ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار.
مەن مارالبېشى ناھىيە ئوغلاقچى كۈچىسىدا ئولتۈرۈشلۇق مەزلۈم قېرىندىشىڭلار مەرىخان قادىر بۇلىمەن.
2012-يىلى6-ئاينىڭ17-كۇنى‹‹
يەكشەنبە››ئۆيىمىزدە چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بىرىپ ئۆيىمىز كۈيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتتى.
ئۆي ئىچىدە توققۇز ياشلىق ئوغلۇم
ئابدۇكىرىم بار بۇلۇپ،قوشنىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوغلۇمنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنغان بولسىمۇ بەخىتكە قارشى . ئوغلۇمنىڭ پۇتۇن بەدىنى ئېغىر دەرىجىدە كۈيۈپ ھەتتا ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەن.ھازىر ئەھۋالى ناھايىتى ئېچىنىشلىق ۋە خەتەرلىك.ئۇ ھازىر قەشقەر ھەربى دوختۇرخاندا جىددى قۇتقۇزلىۋاتىدۇ.
مىنىڭ يولدىشىم يوق‹‹خېلى بۇرۇنلا ئاجىرىشىپ كەتكەن››.
باللىرىم كىچىك،ئۈزۈم كىسەلچان،ئۆيىمىزدە ھۆكىمەتنىڭ تۈۋەن تۇرمۇش پۇلىدىن باشقا ھېچقانداق ئىقسادى مەنمەيىمىز يوق.ئۆيىمىز كۈيۈپ كەتكەن بولغاچقا ئولتۇرغۇدەك ئۆيمۇ يوق.بالامنى داۋالىتىشقا خىراجەتمۇ يوق.
شۇڭا كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ماڭا ياردەم قۇلىنى سۈنۈپ،ئوغلۇمنى قۇتقۇزىۋېلىشىنى سۈرايمەن.
ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ئىلتىجاسى
2012-يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۇنى. سەھەردە ئۇقۇغۇچۇم
ئابدۇكىرىمىڭ ئائىلىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بىرىپ،
ئابدۇكىرىم ئۆيدە قاپسىلىپ قېلىپ ،پۇتۇن بەدىنى كۈيۈپ،ئىچكى ئەزالىرىمىۇ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەن.
ئۇقۇغۇچىمنىڭ تۇققانلىرىدىن،ئانىسى ۋە ئىككى ئاچىسى بۇلۇپ،ئۇلار ئابدۇكىرىمنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى كۈتۈرەلمەيدۇ.
ئابدۇكىرىم ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك 12-دوختۇرخاندا داۋالىنىۋاتقان بۇلۇپ،قانچىلىك ۋاقىت ياكى قانچىلىك پۇل بىلەن ساقىيىشىغا دوختۇرلارمۇ ئېنىق بىر نەرسە دەپ بىرەلمىدى.
17-چىسلادىن بۇگۇن 19-چىسلاغىچە 10مىڭ يۈئەن داۋالىنىش چىقىمى كەتكەن بۇلۇپ بۇلار ئارانلا 2مىڭ يۇئەننىلا تاپشۇرالىغان.
دوختۇرخانا پۇل بولمىسا داۋالاشنى توختىمىز دىگەن بولغاچقا
ئابدۇكىرىمنىڭ كىچىك ئاچىسى مەكتەپ بىلەن ئالاقلاشقىلى كەلگەن.
ئابدۇكىرىمنىڭ ئانىسى مەرىخان قادىر مېيىپ بۇلۇپ،مارالبېشى ناھىيلىك دوختـۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئىكەن.
ئابدۇكىرىمىنى داۋالىتىشتا بۇ لار ھەقىقەتەن ئېغىر ئىقسادى مەسلىگە دۇچ كەلگەن.
دوختۇرلارنىڭ دىيىشچە
ئابدۇكىرىمگە 7-8 قېتىم تىرە كۈچۈرۈش كىرەك ئىكەن.ھەتتا ئىچكى ئەزالىرىمۇ ئىغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەن بۇلۇپ.ھايات قېلىشىغىمۇ بىر نىمە دىمەك تەس ئىكەن.
ھازىر
ئابدۇكىرىمنىڭ كىسەلچان ئانىسى.بىچارە يۈرەك پارىسىنى كۈرۈشكىمۇ قۇربىتىى يەتمەي يىغلاپ ياتىدۇ.
ئاجىز ئىككى ئاچىسى بولسا........................................
شۇڭا جەمىيئەتتىكى ئاقكۈڭۈل مىھىرىبان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ .تۇزۇپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ سەبى غۇنچىگە ياردەم قۇلىنى سۇنۇپ.كۈزلىرىدىن ئەلەملىك ياش تۈكۈپ ئىغىر كۈيۈك ئازاپىدا ئىڭراۋاتقان بىچارە ئۇقۇغۇچۇمغا ياردەم قىلىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
دوختۇرخانىنىڭ دىئاگىنۇز ئىسپاتى