سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. توردىن كۈمۈشنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەندە سېتىۋېلىپ، باھاسى ئۆسكەندە سېتىپ پايدا ئالغاندا قولىمىزدا ھەقىقىي كۈمۈش بولمايدۇ. پەقەت توردىكى كۈمۈشنى سېتىۋېلىپ-سېتىپ ئارىلىقتىن پايدا ئېلىنىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟
يةنة بىر سوظال: جاۋاب بەر سەڭلار؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن توردا قەغەز ئالتۇن سودىسى قىلماقچى ئىدىم ئەمما بەزەن تەرەپلىرىنى تازا توغرا بولماي قالارمۇ دەپ سەل سەل ئىككىلىنىپ قالدىم شۇڭا ماڭا بىر يول كورسەتكەن بولساڭلار. بۇ توردا ئېلىپ توردا ساتىدىغان بىر خىل تىجارەت بۇلۇپ بانكا تەرەپ مەيلى ئالساق مەيلى ساتساق بىزدىن ھەر گرامى ئۈچۈن 0.8 يۈەن پۇل تۇتىدىكەن. شۇڭا بۇ قانداق بولار؟ جاۋاب بەرسەڭلار. تەپسىلاتى: قەغەز ئالتۇن سودىسىدا بانكىدىن بىر ھېساب نومۇرى بېجىرىمىز ، شۇ كارتا ھېسابى ئارقىلىق بانكىنىڭ تور مۇلازىمىتى ياكى بىۋاستە بانكا مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق سودا قىلىمىز. باھاسى چۈشكەندە تۆۋەن نوختىدىن ئالىمىز، قەغەز ئالتۇن سودىسىدا چۈشۈشكە ئېلىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئۆسۇشكىلا ئالىمىز ھەم بازارنىڭ ئۆزلۈكسىز تەۋرىنىشى بىلەن مەلۇم پايدىغا ئېرىشكەندە مالنى سېتىپ چىقىرىمىز. قەغەز ئالتۇن سودىسىدا سودا قىلغۇچى بىۋاستە ئالتۇن بىلەن ئۇچراشمايدۇ پەقەت كارتا ھېسابىدىكى مەبلەغنىڭ سوممىسى بىلەن پايدا زىيان بولغاننى بىلىمىز. قەغەز ئالتۇن سودىسىدا بانكىلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ھەر گىرامغا رەسمىيەت ھەققى ئۇچۇن ئالتە مودىن بىر سومغىچە مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇپ قالىدۇ. ھەرقايسى ۋاقىت رايونلىرى ھەم رايونلارنىڭ پەرقى بولغانلىقى ئۇچۇن قەغەز ئالتۇن سودىسىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن .
يةنة بىر سوظال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز. دىيارىمىز قەشقەردە كومپىيوتېر تورىدا ئالتۇن-كۈمۈش ئېلىم-سىتىم قىلىش بەك ئەۋىج ئەپ كەتتى. بۇ ئېلىم-سېتىمنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە: مەن ئالتۇن-كۈمۈش ئېلىم-سىتىم قىلىش ئۈچۈن ، ئاۋال بانكىغا بىرىپ كارتىدىن بىرنى بىجىرىمەن ، ئاندىن بانكا كارتامغا ئېلىم-سىتىم قىلغۇدەك پۇل قويىمەن، ئاندىن بانكا تورىغا كىرىپ كارتا نۇمۇرىمنى كىرگۈزۈپ ئېلىم-سىتىم مەيدانىغا كىرىپ ئالتۇن-كۈمۈش ئېلىم-سىتىم قىلىمەن، مەسلەن: بازاردا ئالتۇننىڭ گىرامى 300 كوي بولسا بانكا تورىدىن گىرامىنى 302 كوي ئەتراپىدا پايدا بىرىپ سىتىۋالىمەن، ساتىدىغان ۋاقتتا ئالتۇننىڭ بازار باھاسىىنىڭ گىرامى 302 كوي بولسا بانكا 300 كوي ئەتىراپىدا سىتىۋالىدىكەن. بۇ خىل باھالار كۈندە نەچچە يۈز قىتىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. دىمەك ئارلىقتا مەبلەغ سالغانلار زىيان تارتىپ، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا بانكا پايدا ئالىدىكەن. بۇ خىل سودا ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
جانابى ئاللاھقا ھەمدۈ-سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۈرۈت-سالاملار بولسۇن.
بۇ خىل سودا شەرئى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ، سەۋەبى:
بىرىنچىدىن: بۇ ئەسلى قولىدا يوق نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ساتقۇچىنىڭ قولىدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق. ھېسابىدا قەرز ياكى ئامانەت پۇل بار.
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ”قولۇڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما“ دېگەن.(سۇنەن كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلغان. ئالبانى سەھىھ دېگەن.)
ئىككىنچىدىن: تاپشۇرۇپ بېرەلمەيدىغان نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ساتقۇچى ئالتۇن ياكى كۈمۈش تاپشۇرۇپ بېرەلمەيدۇ.
ئۈچىنچىدىن: بۇ سودىنىڭ ماھىيىتىنى كۆزدە تۇتساق ئەمەلىيەتتە بۇ قەرزنى قەرزگە سېتىشتىن ئىبارەت. قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ كۆپ خىلى چەكلەنگەن.
تۆتىنچىدىن: بۇنى ئالتۇن ياكى كۈمۈش سودىسى دەپ تۇرساقمۇ، بۇنىڭدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش سودىسىدا شەرت قىلىنغان بويىچە شۇ سورۇندا ئالتۇن ياكى كۈمۈشنى تاپشۇرۇش بولمايدۇ. ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشتا نەخمۇ-نەخ، قولمۇ-قول بولۇشى شەرت.
ئەمرۇ ئىبنى دىينار رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ مىنھال مۇنداق دېگەن: مەن سەرراپلىق (تەڭگە بىلەن تىللانى بىرىنى بىرىگە ئالماشتۇرۇش) تىجارىتى قىلاتتىم، زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ توغرىدا سورىسام، ئۇ: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن، دېدى. يەنە ئەمرۇ ئىبنى دىينار بىلەن ئامىر ئىبنى مۇسئەب ئىككەيلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇلار ئەبۇ مىنھالنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن بەرائ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ توغرىدا سورىسام، ئۇ ئىككەيلەن مۇنداق دېيىشتى: بىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا تىجارەتچى ئىدۇق، شۇڭا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەرراپلىق ھەققىدە سورىغان ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ: «نەق بولسا كېرەك يوق، ئەگەر نېسى بولۇپ قالسا، دۇرۇس بولمايدۇ» دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى 2060ـ 2061-ھەدىسلەر)
يۇقىرىقى شەكىلدىكى سودىلارنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن سودىلار، سىز دېگەن ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا ئاشۇ چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى باركەن.
دېمەك بۇ سودا پەقەتلا قەرز پۇلنى قەرز پۇلغا ئالماشتۇرۇپ، كۆڭلىمىزدە ئۆزىمىزنى كۈمۈش ئېلىپ-سېتىۋاتىمەن دەپ قانائەتلەندۈرۈپ مەۋھۇم دۇنيادا ئۆزىمىزنى گوللاشتىن ئىبارەت.
خۇلاسە: بۇ سودا توغرا بولمايدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011-5-16
چېسلا: 2011-05-19 \ يوللىغۇچى: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