ئالى خەلق سوت مەھكىمسى ،ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىگىنىڭ ئوغىرلىق جىنايەت سوممسىنى بىكىتىش ئۆلچىمى مەسىلىسى تۇغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
1998-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۇنى س (1998) 3-نۇمۇرلۇق
ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتى (ئىدارسى ) ،ئازادلىق ئارمىيە ھەربى سوت مەھكىمسى ،ھەربى تەپتىش مەھكىمسىگە :
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ،نۇۋەتتىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە جەمىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ئەھۋالىغا بىرلەشتۇرۇپ ،ئۇغىرلىق جىنايەت سوممىسىنى بىكىتىش ئۆلچىمى مۇنداق بەلگىلەندى:
1. شەخىس جامائەت ۋە خۇسۇسىلارنىڭ پۇل ماللىرنى ئۇغىرلاشنىڭ سوممسىنى «كۆپرەك بۇلۇش»تا ،ئەڭ تۆۋەن چەك 500سومدىن- 2000 سومغىچە بۇلىدۇ.
2. شەخىس جامائەت ۋە خۇسۇسىلارنىڭ پۇل ماللىرنى ئۇغىرلاشنىڭ سوممسىنى «كۆپ بۇلۇش»تا ،ئەڭ تۆۋەن چەك 5000 سومدىن 20000 سومغىچە بۇلىدۇ.
3. شەخىس جامائەت ۋە خۇسۇسىلارنىڭ پۇل ماللىرنى ئۇغىرلاشنىڭ سوممسى« ناھايىتى كۆپ بۇلۇش»تا ،ئەڭ تۆۋەن چەك 30000 سومدىن 100000 سومغىچە بۇلىدۇ.
ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمسى ،خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارەتلىرى (ئىدارسى ) ئۆز جاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەمدە جەمىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ يۇقۇرقى سومما دائىرسىدە ،ئۆز جايىدائىجرا قىلىنىدىغان ئوغىرلىق جىنايىتىنىڭ سوممىسى كۆپرەك بۇلۇش ،سوممىسى كۆپ بۇلۇش ،سوممىسى ناھايىتى كۆپ بۇلۇش دىگەن كۇنكىرىت سومما ئۆلچىمىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتسە ھەمدە ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ،ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ،جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكىگە ئايرىم ئايرىم يوللاپ ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.
ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ قاقتى سوقتى قىلىش جىنايىنىڭ مىقدار ئۆلچىمى مەسىلىسى تۇغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
( 2000-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۇنى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1113 – يىغىنىدا ماقۇللانغان) س ئى (2000) 11-نۇمۇرلۇق
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 274-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ،،قاقتى سوقتى قىلىش جىنايىتىدە مىقدار ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە بەلگىلەندى :
1. جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇل ماللىرنى قاقتى سوقتى قىلغانلاردىن مىقتدار «كۆپرەك بۇلغانلىرى» دىگەندە 1000 سومدىن 3000 سومغىچە بۇلۇشى تۆۋەن چەك قىلىنىدۇ.
2. جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇل ماللىرنى قاقتى سوقتى قىلغانلاردىن «مىقتدار ناھايىتى كۆپ بۇلغانلىرى» دىگەندە 10000 سومدىن 30000 سومغىچە بۇلۇشى تۆۋەن چەك قىلىنىدۇ.
ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،بىۋاستەقاراشلىق يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىللىرى قاقتى سوقتى قىلىش جىنايىتى ئۆتكۇزگەنلەردىن مىقدارى كۆپ بۇلغانلىرى ،مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىنىڭ شۇ جايدا ئىجرا قىلىنىدىغان كۇنكىرىت مىقدار ئۆلچىمىنى شۇ جاينىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ ،يۇقۇرقى مىقدار دائىرسىدە مۇھاكىمە قىلىپ بىكىتسە ھەمدە ئالى خەلق سوت مەھكىمىسگە ئەنگە ئالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ،ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمسى ،جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ تۆمۇريۇل تىرانسىپۇرۇت جەريانىدىكى ئۇغىرلىق جىنايىتىنىڭ مىقدار ئۆلچىمىنى بىكىتىش مەسلىسى تۇغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
1999 –يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۇنى ج (1999 ) 4-نۇمۇرلۇق
ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىللىرگە ،خەلق تەپتىش مەھكىمىللىرگە ،جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارەتلىرگە ،ئىدارىللىرگە ،ئازادلىق ئارمىيە ھەربى سوت مەھكىمىللىرىگە،ھەربى تەپتىش مەھكىمىسىگە :
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 264-ماددىسدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۆمۇريۇل تىرانسپۇرتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەھۋالى ۋە ئۇغىرلىق دىلۇلىرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ،تۆمۇريۇل تىرانسىپۇرتى جەريانىدىكى ئۇغىرلىق جىنايىتى سوممىسنىڭ مىقدارىنى بىكىتىش ئۆلچىمى تۇغرىسىدا تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقىرىلدى :
1. ئۇمۇمنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال مۇلكىنى ئۇغىرلىغان شە خىسلەردىن « مىقدارى كۆپرەك بۇلغانلار» دىگەندە 1000 سوم تۆۋەن ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
2. ئۇمۇمنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال مۇلكىنى ئۇغىرلىغان شەخسىلەردىن « مىقدارى كۆپرەك بۇلغانلار» 10000 سومنى تۆۋەن ئۆلچەم قىلىدۇ.
3. ئۇمۇمنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال مۇلكىنى ئۇغىرلىغان شەخسىلەردىن« مىقدارى پەۋقۇلاددە كۆپ بۇلغانلار» 60000 سومنى تۆۋەن ئۆلچەم قىلىدۇ.
ئالى خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ تارتىۋىلىش جىنايى ئىشلار دىلۇلىرغا قانۇن تەدبىقلاش ھەققىدىكى بەزى مەسىللىرگە قانۇن تەدبىقلاش ھەققىدىكى ئىزاھاتىغا ئاساسلانغاندا تارتىۋىلىش جىنايى ئىشلار ھەركىتىدىكى ئۆلچەم مۇنداق ( 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۇنى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1231-قىتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.2002-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۇنى ئىلان قىلنغان .2002-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۇنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان) :
شەخسلەر ۋە ئۇمۇمنىڭ مۇلكىدىن تارتىۋالغىنى «كۆپرەك بولۇش» 500 سومدىن 2000 سومغىچە بۇلۇشنى ،« مىقدارى كۆپ بۇلۇش» 5000 سومدىن 20000 سومغىچە بۇلۇشنى ،«مىقدارى پەۋقۇلاددە كۆپ بۇلۇش»30000سومدىن 100000سومغىچە بۇلۇشنى ئۆلچەم قىلىدۇ.
ئالى خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ ،ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى ئىشلار دىلۇلىرنى بىجىرىشتىكى بەزى مەسىللەر ھەققىدىكى ئىزاھاتىغا ئاساسلانغاندا كۆپ بۇلۇش ،ناھايىتى كۆپ بۇلۇش ،پەۋقۇلاددە كۆپ بۇلۇشنىڭ ئۆلچىمى مۇنداق ( 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۇنى ئالى خەلق سوت مەھكىمسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1512-نۇمۇرلۇق يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۇنى ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ 11-قىتىملىق تەپتىش ھەيئەتلىرى 49-قىتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۇنى ئىلان قىلىنغان .2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۇنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان) :
«مىقدارى كۆپ بۇلۇش» تۆۋىنى 3000 سۇمدىن باشلىنىپ يۇقۇرسى 10000 سومغىچە،« مىقدارى ناھايىتى كۆپ بۇلۇش »تۆۋىنى 30000 سومدىن باشلىنىپ يۇقۇرسى 100000 سۇمغىچە، ،«مىقدارى پەۋقۇلاددە كۆپ بۇلۇش » 500000 سۇمدىن يۇقۇى بۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇلاڭچىلىق دىلۇسىنى قاراپ چىقىشتا قانۇن تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر تۇغرىسىدىكى ئىزاھاتى ( 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۇنى . (2000 ) 35 –نۇمۇرلۇق) . بۇ ئىزاھاتنىڭ 4-ماددىسىدا « جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 263- ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن « بۇلاڭچىلىق سوممىسى ناھايىتى كۆپ بۇلۇش»نىڭ ئۆلچىمىنى بىكىتىشتە جايلار بىكىتكەن ئۇغىرلىق جىنايىتى سوممىسىنىڭ غايەت كۆپ بۇلۇشنى بىكىتىش ئۆلچىمىدىن پايدىلانسا بولىدۇ» دىيىلگەن . بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇلاڭچىلىق جىنايىتىدە سوممىسى ناھايىتى كۆپ بۇلۇش 30000 سومدىن 100000 سومغىچە بۇلىدۇ.
24سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش قىزىق لىنىيەسى : خەلق ئادۇۋكاتى 18299819854 چ چ 1471561935
نىكاھ ،قاتناش ،مەمۇرى ئىشلار ،جىنايى ئىشلار ،توختام ماجراسى ،قەرىز ماجراسى،ۋارىسلىق ،جىمسانى زىيان ،مۇلۇك زىيىنى .....قاتارلىقلارغا مەسلىھەت بىرىلىدۇ. چ چ دا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار يوللانسا بولىدۇ .چ چ دا مەسلىھەت بىرىلمەيدۇ. مەسلىھەت سورىغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىگى قەتئى ساقلىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-30 06:54 PM