مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9283|ئىنكاس: 86

ئېچىنىشلىق بالا كىلىنچەكلەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 05:46:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


كىچىكلا تويىنى قىلىۋىتىش ھادىسسى بۇ بالا كېلىنچەكلەرنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ئاخىرقى ئۆمرىنىڭ كەمسىتىش ھەم ئىزا-ئاھانەت ئىچىدە ئۆتۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ خىل جەمئىيەت ھادىسىسىگە قارشى تۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان قارشى تۇرغۇچىلار تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا نەسىھەت قىلىپ، نۇتۇق سۆزلەپ، مۇشۇنداق كىچىكلا تۇرۇپ توي قىلىپ، ئىزا-ئاھانەتكە ھەم بەختسىزلىككە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ھەم يولۇققان ئىشلىرىنى سۆزلىگەن. قارشۇ تۇرغۇچىلار پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، يۈرەكلىك ھالدا بۇنداق ھادىسىسىگە قارىتا جەڭ ئېلان قىلغاندا ئاندىن مۇشۇنداق ھادىسىسىگە يولۇقۇش ئالدىدا تۇرغان بالىلارنىڭ يېڭى نىشان ھەم يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى، پۈتۈن دۇنيادىكى «بالا كېلىنچەك»لەرنىڭ 33% ىنىڭ ھىندىستاندىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، يېرىمدىن كۆپرەكى جەنۇبىي ئاسىيالىق بولۇپ، تەخمىنەن 60مىلىيون نەپەر كىچىك قىز قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپلا ياتلىق قىلىنىۋىتىلگەن. 2007-يىلىغا كەلگەندە، 25 مىلىيونغا يېقىن ھىندىستانلىق 18ياشلىق قىز تويى قىلىنىپ بولغان. ھىندىستان، نېپال ھەم پاكىستاندىكى بىر قىسىم 10ياشتىن كىچىك قىزلار چېيى ئىچىرىلىپ بولغان ياكى تويى قىلىىنىپ بولغان.


گەرچە ھىندىستان قانۇنىدا 18ياشقا كىرگەندە ئاندىن توي قىلىشقا يول قويۇلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بۇ خىل بالا كېلىنچەك ھەم كىچىكلا تۇرۇپ تويى قىلىنىپ كېتىش ھادىسىسى ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھېلىھەم مەۋجۇت ھەم ئەۋج ئېلىپ كەتكەن، شۇ يەر ساقچىلىرى بۇنىڭغا قارىتا قەتئىي ئامال قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئالدى-كەينىدە ھىندىستاندا «كوللىكتىپ بالا تويى»دەيدىغان ئەنئەنىۋى يەرلىك بايرام ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار 10 ياش ئەتراپىدىكى كىچىك قىزلىرىنى مۇشۇ چاغدا ياتلىق قىلىۋىتىدۇ، بۇ بالا كېلىنچەكلەرنىڭ بەزىلىرى تېخى ئاغزىدىن ئىمىزگە چۈشمىگەن بولۇپ، يەنە بەزىلىرى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ، تويى بولىنىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر.


گەرچە ھىندىستان، نېپال ھەم پاكىستان قانۇنىدا قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپ توي قىلىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆرپ-ئادەت بىر قىسىم رايونلاردا بۇ خىل بالا كېلىنچەك ھاسىسىنىڭ مەۋجت بولۇپ تۇرۇشىغا سەۋەبچى بولغان. يېرىم كېچىدە، بەش ياشلىق راجانى تاغىسى تەرىپىدىن ئويغۇتۇلۇپ، تويىنى قىلىشقا ئېلىپ مېڭىۋاتىدۇ، ھىندىستاندا قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپ توي قىلىش چەكلەنگەن بولغاچقا، بۇ خىل بالا كېلىنچەكلەرنىڭ توي مۇراسىمى ئادەتتە يېرىم كېچىدە يوشۇرۇنچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.


گەرچە قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپ توي قىلىش قانۇندا پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئائىلىلەر ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتنى ساقلاش ھەم رىئايە قىلىش ئۈچۈن قانۇننى كۆزگە ئىلىپمۇ قويماستىن قىلغۇلىقىنى قىلىۋېرىدۇ. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2007- يىلىغا كەلگەندە ھىندىستاندا 25 مىلىيون نەپەرگە يېقىن 18ياشقا يەتكەن قىز تويى قىلىنىپ بولغان. مۇتەخەسىسلەر ئانالىز قىلىپ، ھىندىستاندا بۇ خىل بالا كېلىنچەك ھادىسىسىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى ئىقتىسادنىڭ ئارقىدا قېلىشى، نامراتلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى دەپ ئېيىتقان.


ھىندىستاندا ئەلمىساقتىن تارتىپ تويلۇق تۈزۈمى ئېلىپ بېرىلىدۇ، قىز ياتلىق قىلىغاندا قىزنىڭ ئائىلىسى تەرەپ نۇرغۇن تويلۇق ھەم پۇللارنى يىگىت تەرەپكە بېرىدۇ. ئۆرپ-ئادەتكە ئاساسلانغاندا، ياتلىق قىلىنىدىغان قىزنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا، يىگىت تەرەپكە بېرىدىغان تويلۇقنىڭ سالمىقى شۇنچە كىچىك ھەم ئاز بولىدۇ، يىگىت تەرەپنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا، تويغا سەرپ قىلىدىغان راسخوت شۇنچە ئاز بولىدۇ.



نامرات ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بالىلىرىنىڭ تويىنى بالدۇرلا قىلىۋىتىش ناھايىتى پايدىلىق ئىش. بۇنىڭدىن سىرت، ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنى بالدۇرلار ياتلىق قىلىۋەتكەندە، بالىسىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئوقۇش راسخوتىنىمۇ تېجەپ قالغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھىندىستاننىڭ قەدىمىي قانۇن قامۇسىدا قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپ تويىنى قىلىش رۇخسەت قىلىنغان. چۈنكى ئاتا-ئانىلار قىزلىرىنىڭ تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ قېلىپ ئائىلىگە ئىزا-ئاھانەت ھەم نومۇس ئېلىپ كېلىشتىن بەكلا ئەنسىرەيدىغان بولغاچقا، بۇ خىل بالا كېلىنچەك ھادىسىسىنىڭ تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىشىنىڭ تۈپكى ئامىلى بولغان.


راجانى بىلەن ئۇنىڭ ئۆسمۈر توي يىگىتى گۈلخان ئالدىدا ئولتۇرۇپ تويى قىلىنغان چاغدا ئۇلار نەچچە مىنۇت ئىلگىرى تۇنجى كۆرۈشكەن. ئۆرپ-ئادەتكە ئاساسلانغاندا، كېلىنچەك بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆيىدە تۇرۇشى كېرەك، ئىككىنچى قېتىملىق مۇراسىم ئېلىپ بېرىلغاندا ئاندىن كېلىنچەك ئۇنىڭ يولدىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.


2010-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى راجاستان ئېلىدىكى بىر كەنتتە كوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، 13ياشلىق كېلىنچەك ساراۋاتى بىلەن ئۇنىڭ 16ياشلىق يولدىشى خەمەنت.


2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مەركەز ئەل. 9ياشلىق كېلىنچەك مامتا بىلەن 14ياشلىق يىگىت يېڭى تويى بولۇنغان.


ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى راجاستان ئېلىدىكى بىر كەنتتە، بەش ياشلىق كېلىنچەك ئاملى بىلەن ئۇنىڭ 15ياشلىق يولدىشى.


نېپالدىكى تاغلىق رايونلاردا كىچىك تۇرۇپلا تويىنى قىلىش ناھايىتى ئادەتتىكى ئىش. لەمپىدە كېلىنچەكنى كۆتۈرۈپ ئەرنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا 16ياشلىق كېلىنچەك سۇرىتا ئۆيىدىن ئايرىلغاندا پىغانلىق زار-زار يىغلىغان.


يەمەنلىك كېلىنچەك سىدابا بىلەن گالىياھ چۈمبەل تارتىپ، توي مۇراسىمىدا ئايال تۇغقانلىرى بىلەن يولدىشىنىڭ ئۆيىگە كېتىۋاتىدۇ. بىرقىسىم يەمەنلىك قىز قارىغۇلارچىلا توي قىلىشنى ئائىلىسىنىڭ كونتىرول قىلىشىدىن قۇتۇلۇش ھەم ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولى قىلىۋالغان.



رەسىمدىكى بۇ توي يىگىتى 40ياشقا كىرگەن،ئۇنىڭ تۇرقى ئۇنىڭ ھەقىقىي يېشىدىنمۇ چوڭ كۆررۈنىدۇ، كېلىنچەك بولسا پەقەت 11ياشقا كىرگەن .


يەمەننىڭ غەربىي قىسمىدىكى بۇ ياش كېلىنچەكلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى يوق ھەم بەكلا ئىزاچان، كۆپ قىسىم قىزلار 14ياشتىن 16ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ياتلىق قىلىنىۋىتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى قەتئىيلا مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ باقمىغان. ئەگەر مەكتەپتە ئوقىۋاتقان بولسىمۇ، تويىنى قىلغاندىن كېيىن ھەرگىز مەكتەپكە بارمايدۇ. بالدۇر توي قىلىش ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەمەن ئاياللىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ تۆۋەن ساۋاتسىزلىق نىسبىتىنىنىڭ يۇقىرى بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


سۇنىلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇ 11ياشتا تويىنى قىلىۋىتىشنى ئېيىتقاندا، ئۇ ئاتا-ئانىسىنى قورقىتىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئاتا-ئانىسى ئامالسىز مەقسىتىگە يېتەلمىگەن، بۇ ئەقىللىق قىز ھازىر 13ياشقا كىرگەن بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.


10ياشلىق نوجاد يەمەندىكى نۇرغۇن بالا كېلىنچەكلەرنىڭ بىرى. 8ياش ۋاقتىدا، ئاتا-ئانىسى ئۇنى 28ياشلىق بىر ئەرگە ياتلىق قىلىۋەتكەن، ئۇ ئېرىنىڭ خورلىشىغا ھەم قىينىشىغا ئۇچرىغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئاجىرىشىپ كەتكەن بۇ قىز كىتاب يېزىپ ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشىنى كىشلەرگە بىلدۈرگەن. 2009-يىلى 2-ئايدا. قىز فىرانسىيە پارژدا يېڭى كىتابى «مەن ،نوجاد، 10ياش، ئاجراشتىم»دېگەن كىتابىنى تەشۋىق قىلغان.


ئاسىيە بولسا 14ياشقا كىرگەن ئانا، ئۇ تۇغۇپ بولۇپ تۇغۇتىدا ياخشى بېقىلمىغانلىقتىن سالامەتلىكى ناھايىتى ناچار، نۇرغۇن كىچىكلا تۇرۇپ توي قىلغان قىزلار داس سۆڭىكى بەكلا كىچىك بولغانلىقتىن چوقۇم ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بوشانغان، ئائىلىدە بوشانغانلار ئىچىدە ئانا-بالا تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى يۇقىرى بولغان.


«مەن ئۇنى كۆرسەملا قاچىمەن، يوشۇرۇنىمەن، مەن ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ»شاپتۇل چېچىكى رەڭگىدىكى كۆينەك كىيگەن تاھانى ئۆزىنىڭ يولدىشى ماجېدقا ياتلىق بولغان ۋاقىتتىكى دەسلەپكى كۈنلەرنى ئەسلەپ ئېيتىپ، ئەينى چاغدا ئۇ تېخى ئاران ئالتە ياشتا بولۇپ، يولدىشى بولسا 25ياش.

خورلاش بولسا بالا كېلىنچەك ھادىسىسىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋال. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر قىز پەرزەنت توي قىلىشنى رەت قىلسا ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ تاللاپ بېرىشىگە قويماي ئۆزى خالىغانچە جورا تاللىسا، ئۇلار قاتتىق جازالىنىدۇ ياكى ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، بۇ خىل قىلمىش «ئادالەت يولىدا قوۋم-قېرىنداشلىرىدىن كېچىش»دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتتە بالدۇر تويىنى قىلىۋىتىش قىزلارنىڭ جىنىسي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى تەدبىر دەپ قارىلىدۇ، ئۇلار قىزلار بالدۇر ياتلىق قىلىنغاندا، ئەرلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بولىدۇ، بالدۇر توي قىلغاندا نىكاھسىز ھامىلدار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

14ياشلىق جوگلى بولسا بەختسىز بالا كېلىنچەكلەرنىڭ بىرى، ئۇ 11يېشىدىلا 20ياشلىق ھاراقكەش شوپۇرغا ياتلىق قىلىنغان. توي قىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن يولدىشى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ماشىنا ھادىسىسىدە قازا قىلغان.ئۇ 11ياشتىلا  تۇل قالغان ھەم ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھەيدىۋىتىلگەن. ھىندىستان قانۇنىدا 18ياشقا كىرگەندە ئاندىن توي قىلىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلمىغانلار يەنى قانۇنلۇق تىزىملاتمىغانلار، مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇققاندا ھېچقاندا تۆلەمگە ئېرىشەلمەيدۇ.


10ياشقا كىرگەن نۇجۇد ئۆزىنى خورلايدىغان ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ يولدىشىدىن قېچىپ سوت مەھكىمىسىگە بارغان. قىزنىڭ يۈرەكلىك ھەركىتى ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداشدىكى خەلقئارالىق قەھرىمان قىز بولۇپ قالغان، ئۇ ھازىر ئۆيىگە قايتىپ ئىللىق مەكتەپ قوينىغا قايىتقان.


رەسىمدىكى بۇ قىز 10ياشقىمۇ كىرمىگەن، ئۇنىڭ يېنىدىكىسى بولسا 60ياشقا يېقىنلاشقان يولدىشى. قىزچاقنىڭ شوى كۈلۈشلىرىدىن ئۇنىڭ بۇ توينىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئېچىنىشلىق كۈنلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى قەتئىيلا بىلمەيدىغانلىقى ھەمدە ھازىرقى بۇ يېشىدا ھېس قىلالمايدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ


مەنبە ؛ نۇرتورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 09:44 PM  


ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6763
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7026 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 09:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا بۇ  نارىسىدە كېلىنچەكلەرنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ يۈرىگى تاشمىدۇ؟

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 09:58:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5289
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10426
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 3028 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ قىرى نەۋرىسى دىمەتلىك قىزنى خوتۇن قىلامدىكەن ؟  بۇ بىر خۇراپاتلىققۇ !

ئوقۇردىكى قىرى ئات كەڭ دالاغا ئىنتىلەر،
ئىرادىلىك ھىلىھەم شۇ ياشانغان جەڭچىلەر.

مەن يامغۇرنى ياخشى كۆرىمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81189
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2013-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:03:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10 ياش ، 60 ياش، قىزى ئەمەس نەۋرىسدەكلا قىز بىلەن قاندا توي قىلىدىغاندۇ ؟  
ئۇ كىچىك قىزلارغۇ بىلمىسۇن ، ئاۋۇ ئاتمىشتىن ئاشقانلار نۇمۇس قىلماي نەۋرىسىدەك قىزلار بىلەن قاندا توي قىلىدىغاندۇ ؟

دەردكە مۇپتىلا بولساڭ،ئىي اللە دەردىم بار، دىمەي، ئىي دەرد! مېنىڭ ئاللاھىم بار ، دېگىن ............
ئىرشاد بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:04:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5289
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10426
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 3028 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2014-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:07:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  پاكىستانلىق مەينەتلەر قىلىدۇ ئۇنچىلىك ئىشنى ، بىرقىسىم ئۇيغۇر قىزلار شۇ پاسكىنالارغا خوتۇن بوپ يۈرىدىكەن ، ئاللاھ ساقلىسۇن شۇنداق مەينەتلەردىن ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tengriqamchisi + 10 مەن بىلەن ئوخشاش پىكى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئوقۇردىكى قىرى ئات كەڭ دالاغا ئىنتىلەر،
ئىرادىلىك ھىلىھەم شۇ ياشانغان جەڭچىلەر.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:08:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-2 10:08 PM
ئادىش قالايمىقان قونچاق يوللىماڭلا  بولدى  ...
  
ئىنكا ...


خۇدايىم ساقلىسۇن دەڭە ھىندىلاردىن  ئېرشاتجانغا مۇنبەردىكى دىيا نەتلىك قىزلىرىمىزدىن بىرنى تىپىپ ئويلەپ قويمەمسىز دەيمەن ھى ھى ھى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 10:22 PM  


ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82071
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2014-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش