مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 478|ئىنكاس: 4

ئىلىم ساھەسىدە ئىلمىي تەنقىد ئاز، شەخىسكە ھۇجۇم قىلىش كۆپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2949 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 09:20:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىلىم ساھەسىدە ئىلمىي تەنقىد ئاز،شەخىسكە ھۇجۇم
قىلىش كۆپ


ئاپتۇرى: راۋيى، لىيۇ گوسوڭ


(ئاپتۇرلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيجىڭ داشۆ،چىڭخۇا داشۆنىڭ پروففىسورى)


ـــ «خەلق تورى»نىڭ «پەن –تېخنىكا»سەھىپىسىدىن تىرىشچان تەرجىمىسى


دۆلىتىمىزدە ئىلىم ساھەسىدە شۇنداق بىر ئەھۋال مەۋجۇت،يەنى ئاشكارا ئىلمىي تەنقىد نىسبەتەن ئاز،ئاستىرتتىن شەخىسكە ھۇجۇم قىلىش كۆپ.ئىلمىي كۆزقاراشلارغا ئاشكارا،ئۇبيېكتىپ تەنقىد كەمچىل.كەينىدىن خۇپىيان بەس-مۇنازىرە كۆپ،ھەتتا جىسمانىيتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئەھۋاللار بار.

نۆۋەتتە ئىلىم ساھەسىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە شۇكى، ياخشى بولغان،يېڭىلاشچانلىققا ئىگە ئىلمىي بەس مۇنازىرە تەرتىپى تېخى شەكىللەنمىدى.


ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقەتنى تۇنۇش جەريانى ئۇزاق مەزگىللىك،ئەگرى-توقاي بولىدۇ.ئاللىقاچان ھەقىقەتكە ئايلىنىپ قالغان ھۆكۈملەر كېينىچە كەمچىلىكلىرى كۆرۈنىۋاتىدۇ،ھەتتا بەزىلىرى سەپسەتە بولۇپ چىقتى.نىيۇتۇننىڭ كىلاسسىك مىخانىكىسى ئېينىشتىيىن تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغانلىقى ھەم چەكلىمىلىكى تىپىك مىسالدۇر.ئادەتتە ئىلىم پەن تەتقىقاتى ساغلام بولغان،يېڭىلاشچانلىققا ئىگە جامائەت پىكرى مۇھىتىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. چۈنكى،ئۇ ھەقىقەتكە يېقىنلىشىشتا ئىنتايىن مۇھىم.ئىلمى بەس-مۇنازىرە ئىلمىي نەزەرىيگە تەنقىد ۋە ئوتتۇرىغا قويغۇچىغا رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ ئىككى تەرەپ ئەقلىي،ياخشى نىيەتلىك،يېڭىلاشچان بولىدۇ.تەنقىدچىلەر تېگىدىن ئىلمىي نەزەرىيلەرگە،تەجرىبە سانلىق-مەلۇماتلىرىغا قاتتىق تەلەپ بويىچە تەنقىد ئېلىپ بارىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ تەنقىدلەنگۈچىنىڭ جىسمانىيتىگە ھۇجۇم قىلىش بولۇپ قالسا بولمايدۇ. تەنقىدلەنگۈچى شۇنى تۇنۇپ يېتىشى كېرەككى،كەسكىن تەنقىدلەر شۇ كىشىنىڭ ھەقىقەتنى تېپىۋېلىشى،خاتالىقلاردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ياردەم.تەنقىدلەنگۈچى بۇنى ئۆزىگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ياردەم دەپ چۈشىنىشى كېرەك.


ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت ئارقا كۆرۈنىشىدە،ئىلمى بەس-مۇنازىرىنىڭ شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.غەربنىڭ ئىلىم-ساھەسىدە ئىلمىي تەنقىد دائىملىق تەرتىپ،ئىلمىي مەسلىلەردە تەنقىدبەرگەنلەر ئەڭ ئەرزىيدىغان دوستلار دەپ قارىلىدۇ.شەخىسنىڭ ئۆزىنى تەنقىدلەش،بولۇپمۇ ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلىش ئاز ئۇچرايدۇ.ئىلمىي تەنقىد شەخىسنىڭ كەيپىياتىنى ئېلىپ قالسا،مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىلىدۇ.دۆلىتىمىزدە ئىلىم ساھەسىدە ئىلمىي تەنقىد ئاز،شەخىسكە ھۇجۇم قىلىش
كۆپ، ئىلمىي كۆزقاراشلارغا ئاشكارا،ئۇبيېكتىپ تەنقىد كەمچىل. بۇ ئېلىمىز ئىلىم ساھەسىنىڭ ئۇمۇمىي گەۋدە سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىشىغا ۋە دۇنياۋى ئېقىم بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشىغا زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتقان بىر ھادىسە.


