asat708 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-3 04:52 PM  


كۈچىمىز يەتمىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42256
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1859
تۆھپە نۇمۇرى: 447
توردا: 2899 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 04:39:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاسىم سىدىق ئاكىمزىنىڭ 30 يىل ھاياتىنى بىكارغا چىقارغانلار دىققەت...
قاسىم سىدىق ئاكاغۇ پەننى دەپ شۇنداق قىلىپتۇ...ھېچنىمدىن ھېچنېمە يوق بىكار يۈرگەنلەرنىڭ سانىنى كىم ماڭا ئېيتىپ بىرەلەيدۇ،،،،40يىل 50يىل 60يىل ياشاپ ھېچنىمە قىلماي ئۈتۈپ كەتكەنلەنلەرنى نېمە دەيسلەر ئەمسە....
يەنە سوراپ باقاي ئەمسە  ئاشۇ قاسىم سىدىق ئەپەدىمنىڭ  قلۋاتقان ئىشنى خاتا دەپ ئسپاتلاپ بىرەلەيدىغانلار بارمۇ ؟....  قاسىم سىدىق ئەپەندىم نەچچە مىڭ پارچە ماقالە يېزىپتۇ..
شۇ ئىشنى خاتا دىگەنلەر قايىل قىلارلىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ بىر ئىسپاتلاپ قويمامسىلەر؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARAL52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-3 04:40 PM  


كۈچىمىز يەتمىگەنىگە سەل تۇرۋالساق پۇرسەت كىلىدۇ.ئەمما قىلالايدىغان ئىشنى كىچىكتۈرسەك چاتاق .......................

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14076
تۆھپە نۇمۇرى: 1015
توردا: 1871 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 04:44:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە« مۇكاپات» مۇ «نەتىجە»نىڭ مۇئايەنلەشتۇرلىشى بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
خۇددى نوبىل مۇكاپاتىدەك....

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1673
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 04:48:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما قىززىيدىغاندەك قىلىدۇ، چاپانچىلارمۇ يەڭلىرىنى شىمايلاپ تەييار بولۇپ بوپتۇ ، ئەگەر شەكىل نەزرىيەسىنىڭ ئىلمى قىممىتى سىلەت دىگەندەك شۇنداق چوڭ بولسا نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىكى نوپۇزلۇق ئىلىم ئەلھىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلمەيدۇ؟ نىمە ئۈچۈن نوپۇزلۇق داشۆلەنىڭ نوپۇزلۇق جورناللىرىدا نەتىجىسى ئىلان قىلىنمايدۇ؟ قاسىمكام فىزىكىدا بىرە كەسپى داشۆنى مۇنتىزىم ئوقۇغانمۇ؟ بۇلارغا جاۋاپ بىرىڭلا ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش