 |
 |
 |
 |
ئەسلى تىمىسى:ۋېيتنامدا 200دىن ئارتۇق ئادەم جوڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزدا خەلقئارالىق خېرىدار چاقىرشىغا قارشى «نارازلىق نامايىش »قىلدى
جوڭگو دېڭىز-ئوكيان باش شىركىتى ئالدىنقى كۈنى سىرىتقا ئېچىۋېتىلگەن 9 دېڭىز رايۇندا چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ نىفىت تەكشۈرۈپ،ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ ئىش ۋېيتنام ھۆكۈمىتى ۋە خەلىق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئاۋىستىرالىيە بوشلۇق خەۋەر تورنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا جوڭگو بىلەن ۋېيتنام ئوتتۇرسىدىكى دېڭىز تالاش-تارتىشى تېخىمۇ كەسكىنلىشىگە ئەگىشىپ ۋېيتنامنىڭ خانۇي شەھرىدە ئاز كۈرۈلدىغان نارازلىق ھەركەتلىرى پارتىلغان. خەۋەر قىلنىشچە: 200دىن ئارتۇق ئادەم يامغۇردا بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ « جوڭگونى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى! »دەپ شۇئار توۋلاپ خانوي شەھەر مەركىزىدە نامايىش قىلغان ھەمدە جوڭگو ئەلچىخانىسىغا يۈرۈش قىلغان. ساقچىلار قاتناشىنى ئۈزۈپ تاشلاپ جوڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىغا توساق قۇرۇپ نامايىشچىلارنى يېقىن كەلتۈرمىگەن. خەۋەر قىلنىشچە:بۇ قېتىمقى نارازلىق جوڭگو نەنخەي دېڭىزدىكى ئېچىۋېتىلگەن9 رايۇندا خەلىقئارالىق خېرىدارچاقىرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئارقا كۈرۈنۈش ئاستىدا پارتىلغان. ۋېيتنام جوڭگونىڭ بۇ پىلانىغا قارشى تۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى. جوڭگونىڭ دېلوماتتىيە مىنىستىرلىكنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي بۇ مەسلە توغۇرسىدا: جوڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار نفىتلىكلەرگە خېرىدار چاقىرىشى نورمال كارخانا ھەركىتى ،شۇنداقلا ئالاقىدار جوڭگو قانۇنى ۋە خەلىقئارالىق قانۇنلارغا ئۇيغۇن . جوڭگو-ۋېيتنام ئوتتۇرسىدىكى دېڭىز تالاش-تارتىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلشتا ھەر ئىككى تەرەپ نۇرغۇن ئورتاق تۇنۇشقا ئىگە. جوڭگو تەرەپ ۋېيتنامنىڭ بۇ ئورتاق تۇنۇشقائەمەل قىلشىنى،تالاش -تارتىشىشىنى مۇرەككەپلەشتۈرىدىغان،كېڭەيتۋېتىدىغان ھەركەتلەرنى قوللانماسلقىنى، ئالاقىدار دېڭىزنىفتلىكىرىگە تاجاۋۇز قىلدىغان پائالىيەتلەرنى دەرھال توختىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ-دىدى.
مەنبە: سۇمرۇغ تورى http://news.ifeng.com/mainland/special/nanhailingtuzhengduan/content-3/detail_2012_07/01/15695614_0.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-1 05:18 PM
|
 |
 |
 |
 |
|