ئىلمى بەس-مۇنازىرە دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.مەلۇم بىر ئىلمىي ئىدىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى،ماتىرىيال توپلاش،سانلىق مەلۇماتلار ئانالىزى،كۆزقاراشلارنى مۇھاكىمە قىلىش ھەم خۇلاسە چىقىرىش قاتارلىق جەريانلاردا خىزمەتداش ياكى دوستلارمۇ ئىمكانقەدەر تەنقىد نۇقتىسىدىن كۆپ تەرەپلىمە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ،قايسى تەرەپلەرنى قۇبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى،قايسى تەرەپلەرنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى،قايسى تەرەپلەرنى دەلىللەش كېرەكلىكىنى ئايرىشقىچە بۇلار راست-يالغاننى ئايرىش دەپ ئېيتىلىدۇ.ھەربىر يېڭى نۇقتىئىنەزەرگە تەنقىدلەشتە بولساق بولىدۇ.تەنقىد قانچە كەسكىن بولسا ئېرىشىدىغان ئىنكاسلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ،دە پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان نەزەرىيلەرگە ئېرىشىشكە پايدىلىق.ئاخىرىدا بۇنداق پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان نەزەرىيلەرنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.


نۆۋەتتە،جۇڭگونىڭ ئىلىم ساھەسىدە يېتەرلىك بولغان ئىلمى تەنقىد كەمچىل.بەزى ئورۇنلاردا ئىلمىي تەنقىد يوق،خىزمەتداشلار ئارا بىر-بىرىنى ئىلگىرى باستۇرۇشتىن سۆز ئېچىش قىيىن.ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ نورمال تەنقىد كەم. ئىلمى يىغىنلاردا ياشلار يېشى چوڭغا قاراپ ئىش تۇتىدۇ.ئورنى تۆۋەنلەر ئورنى يۇقىرىلارغا قارايدۇ،بۇنداق كەسپى يىغىنلار ياخشى بولغان،تەسىرقىلغۇدەك رول ئويناپ بولالمايدۇ،ئىلىمى پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بۇلۇش فونكىسىيسىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ بولالمايدۇ.يەرشارىلىش ئىلمى تەتقىقات ئارقا كۆرۈنىشىدە،بۇ تەتقىقات خىزمەتلىرى ئىلمى ماقالە قىلىنىپ خەلقئارا ژۇرناللارغا ئەۋەتىلگەندە خەلقئارا كەسىپداشلارتەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرىلىدۇ.ھەتتا،رەت قىلىنىدۇ.ئەگەر بۇ مەسلىلەرنى دۆلەت ئىچىدە ئىلمى ساھە ئۆزلىرى كەسپداشلار ئارا بايقاپ ھەم ھەل قىلىپ بولغان بولسا،جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئاساسى ئېقىم ژۇرناللىرىدا ئىلمى ماقالە ئېلان قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى،شۇنداقلا ئۇمۇمى گەۋدىنىڭ ئىلمى تەتقىقاتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە ياردىمى بولغان بولاتتى.


نۆۋەتتە،ئىلمى ساھەدە بىرخىل ناچار ئىستىل مەۋجۇت.يەنى، ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىلمى نۇپۇزى ۋە ئورنىغا زىيادە مۇھىم قاراپ،ئىلمى تەتقىقاتنىڭ تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق بولغان ئىچكى مەنالارغا سەل قارىلىۋاتىدۇ.شۇڭا، باشقىلارنىڭ تەتقىقاتىغا ياخشى نىيەتلىك تەنقىدلەر چۈشمەيدۇ،بەلكى ھەسەت قىلىش،پەس كۆرۈشلەر يامرايدۇ.تەڭدىن تولىسى بىۋاستە ھەم ئاشكارا تەنقىدلىمەي،ئارقىدىن شەخىسنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدۇ.بۇلار ھەمىشە يامراپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن مۇناسىۋىتى يوق خۇسۇسى خاھىشلارغا ئايلىنىدۇ. ھەتتا،بىرقىسىملار ئالدى بىلەن ئۆزى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ خۇسۇسى مۇناسىۋىتىگە قاراپ قارشى تەرەپنى تەنقىد قىلىش ياكى ماختاشنى بېكىتىدۇ.بۇنىڭدا ئىلمى تەتقىقاتنىڭ مەزمۇنى ئۆلچەم قىلىنمايدۇ.

