windows phone8 سىستىمىسى andorid ۋە ios سىستمىلىرىنىڭ ھەقىقى رەقىبى بولالامدۇ ؟
2012-يىلى 6-ئاينىڭ21-كۈنى ئېلىكتىرون ۋە يۇمشاق دىتال ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەت مىروسوفىت شىركىتى Windows Phone 8 ئەقىلى ئىقىتىدارلىق تېلىفۇن سىستىمىسىنى ئېلان قىلدى .
نوكىيا سىمبايىن سىستىمسىدىكى تىلىفۇنلارنىڭ بازىرنىڭ كۈنسىرى ناچارلىشىشى ، ئاندورىيد سېستىمىسنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى شۇنداقلا ئالما شىركىتنىڭ Iphone ماركسىدىكى تېلىفۇنلىرىنىڭ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات مۇكەممللىشىشىگە ئەگىشىپ ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇن بازىرنى ئاندورىيد سىستىمسىدىكى تىلىفۇنلار ۋە ئالما شىركىتنىڭ تىلىفۇنلىرى ئىگەللەپ كەلمەكتە ئېدى . يۈز نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە نوكىيا شىركىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى نىسىۋىسىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويدى. ھالقىلىق پەيىتتە نوكىيا شىركىتى سىمبايىن سىستمىسىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كىچىپ مىكروسوفىت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلقىنى بىلدۈردى . نوكىيا شىركىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىشى ياكى تاقىلىپ قېلىشنى پۈتۈنلەي windows phone8 سىستمىسىنىڭ غەلبە قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولىشى مۇناسىۋەتلىك دىيىشكە بولىدۇ.
ئۇنداقتا مىكروسوفىت شىركىتى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان windows phone8 سېستىمىسىنىڭ ئاندورىيد ۋە ئالما شىركىتىنىڭ ios سېستىمىلرىغا قارىغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار ؟ تۈۋەندە تەپسىلى قاراپ باقايلى.
windows phone8 نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى.
1. ئىچكى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى يوقىرى كۆتۈرلىدى .
windows phone8 سىستىمىسى قوش يادرولۇق ياكى كۆپ يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچى قوللايدىغان بۇلۇپ سىستىمىنىڭ سۈرئىتىwindows phone7.5 نىڭ يەككە يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچسىغا سېلىشتۇرغاندا windows phone8 غا ئىشلىتىلگەن قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئىتى خېلىلا تىز. گەرچە باشقا سېستىما قاچىلانغان قوش يادرولۇق تېلىفۇنلار ئاللىقاچان سېتىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ لېكىن windows phone8 نىڭ بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى باشقا سېستىمىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ سېستىما كۆپ خىل ئېنىقلىق دەرىسىنى قوللايدۇ.
2. سىستىمىغا سەپلەنگەن تور كۆرگۈچ يېڭىلاندى .
windows phone8 غا IE10 كۆرگۈچ سەپلەنگەن بۇلۇپ windows phone7.5 غا سېلىشتۇرغاندا تورغا چىقىش سۈرئىتى ، توردىكى رەسىم ، ۋىدىيولارنى ئوقۇش ئىقتىدارى ۋە سۈرئىتى 5 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.