تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران
ئۇزاپ كەتتى قەلبىڭ ھەم جىسمىڭ،
ھەمراھ بولدۇم ئەلەملىرىمگە.
ئۆزگىلەردىن ئاڭلانسا ئىسمىڭ،
تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران،
سىر ئېيتىمەن قەلەملىرىمگە.
ئىكى يۈرەك قوشۇلار دېسەم،
قوشۇلمىدى،بىرگە سوقمىدى.
ھەر قېتىمدا شۇ خەتنى كۆرسەم،
تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران،
ئەسلى سەندە ۋاپا يوقمىدى.
مەن ئىشەنگەن ساڭىلا پەقەت،
كەتتىڭ لېكىن،چۈشەنمەي قالدىم.
سۆيىمەن دېگەن ئەبەدىل-ئەبەد،
تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران،
ئۆزۈمگىمۇ ئىشەنمەي قالدىم.
مەڭگۈ دېگەن شۇنچە قىسقىمۇ؟
نېمە ئۈچۈن دىگەنتىڭ مەڭگۈ؟
بىلەلمىدىم سۆزلەر ئەستىمۇ؟
تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران،
كۈتكەنتىمغۇ سەندىنلا سۆيگۈ!
خوش دېيىشنى تاللىدىڭ بوپتۇ،
بولدى قىلاي بولمىسا ۋاپا.
بۇ باغرىممۇ خۇن بولۇپ بوپتۇ،
تىلغاپ ئۆتتى يۈرەكنى ھىجران،
تىلىگەندە بەخت مەن ساڭا
مەنبە:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-2 08:05 PM