جۇڭگو مەدەنىيتىدە خۇسۇسى پاراڭ مەخپىيەتلىكىنىڭ ساقلىنىشى تولىمۇ قىيىن.بۇنداق خۇسۇسى غەيۋەتلەر ۋە باپلاشلار ھەمىشە تەنقىد قىلىنغۇچىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كەسىپداشلار ئارا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنى يوقىتىپ،دۈشمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ ئەھۋالدا ئارتۇقچىلىق-كەمچىلىكلەر ئۆز-ئارا تۇلۇقلىنىدىغان،ئۇزاق مەزگىللىك ئىلمى ھەمكارلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھازىرقى ئىلمى تەتقىقات مەسلىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇرەككەپ تىپتىكى مەسلىلەر،بۇنىغا كۆپ تەجرىبىخانىلارنىڭ ھەمكارلىقى كېتىدۇ.شۇنداق قىلىپ خۇپىيان غودۇراشلار ھەم ھۇجۇم قىلىشلار مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو ئىلىم-پېنىنىڭ كوللېكتىپ تەرەققىياتىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.


ئىلىم ساھەسىدىكى باش بولغۇچىلار نورمال تەنقىد مۇھىتى ۋە مەدەنىيتى يارىتىپ،شەخسىكە ھۇجۇم قىلىشنى چەكلىسە،جۇڭگونىڭ ئىلمى تەتقىقات سەۋىيسى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بولۇپلا قالماي،يەن جۇڭگونىڭ ئىجتىمائى مەدەنىي مۇھىتى ئۇمۇمى گەۋدىسىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تۆھپە قوشقانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=11519&page=1&extra=#pid33691

خەنزۇچە ئەسلى مەنبە بۇيەردە:

http://scitech.people.com.cn/n/2012/0702/c1007-18421093.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-3 09:21 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2949 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 02:32:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۆۋەتتە،ئىلمى ساھەدە بىرخىل ناچار ئىستىل مەۋجۇت.يەنى، ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىلمى نۇپۇزى ۋە ئورنىغا زىيادە مۇھىم قاراپ،ئىلمى تەتقىقاتنىڭ تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق بولغان ئىچكى مەنالارغا سەل قارىلىۋاتىدۇ.شۇڭا، باشقىلارنىڭ تەتقىقاتىغا ياخشى نىيەتلىك تەنقىدلەر چۈشمەيدۇ،بەلكى ھەسەت قىلىش،پەس كۆرۈشلەر يامرايدۇ.تەڭدىن تولىسى بىۋاستە ھەم ئاشكارا تەنقىدلىمەي،ئارقىدىن شەخىسنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدۇ.بۇلار ھەمىشە يامراپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن مۇناسىۋىتى يوق خۇسۇسى خاھىشلارغا ئايلىنىدۇ. ھەتتا،بىرقىسىملار ئالدى بىلەن ئۆزى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ خۇسۇسى مۇناسىۋىتىگە قاراپ قارشى تەرەپنى تەنقىد قىلىش ياكى ماختاشنى بېكىتىدۇ.بۇنىڭدا ئىلمى تەتقىقاتنىڭ مەزمۇنى ئۆلچەم قىلىنمايدۇ.
ــــــــــــــــــــــــــ
ماۋۇ گەپلەر خىلى جايىدا دىيىلىپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-3 02:32 PM  


مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19519
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 06:25:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىلەر ئىلمى دگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تېخى تولوق چۈشەنماۋاتسا ،ئىلمى تەنقىتنى بىلەلەمدۇ؟

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2949 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 09:58:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شەكىل نەزىرىيىسى تەتقىقاتى توغرىسىدا كېچىك سۆھبەت يىغلىشى

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=12967

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-6 09:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 03:53:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ ناھايىتى كۆپ ، شەخسكە ھۇجۇم قىلىدىغانلار ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش