مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3545|ئىنكاس: 53

بىز ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا خرىستىئانلاردىنمۇ يىقىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12704
تۆھپە نۇمۇرى: 1965
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 06:18:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىز ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا  خىرىستىئانلاردىنمۇ يىقىن


لىكسىيەنىڭ ئاساسى مەزمۇنى؛

       ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى پەقەت بىرلا دىن ئۈچۈن ئىۋەتىلگەن بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىسلام دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىۋەتىلگەن. ھەقىقەتەنمۇ ئىسلام دىنى ئاللاھ تاللىغان بىردىنبىر دىندۇر. بۇ قىتىمقى لىكسىيمىزدە ئاللاھ ئۈچىنچى ئىلاھ، ئىيسا(ئەلەيھىسسالام) ئاللاھنىڭ ئوغلى دىگەن ئىتىقادىغا قارشى تۇرۇش ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلەر ئورتاق چاقىرىق قىلغان ۋە ھەرخىل شېرىك ئەقىدىلەردىن پۈنۈتلەي يىراق بولغان دىن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئاساسى مەخسەت قىلغان. مۇسۇلمانلار ئىيسا (ئەلەيھىسسالام) غا خىرىستىئانلارغا قارىغاندا تىخىمۇ يىقىن. چۈنكى ئۇلار ئىيسا ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھنىڭ مەريەمگە تاشلىغان كەلىمىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمانلار ئاللاھ ئىۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىدۇ، ئۇلاردىن بىرەرسىنىمۇ ئىنكار قىلمايدۇ. شۇڭا كىمكى ئىيسا (ئەلەيھىسسالام) ئىشىنىپ مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئالدى بىلەن ئىيسا(ئەلەيھىسسالام) نى ئىنكار قىلغان بولىدۇ.

*        *        *



بارلىق ماختاش ۋە مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن، ئاللاھ بىزلەرگە رەھمەت قىلغاي، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەي. بىز ئاللاھقا تەۋبە قىلىمىز، گۇناھلاردىن يىراق قىلىشىنى بىزنى پاناھىغا ئېلىشىنى تىلەيمىز. ئاللاھ كىمنىكى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپىدۇ، كىمكى ھىدايەتتىن مەھرۇم بولسا، ھىچ كىشى ئۇنى ھىدايەتكە باشلىيالمايدۇ. مەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، ئۇنىڭ تۇغۇلۇش ۋە تۇغۇشتىن پاك ۋە مۇستەسنا ئىكەنلىكىگەگۇۋاھلىق بىرىمەن. يەنە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە، مەخلۇقاتلار ئىچىدىن تاللانغان ئەڭ يىقىن پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىمەن. مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەقكە ئەمەل قىلدى، ئاللاھنىڭ ئەمىرىنى يەتكۈزدى، قەۋمىگە نەسىھەت قىلدى ۋە ھەقكە دەۋەت قىلدى. ئۇنىڭ ھۆرمىتىدىن ئاللاھ باشلىرىمىزغا كىلىدىغان غەم-قايغۇلارنى ساقىت قىلدى.  ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن تاكى ئاخىرقى نەپسىگىچە جىھاد قىلىدى.

        بىز ئاللاھدىن ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەيمىز، ئاللاھ بىزگە ئىۋەتكەن پەيغەمبىرىنىڭ يۈزسىدىن بىزلەرگە چەكسىز نىئمەتلەرنى ئاتا قىلدى. بارلىق دۇرۇت ۋە سالاملار مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا، ساھابىلىرىگە، ئۇنىڭ ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ، ئۇنىڭ سۈننىتىنى تۇتۇپ ماڭغۇچىلارغا بولسۇن.

      قەدىرلىك ئاتىلار ۋە سۆيۈملۈك بۇرادەرلەر؛ ئاللاھنىڭ سالامى ھەممىڭلارغا بولغاي. ھەربىر قەدىمىڭلار ياخشىلىق بىلەن بىسىلىپ، ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئىلىپ بارغاي. ئاللاھ سىلەرنى شۇ سەۋەبلىك مۇكاپاتلىغاي، مىنىمۇ ھەم شۇ قاتاردىن قىلغاي.

      بىز قەتئىي بوي سۇنغان ھالدا، كۇپۇرلىقتىن ئاللاھنىڭ پاناھىغا سىغىنىمىز. مەن بۇگۈكىدەك بىر كۈندە مىنى ۋە سىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئاخىرەتتىمۇ بىزلەرنى  دەۋەتچىلەرنىڭ داھىسى بولغان ، مەخلۇقاتلار ئىچىدىن تاللانغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز  مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن جەننەتتە جەم قىلىشىنى ۋە شۇخىل شەرەپكە ئېرىشتۈرىشىنى تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر.

      قەدىرلىك قىرىنداشلار «بىز ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا خىرستىئانلاردىنمۇ بەكرەك يىقىن» دىگەن لىكسىيە تىمىسى بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ قۇتلۇق كىچىمىزدىكى شەرھىيلىمەكچى بولغان ئاساسى مەسىلىمىزدۇر. مەن بۇرۇنقى ئادەتلەنگەن ئۇسۇلۇم بويىچە، بۇ قىتىمقى لىكسىيەمنى تۆۋەندىكى تۆت نوقتىغا بۆلۈپ سۆزلىمەكچىمەن.

1.     بارلىق پەيغەمبەرلەر قىرىنداشدۇر

2.     ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھنىڭ  دىنى ئىسلامدۇر

3.     پۈتكۈل خىرىستىئانلار ئازغۇنلاردۇر

4.     ئۇلۇغ ئاللاھ جەننەتنىڭ بىردىنبىر ئىگىسىدۇر

     بىرىنچى نوقتا؛ بارلىق پەيغەمبەرلەر قىرىنداشدۇر .

      سۆيۈملۈك قىرىنداشلار، پۈتكۈل خىرىستىئان دۇنياسى ۋە ئاجىز، مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇنياسى بۈگۈنكى كۈندە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش يۈزسىدىن ئىلىپ بىرىلىۋاتقان كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىملىرىدا، خىرىستىئانلارنىڭ  ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھقا قاتتىق ھاقارەت كەلتۈرىۋاتقانلىقىغا  شاھىد بولۇپ تۇرماقتا. خىرىستىئانلار ئاللاھنى ھاقارەتلەپ، ئاللاھقا قەبىھ سۆزلەر بىلەن بەدناملارنى چاپلىماقتا.

{ بۇ سۆزنىڭ (يامانلىقىدىن)  ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ داۋا قىلدى. بالىسى بولۇش ئاللاھھغا لايىق ئەمەستۇر. ئاسمانلاردا ۋە زىمىندا ئاللاھغا بەندە بولۇپ بوي سۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر. شەكشۆبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كىلىدۇ}  (سۈرە مەريەم 90-95)  

      گەرچە ئۇلار ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى ، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانىڭ ئۆزى ياكى ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسى دەپ داۋا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ناھايىتىمۇ يىراق بولغان كىشىلەردۇر، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىيسا ئەلەھىسسالامغا ئىشەنمەيدىغانلاردۇر.  شۇنداقلا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا تىخىمۇ يىقىن بولغان كىشىلەر  بولسا پەقەت بىرلا ئىلاھقا ئىشەنگۈچىلەردۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامى ۋە خوجىسى مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن؛«``مەن بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى كىشىلەر ئىچىدە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا ئەڭ يىقىن كىشى ھىسابلىنىمەن`` ساھابىلىرى قانداقچە ئى رەسۇلىللاھ دەپ سورىغاندا ئۇ؛ بارلىق پەيغەمبەرلەر بىر دىندىكى ئاتا تەرەپتىن قىرىنداشلاردۇر، ئىيسا بىلەن مىنىڭ ئوتتۇرامدا ھىچقانداق پەيغەمبەر كەلمىگەن». ( مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

       شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرادەرلەر، بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۆزئارا قىرىنداشلاردىن بولۇپ، كىمكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن ئۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. ئەگەر سىز ئىيساغا ئىشىنىپ مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىشەنمىسىڭىز  ئۇنداقتا سىز ئالدى بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىگەن بولىسىز. شۇنداقلا يەنە ئەگەر سىز مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئىتىراپ قىلىپ ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلسىڭىز ئوخشاشلار سىز ئالدى بىلەن مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئىنكار قىلغان بولىسىز. بىز بىرلىكتە قۇرئاننىڭ بۇ ئايەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى ئاللاھ نوھ ئەلەيھىسسالامنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئىۋەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەر يوق ئىدى ، نىھايەت قەۋمى ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ سۇبئانەۋەتەئالا مۇنداق دىدى؛

{ نوھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار  قىلدى . } سۈرە شۇئرا 105

     شۇنىڭدەك، لوت ئەلەيھىسسالام زامانىدا قەۋمى ئۇنى ئىنكار قىلدى،  ئاللاھ سۇبئانەۋەتەئالا مۇنداق دىدى؛

{ لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار  قىلدى } سۈرە شۇئرا  160

     ئوخشاشلا، ئاد قەۋمى ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر پەيغەمبىرى ھود ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغاندا ئاللاھ سۇبئانەۋەتەئالا مۇنداق دىدى؛ { ئاد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى }. سۈرە شۇئرا 123  

    سەمۇد قەۋمى پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭغا قارىتا ئاللاھ سۇبئانەۋەتەئالا مۇنداق دىدى؛

{ سەمۇد  (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار  قىلدى } سۈرە شۇئرا  141

ھەقىقەتەنمۇ كىمكى بىرەر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىدىكەن ئۇ شۆبھىسىزكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ  بۇ ھەقىقەتنى مۇسۇلمانلارغا تەلىم بەرگەن، ئۇلارمۇ ھەم بۇنى قوبول قىلىپ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ( مۇسۇلمانلارنىڭ ) ئىمانىنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ ئەمىلىنى قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە بەقەرەنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدە تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن.ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئەلا مۇنداق دەيدۇ.

{ پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتاپقا ئىمان كەلتۈردى، مۆئمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) « ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھىچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز( يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئىيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئىيتماي قالمايمىز )» دەيدۇ.ئۇلار؛ « بىز( دەۋىتىڭنى )ئاڭلىدۇق  ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغفىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سىنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ} سۈرە بەقەرە 285

بارلىق پەيغەمبەرلەر بىردىندا ۋە  ئاتىنىڭ بالىلىرى بولغان ئىكەن . ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا دىنغا دەۋەت قىلغۇچى  بىرلا توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى كارۋانلاردۇر.  قەدىرلىك بۇرادەرلەر، بۇ يەردە ئاللاھنىڭ دىنى بۇددا ياكى خىرىستىئان ۋە ياكى ئابراھام دەيدىغان گەپ يوق. ئاللاھنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى سۆيۈملۇك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە ، ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ كىلىۋاتقان دىنى پەقەت ئىسلام دىنىدىن باشقىسى ئەمەس.  ئاللاھ سۇبئانەۋەتەئالا مىداق دەيدۇ.

{ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبول دىن ئىسلام (دىنى)دۇر.} سۈرە ئال ئىمران 19


ئىككىنچى نوقتا؛ ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھنىڭ دىنى ئىسلامدۇر.

ئىسلام دىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىمۇ؟ شۇنداق. ئىسلام دىنى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىمۇ؟ شۇنداق. ئىسلام دىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالاملارنىڭ دىنىمۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق. ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ ئىنسانلار ئۈچۈن چۈشۈرگەن  دىن ئىسلام دىنىدۇر. قەدىرلىك بۇرادەرلەر، نۇھ ئەلەيھىسسالام باشقا دىننى  ئەمەس دەل  ئىسلام دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىۋەتىلگەن. بىز بىرلىكتە بۇ موھىم نوقتا ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. سىز مانا مۇشۇ پەيتتە ياراتقۇچىڭىزغا چەكسىز شۈكۈرلەر بىلەن سەجدە قىلىڭكى ، ئۇ سىزنى مەخلۇقاتلار ئىچىدىن مۇسۇلمان بولۇشقا تاللىدى ۋە مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى قىلدى.

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنى  ئۈچۈن ئىۋەتىلگەن ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالا ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ؛

وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ} يونس: 72

مەن (ئاللاھغا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دىدى} ( سۈرە يۇنۇس 72 )

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ ئىسلام دىنىغا چاقىرىش ئۈچۈن ئىۋەتىلگەن. ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالا سۈرە بەقەرەدە


وَإِذْ يَرْفَعُ إِبْرَاهِيمُ الْقَوَاعِدَ مِنَ الْبَيْتِ وَإِسْمَاعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّا إِنَّكَ أَنْتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ (127) رَبَّنَا وَاجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِنَا أُمَّةً مُسْلِمَةً لَكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبْ عَلَيْنَا إِنَّكَ أَنْتَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ{ البقرة:127-128  


ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرىۋىتىپ؛« پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قوبول قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن( دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزەڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزەڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەججىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبول قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبول قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مىھرىبانسەن}  ( 127-128)

ئاندىن كىيىن ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالا يەنە مۇنداق دەيدۇ؛

وَمَنْ يَرْغَبُ عَنْ مِلَّةِ إِبْرَاهِيمَ إِلَّا مَنْ سَفِهَ نَفْسَهُ وَلَقَدِ اصْطَفَيْنَاهُ فِي الدُّنْيَا وَإِنَّهُ فِي الْآَخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ (130) إِذْ قَالَ لَهُ رَبُّهُ أَسْلِمْ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ (131) وَوَصَّى بِهَا إِبْرَاهِيمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَا بَنِيَّ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَى لَكُمُ الدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُون} البقرة: 130-132 أَمْ كُنْتُمْ شُهَدَاءَ إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ الْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِنْ بَعْدِي قَالُوا نَعْبُدُ إِلَهَكَ وَإِلَهَ آَبَائِكَ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ إِلَهًا وَاحِدًا وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ} البقرة:133

{ئۆزىنى ئەخمەن قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا ( پەيغەمبەرلىككە )تاللىدۇق. شەك-شۆبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا؛ «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن » دىدى. ئۇ؛ « ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دىدى. ئىبراھىم ۋە يەئقۇپ ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ؛ « ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىننى ( يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پىتىڭلارچە ئۆلۈڭلار( يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كىتىڭلار)» دىدى. يەئقۇپ جان ئۈزىۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر  يىنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇ ئوغۇللىرىدىن؛ « مەن ئۆلگەندىن كىيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار؛ « سىنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا بوۋىلىرىڭ- ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ائاللاھ غا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دىدى.}(سۈرە بەقەرە 130-132)

يائقۇب ئەلەيھىسسالاممۇ ھەم ئىسلام دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىۋەتىلگەن. ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالا سۈرە بەقەرەدە ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ؛

{ پەرۋەتدىگارىڭلارنىڭ مەغفىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان زىمىنچە كىلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار}( سۈرە بەقەرە 133 )

لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئىۋەتىلگەن، ئاللاھ ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ؛

قَالَ فَمَا خَطْبُكُمْ أَيُّهَا الْمُرْسَلُونَ (31) قَالُوا إِنَّا أُرْسِلْنَا إِلَى قَوْمٍ مُجْرِمِينَ (32) لِنُرْسِلَ عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِنْ طِينٍ (33) مُسَوَّمَةً عِنْدَ رَبِّكَ لِلْمُسْرِفِينَ (34) فَأَخْرَجْنَا مَنْ كَانَ فِيهَا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ (35) فَمَا وَجَدْنَا فِيهَا غَيْرَ بَيْتٍ مِنَ الْمُسْلِمِين} الذاريات: 31-36

{ ئىبراھىم؛ « ئى ئەلچلەر! سىلەر نىمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دىدى. ئۇلار « بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنى( ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق( يەنى لۇت قەۋمىنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاش ياغدۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق) ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا( گۇناھى) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارئۈچۈن بەلگە قويۇلغان( يەنى ھالاك قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى يىزىلغان)، لايدىن پۇشۇرۇلغان تاش ياغدۇرىمىز». ( ھالاك بولمىسۇن دەپ لۇتنىڭ) شەھىرىدىكى (مۆئمىنلەرنى) سىرتقا چىقىرىۋەتتۇق، بىز ئۇ شەھەردىن مۇسۇلمانلاردىن پەقەت بىر ئائىلىنىلا تاپتۇق.} ( سۈرە زارىيات  31-36  )

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنى ئۈچۈن ئىۋەتىلدى. ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالا مۇنداق دەيدۇ؛

{ رَبِّ قَدْ آَتَيْتَنِي مِنَ الْمُلْكِ وَعَلَّمْتَنِي مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَنْتَ وَلِيِّي فِي الدُّنْيَا وَالْآَخِرَةِ تَوَفَّنِي مُسْلِمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ} يوسف: 101


{ «پەرۋەردىگارىم!ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زىمننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پىتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن » دېدى}( سۈرە يۈسۈپ 101 )

سۇلايمان ئەلەيھىسسالاممۇ ئىسلام دىنى بىلەن ئىۋەتىلدى . ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالا ساباھ دۆلىتىنىڭ خانىشىنىڭ سۆزىنى بايان قىلىپ  سۈرە نەملىدە مۇنداق دەيدۇ؛ {


{قَالَتْ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ إِنِّي أُلْقِيَ إِلَيَّ كِتَابٌ كَرِيمٌ (29) إِنَّهُ مِنْ سُلَيْمَانَ وَإِنَّهُ بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ (30) أَلَّا تَعْلُوا عَلَيَّ وَأْتُونِي مُسْلِمِينَ} النمل: 29-31{

ئۇ ( يەنى بىلقىس) ئېيتتى؛ « ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. ( ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى)`ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن`. سىلەن ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كىلىڭلار»} ( سۈرە نەملە 29-31)

ساباھ دۆلىتىنىڭ خانىشى بىلقىس ھەقىقەتنى تونىغاندىن كىيىن ئاللاھقا قايتتى. ئىسلام دىنىنى قوبول قىلدى ئۇ مۇنداق دەيدۇ.

قَالَتْ رَبِّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي وَأَسْلَمْتُ مَعَ سُلَيْمَانَ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ} النمل: 44

{. ئۇ ( يەنى بىلقىس)  ئېيتتى؛ « پەرۋەردىگارىم، مەن ھەقىقەتەن( ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈپ، قۇياشقا چوقۇنۇش بىلەن ) ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلايمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بويسۇندۇم(يەنى سۇلايماننىڭ دىنىغا ئەگىشىپ ئىسلامغا كىردىم)» }( سۈرە نەملە 44  )      

ئۇندىن باشقا مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ كەلدى. سۈرە يۇنۇستا مۇنداق دەيدۇ؛

وَقَالَ مُوسَى يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آَمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ} يونس: 84

{ مۇسا؛ « ئى قەۋمىم !ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئىيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىڭلار( يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)»}( سۈرە يۇنۇس 84 )

مەجۇسىلەر ياراتقۇچىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، ئاللاھقا يۈزلەندى، ئىسلامنى قوبول قىلدى. ئۇلار فىرئەۋىننىڭ تەھدىتى ۋە زۇلمىغا ئۇچرىغاندا ئاللاھدىن مۇنداق دەپ تىلىدى.

رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَتَوَفَّنَا مُسْلِمِينَ} الاعراف: 126

{ « پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋىر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پىتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»}( سۈرە ئەئراف 126 )

شۇنداقلا ئىيسا ئەلەيھىسسالاممۇ خەلقىنى ئاللاھقا بويسۇنۇشقا چاقىرىپ ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلدى ئاللاھ .سۇبھانەۋەتەئالا   قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ؛

{ فَلَمَّا أَحَسَّ عِيسَى مِنْهُمُ الْكُفْرَ قَالَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ آَمَنَّا بِاللَّهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ} آل عمران: 52


{ ئيسا ئۇلارنى( يەنى يەھۇدىلار)دىن كۇفرىنى( كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى)سەزگەن چاغدا؛ « ئاللاھ ئۈچۈن( ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بىرىدۇ» دىدى. ھەۋارىيلار(يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقى مۆمىنلەر) ئىيتتى ؛« ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بىرىمىز ، ئاللاھقا ئىمان ئىيتتۇق ، گۇۋاھ بولغىنكى ، بىز ( پەيغەمبەرلىكىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز. }( سۈرە ئال ئىمران 52 )

ئاللاھ چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىدۇر، ئىيسا ئۇنىڭ بەندىسى بولۇپ، ھىچقاچان ئاللاھنىڭ تەڭدىشى بولالمايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى ھەم ئىسلام دىنىدۇر.  

ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن تاكى مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە كىشىلەرگە ھىچبىر پەيغەمبەر ئىۋەتىلمىدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى قىلىپ قالدى. ئۇلار مۇنداق دىدى؛ « بىز ئاللاھنىڭ قۇللىرىمىز، ئاللاھقا ئىشىنىمىز، ئىي ئىيسا  ! بىزنىڭ مۇسۇلمانلاردىن ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولغىن» ئۇندىن كىيىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ، خوجىسى ۋە ئىمامى مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلام دىنىنى ئىلىپ كەلدى. پەرۋەردىگارى ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالا   ئۇنىڭغا مۇنۇلارنى ۋەھى قىلدى

اليوم يئس الذين كفروا من دينكم فلا تخشوهم واخشون  الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا4

{كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى يوقۇتۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۇلاردىن قورقماڭلار ، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نىمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا  تاللىدىم.}(سۈرە مائىدە 3)

ئاللاھ قۇدرەت ئىگىسىدۇر . ھەتتاكى جىنلارمۇ ئاللاھنى تونۇپ مۇسۇلمان بولدى{


َأَنَّا مِنَّا الْمُسْلِمُونَ وَمِنَّا الْقَاسِطُونَ فَمَنْ أَسْلَمَ فَأُولَئِكَ تَحَرَّوْا رَشَدًا (14) وَأَمَّا الْقَاسِطُونَ فَكَانُوا لِجَهَنَّمَ حَطَبًا}الجن: 14-15


{ بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ. توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتون بولىدۇ }( سۈرە جىن 14-15)

{إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ} آل عمران: 19

{ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبول دىن ئىسلام (دىنى)دۇر.} (سۈرە ئال ئىمران 19 )

ئى ئىسلام دىنىنى سۆيىدىغان قىرىنداشلىرىم، مەن كىسىپ ئىيتالايمەنكى، سىلەر تاكى بىرەر كاپىر قەۋمنىڭ دۆلىتگە بېرىپ، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقان نىئمەتلىرىگە نەزەر سالمىغىچە، ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىتى ۋە شەپقىتىنى ھەرگىزمۇ ھىس قىلالمايسىلەر. كاپىر قەۋملەر كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى بىلدى، ئاتوملارنى پارتىلاتتى. راكىتا، ئايروپىلان ۋە ئالەم كىمىلىرىنى ياسىدى. ئالاقە ۋە قاتناش تىرانسىپورت ساھەسىدىكى تىخنىكىلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىشى نەتىجىسىدە پۈتكۈل دۇنيا كىچىككىنە بىر يىزىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى بىلدى ، ئەپسۇسكى، بۇ شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىنى بىلمىدى.  سۇبھانەللاھ، كاپىرلار بارچە نەرسىنى تونىدى لىكىن ياراتقۇچىسى بولغان زاتنى تونىمىدى. ئەگەر سىز بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاددى بىر ئاتىدىن دىنىڭىسز نىمە دەپ سورىسىڭىز ، ئىسلام دەيدۇ، ياراتقۇچىڭىز كىم دىسىڭىز ئاللاھ دەيدۇ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئىيتىدۇ.  سىز ئۇنىڭدىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنەمسىز دىسىڭىز ، ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. سىز ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەمنى ئەيىپلەمسىز ، ئۇنىڭغا  يەھۇدىلار ئىيتقاندەك قەبىھ بۆھتانلار نى مەنسۇپ قىلامسىز دەپ سورىسىڭىز ، ئۇ ياق ئاللاھ بىزنى ئۇنىڭدىن چەكلىگەن دەيدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ؛ بىر پوپ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتكە يۈزلىنىشتىن بۇرۇن  ، ئۆزىنىڭ ئېڭىغا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئىيتقان ، بىر مۇسۇلمان ئۇنىڭدىن، پەرۋەردىگارىڭىزنىڭ نامى بىلەن راست ئىيتڭكى ، ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ھامىل بولغانلىقى توغرىسىدا ، قىزىڭىزغا ھەقىقى ۋە ساپ ھىكايىنى ئىيتىپ بەرمەكچى بولسىڭىز ، قايسى كىتاپتىن ئوقۇپ بىرىسىز دەپ سورىغندا ، پوپ، پەرۋەردىگارىمنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ، مەن مەريەمنىڭ ھىكايىسىنى قىزىمغا قۇرئان كەرىمدىن ئوقۇپ بەرگەن دەپ جاۋاپ بەرگەن.  

سۇبھانەللا، بىر خىرىستىئان مۇرتى مەريەمنىڭ ھىكايىسىنى قۇرئان كەرىمدىن يەنى مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىرىلگەن ئەڭ پاك، ئەڭ ساپ ۋە ئىشەنچىلىك كىتاپتىن  ئوقۇپ بەرگەن. بۇنىڭدىن قۇرئان كەرىمنىڭ قانچىلىك ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتكە ئىگە كىتاپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. مەن ئىلگىرى دەپ ئۆتكەندەك؛ رىئاللىقتىكى بىر ھەقىقى ھىكايىنى يازماقچى بولغان كىشى ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە جىنايەتلەرنى يازماقچى بولسا چوقۇم ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ھىكايىلەرنىڭ يىزىلىش ئۇسلۇبىنى ئۈگىنىشى كىرەك. ئۇنىڭدىكى پاكلىق ، سەمىيمىيلىك ھۆرمەت ۋە ئەدەپ ئەخلاقلاردىن ئۆلگە ئىلىشى كىرەك.

ھەرقانداق بىر مىللەت رەزىل ۋە قەبىھ چاكىنىلىقلاردىن بىزار ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى ۋاقىت دەل بارلىق ئەمەل ۋە ئەخلاقلىرىمىزنى قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسى بوىيچە تۈزىتىدىغان ۋاقىتتۇر.

