|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،جامائەت ،پېقىردىن ھەممىلىرىگە ئالى ئېھتىرام !!!! ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئالدىنقى ھەپتە مالايسىيا مودا كىيملەر ھەپتىلىكىدىكى چىرايلىق كىيىملەر دىيارىمىزىكى نۇرغۇنلىغان گۈزەللىكىنى سۆيىدىغان قىز خانىملىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .توغرا ،ھەممىمىز گۈزەلىلىكنى سۆيىمىز ،ئەدەپ -ئەخلاق ،شەرمى-ھايا ،ئىپپەت نۇمۇسنى تېخىمۇ بەك سۆيىمىز .شۇ گۈزەللىكنىڭ نامايەندىسى بولغان ئەنئەنىۋى ئۇسلۇپتىكى كىيىملەرنى تېخىمۇ ياقتۇرىمىز.ئالدىنقى قېتىمدىكى مودا كىيىملەر ھەپتىلىكىدىكى كىيملەر تېخى بازارغا سېلىنمىغان ،بازارغا سېلىنسىمۇ باھاسى قىممەتراق چىقىپ قېلىشى مۇمكىن .شۇنىڭ ئۈچۈن پېقىر مەغرىبنى يىراق ،مەشرىقنى يېقىن دىمەي بازار ئارىلاپ ،بىر قسىم مال پوسۇنلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ،ئەتىكى بازارنى قولدىن بىرىپ قويماي دەپ بۈگۈن كەچتىلا مىىسرانىمغا يايمامنى ئېچىۋالدىم.قېنى كۆرۈپ بېقىشقايلا.......
ئەييۇھانناس خالايىق ،دۇكىنىمىزغا يېڭى مال كىرگۈزۈلدى ،ئالىلى ،ئالىلى ،ئالغانلار ئارماندا ،ئالمىغانلار دەرماندا
ھە قېنى ما ئاۋال ياغلىقلىدىن كېلىلى ،سوۋىتنىڭ كەشمىر ياغلىقلىرىنى تالىشىپ چەگگەن مومىلىرىمىزدىن تارتىپ ،زامانىمىزدىكى ئىتالىيەنىڭ مورتادا ياغلىقلىرىنى تاللاپ چىگىدىغان خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان ياغلىقلار
مانا ،بۈەۈن مۇشۇنچىلىك كۆرۈپ تۇرىلى ،خۇدايىم بۇيرۇسا سىلەر ياقتۇرۇپ قالساڭلار ،ئىككىنچى ئۈچىنچى تاغار كىيىملەر مۇ پات ئارىدا مۇنبەردە نامايەن بولغۇسى !!
ئەسكەرتىش :مەن تىجارەتچى ئەمەس ،بۇ كىيملەر فەراھ تور بىكىتىىدەسېتىلىدىغان كىيىملەر بۇلۇپ ،كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ ،كۆپچىلىك بىلەن بەھىرلىنىش ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللىدىم .
|
|
|
|
|
|