ئاقاردى چاچلار ،
تورلاشتى جۈپ كۆز.
سوۋغا قىلدى زامان
چىرايغا قورۇق .
ھالسىزلاندى تەن .
كۆتۈرەلمەيدۇ ئەمدى مىنى
ماڭالماي يىغلىغاندا
ھاپاشلاپ ...
كۆتۈرەلمەيدۇ ئەمدى مىنى ،
ئەركىلىتىپ
يۈزلىرىمگە سۆيۈپ ،
مىھرى بىلەن باغرىغا بېسىپ ...
شۇنداقتىمۇ كۆتۈرۈشكە
ھەرزامان تەييار
ئېغىرچىلىقىمنى .
گەرچە مىنى كۆتۈرەلمىسىمۇ ،
گەرچە مادارى يەتمىسىمۇ ،
كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ مىھرى ھامان .
...
ئۆتۈپ كەتتى
گۈزەل ئەسلىمە .
ئۆتۈپ كەتتى
جاپالىق توققۇز ئاي .
ئۆتۈپ كەتتى
ئازاپلىق تولغاق .
ئۆتۈپ كەتتى
ساناقسىز ئۇيقۇسىز كىچە .
ئۆتۈپ كەتتى
ئۆتكەن ھەممە .
زامان زامانغا بېقىپ .
زاماننىڭ قالدۇرغىنى
تارىخنىڭ رەھىمسىز ئىزى
چىرايدىكى يول -يول سىزىق .
زاماننىڭ قالدۇرغىنى
مىھرى-مۇھەببەتكە تولغان
ئۆتكەن ئۆمۈر .
ئىزدەيمەن بەختنى ،ماڭقۇرت !
باشقا بىرسىدىن .
تەلەپ قىلىمەن مۇھەببەتنى ،تۇزكور !
باشقا بىرسىدىن .
لەنەت !
جەننەت باشقىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدىمىدى؟.
ئازاپلىنىمەن باشقا ئۈچۈن ،
خۇددى شۇنداقتەك .
ياش تۆكىمەن باشقا ئۈچۈن،
خۇددى شۇنداقتەك .
...
ئۆتتى كۈنلەر
ئۆتتى ئايلار
ئۆتتى يىللار
ئۆتەۋەردى مىھنەتسىز تۆكۈلۈپ مېھىر .
گەر تۆكۈلسە تەكلىماكانغا بىر تامچە ،
بولار ئىدى ئۇيەر بوستانلىق .
بىر ئۆمۈر بولساممۇ ئات-ئېشەك .
بىر ئۆمۈر ئۇنى يۈدۈپ چاپساممۇ ،
ئەرەپ يېرىم ئارىلىغا نەچچەرەت.
قايتۇرالمايمەن )بۇنىسى ئىنىق)
بىرتامچە سۈتنىڭ ھەققىنى .
پەقەت قىلالايدىغىنىم ،
سۈت ئىگىسىنىڭ كۈتىدىغىنىمۇ ،
ئارزۇسىمۇ ھەم ،
سۈت مېھرىگە يارىشا
ئادەمدەك ياشاش .
ئۇلۇغ خالىق تەلەپ قىلغاندەك ،
يولباشچىمىز تەكىتلىگەندەك ...
...
مىنىڭ كۈلكەم خوشال قىلىدۇ ئۇنى ،
مىنىڭ بەختىم بەخىتلىك قىلىدۇ ئۇنى ،
گەرچە ئۆزۈم ئۈچۈن كۈلسەممۇ .
...
بولدىلا ماختىماي ئۇلۇغ ئىنساننى بۇيەردە ،
ماختىساممۇ ئۇ ،يۈرىكىمنىڭ ئەڭ تۆرىدە ...
باشقىلارغا كۆككە كۆتۈرۈپ ماختىغاندىن .
ئۇسسۇدىڭمۇ ؟...دېسەم قوپالغىنا ،
ئاڭلىنىدۇ ئۇنىڭغا ئەزاندەك مۇڭلۇق
سۇنسام ئۇنىڭغا بىر پىيالە سوغۇق سۇ ،
خوشاللىقىدا ئىچىدۇ ئۇنى زەمزەم بىلىپ .
چۈنكى ئۇ ،مىنىڭ مىھرىبان ئانام ...
2008-يىلى 5-ئاۋغۇست… خوتەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarhamak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-2 01:43 PM
|