مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6732|ئىنكاس: 66

يالقۇن روزى ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5049
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 05:11:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        يالقۇن روزى ئىلىم ئەھلىگە، خەلقىمىزگە تونۇلغان ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى، ئوبزورچىلىقى ساھەسىدە  چاقنىغان يۇلتۇزىمىزدۇر .  ھىچكىم دېيىشكە ، يېزىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ،بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىنىپ مەدھىيلىنىپ قالىدىغان، ماقالا ، ئاپتورلار ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزىدىن ،زېھنىدىن ، لىلا  باھالىشىدىن ئۆتۈپ  كېتەلمەيتتى . بۇ ئۇنىڭ ئوبزورچىلىق قوشۇنىمىزدىكى ئالاھىدە ئورنىنى بەلگىلىگەن ۋە بىزنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان تەرىپىدۇر.  ئۇ ئوبزوزچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ ئوبزورچىلىق قىلىشتىكى مۇددىئا- نىشانىدىن ئېغىشماي مېڭىپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىد-ئوبزورچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى ۋە قوشۇۋاتىدۇ . ئۇنىڭ مەرھۇم ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يىرىك تارىخى رومانى < ئويغانغان زېمىن> گە يازغان " ئويغانغان زىمىن " دىن ئويغانغان پىكىرلەر، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ  <ھايات شۇنداق> رومانىغا يازغان " سۈنئىي رىئالىزىملىق رومان- <ھايات شۇنداق> قا باھا" ، پەرھات تۇرسۇننىڭ < ئۆلىۋېلىش سەنئىتى> رومانىغا يازغان "ئەدەبىياتىمىزدىكى ئازغۇن روھ" ، ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ  < بۇرۇت ماجراسى> ھىكايىسىگە ۋە < خاسىيەتلىك قار> پوۋىستىغا يازغان" زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھەببەت"،< بۇرۇت ماجراسىنىڭ قىممىتى >، سەردار يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ <قەشقەر كوچىلىرى> ھېكايىسىگە ، <ئاتا> رومانىغا يازغان < قەشقەرھەققىدىكى يېڭى ئەپسانە> ،" ئاتا رومانىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتىن دوكلات"، "ئەدەبىياتىمىز مۇنازىرىگە مۇھتاج " قاتارلىق  ئوبزورچىلىققا دەسلەپ كىرىشكەن چاغلىرىدىكى ماقالىلىرى ئۇيغۇر ئوبزورچىلىق ساھەسىدە ناھايىتى زور زىلزىلە قوزغاپ ، ئوبزورچىلىق ساھەسىنىڭ پەۋقۇلئاددا جانلىنىشىنى ، شۇنداقلا < يالقۇن روزى ئوبزورچىلىقى > ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى  دېسەك، ھەرگىز ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز . ھىلىھەم ئاشۇ يىللاردا يېزىلغان ئوبزورلار تەمىنىڭ ئۆزگىچىلىگى بىلەن يالقۇن روزى ئەدەبىي تەنقىدچىلىگىنىڭ گۈلتاجىسى بولۇشقا مۇناسىپ دەپ قارايمەن .  بۇ ئوبزورلارنىڭ زىلزىلە قوزغىشى، ئوبزورچىلىقىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە بولمايدىغان دەرىجىدە جانلاندۇردى دېيىشىمدىكى سەۋەب شۇكى ، ئىلگىرىكى ئوبزورچىلىقىمىز شەكىللەندۈرگەن نوپوزلۇق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ نۇقسان بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارمۇ ئورۇنلۇق تەنقىدنىڭ ئوبىكتى بولالايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئېچىپ بەرگەنلىكىدە ئىدى . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئوبزورچىلىقىمىزنى يېپيېڭى يۈنىلىشكە باشلاپ يېڭى دەۋر " ئوبزورچىلىقى" غا باشلاپ كىردى دېيىشكە بولاتتى .          