<<ئايروپىلاننىڭ چۈشۈرىلىشىدە روسلارنىڭ قولى بار>>
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ،سۈرىيە تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن تۈرك كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ خەلقئارا ھاۋا بوشلىقىدا ئەمەس سۈرىيەنىڭ ھاۋا بوشلىقىدا ئىكەنلىگى ھەققىدىكى پەرىزىدىن كېيىن ناھايىتى مۇھىم بىر پەرەز ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىدىن كەلدى .
ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان يەكشەنبىلىك ۋاقىت گېزىتىدە بايانات ئېلان قىلغان ئوتتۇرا شەرىقلىك دېپلوماتىك مەنبەلەر ،ئەسلى قارا قولنىڭ روسىيە ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈردى .مۇتەخەسىسلەر <<ئەگەر بۇيرۇقنى روسىيە مۇتەخەسىسلىرى بەرمىگەن بولسىمۇ،سۈرىيەلىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئارقىسىدا روسلارنىڭ بارلىقىدىن ھەيران قالمايمىز >>دېدى .
<<ئايروپىلاننىڭ چۈشۈرۋىتىلىشى روسىيەنىڭ ناتوغا بەرگەن سىگنالى >>
بۇ ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلغان كىملىگىنى ئاشكارلىمىغان 22-مەنبەلەر روسىيەنىڭ رايوندىكى ناتوغا ناھايىتى ئوچۇق بىر سىگنال بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى .
بىر دىپلومات روسىيەنىڭ سىگنالىنى<<سۈرىيە لىۋىيە ئەمەس ۋە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىش ئۈچۈن ھەربىر ئۇرۇنىشىڭىزنىڭ بەدىلى بولىدۇ >>دەپ ئىزاھلىدى .
مەنبە:تۈركىيە خەۋەرلەر تورى
http://www.haberler.com/ucagin-dusurulmesinde-rus-parmagi-var-3748269-haberi/