ئوتتۇرا شەرىقتىكى گۈزەل دۆلەت-ئىرانمەنبە : image.baidu.com باھا سۆزى : 2 يوللانغان ۋاقىت : 2012-06-15 21:42:28
ئىراننىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىبولۇپ، پايتەختى تېھران، نوپۇسى 14مىلىيۇن
زىمىنى 1 مىليۇن 645 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر ،دۆلەت تىلى پارس تىلى. ئىران ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەنئەنىۋى نېفىت دۆلىتى بولۇپ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئىكىسپورتى دۇنيادا سەئۇدىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
نېفىت بايلىقى يەر شارى زاپاس نېفىت بايلىقىنىڭ10 پىرسەنتىنى ئىگەللەپ بەشىنچى ئورۇندا، تەبىئى گاز بايلىقى يەر شارى زاپاس تەبىئە گاز بايلىقىنىڭ16پىرسەنتىنى ئىگەللەپ روسىيىدىنلا قالسا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. نېفىت ۋە تەبىئى گاز كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەگىنى ئىگەللەيدۇ.
ئىراننىڭ خەلقئارا بازاردىكى پىستە ئىكىسپورتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئەنئەنىۋى دورا ئۆسۈملۈكى زەپە ۋە خورما ئىكىسپورتى پۈتۈن دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. ئىراننىڭ يازما تارىخي مىلادىدىن بۇرۇنقى 2700- يىلدىن باشلانغان قەدىمى مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ تارىختا پېرسىيە دەپ ئاتالغان .
ئىراننىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى تاغلىق ، ئىگىزلىك، چۆللۈك بولۇپ، شىمالىدا ئىلبۇرۇس تاغ تىزمىسى(ئەڭ ئىگىز داماۋەند چوققىسى) 5671مېتىر ئېگىز . غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىدا زاگىروس تاغ تىزمىسى بار ، شەرقىي قۇرغاق ئويمانلىق بولۇپ ، پار چە -پارچە دەشت قۇملۇقىنى شەكىللەندۈرگەن . كاسپى دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە ئىراق بىلەن چېگرىلىشىدىغان ئەرەپ دەرياسى ۋادىسى، غەربى شىمالدىكى ئاراس ۋە قىزىل دەريا ۋادىلىرىدىلا مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەر بار .
ئىراننىڭ شىمالى مۆتىدىل بەلباغ چۆل ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ قىش ياز پەرقى چوڭ ، جەنۇبى قىسمى تىروپىك بەلباغچۆل ئىقلىمىگە تەۋە بولۇپ ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز، يىل بويى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق.
ئىران ئۇزۇن تارىخققا ئىگە مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ %89 ى(ئاساسەن پارىسلار، ئازەربەيجانلار، ئەرەبلەر) شىئە مەزھىبىگە ،% 9.8 ى سۈنئي مەزھىبىگە(كۇرد، تۈركمەن، بەلۇجى) ئىشىنىدۇ.
ئىراندىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسلام ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بولۇپ،ساياھەتچىلىك ئىشلىرى ناھايىتىمۇ تەرەققى قىلغان،ئىران ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالىدۇ.
مەنبە http://www.nur.cn/news/2012/06/71936.shtml