مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1768|ئىنكاس: 35

يىڭنە سانجىپ داۋالاش-ئۇيغۇرلارنىڭ كەشپىياتىدۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75516
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2012-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 04:48:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابلەت ئابلا

يېقىنقى يىللاردا دۇنيادا يىڭنە سانجىپ داۋالاشقا بولغان قىزىقىش كۈچىيىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۇنى ئۆگىنىش، قوللۇنۇش ۋە تەتقىق قىلىش قىزغىنلىغى ئاشماقتا. جوڭگولۇق ئالىملار يىڭنە سانجىپ داۋالاشنى جوڭگوچە ئەنئەنىۋى تىبابەتچىلىك غەزنىسىدىكى نۇرلۇق گۆھەر دەپ تەسۋىرلىمەكتە. تىبابەت دۇنياسى ئۇنى جوڭگودا پەيدا بولۇپ دۇنياغا تارقالغان بىر مۆجىزە دەپ قوبۇل قىلماقتا. لېكىن، بۇ پەرەزلەرنىڭ ئەكسىچە، يىڭنە سانجىپ داۋالاش تارىختا تۇنجى بۇلۇپ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. كېيىنچە، مەدەنىيەت، بىلىم ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى بىلەن جوڭگولۇقلارغا ئۆتۇپ ئوزلەشتۈرۈلگەن ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھازىرقى سەۋىيەگە يەتكەن ۋە دۇنياغا تونۇتۇلغان.

1984-يىللىق «中国针灸» (جوڭگو يىڭنە سانچىپ داۋالاش) ژۇرنىلىنىڭ 4-جىلد 3- سانىغا »يىڭنە سانجىپ داۋالاش جوڭگونىڭ ئىجادىيىتىدۇر» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە بېسىلغان. ماقالە ئاپتورى جاڭ شېڭشىڭنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، 1963- يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ دۇولۇنچى خارابىلىغىنى قېزىش جەريانىدا، بىر تال يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە تەۋە ئۇچلۇق تاش يىڭنە بايقالغان. ئارخېلوگلار ۋە تېببىي تارىخچىلارنىڭ ئانالىز قىلشى نەتىجىسىدە، بۇنىڭ ھازىرقىدىن 4000 – 10000 يىللار بۇرۇنقى، ئەڭ دەسلەپكى يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئەسۋابى- «砭石 (بىئانشى)» (تاش يىڭنە) ئىكەنلىغى جەزىملەشتۇرۇلگەن. (1)

بەزى ئالىملار، جوڭگودا تاش يىڭنىنىڭ مەيدانغا چىقىشىنىڭ كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، يەنى 18000 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كېلىدىغانلىغىنى قىياس قىلىشماقتا. بۇ ئەھۋال (山顶洞人  ئۆڭكۈر ئادەملىرى) خارابىلىغىدىن تېپىلغان سۆڭەك يىڭنىلەر دەۋرىگە يېقىنلىشىدۇ. ئەپسۇسكى، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، تاش ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالىغانلىق مەسىلىسى بولسا، پەقەتلا بىر ئېھتىماللىق ھەم ئۇ دەۋردە ئوزگىچە تاش يىڭنىلەرنىڭ مەۋجۇد بولغان-بولمىغانلىغىغا ئالاقىدار دەلىللەر يېتەرلىك ئەمەس. (2)

جاڭ داچىيەننىڭ ئارخېلوگىيىلىك ئانالىزلارغا ئاساسلىنىپ چىقارغان يەكۇنىگە قارىغاندا، ئۆڭكۈر ئادىمى مەدەنىيىتى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان سۆڭەك يىڭنىلەرنىڭ توقۇش ۋە تىكىش ئىشلىرىدا قوللىنىلغانلىغى، 6000-7000 يىللار بۇرۇنقى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە ياسالغان سۆڭەك يىڭنىلەرنىڭ بولسا داۋالاش ئىشلىرىدىمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان. (3)

جوڭگولۇقلاردا «伏羲之九针» يەنى، ‹فۇ شى› نىڭ توققۇز تۈرلۈك يىڭنىسى ھەققىدە بىر رىۋايەت بار. جاڭ شېڭشىڭ، بۇ رىۋايەتنى يىن، شاڭ سۇلالىلىرىدىن چىن، خەن سۇلالىلىرىگىچە بولغان دەۋرلەردە، تاش يىڭنىسىنىڭ ئورنىغا توققۇز تۈرلۈك مېتال يىڭنىنىڭ دەسسىشى، شۇ دەۋردىكى كانچىلىك تېخنىكىسىنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (4)

ئەپسۇسكى، تارىخى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، كونا دەۋردىكى داڭلىق تىۋىپلاردىن بىرى ھېسابلانغان ‹فۇ شى› نىڭ ياشىغان دەۋرى كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ دەۋردە بۇنچە مۇرەككەپ توققۇز تۈرلۈك مېتال يىڭنىنى ياسىيالىغىدەك كانچىلىق تېخنىكىسى تېخى  مەيدانغا كەلمىگەنىدى. (5)

كونا خەنزۇ يېزىقى تەتقىقاتچىسى كاڭ يىن،  مىلادىدىن بۇرۇنقى 1400 – 1100 يىللىرىدىكى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاشپاقا قېپى ئۈستىگە يېزىلغان ۋە «甲骨文 (جىئا گۇ ۋېن)» (چىغىناق-تاغاق يېزىقى) دەپ ئاتالغان مۇقەددەس يېزىقلارنى يېشىش ئارقىلىق بەرگەن ئىزاھاتلىرىدا، يىڭنە سانچىپ داۋالاش ئىلمىنىڭ يېزىقلاردا خاتىرلىنىشىنى يەنە بىرنەچچە يۈز يىل ئالدىغا سۈرۈشكە بولىدىغانلىغىنى تەشەببۇس قىلدى. (6)

كاڭ يىن نىڭ چىغىناق-تاغاق يېزىغى توپلانمىسىغا قارايدىغان بولساق:

注 1، ھازىرقى خەنزۇ تىلىدىكى «殷- يىن» خېتىنىڭ چىغىناق-تاغاق يېزىق شەكلى بولۇپ، «مېھماندوست» دېگەن مەنىدە ئىكەن.

注 2، «ئۇچلۇق ئەسۋاب» لارنى ئىپادىلىگەن شەكىل بولۇپ،  1 ۋە  2 لەرنى بىرلەشتۈرگەندە، قولىدا ئۇچلۇق ئەسۋاب تۇتقان بىر ئادەمنىڭ، قوساق قىسمى ئۇچۇق بىرسىگە يىڭنە سانجىشى مەنىسىدا ئىكەن.

注 3، 4، 5 بەلگىلىرى «كېيىم-كىچەك» مەنىسىدىكى«衣 – يى» بىلەن ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنغان، ئەمما ئۇنىڭدىن پەرقلىق ھالدا «伊 – يى» شەكلىدە يېزىلغان. ئۇ «ئايال» سۆزىنىڭ چىغىناق-تاغاق يېزىق شەكلى بولۇپ، يەنى يىڭنە سانجىغان ئايالنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بىرسىنىڭ ئوڭدا ھالەتتىن دۈم ھالەتكە ئۆزگەرگەنلىك مەنىسىدە ئىكەن.

注 6،  7،  8 بەلگىلىرى بولسا «كونا زاماندىكى بىر ئەمەل نامى» نى بىلدۈرىدىغان «尹- يىن» خېتىنىڭ چىغىناق-تاغاق يېزىق شەكلىدۇر.

注 9،  10،  11 بەلگىلىرى بولسا ئۇنىڭ يىن، جۇ، چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تۇچ ئۇستىگە يېزىلغان مېتال يېزىق (金文 جىن ۋەن) شەكلىدۇر. يەنى، يىڭنە سانجىپ داۋالاۋاتقان چاغدىكى قول بىلەم ھەرىكەتلەندۈرۈش ھالىتىگە ئوخشىتىلغان.

注 12،  13،  14 بەلگىلىرى «殷– يىن» خېتىنىڭ مېتال يېزىق (金文 جىن ۋەن) شەكلىدۇر. كېيىنچە، «تىۋىپ»، «داۋالاش»، «تىبابەت» دېگەندەك مەنالارغا ئىگە «医  – يى» خېتىنىڭ دەسلەپكى شەكلى ۋە ئۆزى بولغان.

注 15، 16 بەلگىلىرى «殳- شۇ» خېتىنىڭ ئۈستى يېرىمىنىڭ « 失- شى» ۋە «殳- شۇ» بولۇپ ئىككىگە ئايرىلىشى ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى كونا دەۋردىكى ئۇچلۇق تاش ئەسۋابلىرى ئىكەن. بۇ ئەھۋال «殷– يىن» خېتىنىڭ قولىدا ئۇچلۇق ئەسۋاب تۇتقان ئادەمنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى بىلەن ماس كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

注 17، 18 بەلگىلىرى «病- بىڭ» خېتىنىڭ مېتال يېزىق شەكلى بولۇپ، «كېسەللىك» مەنىسىدە.

注 19، 20،  21 بەلگىلىرى «病- بىڭ» خېتىنىڭ دەسلەپكى شەكلى ئىكەن، بۇ ئادەمنىڭ كارۋاتتا ياتقىنىنى كۆرسىتىدىكەن. خەت شەكلىدىن يىڭنە ئاستىدىن ئوت يېقىلغان ئېنىق بىر شەكىل كۆرۈنىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئىشلىتىلگەن يىڭنىنىڭ ئوتقا قاقلانغان قىزىق يىڭنە ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدىكەن.

注 22، 23 بەلگىلىرى، «دەزمال» مەنىسىدىكى «熨- يۈن» خېتىنىڭ مېتال يازما شەكلى. خۇددى دەزمال سېلىۋاتقان ئادەمنىڭ  24 تە كۆرسىتىلگەن شەكىلدىكى بىر نەرسىنى، ئوت ئۈستىگە قويۇپ ئىسسىتقىنىغا ئوخشايدىكەن. «熨- يۈن» خېتى ئىچىدىكى، 24 – شەكلىدىكى نەرسە يۇمۇلاق تاشقا ئوخشىتىلغىنىغا قارىغاندا، بۇنداق تاش دەزماللار كېيىنچە «دەزمال سېلىش» نىڭ دەسلەپكى شەكلىنى ۋۇجۇتقا چىغارغانىكەن.

注 25،  26 بەلگىلىرى، «灸- جىئۇ» خېتىنىڭ مېتال يېزىق شەكلى بولۇپ، «دەزمال سېلىش» مەنىسىدە ئىكەن، خۇددى ئادەمنىڭ پۇتىغا ئوخشايدىكەن ۋە ئەتراپىدىكى بىر نەچچە يەرنىڭ قىزىتىلغىنىنى كۆرسىتىدىكەن.

注 27،  28 بەلگىلىرى بولسا «رۇخسەت»  مەنىسىدىكى «俞 – يۈ» خېتىنىڭ مېتال يېزىق شەكلى بولۇپ ئۇچلۇق ئەسۋاپ بىلەن ياغاچ ۋە ياكى لاينى ئويۇشقا ئوخشايدىكەن.

注 29 بەلگىسى بولسا ، «穴– شۆ» خېتىنىڭ مېتال يېزىق شەكلى بولۇپ «ئۇۋا» مەنىسىدە ئىكەن . بۇ بەلگە لاپاس ئاستىدىكى ئۇلاققا ئوخشايدىكەن. بۇ خەتلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدە تۆشۈك كۆرۈنىدىكەن. شۇڭلاشقا، «俞穴 – يۈشۆ» خېتىنىڭ مەنىسىدىن ئادەم بەدىنىدە تۆشۈك ماكانلارنىڭ بارلىغى ئەكس ئەتتۈرىلىدىكەن. (7)

ئەمما، جوڭگو تارىخى ھەققىدە ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئە. ھ. پاركىرنىڭ قارىشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1400 – 1100 يىللاردا ھۆكۈم سۈرگەن شاڭ سۇلالىسىدىكى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەپسانە ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن.

ئەگەر كاڭ نىڭ تەرىپىدىن يېشىلگەن مۇقەددەس يېزىقلار، يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئىلمىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 1400 – 1100 يىللاردا يېزىقتا خاتىرلەنگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا، ۋىللىئام نەۋىننىڭ 12000 يىل بۇرۇنقى زامانغا تەۋە نەۋادا ئەتېقىلىرىدە يەر ئالغان ئۇيغۇر بەلگىلىرىنى بۇ يېزىقلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىش كېرەك.

نەۋىننىڭ نەۋادا ئەتېقىسىگە قارايدىغان بولساق :

12- نومۇرلۇق بەلگە، ئۇيغۇر – مايالىرىنىڭ دىنىي بەلگىسى.

15- نومۇرلۇق بەلگە، ئانا دىيار مۇنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن ئوخشاش ھالدا «ھ» ھەرپىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر بەلگىسىدۇر. (9)

22- نومۇرلۇق بەلگە، كۈننىڭ نۇر مەنزىلگاھىدىن چىققىنىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر بەلگىسىدۇر.

23- نومۇرلۇق بەلگە «مەھەن» يەنى «ئىنسان» مەنىسىدىكى ئۇيغۇر بەلگىسىدۇر. (ئۇيغۇرچە مۇ ھەرپى)

جامەس چۇرچۋارد، مېكسىكىنىڭ خوچىكالكو پرامىداسى ئۈستىدىكى، يەر يۈزىدىكى تۇنجى جۈپلەرنىڭ يارىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان قاپارتما يېزىقلارنى تىزىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلىدىكى «مۇ» ھەرپىنىڭ جەريانىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن.

ئەڭ ئۈستىدە: ئۇيغۇرلارنىڭ بىر، ئىككى ۋە ئۈچ رەقەملىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن سىزىقلاردۇر. بۇ سىزىقلارنى تىك ھالەتتىمۇ قوللانغاندۇر. (10)

كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئون رەقىمىنىڭ شەكلى ياكى قاپارتما يېزىقى ھىندى مەنبەلىك بولماستىن، ئانا دىيار- مۇ مەنبەلىكتۇر. بۇ رەقەملەر ئۇ يەردە «ئاساسى سانلار» سۈپىتىدە تونۇلسىمۇ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، «ئىنساننىڭ پەقەتلا بىر تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغان» لىقىدەك يوشۇرۇن مەنانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. (11)

ئىككىنچى قۇردا: ئىككى جىنسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەمنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر يېزىقىدۇر. ئىككى جىنسقا ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى ئادەم:   شەكلىدە ئىپادە ئېتىلگەندۇر.
  رۇس ئارخېلوگى Р. К. Козлоф   18-20 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر پايتەختى قاراخوجا (ياركوتو) خارابىلىرىدىن، تۇنجى ئىنساننىڭ قوش جىنسلىق ھالەتتە ياراتىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بىر رەسىم تاپقان. جوڭگونىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ رەسىم 19000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە تەۋە بولۇپ، بەلكى، بۇ ھەقتىكى ئەڭ قەدىمقى خاتىرىدۇر. (12)

ر. ك. كوزلوف تەرىپىدىن ئۇيغۇر پايتەختى ياركوتو خارابىلىرىدىكى بىر قەبرىستانلىقتىن، يىپەك ئۈستىگە ئىشلەنگەن باشقا بىر رەسىم تېپىلغان ۋە سۈرەتكە تارتىلغان. كىم ۋە نېمە ئىكەنلىكى بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن بۇ سىموۋۇللۇق رەسىم، بىر ئۇيغۇر خانىشى ۋە ئېرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئەسلىسىدىن ھېچ شۇبھىسىز 16000 – 18000 يىللىق بىر ئۆتمۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.

ر. ك. كوزلوف تەرىپىدىن، ئالدىنقى رەسىمدىكى ئۇيغۇر خانىشىنىڭ قولىدىكى ھاسىغا ئاساسەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلارغا تەۋە بىر ئۇيغۇر ھۆكۈمدارىنىڭ خانلىق ھاسىسىنىڭ رەسمىمۇ تېپىلغان.



قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى ئىنساننىڭ قوش جىنسلىق ھالەتتە يارىتىلغانلىق چۇشەنچىسى قۇرئانى كەرىم ۋە تەۋراتى شەرىفلەردىمۇ قەيت قىلىنغان. (13)

ئەي ئىنسانلار! رەببىڭلەرگە قارشى چىقىشتىن ساقلىنىڭلاركى، سىلەرنى يالغۇز بىر نەفىستىن ( تۇنجى ئاتاڭلار ئادەمدىن) ياراتتى، ئۇنىڭدىن (يەنە ئۇنىڭ) جۈپىنى (تۇنجى ئاناڭلار ھاۋانى) ياراتتى ۋە بۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئەركەك ھەم ئاياللارنى پەيدا قىلدى …

تەۋراتى شەرىفنىڭ تەكۋىن سۈرەسى 2. باپ 21، 22 ۋە 23- ئايەتلىرىدە دەيدۇ:

رەب ئادەمگە چوڭقۇر ئۇيقۇ بەردى ۋە ئۇ ئۇخلىدى؛ ئۇنىڭ قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن بىرنى ئالدى ۋە ئورنىنى گۆش بىلەن ئەتتى؛ رەب ئادەمدىن ئالغان قوۋۇرغا سۆڭىكى بىلەن بىر ئايال ياراتتى ۋە ئۇنى ئادەمگە بەردى.  ئادەم دېدى: ھازىر بۇ مېنىڭ سۆڭىكىمدىن سۆڭەك، گۆشۈمدىن گۆشتۇر؛ ئۇنى نىسا دەيمىز، چۈنكى ئۇ ئىنساندىن ئېلىندى …

تەۋراتى شەرىفتە «ئەرەم باغچىسى» دەپ ئاتالغان رىۋايەتلەر، ئەسلىدە، يۇزاتانلىق مايالار، مىسىرلىقلار، ھىندىلار، چالدەئانلار ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلىپ، كېيىن ئىسرائىلىلىكلەرگە خاس ھالدا كۆچۈرۈلگەن، ئانا دىيارنىڭ يېقىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھىكايىلەردۇر.
ئۈچىنجى قۇردا: شەكلى، پەقەت ئەركەك جىنستىكى ئادەمنى بىلدۈرمەكتە. جىنسنى تەكىتلەش زۆرۈر بولمىغان ئەھۋاللاردا پەقەتلا ئۇيغۇرچە مۇ ھەرپى بولغان http://akademiye.org/ug/wp-content/uploads/resim-mu/ybd009.gif شەكلى ئىشلىتىلگەن.


1. ناگاچە مۇ

2. ئۇيغۇرچە مۇ

3. ئوڭ پۇتى ئۇزارتىلىشتىن پەيدا بولغان ئىككىنچى ئۆزگىرىش

4. جوڭگولۇقلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئاخىرقى شەكىل. (1)


ئىزاھات:

1. مۇ، مايا ۋە  مىسىر ئېلىپبەسى جەدۋىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى، جوڭگولۇق تارىخچى لىيۇ زېشاۋنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ناملىق كىتابىنىڭ 241- بەتتىكى قەدىمقى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىن ئېلىنغان.

2. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقلىرى تېمىسى جوڭگو ۋە رۇسسىيىنىڭ مەنبەلىرىدە بىراز پەرقلىق تەھلىل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، تۇرسۇن راھىموۋنىڭ رۇسچە-ئۇيغۇرچە لۇغىتىدىكى قەدىمقى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىمۇ ئايرىم ھالدا بېرىلدى.

خەنزۇچىدىكى ”ئىنسان“ مەنىسىدىكى «人 – رېن» ۋە «民 – مىن» خەتلىرى، ئۇيغۇرچىدىكى مۇ ھەرپىنىڭ ئوڭ – سول پۇتلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۇچ چىقىرىلىشى بىلەن «人 – رېن»، «مەھەن» مەنىسىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بىلەن «民 – مىن» بولۇپ شەكىللەنگەن بولۇشى مۈمكىن. دېمىسىمۇ، «ئىنسان» نىڭ ئىككى جىنسقا ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى ئىپادىلىمە شەكلى  مۇ، خەنزۇچىدىكى «民 – مىن» نىڭ شەكلىگە ناھايىتى يېقىن. ئۇنداقتا، ئىنگىلىزچىدىكى «مەن»، خەنزۇچىدىكى «民 – مىن» سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى قەدىمقى ئۇيغۇرچىدىكى «مەھەن» دىن كەلگەن بولۇشى مۈمكىن.

خەنزۇچىدىكى «ئاچىماق نەرسىلەر» مەنىسىدىكى «丫 – يا» خېتىمۇ ئەسلىدە قەدىمقى ئۇيغۇرچىدىكى «تاغ» مەنىسىدىكى، ئايرىم ھالەتتە «يۈكسەلدى» دەپ ئوقۇلغان «» بەلگىسىدىن كەلگەن.

تەڭ تەرەپلىك ئۈچبۇلۇڭ ئەسلىدە، ئىپتىدائى ئادەملەردە «مۇ» تۇپراقلىرىنى ھاسىل قىلغان ئۈچ پارچە ئايرىم قورۇقلۇقلارنىڭ، يەنى غەربىي دىيارلارنىڭ قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

شۇ سەۋەبتىن، ئىلمىي ۋە دىنىي ئۇقۇملارنى ئۇيغۇرلاردىن ئالغان جوڭگولۇقلاردا، كوڭزى زامانىدا «» نىڭ ئورنىغا «丫» ئىشلەتكەن ۋە بۇنى «ئۇلۇغ تەرمىن»، «ئۇلۇغ ئۇقۇم» ۋە «ئۇلۇغ» دەپ نام بەرگەن. «ئۇلۇغ تەرمىن» ۋە «ئۇلۇغ ئۇقۇم» ئۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالمىش، بىرى ئۈچ بولمۇش، ئۈچى بىر بولمۇش شەكلىدە ئىزاھلانغان. (14)

28- نومۇرلۇق بەلگە، بىر ئۇيغۇر بەلگىسىدۇر، ئەمما نېمە مەنادا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

29- نومۇرلۇق بەلگە، «خ»  ھەرپىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر بەلگىسى.

30- نومۇرلۇق بەلگە،  قاتتىق ۋەياكى مەجبۇرى مەنىسىدىكى ئۇيغۇر بەلگىسى.

31- نومۇرلۇق بەلگە، كۆكنىڭ يەرنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر بەلگىسى.

32- نومۇرلۇق بەلگە، دۇنيا مىقياسىدا ھەقىقەتنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن قۇش پېيىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى ئىپادىسى.

36- نومۇرلۇق بەلگە، ئاستىدىن كەلگەن ئوتلار مەنىسىدىكى ئۇيغۇر بەلگىسى. (خەنزۇچىدىكى «ئوت» مەنىسىدىكى «火 – خو» خېتى، ئۇيغۇر بەلگىسىنىڭ نەق ئۆزى. كاڭ يىننىڭ چىغىناق-تارغاق توپلاملىرىدىكى 注 22،  23،  24،  25،  26 لار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئادەتتىكى بىر جوڭگولۇقمۇ ھەيران قالغىدەك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.)

37- نومۇرلۇق بەلگە، جامائەتنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر بەلگىسى بولۇپ، مىسىرلىقلار يوپۇرماقنى تەتۈر چۆرۈش، سەپىنى ئۇچىغا ئەكىلىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.

42- نومۇرلۇق بەلگە، ئانا دىيار «مۇ» نىڭ ھەرپى بىلەن ئوخشاش ھالدا «ھ» ھەرپىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر بەلگىسى.

جامەس چۇرچۋاردنىڭ قارىشىچە، ئەڭ قەدىمقى يېزىق، ئىلمى نۇجۇم تارىخلىرىغا ئاساسلانغاندا 70000 يىللىق بولۇپ، تىبەتتىكى ھىمالايا ئىبادەتخانلىرىدا ساقلانماقتا. (15)

ۋىللىئام نىۋەننىڭ مېكسىكا جەدۋەللىرى ئۈستىدىكى ئۇيغۇرچە مۇقەددەس يېزىقلارنى مۇنداق تېزىش مۈمكىندۇر.

قۇش كۆزى  شەكلىنىڭ ئايرىم ئوقۇلۇشى «را» دۇر. تەڭرىنىڭ يىگانىلىقىنى ۋە قۇياشنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر بەلگىسىدۇر.

بۇ بەلگە 50، 163، 277، 386، 694، 848، 988، 1006، 1049، 154، 1055، 1066، 1079، 1086، 1107، 1217، 1219، 1254، 1256، 1267، 1300، 1994، 2009، 2015، 2016 نومۇرلۇق جەدۋەللەردىمۇ ئىچىگە ئېلىنغاندۇر. (16)

2600- جەدۋەلدىن تۈزۈلگەن بۇ توپلامدا ئىچىگە ئېلىنغان 30 قۇش رەسمى ئۇيغۇرلارغا تەۋە. چۈنكى، بۇ رەسىملەردە قۇشنىڭ كۆزلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرىنىڭ يىگانىلىغىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن قۇياشنىڭ بەلگىسى بىلەن سىزىلغان. (17)

شەكلى، تۆت ئۇلۇغ ئىپتىدائى كۈچنى سان بىلەن ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر رەقىمى. (18)

ئۇنىڭدىن باشقا، نەۋگرانگە تاملىرىغا ئۇيۇلغان ھالەتتە تېپىلغان  شەكلى، «بىر يەرگە بېرىش» مەنىسىدىكى ئۇيغۇر بەلگىسىدۇر. شەكلى بولسا «بىر يەردىن كەلمەك» مەنىسىدە. (19)

2379- نومۇرلۇق جەدۋەلدىكى، ئايالنىڭ ئەركەكتىن يارىتىلغانلىغىنى ئىپادىلىگەن بۇ ئاسترونومىك بەلگە، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقلىرىدىمۇ ئۇچرايدىغان مۇقەددەس يېزىق. (20)

1256- نومۇرلۇق جەدۋەلدىكى بەلگە، ناگا ۋە ئۇيغۇر ئۇسلۇبى ئارىلاش ئىشلىتىلگەن، ئاچقۇچ تاش شەكلىدىكى سىرلىق يېزىق بولۇپ، تەڭرى بىرنى ياراتتى، بىر ئىككى بولدى، ئىككى ئۈچنى پەيدا قىلدى مەنىسى، چوڭقۇر مەنىلىك رەقەملىك يېزىق بىلەن ئىپادىلەنگەن. (20)

921- نومۇرلۇق جەدۋەلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ 9 ئۈلۈشلىك نىسبەت چۈشەنچىسى ئىپادىلەنگەن. ( 21 )

ئۇيغۇرلار، دۈنيانىڭ ئەڭ قەدىمقى مەدەنىي مىللەتلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان جوڭگولۇقلارغا مەدەنىي مىراسلار قالدۇرغان خەلقتۇر. پەقەت 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە جوڭگو مەدەنيىتى، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىغا ئۇيغۇرلاردىن ئۆتكەن ئۇيغۇر مەدەنيىتى بولۇپ، بۇنى ئىسپاتلايدىغان خاتىرىلەر ھېچكىمگە كۆرسىتىلمەستىن، تائو ئىبادەتخانىلىرىدا ئالاھىدە قوغدالماقتا. جوڭگو رىۋايەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 17.000 يىل بۇرۇن مەدەنيىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىدە بولغانلىغى بايان قىلىنغان. بۇ تارىخ گېئولوگىيىلىك ھادىسەردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. (22)

مىلادىدىن 600 يىل بۇرۇن ئۆتكەن جوڭگولۇق پەيلاسوپ لاۋ زى تەرىپىدىن يېزىلغان داۋ دې جىڭ  (ئەخلاق دەستۇرى) ناملىق كىتاپتىكى، تۇنجى ئادەملەرنىڭ ئىككى جىنسلىق ھالدا يارىتىلغانلىغى ھەققىدىكى ئىپادىلىرىمۇ يۇقىرىدا سۆزلەنگەن خاتىرىلەر ۋە ۋەھىيلەشتۈرۈلگەن يېزىقلاردىمۇ ئوخشاش شەكىلدە «داۋ (يول) بىرنى ياراتتى، بىر ئىككى بولدى، ئىككى ئۈچنى پەيدا قىلدى،  ئۈچتىن پۈتۈن ئىنسان ئالەمى پەيدا بولدى» دەپ چۈشەندۈرگەن. داۋ دې جىڭنىڭ كۆپ قىسمى، «مۇ» نىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن مۇقەددەس يېزىقلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدىن ئېلىنغان نەقىللەردىن ئىبارەت. (23)

ئۇيغۇرلار، مەدەنىيەت ئۈستۈنلىكى بىلەن تۇنجى چىن ئىمپېرىيىسىنىڭ، تومۇرلىرىدا ئۇيغۇر قېنى ئاقىدىغان ۋە ئۇلۇغ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ئۆز ئۆلۈشىنى ئالغان كىشىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلۇشىغا تۈرۈتكە بولغان خەلق.  ئەپسۇسلىنارلىغى، قەدىمقى جوڭگوغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تارىخىي ئەسەرلەر، ئۇلۇغ سەددىچىن سېپىلىنى (يەنى، ئۇ دەۋىردىكى جوڭگو چېگرىسى) سالدۇرغان ئىمپېراتور چىن شىخۇاڭ تەرىپىدىن يىغىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. (24)

ئىنگىلىز تەتقىقاتچىسى جامەس چۇرچۋاردنىڭ غايىپ قىتئە – مۇ ۋە مۇ مەدەنىيىتى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمى مەدەنىيىتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان جوڭگو مەدەنىيىتى پەقەت 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلاردىن ئەجداتلىرىغا ئۆتكەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا، تۇنجى چىن ئىمپېرىيىسىنىڭ، تومۇرىدا ئۇيغۇر قېنى ئاقىدىغان ۋە ئۇلۇغ ئۇيغۇر مەدىنيىتىدىن ئۆز ئۆلۈشىنى ئالغانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى تېمىسى بايان قىلىنغان. (25)


ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە (م.ب. 20.000 يىللىرى، يەنى مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن نۇرغۇن زامان ئىلگىرى قۇرۇلغانلىغى تەخمىن قىلىنىدۇ.) ئۇيغۇرلار، مۇنەجىملىك، مېتالچىلىق، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق، ماتېماتىكا، تېرىقچىلىق، مائارىپ، تېبابەت قاتارلىق بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ، يوقۇرى مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە يەتكەن. ئۇلار، يىپەك، مېتال ۋە ياغاچ ئۈستىگە ئىشلەنگەن بېزەكچىلىك سەنئىتىنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى. ئالتۇن، كۆمۈش، مىس ۋە لايدىن ھەيكەللەرنى ياسايتتى. دۇنيادا ئەڭ قەدىمقى ئىككى مىس ھەيكەلنىڭ بىرى بولۇپ تونۇلغان – پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ ھۆكۈمدارى ۋە خوجايىنى بولغان مۇنىڭ سىموۋۇللۇق ھەيكىلى، 20.000 يىل بۇرۇن مۇدا ياكى ئۇيغۇر پايتەختىدە ياسالغان. (26)

بۇ نوقتىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرگەن جوڭگولۇقلارنىڭ يىڭنە سانجىپ داۋالاشنى كەشىپ قىلغانلىغىدىن گۇمانلانغان ھالدا، ئەجەبا، يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇيغۇرلارنىڭ كەشپىياتىمىدۇر دېگەن بىر سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويۇش ناھايىتى نورمال بىر ئەھۋال.

پروف. در. گ. ر. راھمەتى ئاراتنىڭ 1930 ۋە 1932 يىللىرى بېرلىندە نەشىر قىلدۇرغان زۇركۇند دەر ئۇيگۇرەن  (Zurkunde der Uiguren) ۋە ف. ك. ۋ. مۈللەرنىڭEin Beitrag zur ärzlichen Graphik aus Zentralsien (Turfan). (Arch. f. Gesch. d. Med. Bd. 15.) ناملىق ئەسىرىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بېرلىن موزىخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان، ھەر ئىككى تەرىپى قەدىمى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان، ئۇيغۇرچە بۇددا كىتابىغا تەۋە 18.5 سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى 4- نومۇرلۇق تومارنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرلارغا تەۋە يىڭنە سانجىپ داۋالاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك تېببى سەھىپە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. (27)





در. مەھمەت ياقۇپ بۇغرانىڭ بۇ ئۇچۇرلاردىن ئىلھاملىنىپ، ئۇيغۇر تىبابەت تارىخىي ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىدا، مۇنداق بايان قىلغان:

1960- يىلى جوڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىبابىتىنى تەتقىق قىلىش مەقسىدى بىلەن، در. مەھمەت ياقۇپ بۇغرامۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر گۇرۇپ قۇرغان. بىر خەنزۇ تەتقىقاتچى باشچىلىغىدىكى بۇ گۇرۇپ، تۆت يىللىق خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قەدىمقى جوڭگوچە تېبابەت ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپتۇ، موزىخانىلارنى زىيارەت قىلىپتۇ ۋە بىر قىسىم قېدىرىپ تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىپتۇ. ئاخىرىدا، قىسقىچە ئۇيغۇر تېبابەت تارىخى ناملىق بىر دوكلات ھازىرلاپتۇ. ئسمى ئاتالغان ئۇ دوكلاتتا شۇ نوقتىلار جەزملەشتۈرۈلگەن. (28)

1. «جۇڭگونىڭ قەدىمقى تېبابەت تارىخى خۇەن يەنزەي ناملىق كىتابنىڭ غەربىي دىيار تەزكىرىسى 19- جىلت 1201 بەتتە، غەربى يۇرتلۇقلارنىڭ داۋالاش مەقسىدى بىلەن ھەتتا سۆڭەك يىڭنىلەر ياسىغانلىغى قەيت قىلىنغان.

2. جىمسار، گۇچۇڭ، خوتەن، تۇرپان ۋە يارغولغا ئوخشاش قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋالاشقا ئىشلەتكەن تاش ھاۋانچا، تاش تەخسە، ئۇچى ئۇچلۇق ۋە قىرلىق بىگىزگە ئوخشايدىغان ئەسۋابلار ۋە سۆڭەك يىڭنىلەر تېپىلغان. بۇ قېزىلمىلارنىڭ تاش دەۋرىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

3. 1983- يىلى جىمسار ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان قېدىرىپ تەكشۇرۇشتە تاش ھاۋانچا ۋە يېنىدا بىر نەچچە تال سۆڭەك يىڭنە تېپىلغان.

مەھمەت ياقۇپ بۇغرا، 1983-يىلى توغۇلغان يېرى خوتەننى زىيارەت قىلغان چاغدا، جىمسار ناھىيەسىدىن تېپىلغان سۆڭەك يىڭنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇ يىڭنىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىۋىپلىرى تەرىپىدىن يىڭنە سانجىپ داۋالاشتا ئىشلىتىلگەنلىكى ھەم تۇنجى تاش قوراللار دەۋرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلانغانلىغىنى سۆزلەپ بەرگەن. (29)

مەسلىگە مەنتىقە بويىچە باھا بەرسەك، بۇنىڭدىن 3.500 يىل ئىلگىرى مېتالدىن يىڭنە ياسىيالىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر مىللەتنىڭ، 19.000 يىل بۇرۇن مىستىن ھەيكەل ياسىيالىغان بىر مىللەت بىلەن ئىناۋەت غەۋغاسى قىلىپ، يىڭنە سانجىپ داۋالاشقا ئىگە چىقىشى ئانچە ئەقىلغە مۇۋاپىق بىر پوزىتسىيە دەپ قارىمايمەن.

ھالبۇكى، بولزانو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاناتومىيە پراففىسورى ئىدىۋارت ئەگارتەر ۋىگل، 5300 يىل بۇرۇن، ئاۋسترالىيە-ئىتالىيە چېگرىسىدىكى ئالپ تاغلىرىدا ئۆلگەن داڭلىق «مۇز ئادەم» ئۆتزىنىڭ بەدىنىدە ئېلىپ بارغان ئانالىزلىرى جەريانىدا، چىكىلگەنگە ئوخشاش 57 سىزىق ۋە نوقتىلارنى كۆرگەن ۋە بۇ ئىزلارنىڭ ئۆتزىنىڭ كېسەللىرىنى ئىپادىلىگەن نوقتىلارغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق، ياۋرۇپالىقلارنىڭ يىڭنە سانجىپ داۋالاش  ئۇسۇلىنى جوڭگولۇقلاردىن ئەڭ ئاز 2000 يىل بۇرۇن ئىشلەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (30)

ئەجىبا، بۇ ياۋرۇپالىقلار كىم ؟

جامەس چۇرچۋاردنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممىسى، تىنچ ئوكياندىن ئۇرال تاغلىرىغىچە بولغان يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى، ياۋروپانىڭ پۈتۈن مەركىزى قىسىملىرىدا مۇستەملىكە ۋە ئولتۇراقلىشىش رايونى قۇرغان. (31)

جامەس چۇرچۋاردنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئارىئانلارنىڭ تارىخىدۇر (ھەرھالدا تۇرانىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئونمىڭلارچە يىل بۇرۇن بولۇشى مۈمكىن). چۈنكى، ھەقىقىي ئارىئانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەجداتى ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇيغۇرلار، تاكى ئۈچىنچى ئېرادىن باشلاپ ياۋرۇپانىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە ئولتۇراقلاشقاندۇر. ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ، چوڭ مەگنەتىك ئاپەت يەنى، تەۋراتتا بايان قىلىنغان «توپان» ئاپىتىدىن ۋە تاغلارنىڭ ئۆرلىشى بىلەن يىقىلىشى، ھاياتتا قالغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقىدىن بولغان ئىنسانلارنى ياۋروپاغا كۆچۈپ، يېڭىدىن ماكان قۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. سلاۋيانلار، تيوتونلار، كەلتلەر، ئېرلاندىيلىكلەر، برۆتونلار ۋە باسكلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر نەسلىدىندۇر. برۆتونلار، باسكلار ۋە ھەقىقىي ئېرلاندىيلىكلەر، ياۋروپاغا ئۈچىنچى ئېرادا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نەۋرىلىرىدۇر، تېخىمۇ توغرىسى ماگنەتىك ئاپەت ۋە تاغلارنىڭ ئۆرلىشىدىن قۇتۇلالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نەۋرىلىرىدۇر. (32)

سچۇرە ئىدىۋاردنىڭ قارىشىچە، توپان بالاسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قولى بولغان ساكلار مەركەزدىن ئايرىلغانىكەن ۋە ياۋروپادا كۈنسېرى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن بىر دۆلەت قۇرغانىكەن ھەم مەۋجۇتلىغىنى ھازىرقىدىن 5000 يىل بۇرۇنغىچە ساقلاپ قالالىغانىكەن. نائاجائاللارنىڭ ئىران ۋە ئافغانىستانغا كۆچكەن ئەگەشكۈچىلىرى، بۇ يەردە ساكلارنىڭ باشقا بىر تارمىغى ۋە ئارىئانلار بىلەن ئارلاشقان ھالدىكى تۇرانىلار بىلەن بىرلەشكەن ۋە چوڭ كۆچمەنگە ئايلىنىپ ھىندىستاننى ئىشغال قىلغانىكەن. (33)

ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈشى ۋە ئۇنىڭ كەلتۈرگەن ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە پروف. ئىلھان ئارسەل شۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇرلار، تۇنجى كۆچۈش مەزگىلىدە (مىلادىدىن بۇرۇنقى 2824 يىللىرىغا توغرا كېلىدىغانلىغى قوبۇل قىلىنىدۇ)، ھۇجۇم ۋە ئۇرۇش يوللىرى بىلەن ئەتراپقا ۋەھىمە تارقىتىش بىلەن نام چىقاردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، غەربكىچە كەلگەن ۋە ئۇ جايلارنى ئىشغال قىلغانلار، غەربلىكلەرنىڭ تىلىدا «ئۇيغۇر» ئىسمىنىڭ كىنايىسى شەكلىدە يەر ئالغان «ئوگرە» ئىسمى بىلەن خاتىرلىنىدىغان بولدى. «ئوگرە» كەلىمىسى ئۇلارنىڭ تىلىدا «ۋەھىمە تارقاتقۇچى، بىزار قىلغۇچى، قورقۇتقۇچى» مەنىسىدە بولغانلىغى ئۈچۈن، ھەزەكىئەل ( م. ب. 586- يىللىرى ئىرۇسالىمدا ئۆتكەن يەھۇدىي قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن) پەيغەمبەرنىڭ ئاغزى بىلەن ئەھدى – ئاتىيكتىكى (مۇقەددەس كىتاب) شەكلى بىلەن ئىپادىلەنگەن. (34)

پروف. در. زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار، ئاسىيا ۋە شەرقى ياۋروپانىڭ بۇنچە كەڭ يەرلىرىگە، تارىخى ئېنىق ياكى ئېنىقسىز دەۋرلەردە، بەلكىم ھۇنلار بىلەن بىرلىكتە ياكى تېخىمۇ بۇرۇن كەلگەن بولۇشى مۈمكىن. (35)

پروف. در. زەكى ۋەلىدى توغان ۋە ئىلھان ئارسەلنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا كۆچۈشى ھۇنلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن خېلى ئىلگىرىكى بىر ۋەقە.

ھۇنلار، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم يەرىدە 500 يىلدىن ئۇزۇن بىر دەۋر ئاساسى كۈچ بولۇپ، كۈچلۈك قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئۇيوشتۇرغان ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 370- يىلى ياۋروپانى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق چوڭ بىر  ئىمپېرىيە قۇرغان بىر كۆچمەن خەلق. (36)

جامەس چۇرچۋاردمۇ، تارىختىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر كۆچۈشلىرىنى بايان قىلغاندا، ھىچبىر ۋاقىت ھۇنلارنى تىلغا ئالمىغان.

ئەگەر، ئوغۇزخان داستانىدا بايان قىلىنغان ئۇرۇش سەپەرلىرىگە بۇ نوقتىدىن باھا بېرىلسە، بەزى ئالىملار تەرىپىدىن ھۇن ئىمپراتورى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ (مەتە خان) سىموۋۇلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ئوغۇزخاننىڭ ئۇيغۇر قەۋمىدىن بولۇشى (دېمىسىمۇ، ئوغۇزنامە داستانىدىمۇ ئوغۇزخان ئۆزىنى ئۇيغۇر پادىشاھى دەپ ئېلان قىلغان)، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇن ئەۋلادى ئەمەس، دەل ئەكسىچە ھۇنلارنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادى بولىشى مۈمكىن. 5- ئەسىردىن كېيىنكى تارىخىي خاتىرىلەردە، ھۇنلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇشى مۈمكىن. توققۇز ئوغۇزلارغا باغلانغان ھۇن قەبىلىلىرى ئەجىبا  ھۇنلارمۇ؟ بۇ باشقا بىر تەتقىقات تېمىسى.

مەنبەلەر:

(1)(2)(4)(6)(7) Acupuncture and Moxibustion Originated in China, Chinese Acupuncture & Moxibustion, P. 1-2, Volume 4 June 1984
(3)(5) Zhong Guo Zhen Jiu Da Ci Dian, 709. Bei Jing Ti Yu Xue Yuan Chu Ban She, Bei Jing 1991
(8)(11)(12)(15)(20)(21)(22)(23)(24)(25)(26)(31)(32) James Churchward : The Children of Mu 225,193,159, 133, 55, 58, 70, 61, 224, 227 P. Brotherhood of Life Albuquerque New Mexico USA 1998
(9)(12)(17) James Churchward : The Lost Continent of Mu 174, 177, 107 P. Addidum 66 p. Brotherhood of Life Albuquerque New Mexico USA 1987
(10)(12)(13)(16)(18)(19) James Churchward : The Sacred Symbols of Mu 107, 109, 110, 161, 124, 125, 69, 147, 157 P. Brotherhood of Life Aluquerque New Maxico USA 2001
(27) Dr. A. Süheyl Ünver Uygurlarda Tababet 65, 66 s. İstanbul Üniversitesi Tıp Tarihi Enstitüsü Sayı : 3 Yeni Laboratuvar Yayımları 1936<(28)(29) Dr. Mehmet Yakup Buğra : Akupunktur Doğu Türkistan’ın Sesi mecmuesi 1986 3. cilt 11-12 sayı 50 – 51 s..
(30) Avrupalı Akupunkturu çinliden önce bulmuş : Hürriyet Gazetesi 28 s. 18 Aralık 2000
(33) Cihangir Gener : İzoterik Batıni Doktrinler Tarihi 28 s. Gece Yayınları Ankara 1995
(34) Arap Milliyetçiliği ve Türkler 45 s. İnkılap Kitapevi İstanbul 1987
(34) Ord. Prof. Dr. A. Zeki Velidi Togan : Umumi Türk Tarihine Giriş 148, 149 s. İstanbul
(35) Ana Britannica : 11.cilt 279
مەنبەسى :ئۇيغۇر ئاكادىمىسى تورى http://akademiye.org/ug/?p=495

ھەي جۇڭگۇچىلىق

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7211
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4886 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 08:51:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئىزدىنىشتا كۆرەپتىم ماۋۇ تىمىنى ...
   
  بىردەمدە مىسرانىمغا كەپ بوپتا ....

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1864 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 08:54:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ دادامنى بىر قىتىم يىڭنە سانجىتىپ داۋالاتقان ئىدۇق ، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى بەك قورقۇنۇشلۇقكەن ، خۇددى مەلىكە خۇەنجۇ فىلىمىدىكى رۇڭ ئىنىگئانىنى كۆرگەندەك بولىدىكەنمىز ، جان چىقىدىكەن ئەمەسمۇ ، دادام چىداپ تۇرسا مەن چەتتە قورققىنىمدىن يىغلاپ كەتكەن ئىدىم ، مۇشىنڭدىن باشقا داۋالاش ئۇسۇلى يوقمۇ ھەي كالۋىرەك دەپ ئاچچىقلىغان ئىدىم ، ئۇ خەنزۇ مۇشۇ داۋالاش ئۇسۇلى ئىتتىك ھەم ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ  دەپ بىر تالاي  چۈشەندۈرگەن ئىدى .
ئىشقىلىپ بىر چەتتە قاراپ تۇرۇش بەك قورقۇنۇشلۇقكەن ھەي ،،،،،،،،،،،

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ھەي جۇڭگۇچىلىق

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7211
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4886 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 09:02:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2012-7-2 08:54 PM
مىنىڭ دادامنى بىر قىتىم يىڭنە سانجىتىپ داۋالاتقان ئىد ...

ھە  شۇ چاغدا قارسام بۇرنىڭىزدىن پوتلىڭىز ئېقىپ يىغلاپ ئاشۇ يەردە  .....خاپقىلغانتىڭىز  شۇ ھامان ئاپىڭىز كىلىپ    ئىمىزگە سېلىپ قويسا توختىغان  سىز

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1864 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 09:05:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-2 09:02 PM
ھە  شۇ چاغدا قارسام بۇرنىڭىزدىن پوتلىڭىز ئېقىپ يىغلاپ ...

سىز ئەمەس مەن چوپچوڭ بولغۇچە ئىمىزگە ئىمىدىغان ، قارىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ تارىخىنى سۆزلەۋاتقان ئوخشايسىز ھە ھى ھى ھى

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1783
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 09:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى جوڭگۇ ئىتراپ قىلاما ؟

تۇرپان قىزى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4085
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 902 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 09:16:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-2 09:02 PM
ھە  شۇ چاغدا قارسام بۇرنىڭىزدىن پوتلىڭىز ئېقىپ يىغلاپ ...
مەكتەپتە ئۇقۋاتقان چىغىمىزدا مۇئەللىم بىزگە سۇنئىي ھەمراھنى ياساش ئۇچۇن تۇنجى قەلەم تەۋرەتكەن ئادەم ئۇيغۇر دىگەن ئىدى


سەزگۇر  سۇمەييەنى كىچىك دەپ بوزەك قىپلا تۇرماڭ ئۇنداق ھە؟ ھى ھى ھى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 09:22 PM  


ئاياللارنى قەدىرلىمىگەن  ئەرلەر  ، پەرزەنىتلىرىنى  تەربىيلەشنى بىلمىگەن ئاياللار مەڭگۈ ھۆرمەتكە  ئېرىشەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 912
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 09:17:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ كەشپىياتلىرىمىز ئەمدى بىردىن بىردىن بايقىلىۋاتىدۇ.

بەزىلەر ھەۋەس قىپ ئېيتىدۇ غەزەل،
خىيالغا غەرق بولۇپ ياشار بىر مەھەل.
ۋە لىكىن رىياللىق باقماس خىيالغا،
قايمۇققان شۇ نادان تۆلەيدۇ بەدەل.

ھەي جۇڭگۇچىلىق

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7211
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4886 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 09:18:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-2 09:16 PM
سەزگۇر  سۇمەييەنى كىچىك دەپ بوزەك قىپلا تۇرماڭ ئۇندا ...

بوزەك قىلغىلى بولامدۇ ئۇ يىغلاڭغۇنى   ،،،،؟ ئەركىلتىپ قويۋاتمەن

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 09:38:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك بۇمۇ بىر تۈرلۈك كەشپىيات قاتارىدا ئۇرۇن ئالسا بولغۇدەك.ئاڭلىمىغانلا گەپكەن بۇ.
لىكىن ھازىر بۇ جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ كەتتى.يىڭنە سانجىيدىغان دۇختۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دۇختۇرلاار بۇ ئىشنى قىلمايدۇغۇ دەيمەن.مۇشۇ تىخنىكىنى ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ چەتئەللەردىن مەخسۇس ئۆگەنگۈچىلەر كىلىدىكەن.يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئورۇنىدا قاراپ تۇرسا ئادەمنى بىرخىل قۇرقۇنۇچ قاپلايدىكەن،لىكىن يىڭنە سانجىتسا پاشا چاققانچىلىك ئاغىرىتمايدىكەن.چىم قىلىپلا ئۆتۈپ كەتسە ھىچ ئىش يۇق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش