مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: نۇرى

قازاققستاندىكى ئۇيغۇرلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81627
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 10:01:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2012-7-1 05:32 PM
ئارتۇقچە ھاياجانلانمايلى. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرنىڭ  ...

بىزنىڭ ناھىيگە ئوخشاش  ئادەتتىكى  ناھىينىڭمۇ 200 مىڭدىن ئاشىدۇ  35 مىليۇن دىگەن ئادەتتىكىچە  تىخى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقمىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80265
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3165
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 01:27:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقكەنغۇ بۇ بىچارىلەر!ھەي ئىسىت!

پۇزىتسىيە ھەممى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4360
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 391 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 01:45:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (2010-يىللىق ئىستاتىستىكىدا) 10مىليۇنغا يەتكەنلىكىنى كۆپىنىچىمىز بىلىمىز، ئەمما دۆلىتىمىز سىرتىدا يەنە قانچىلىك ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بارلىقى ، ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقى يەنىلا نامەلۇم، مەلۇم بولسىمۇ ئىشەنچىسىز، مەن تورداشلارغا بۇ ھەقتە ئۆزۈم توپلىغان قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئارقىلىق دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەرمەكچى. ئاۋۋال ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشىدىن باشلايمەن.

ماۋۇ تېمىنى ئەينى ۋاقىتتا (2008 - يىلى) سەلكىن تورىغا يوللىغان تېما.مېنىڭچە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ئاز بولغاندىمۇ 13 مىليۇندىن كەم ئەمەس.



1) 1828-يىلى جاھانگېر توپلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن شىنجاڭدىن (ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ) پەرىغانە ۋادىسىغا كۆچكەن،كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس. 2) 1847-يىلى قوقەنت قوزغىلىڭدىن كىيىن،(ھازىرقى ئۆزبېكىستان)قوقەنت دۆلىتىگە مەمەتئىمىن ،ۋېلىخانلار باشچىلىقىدا 85مىڭدىن 160مىڭغىچە ئادەم كۆچكەن. 3) 1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى شىنجاڭنى قايتۇرۋالغاندىن كىيىن (بۇيەردە ئەينى ۋاقىتتا چاررۇسىيە بېسىۋالغان بىرقىسىم زىمىننى كۆرسىتىدۇ) بەگقۇلى باشچىلىقىدا چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن، كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس. 4) 1881-يىلىدىن 1884- يىلىغىچە چاررۇسىيەنىڭ مەجبۇرى كۆچۈرۈشى بىلەن چاررۇسىيە كۆچۈرۈش كومتېتى باشچىلىقىدا 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن. 5) 1930-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە (سابىت داموللا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرغان ئاتالمىش شەرقى تۈركىستان ئىسلام جومھۇرىيىتى ماجۇڭيىڭ تەرپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن كىيىن) كۆپلىگەن كىشلەر سابىت داموللا، مامۇت قاتارلىق كىشلەر باشچىلىقىدا كەشمىر،سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن. 6)1949-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا،ئەيسا ئالىپتىكىن باشچىلىقىدا تەخمىنەن 750ئادەم كەشمىر،تۈركىيە قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن. 7) 1962-يىلى جۇڭگۇ - سوۋېت مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندىن كىيىن چۆچەك ئارقىلىق 60مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچكەن. (ئىزاھات:- يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار لى ئەنشەن ئەپەندىنىڭ <جۇڭگۇلۇق ئازسانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرى تەتقىقات دوكلاتى> دىن تەرجىمە قىلىندى.) ئەمدى ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزدىن باشقا يەنە قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ياشايدۇ ؟ نوپۇسى قانچىلىك ؟ دىگەن مەسلە ئۈستىدە توختىلىمەن. ئۇيغۇرلار ئاساسى گەۋدىسى جۇڭگۇدا بولغاندىن باشقا ھازىر يەنە ئۆزبېكىستان،قازاقىستان،قىرغىزسىتان،سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىمەنىستان، موڭغۇلىيە، تۈركىيە،ھىندىستان،پاكىستان،تاجىكىستان،ئافغانىستان، ئامېرىكا ،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،ئىئوردانىيە،ياپۇنىيە،كانادا،گېرمانىيە،ئاۋۇستىرالىيە،يېڭى زېلاندىيە،شىۋېتسىيە،ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بار. تۆۋەندە يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.





ئۇيغۇر1) ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار.(680مىڭ) تارىخى جەھەتتىن قارىغاندا ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ پەرىغانە ۋادىسىدا 6-7مىليۇن ئۇيغۇر نەسىللىك خەلىق ياشايدىكەن.1920-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئابدۇللا رۇزىباقىيېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ پەرىغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ 600مىڭدىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىغان.1930-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا بۇ سان بىر ھەسسە كېمىيىپ 300مىڭغا چۈشۈپ قالغان.1937-يىلى فاشىست ىستالىن قوزغىغان<ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارغا زەربە بىرىش ھەركىتى>دە ،مەركىزى ئاسىيادىكى ھەرىكىتىنىڭ تىغ ئۇچى ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان بولۇپ ،ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان يۇرت كاتتىلىرى قىرغىن قىلىنغان، ھايات قالغانلىرىىنى بولسا قەيەردە ياشىغان بولسا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى شۇيەردىكى مىللەتلەرنىڭ مىللى كىملىكى بىلەن ئاتاشقا مەجبۇر قىلغان.ئاساسەن ئۆزبېك نامى بىلەن ئاتالغان.1950-يىلى ۋە 1960-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر دىگەن نامنى قوللىنىش چەكلەنگەن ،قوللانغانلار كەمسىتىلگەن ۋە سىياسى يەكلەشلەرگە ئۇچىرىغان.1979-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرقېتىملىق نوپۇس ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدىن قارىغاندا ئەسلىدىمۇ كېمەيتىلىپ ئېيتىلغان 600مىڭى دىگەن سان 29مىڭ 104كە،1989-يىلى 35مىڭ 700گە چۈشۈرۈپ قويۇلغان. ھازىر ئۆزبېكىستاندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ياشاۋاتقانلىقىن ھۆكۈمەت تەرەپ يوشۇرىدۇ ياكى يالغان مەلۇمات بىرىدۇ.ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قارىشىچە ، بىر ئۆزبېكىستاندىلا ئۆزلىرىنى مەخپى ھالدا ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغانلارنىڭ سانى 1مىليۇن 500مىڭدىن ئاشىدىكەن،ئېنىق ھالدا مىللى كىملىكى بىلەن ياشايدىغانلار 200مىڭدىن ئاشىدىكەن،ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى بىر پىراپىسور ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئۆزبېكىستاندا ئۆزنىڭ مىللى كىملىكىنى ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا قوغداپ قالالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500مىڭدىن كەم ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان.تۆۋەندىكى تور بەتتە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدىمۇ 680مىڭ دەپ ئېلىنغان. http://www.hxuc.com/qiaotuan/huarenfenbu/03.htm 2) سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 200مىڭدىن 500مىڭغىچە جۇڭگۇلۇق مۇھاجىرلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 95%دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار. 3) قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار.(450مىڭ) قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى شىنجاڭ تېلىۋزىيە ئىستانسىنىڭ مائارىپ پىرۇگىراممىسىدا <قازاقىستان ئۇيغۇر مائارىپى> نى تونۇشتۇرغان بىر پىرۇگىراممىسىدا قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر ئايال ئېيتقان. 4) تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار(80مىڭ) . تۈركىيە دە 100مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 80مىڭدىن ئارتۇق. 5) قىرغىزستاندىكى ئۇيغۇرلار. قىرغىزىستاندىكى جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى 300مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسلىقى تۇڭگانلار ۋە ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئىچىدە تۇڭگانلار 200مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 50مىڭدىن ئارتۇق. 6)پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار. پاكىستاندا 55مىڭ جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 50مىڭ ئۇيغۇر. 7) ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلار. ھىندىستاندا 150مىڭدىن 200مىڭغىچە جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە زاڭزۇلار 100مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 30مىڭ. 8) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئۇيغۇرلار. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جۇڭگۇلۇقلار7مىڭدىن ئارتۇق خەنزۇلار 1000غىمۇ يەتمەيدۇ،قالغان 6مىڭدىن ئارتۇقراقى ئۇيغۇر. 9) ئىئوردانىيە دىكى ئۇيغۇرلار. ئىئوردانىيەدىكى جۇڭگۇ قان سېستېمىسىدىكىلەر 674ئادەم،جۇڭگۇ مۇھاجىرى 106ئادەم ،( بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 80-يىللاردىن كىيىن تەيۋەن پاسپورتى بىلەن بارغانلار)85% شىنجاڭلىق ۋە تىيەنجىنلىكلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلار. يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بۇ توربەتتىن تەرجىمە قىلىندى
10) ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسى جەھەتتىن ئوقۇشقا بېرىپ ئورۇنلاشقانلار بولۇپ تەخمىنەن 10مىڭدىن ئارتۇق. 11) كانادادىكى ئۇيغۇرلار. نەچچىە مىڭدىن ئاشىدۇ. 12) ئاۋۇستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار. 3مىڭ ئەتراپىدا. 13) ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلار. ياۋرۇپادىكى گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىر نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ. 14) مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار. مۇڭغۇلىيەنىڭ قۇبدۇ دىگەن جايدا ئولتۇراقلاشقان 1000دى ئاشىدۇ. 15) ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار. ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار 8600دىن ئارتۇق. 16) تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار. تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇندىن 100يىل بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ 2000دىن ئاشىدۇ. 17) ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلار. ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىقىپ ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ 1000دىن ئاشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى تور بەتتىكى جەدىۋەلدىن كۆرۈۋېلىڭ.(بۇ جەدىۋەلدە جۇڭگۇدىكى بارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالى بايان قىلىنغان ، مەن يۇقىرىدىكى كۆچۈش ئەھۋالىغا پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا كۆچۈش ئەھۋالىنى يازدىم)



http://www.chinadaily.cn/gb/doc/2003-08/15/content_255090.htm ئەمدى توختۇتىلىدىغىنىم ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدىغانلار، ۋە ئۇيغۇر لار پۈتۈن دۇنيادىكى 3000دىن ئارتۇق تىل،2000دىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدە قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؟ ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى 3000دىن ئارتۇق تىل ئىچىدە 98- ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسىمۇ دۇنيادىكى 2000دىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدە ئالدىنقى 100نىڭ ئىچىدە. ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدا 56مىللەت ئىچىدە نوپۇس جەھەتتە خەنزۇ،جۇاڭزۇ، مانجۇ،خۇيزۇ،مىياۋزۇ( مىياۋزۇلارنىڭكى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن تەڭ)لاردىن قالسا 6- ئورۇندا تۇرىدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ نوپۇسىنى 6مىليارت 500مىليۇن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى10مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندائۇيغۇرلارپۈ تۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 0.15پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن جۇڭگۇ نۇپۇسىنى 1مىليارت 430مىليۇن (دۆلىتىمىزدە يىلدا كۆپىيىدىغان نوپۇس16مىليۇندىن ئارتۇق)ئۇيغۇرلار نوپۇسى جوڭگۇ نوپۇسىنىڭ 0.7پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىنى 1مىليارتتىن ئارتۇق دەپ ھىساپلىغاندا(دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى 10مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندا) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 1پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنى 120مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندا(دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى 10مىليۇن دەپ ھىساپلىغاندا)ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ 8.3پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. جوڭگۇدىكى 10مۇسۇلمان مىللەتنىڭ نوپۇسىنى 24مىليۇن ھىساپلىغاندا(ئۇيغۇرلارنى 9مىليۇن بۇيىچە ھىساپلىغاندا)ئۇيغۇرلارپۈتكۈل جوڭگۇمۇسۇلمانلىرى نوپۇسىنىڭ 41.6پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى 11مىليۇن 700مىڭ دەپ (ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدىكى نوپۇسىنى 9مىليۇن بۇيىچە ھىساپلىغاندا)ھىساپلىغاندائۇيغۇرلارشىنجاڭ مۇسۇلمانلىر ى ئومۇمىي سانىنىڭ 77پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندەئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى نوپۇسى 10مىليۇندىن ئاشىدۇ .ئىستاتىستىكاقىلىپ كۆرۈپ باقايلى.90يىلى7مىليۇن 200مىڭ ،2004يىلى9مىليۇن،14يىلداكۆپەيگەن نوپۇس1مىليۇن800مىڭ،بۇنى 14كە بۆلسەك مىللىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يىللىق كۆپىيىش سانى يەنى تەخمىنەن 130مىڭ ئادەم،دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىللىق كۆپىيىش 20مىڭ،دەپ ھىساپلىساق دۇنيادا ھەريىلى 150مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇر كۆپىيدۇ.

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

پۇزىتسىيە ھەممى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4360
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 391 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 01:48:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقىرىدىكى نەقىل كەلتۈرۈگەن تېما ›دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى‹ دىگەن تېما بولۇپ،بۇنى ئەينى ۋاقىتتا (2008 - يىلى )سەلكىن تورىغا يوللىغان.
مىنىڭچە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 13 مىليۇن.

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80261
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1591
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 10:52:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79363
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 01:30:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mullazaydin يوللىغان ۋاقتى  2012-7-2 10:52 AM
تۇرپانغىمۇ قاراپ قۇيۇڭ  600يۈزمىڭ نۇپوسنىڭ 500مىڭى ئۇيغ ...

ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ قېرىندىشىم. تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومومىي سانى 500 مىڭغا يەتمەيدۇ.
ساننى توغرا يېزىڭ. 600يۈزمىڭ دېگەن سان يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80497
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3153
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2012-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 02:30:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ ئوينىغىنى ھېچ ئۇيغۇرچە ئۇسۇلغا ئوخشىمايدۇ يا.........

SUBAT

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82271
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 02:35:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مۇشۇ يەرگە بىر نەرسە يېزىپ قويساڭ دوستلىرىڭ كۆرەلەيدۇ دەيدىغۇ ! ھى ھى ھى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30580
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2011-2-16
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 03:53:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مىنىڭ ئاڭلىىشىمچە 7مىليون ئەتراپىدا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salam728 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 03:57 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48243
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 663
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 3050 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 05:56:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن،
قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن.
پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا،
بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش