ئىزاھات:
تۈركچە سۆزلىنىۋاتقىنى كۈلتىگىن مەڭگۈ تېشىدىكى بىلگە قاغاننىڭ تۈرك خەلقىغە قىلغان سۆزلىرى.
فىلىمدە سۆزلىنىۋاتقان تۈركچە سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسى :
(تۈركچىسى بىلەن سېلشتۇرۇپ كۆرسەڭلار تېخىمۇ چۈشنىشلىك)
ئەي،تۈرك خەلىقى مەنكى تەڭرىدەك، تەڭرىدىن بولمىش تۈرك بىلگە قاغان بۇ چاغدا تەختتە ئولتۇردۇم. سۆزۈمنى باشتىن-ئاخىر توللۇق ئاڭلاڭلار، ئالدى بىلەن ئىنىلىرىم ۋە ئوغۇللۇرۇم، ئاندىن قالسا، ئۇرۇقلۇرۇم ۋە خەلقىم، ئوڭ تەرەپتىكى شاداپىت بەگلەر،سول تەرەپتىكى تارقانلار، قوماندان بەگلەر، ئوتتۇز تاتار، توققۇز ئوغۇز بەگلىرى (ئۇيغۇر بەگلىرى)، خەلىقى، سىلەر بۇسۆزۈمنى ياخشى ئىشتڭلار، قتتىق تىڭشاڭلار!
ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان ئاستىمىزدىكى قارا تۇپراق يارتىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارتىلىپتۇ. ئىنسان بالىسى ئۈستىدە ئاتا-بوۋام بۇمىن قاغان، ئىستەمى قاغان ئوتۇرۇپتۇ. ئۇلار تەختتە ئولتۇرۇپ، تۈرك خەلىقىنىڭ ئېلىنى قۇرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ بېرىپتۇ.......................................................................................................................................................
..................مېنى خاقان قىلىپ ئوتۇرغۇزدى. مەن روناق تاپقان خەلىق ئۈستىدە ئولتۇرمىدىم.(بەلكى) يېگىلى ئېشى يوق، كىيگىلى كىيمى يوق يوقسۇل بىچارە خەلىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردۇم. تۈرك خەلقى ئۈچۈن، تۈنلىرى خاتىرجەم ئۇخلىمىدىم، كۈندۈزلىرى خاتىرجەم ئوتۇرمىدىم، ئىنىم كۈلتىگىن بىلەن بىللە، ئىككى شاد بىلەن بىللە، ئۆلە-تىرلىشىمگە قارىماي تىرىشتىم؛ كېيىن تەڭرى مەدەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزەمنىڭ بەختىم بولغانلىقى ئۈچۈن، تەلىيىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان خەلىققە جان كىرگۈزدۈم. يالىڭاچ خەلىقنى تونلۇق، يوقسۇل خەلىقنى باي قىلدىم. ئاز خەلىقنى كۆپ قىلدىم. (ئۇلارنى) كۈچلۈك دۆلىتى بار، كۈچلۈك خاقانى بار (خەلىقلەردىنمۇ) ياخشىراق ياشايدىغان قىلدىم. يات ئەللەرگە جەمئىي 36 قېتىم قوشۇن چىقاردۇق، 25 قېتىم ئۇرۇشتۇق. دۆلىتى بارلارنى دۆلىتىدىن مەھرۇم قىلدۇق، خاقانى بارلارنى خاقانىدىن ئايرىدۇق. تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇق، بېشى بارلارنى باش ئۇردۇردۇق. مەن شۇنچىۋالا كۆپ جايلارغا قوشۇن تارتىپ باردىم. لېكىن ئۆتۈكەن تېغىدىن ياخشى جاي زادى يوق ئىكەن. ئەلنى ئىدارە قىلىدىغان يەر ئۆتۈكەن تېغى ئىكەن. تۈرك قاغانى مۇقەددەس ئۆتۈكەن تېغىدا ئولتۇرسا (ئەلدە) مۇڭ قايغۇ بولمايدۇ.....................................................................
مەنبەسى:
http://www.0997520.com/