|
|
|
|
ھەر قايسى تەرەپلەر سۇرىيەدە ئۆتكۈنچى باشقۇرۇش ئورگىنى قۇرۇشتا بىردەكلىككە كەلدى | جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئىيۇل خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ب د ت دىن كەلگەن ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، سۇرىيە مەسىلىسى مىنىستىرلار يىغىنى 30-ئىيۇن جەنۋەدە ئېچىلغان، يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ھەر قايسى تەرەپلەر سۇرىيەدە «ئۆتكۈنچى باشقۇرۇش ئورگىنى» قۇرۇشتا بىردەكلىككە كەلگەن. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 5 دائىمىي دۆلەت ھەمدە تۈركىيە، ئىراق، كۇۋەيت ۋە قاتارنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى، ب د ت باش كاتىپى بان كىمون، ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەرەبى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتونمۇ ئاننانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا دوكلات ماقۇللاش ئارقىلىق ئانناننىڭ ئالتە نۇقتىلىق تەكلىپى ۋە خەۋپسزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارىنى يۈرگۈزۈشنى قوللاپ، سۇرىيە خەلقى ئۆتكۈنچى مەزگىلگە باشچىلىق قىلغان لاھىيە ۋە پىرىنسىپلاردا بىردەكلىككە كەلگەن، لاھىيە سۇرىيەدە «ئۆتكۈنچى باشقۇرۇش ئورگىنى» قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بارلىق شەكىلدىكى زوراۋانلىقلارنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر ب د ت-ئەرەب ئىتتىپاقى ئالاھىدە ئەلچىسى ئانناننىڭ ياراشتۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاش، ئاننانىڭ ئالتە نۇقتىلىق تەكلىپىنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۇرىيە مەسىلىسى ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كېيىنكى ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان. دوكلاتتا سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يۆلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سۇرىيەنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىلىگە سۇرىيە خەلقى باشچىلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىگەن. دوكلاتتا ئۆتكۈنچى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ قۇرۇلىشى سۇرىيەدە بىتەرەپ سىياسىي مۇھىت بەرپا قىلىش ئارقىلىق سۇرىيەنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مەزگىللىك مۇساپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىدىغانلىقى دېيىلگەن. مەنبە:http://www.sirdax.la/article/world/2012-07-01/2862.html
| |
|
|
|
|
|
|