28-ئىيۇن ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ ھەر ئۇنسىيەسى 1570---1560---1555 دوللارغا چۈشۈپ قالدى .
29-ئىيۇن جۈمە سەھەردە يەنە چۈشۈپ 1548 دوللارغا خام ئالتۇن ھەر گىرامى 315 يۈەنگە يىقىنلاشتى .
بۇ ئەھۋال كىشلەردە دوللار قىممىتى يەنە ئۆتكەنكى ۋاقىتتىكىدەك يۇقۇرى نوقتىغا چىقىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ دىگەن قاراشنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۈلگەردى .
ئەگەر دوللار قىممىتى مۇشۇ تەرىقىدە ئىشىۋەرسە ئالتۇن يەنە چۈشۈپ كىتەتتى .
لىكىن بازار ئەھۋالىدا كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەرمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ .
تۇنۇگۈن ( 29 -ئىيۇن ) چۈشكىچە ئالتۇن باھاسى 1550 دوللاردىن 1570 دوللارغا ئۆستى . چۈشتىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئۆرلەپ 1580---1590----1601 دوللارغا چىقىپ ئالتۇن ساھەسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرۋەتتى .
ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ يەنە يىرىم كۈندىلا يۇقۇرى نوقتىغا چىقىشى كۆپ ئۇچرىمايدۇ ..
ھەپتىلىك بازار 1595 دوللاردا توختىدى .
خام ئالتۇن ھەر گىرامىغا 10 يۈەن قۇشۇلۇپ 327 يۈەنگە ئۆستى .
ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئالتۇن باھاسى 1580-----1620 نۇقتىلاردا تەۋرىنىشى مۆمكىن .
بىر مىسقال ئىقتىسات تورى
www.1miskal.com