ھىلارى سۈرىيە مەسلىسى جەنۋە خەلىقئارالىق يىغىندا سۆز قىلماقتا جوڭگو ئاخبارات تورنىڭ 30-ئىيۇندىكى تىلگىراممىسى:خەۋەرلەرگە قارىغاندا،سۈرىيە مەسلىسىنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلنغان «ھەركەت گۈرۈپپىسى»نىڭ دېپلوماتتىيە مىنىستىرلىرى يىغنى بۈگۈن(30-ئىيۇن) شىۋىتسارىينىڭ جەنۋەدە ئېچىلدى،نۆۋەتتە يېپىق ھالەتتىكى يىغىن ب د ت ئورگننىڭ خىزمەت بىناسىدا داۋام قىلۋاتىدۇ.
خەۋەر قىلنىشچە،ب د ت _ئەرەب ئەللىرى ئىتىپاقىنىڭ سۈرىيە مەسلىسى بۇيىنچە ئالاھىدە ئەلچىسى ئاننان سۈرىيەدە مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش تەكلۋىنى ئوتتۇرغا قويغان بۇلۇپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت بەشىر ھۆكۈمىتى ،ئۆكتىچىلەر ۋەباشقا تەرەپلەرنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالدىكەن ،بىراق «ئۆتكۈنچى ھاكميەتكە خەۋىپ يەتكۈزدىغان ياكى يارىشىش-مۇقىملىققاتەسىر يەتكۈزۋاتقان كۈچلەر»قاتناشتۇرۇلمايدىكەن. بۇ لايىھە جەنۋە يىغىندا مۇزاكىرە قىلىندىغان ئاساسى مەسىللەرنىڭ بىرى.
ئاننان 29-ئىيۇندىكى سۆزىدە،تاشقى كۈچلەرنىڭ سۈرىيە ۋەزىيتىنى يامانلاشتۇرۋەتكەنلىكنى،30-چىسلادىكى سۈرىيە مەسلىسى خەلىقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «بىردەك ھەركەتلىنىپ» بۇ دۆلەتتىكى زوراۋانلىق تۇقۇنۇشلىرىنى ئاخىرلاشتۇردىغانلىقىنى ئېيتتى.جەنۋە يىغنى ئېچىشنى ئاننان ئوتتورغا قويغان بۇلۇپ يىغىنغا ئەنگىليە،فىرانسىيە،جوڭگو،روسسىيە،ئامېرىكا قاتارلىق خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا 5دۆلەت ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتتىيە مىنىستىرلىرى،بەزى خەلىقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
جوڭگو تەرەپتىن يىغىنغا دېلوماتتىيە مىنىستى ياڭ جيېچى قاتناشتى. يىغىن ئاننان ئوتتۇرغا قويغان « 6نوقتىلىق پىلان» ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى ئەمىلىيلەشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلسىمۇ بىراق،سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھاكىمىيىتىگە چېتىلدىغان يادرولۇق مەسىللەردە تەرەپلەر ئوتتۇرسىدائىختىلاپلار ساقلانماقتا. يەرشارى تورى http://world.huanqiu.com/roll/2012-07/2871218.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-1 10:34 AM
|