ئىسلام دىنى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىدۇر. ھىچقانداق بىر پەيغەمبەر ئىسلامدىن باشقا دىن بىلەن ئىۋەتىلگەن ئەمەس ئاللاھ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلغان

وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ} الانبياء: 25

{ ( ئى مۇھەممەد) سەندىن ئىلگىرى ئىۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ؛ « مەندىن باشقا ھىچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.} ( سۈرە ئەنبىيا 25)  

ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار! ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالانىڭ غەمخورلىقىنى تونوپ يىتەيلى. ئەبۇ ھۆرەيرە مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ. مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن« ھەرقانداق بىر بوۋاق تۇغۇلىشىدىنلا ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. لىكىن ئاتا ئانىسى ئۇنى بۇتتا ياكى خىرىستىئان ۋە ياكى ئاتەشپەرەس قىلىپ تەربىيلەيدۇ».(بۇخارى رىۋايەت قىلغان) .

بىر بالا يەھۇدى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسا ، ئۇ يەھۇدىي بولۇپ چىقىدۇ ۋە ئۈزەيىرنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ. يەنە  بىر بالا خىرىستىئان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسا ئۇ خىرىستىئان بولۇپ چىقىدۇ ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ. مەجۇسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بالا ئاتەشپەرەس بولۇپ چىقىدۇ-دە ئوتقا چوقۇنىدىغان بولىدۇ. لىكىن قىرىنداشلار، سىز ۋە مەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىتىراپ قىلغان ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇق، شۇڭا بىز ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالانى بىر دەپ جاكارلايمىز.  پۈتكۈل ياخشىلىق كىم تەرەپتىن ؟ ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرەپتىندۇر.

يَمُنُّونَ عَلَيْكَ أَنْ أَسْلَمُوا قُلْ لَا تَمُنُّوا عَلَيَّ إِسْلَامَكُمْ بَلِ اللَّهُ يَمُنُّ عَلَيْكُمْ أَنْ هَدَاكُمْ لِلْإِيمَانِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ}الحجرات:17

{ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا)« سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار،بەلكى ئاللاھ سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، ئەگەر سىلەر راست (مۆئمىن) بولساڭلار» دىگىن}( سۈرە ھوججارات 7)  

ئى ئاللاھ ! سەن بىزنى مۇسۇلمان قىلىپ تاللىغاندىن كىيىن ، بىز سەندىن  بىزگە رەھمەت قىلىشىڭنى  ۋە ئىسلام دىنىدا قەدىمىمىزنى سابىت قىلىشىڭنى تىلەيمىز، بىزنى ئىسلام دىنى بىلەن قەبزى روھ قىلغىن ، ئاخىرەتتە بىزنى ھەقىقى  مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئىسلام بايرىقى  ئاستىدا  پەيغەمبەرلەرنىڭ خوجىسى مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرلىكتە تىرىلدۈرگىن. ئامىن!


ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلىف.

ساجىيە  ئىسلام  بىلىملىرى   


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
barquk8 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
mardana0991 + 126 ماختاشقا تېگىشلىك
تىلسىم + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
zulayha + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
MUHAPIZATQI + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 882   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 549
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:48:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ ئىنجىل.نېت www.injil.net دەيدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر تور بېكىتى باركەن، بولسا كىرىپ ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ باقساق بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 834
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:49:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇسۇلمان قەۋمى ئىچىدە مۇسۇلمان بولۇپ تۇغۇلغىنىم ئۈچۈن ئاللاھقا مىڭ شۈكرى

بەزىلەر ھەۋەس قىپ ئېيتىدۇ غەزەل،
خىيالغا غەرق بولۇپ ياشار بىر مەھەل.
ۋە لىكىن رىياللىق باقماس خىيالغا،
قايمۇققان شۇ نادان تۆلەيدۇ بەدەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6837
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5476
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 1338 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:50:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تىما ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6880
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 11:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-7-2 10:48 PM
ئۇلارنىڭ ئىنجىل.نېت www.injil.net دەيدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ب ...

ئلگىرىمۇ بار ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارغا خۇش-خەۋەر دەپ دېگەن نامدا ئېچىلىدىغان.

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70605
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 403
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-12-16
ئاخىرقى: 2012-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 11:25:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-7-2 10:48 PM
ئۇلارنىڭ ئىنجىل.نېت www.injil.net دەيدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ب ...

ئىنجىلمى ئوقۇشنى چەكلىگەنلىكىنىڭ ماھىتىنى ئاخىرى چۈشەندىم ، سىز بۇ تور بەتنى يوللاش ئارقىلىق نىمە مەخسەتكە يەتمەكچى ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ئۇ تور بەتنى ئېچىپ قاپتىمەن ، نە ئەئۇزىبىللە. باشقىلاغىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن بۇ تور بەتنى ئاچماڭلا مۇئمىن قېرىنداشلىرىم

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39302
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1251
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 655 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 11:45:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mashrab يوللىغان ۋاقتى  2012-7-2 10:48 PM
ئۇلارنىڭ ئىنجىل.نېت www.injil.net دەيدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ب ...

ئۇيغۇرچە ئېچىپتۇدە بۇنداق تورنىمۇ.......ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزنى ئىماندا مۇستەھكەم قىلغاي .

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1758
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 11:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچقىنىمغا پۇشايمان،مەشرەپ قىرىندىشىم  ئۇ تور بەتنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز قانداق؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QALIB تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 11:51 PM  


Yo asling kabi ko'rin, yo ko'ringaning  kabe bo`l`````````

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 2686
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12430
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 1129 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 12:01:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچماڭ   دېگەن  نەرسىنى  ئېچىپ  كۆرۈپ  باقدىغانلار  جىق  چىقىدۇ  ...
بەلكىم   ئۇ   تورداش   بۇنى  خىرىستىيان  دىننى  تەشۋىق   قىلىش   مۇدداسىدا
يوللىمىغاندۇ  ؟

ۋاقىت  ئىسراپ  قىلىش  ـ  قانۇن  تەرپىدىن  جازالانمايدىغان  جىنايەتنىڭ   بىر  تۈرى  ...

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5967
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4709 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 12:10:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېچىپ كۆرۈپ باققاننىڭ يامىنى يوق، خىرىستىيان دىنى ئۆزلىرىنىڭ بىر- بىرىگە زىت پەتىۋالىرى بىلەن بۇنداق تور بەتتىن نەچچە مىڭنى ئېچىپ، ھارماي دەرس ئۆتسىمۇ كاللىسى ئويغاقلا ئادەم بولسا، ئۇلارنىڭ سۆزلەۋاتقانلىرىنىڭ بىر كۈلكىلىك، ئەخمىقانە، كۇپۇر گەپلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋالالايدۇ.
شۇنداق ھەيرانمەنكى، مۇشۇ خىرىستىيان دىنىنىڭ ئېتىقاتلىرىغا ئىشىنىپ كەتكەن ئادەمنىڭ مېڭىسىدە ئازىراق چاتاق بارمىكىن دىگۈملا كېلىدۇ.
ئاشۇ تور بەتنى ئېچىپ ئۆزىچە «ساۋاپ» تاپتىم دەپ ئولتۇرغان بىچارىنى ئويلاپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم، ئېسىت، شۇ خەتلەرنى ئۇرۇش ئۈچۈن سەرىپ بولغان ۋاقتى، ئېسىت گۇناھلار پاتقىقغا پېتىپ، ئەيسا ئەلەيھىسالامنىڭ غەزەپىنى قوزغاپ، تېرىسىنى قورۇندۇرۇپ، رەببىمىز ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈپ، جانابى ئاللاھنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ لەنىتىگە قېلىپ ئۆتكەن ئۆمرى............................
ئاشۇ تۈمەنلىگەن خىرىستيانلارنىڭ ئەيسا ئەلەيھىسالام دىمىگەن گەپلەرنى دىدى دەپ، قىلمىغان ئىشلارنى قىلدى دەپ ئۆزلىرىچە ئەيسا ئەلەيھىسالامنى خۇدا دەپ رەببىمىز ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈپ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئالدىدا قانچە خىجالەت بولىدىغاندۇ ھە! قانچىمۇ تېرىسى قورۇندىغاندۇ ھە؟
ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ شۇلارنى توغرا يولغا باشلىشىنى، ھەمىمىزنى ھېدايەتكە باشلىشىنى تىلەيمەن!
ئامىن!
شۇنداقلا  ئۇشبۇ تېمىنى يوللىغۇچىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەيمەن! ئەجىرىڭىز يەردە قالمسىۇن! ئامىن!
مۇشۇ مۇنبەردىكى بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆزەم بىلەن قوشۇپ بىر كۈن بولسىمۇ ھەقنى تونۇپ، ئاللاھنى سېغىنىپ ئۆتىشىنى، بۇ دۇنيادىن ئىمان بىلەن كېتىشىمىزنى تىلەيمەن! ئامىن!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
urhunbaturi + 68 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش