سىچۈەن شىنفاڭ شەھرىدە خەلق ئاممىسىنىڭ شەھەرلىك پارتىكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبەردى.
سىچۈەن ئاخپارات تورى7-ئاينىڭ3-كۈنى خەۋرى:
7-ئاينىڭ 2-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى شىنفاڭ شەھرىدە خەلىق ئاممىسىنىڭ شەھەرلىك پارتىكوم، ھۈكۈمەتكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبەردى.
لىندگرېنىت ( كان بايلىقى)تۈرى دۆۋلەتنىڭ ۋىنچۈەن يەرتەۋرەش ئاپەت رايۇنىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قۇللاش خەرەكتىرىدىكى نوقتىلىق تۈر بۇلۇپ، ئون مىلىياردتىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان مۇھىم سانائەت تۈرىنىڭ بىرى، دۆۋلەتلىك مۇھىت ئاسىراش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بۇلۇپ،2012 -يىل6-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنفاڭدا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مۇراسىمدىن كىيىن بىرقىسىم ئامما چ چ توپى، بەيدۇ مۇنبىرى قاتارلىقلاردا بۇتۈرنىڭ مۇھىت ئاسىراش مەسلىسىگە قارتا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، تىل ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان، ھەمدە تەدرىجى ھالدا توردا تەشكىللىك قارشى تۇرۇش پائالىيىتىگە ئايلانغان.
6-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىرقىسىم شەھەر ئاممىسى شەھەرلىك پارتىكومنىڭ ئالدىغا يىغىلىۋالغان، خىزمەتچى خادىملار خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق تارقاتقان.7-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، يۈزگە يېقىن ئۇقۇغۇچى ۋە يۈزدىن ئارتۇق شەھەرئاھالىسى شەھەرلىك پارتىكومنىڭ ئالدىغا ۋە خۇڭدا مەيدانىغا يىغىلىپ، نامايىش قىلغان ،ھەمدە بۇتۈرنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە توپلانغان ئامما لۇزۇنكىلارغا ئىمزاقويغان.
7-ئاينىڭ1-كۈنى كەچ سائەت 19ئەتىراپىدا، بىرقىسىم ئامما شەھەرلىك پارتىكوم ۋە خۇڭدا مەيدانىغا يىغىلغان، خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق كەچ سائەت 24ئەتىراپىدا تارقالغان. 7-ئاينىڭ 2-كۈنى شەھەرئاممىسى يەنە شەھەرلىك پارتىكوم ۋە ھۈكۈمەت ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نامايىش قىلىپ، بۇتۈرقۇرلىشىغا قارشى تۇرغان. بىرقىسىم ئامما ھاياجانىلىنىپ كىتىپ، ئاگاھ سىزىقىنى بۈسۈپ ئۈتۈپ، شەھەرلىك پارتىكوم بىناسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بىرىنجى قەۋەت زالدىكى 8دەرىزىنى چاققان، 3 تەشۋىقات كۆزنىكى ۋە 4تەشۋىقات تاختىسىنى بۇزغان. يەرلىك پارتىيە-ھۈكۈمەتنىڭ تەربىيىسى ئارقىسىدا كۆپ ساندىكى كىشىلەر تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما ئازساندىكى شەھەر ئاھالىسى يەنىلا يىغىلىۋالغا. چۈشتىن كىيىن سائەت 13دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە يىغىلىۋالغانلار سانى بارغانسىرى كۈپۈيۈپ، ئايرىم ساندىكىلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن يەنە بىرقېتىم شەھەرلىك پارتىكوم بىناسىغا ھۈجۇم قىلىپ، ۋەزىپە ئىجراقىلىۋاتقان ساقچىلار ۋە ئورگاندىكى خىزمەتچى خادىملارغا مىنرال سۇ بۇتۇلكىسى، گۈل تەشتىكى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېتىپ، نەق مەيداندىكى كۆپ ساقچىنى يارلاندۇرغان. ئونغا يېقىن ساقچى ماشىنىسىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. ئورگان دەرۋازىسىنى ئۆرىۋەتكەن ۋە بۇزغان. جەمىيەت مۇقۇملىقىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇراتقان. ۋەزىپە ئىجراقىلىۋاتقان ساقچىلار ۋە خىزمەتچى خادىملار " تىللىسا تىل قايتۇرماسلىق، ئۇرسا قول قايتۇرماسلىق"نى ئىشقا ئۇشۇرۇپ ئۈزىنى تۇتۇتىۋالغان. سائەت14 لەربىلەن ۋەقە يەنىمۇ ئېغىرلىغان، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن، ساقچىلار كەسكىن تەدبىر قوللۇنۇپ، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە سىلكىندۈرۈش بومبىسى (震爆弹) بىلەن كىشىلەرنى تارقىتىۋەتكەن. ئادەملەرنى تارقىتىش جەريانىدا 13 ئامما يارلانغان، پۈتۈن يارلانغانلارنى 120 قۇتقۇزۇش ئاپتۇمۇبىلى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپارغان.
ۋەقەدىن كىىيىن، دېياڭ، شىنفاڭ ئىككى دەرىجىلىك پارتىكوم- ھۈكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، پائال تەدبىر قوللۇنۇپ، ۋەقەنى كونتۇرۇل قىلىپ، مۇقۇملىقىنى قوغدىدى، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىرىنجى ۋاقىتتا ۋەقە يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا كىلىپ، ئاممىغا سەۋرىچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلىدى.
ۋەقەدىن كىيىن شىنفاڭ شەھەرلىك پارتىكوم- ھۈكۈمەت ئېلان چىقىرىپ مۇنداق دېگەن: بىرىنجىدىن ئاممىنىڭ قانۇنلىق مەپەتىنى قەتئى قوغدايمىز، ئاممىنىڭ لىندگرېنىت كان تۈرىگە بولغان چۈشەنجىسىنىڭ تۇلۇق بولماسلىقى ، ئۇنى قوللىماسلىقى تۈپەيلى قارشى تۇردى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇتۈرنى توختۇتۇشنى قارارقىلدۇق. ئىككىنجىدىن جەمىيەت تەرتىۋىنى قەتئى قوغداش لازىم، كەڭ ئاممىنىڭ پىتنە-پاساتقا ئىشەنمەسلىك، پىتنە-پاسات تارقاتماسلىق، قانۇنغا ئاڭلىق رۇئايەقىلىشنى ئۈمۈت قىلىپ، ئازساندىكى يامان غەزەردىكى كىشىلەرنىڭ پايدىلىىنپ كەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئۈچۈنجىدىن كەڭ ئاممىنىڭ ئۈزىنى تۇتىۋېلىشىنى، تەلەپلىرىنى قانۇنى يول ئارقىلىق ئىپادىلىىشنى ئۈمۈت قىلىمىز.
شىنفاڭ شەھرى چىڭدۇنىڭ بىر ناھيە دەرىجىلىك شەھرى بۇلۇپ، 430مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە، ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۇدا نەچچە يىل سىچۈەن بۇيىچە ئالدىنقى ئون كۈچلۈك ناھيە ئىچىگە كىرگەن. 2006-يىلى ب د ت تەرىپىدىن " جۇڭگۇدىكى مىنرالنى سۇ يۇرتى" نامىغا ئىرىشكەن. 2008-يىلى " 5.12" قاتتىق يەر تەۋرەشتە بۇجايدا 5924ئادەم قازاقىلغان، 88مىلىيارت يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادى زىيان بولغان ئىدى.
مەنبە: سۇمرۇغ تورى، ئەسلى مەنبە:
http://finance.ifeng.com/stock/ssgs/20120703/6696830.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-3 12:23 PM