يالقۇن روزىنىڭ يەنە بىر تۆھپىسى ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ  بىر - بىرىدىن ئېسىل يازمىلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ ، ئۇلۇغ ئۇستازىنىڭ بۈيۈك تۆھپىسىنى، يېتۈك ئالىم ئىكەنلىگىنى خەلقىگە بىلدۈرگەنلىكىدە . ئۇنىڭ بېۋاستە قول تىقىشى بىلەن نەشر قىلىنغان <ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى> ، < يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت>، < قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا>، < فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى، (تولۇقلانغان نۇسخىسى)> قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ ، پەسىيىپ قالغان كىتابچىلىقىمىزغا ئەڭ يېڭى ھۆسىن قوشۇپ، ئالىمنى ياد ئېتىۋاتقان، سېغىنىۋاتقان، چۈشىنىشكە باشلىغان خەلقىمىزنى ئالەمچە خۇش قىلدى . يالقۇن روزىمۇ ئۇستازى قاتارى ئېزگۈ كۆڭۈللەرگە <ئۇستازىغا جاۋاب بېرىشنىڭ ، ئۇستازىنى ھەقىقى ياد ئېتىدىغان شاگىرتنىڭ ئۈلگىسى >بولۇپ تونۇلدى . ئۇنىڭ يەنە ئالىم ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان < ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجادكارنىڭ قىسمىتى > ناملىق ماقالىسى پۈتۈن رايونىمىزدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زىلزىلە قوزغاپ ئالىمنىڭ نۇرانە ھاياتىنى، كىشىلىك پەزىلىتىنى ،ئىجادكارلىقىنى بىلدۈرۈشتە ئاجايىپ زور رول ئوينىغانىدى . خىزمەتچىلەردىن باشقىلار بىلىپ كەتمەيدىغان ، تراژى ئۇنچە كۆپ ئەمەس < ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى> مۇ ئۈشبۇ ماقالە بېسىلغانلىق سەۋەبىدىن سېتىلىپ تۈگەپ ئەتىۋارلىق گېزىتكە ئايلىنىپ، تونۇلۇپ قالغانىدى . مەن گېزىت نەشردىن چىقىپ بەش يىلدىن كېيىن يەنى 2000- يىلى  7 - ئايدا (ئۇ ماقالە 1995-4-1- بېسىلغانىدى.) ئۈرۈمچىگە بارغىنىمدا دۆڭكۆۋرۈك رەستىسىدە چار بازارچى بالىلارنىڭ < ئەڭ نوچى ماقالە مىشەدىغۇ، قېنى ئېلىۋېلىڭلار ! ئاز قالدى>  دەپ ۋارقىراپ سېتىۋاتقان يەردىن قىستىلىپ يۈرۈپ سېتىۋالغانىدىم، ھازىرغىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتىمەن .  يالقۇن روزى مانا مۇشۇنداق 5 يىلدىن كېيىنمۇ ماقالىسى بەس -بەستە سېتىلغان خەلقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ ، چاڭقاپ تۇرغان قەلبلەرنى ئۇزۇنغىچە لەرزىگە سالغان ، مۇشۇ خىلدىكى شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر ئوبزورچىمىز، قېرىندىشىمىز بولسا كېرەك .( بۇ گېزىتتە ھوسۇللۇق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەرنىڭمۇ بۇ ماقالا بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ،ئالىمنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان <ئۇ كەلمەسكە كەتتى> دېگەن ماقالىسىمۇ بار .)      يالقۇن روزى يالغۇز  ئۇستازى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كىتابىنىلا نەشر قىلىشقا ھەسسىسىنى قوشۇپلا قالماي ، ۋىجدانلىق، ئىلىمسۆيەر ، ئېسىل كىتابلارنى پىلانلاپ نەشر قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىمىزنى بېيىتىشقا كۈچ قوشۇۋاتقان ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن يازغان < مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر> ( ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش) ناملىق كىتابنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىغا، ياش ئالىمىمىز ئەسئەت سۇلايماننىڭ " تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ"، " ئۇيغۇر تۇتىم مەدەنىيىتى"، " تارىم قۇۋۇقى چېكىلگەندە" ، مەدەنىيەت تارىخ تەتقىقاتچىسى غالىپ بارات ئەركنىڭ " كروراننىڭ سىرى"، ئۆمەرجان سىدىقنىڭ " ئىدۇقۇت ئوغلانلىرى" قاتارلىق تارىخ مەدەنىيەتكە دائىر قىممەتلىك كىتاپلارنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈنمۇ زور ئەقىدە - كۈچ چىقاردى . ( مېنىڭ بىلىشىمچە)    ئۇنىڭ ئوت يۈرەك شائىر ، مائارىپچى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ھايات يولىنى بويلاپ ئىزدىنىپ < تەۋپىقشۇناس> بولۇپ بولغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان . < ئويغىنىۋاتقان ئەجداد روھى>، < ئۇنتۇلغان ئەڭگۈشتەر - تەۋپىق روھى >، < مەمتىلى ئەپەندى> ،< مەمتىلى ئەپەندىنىڭ سۈرىتىنى ئىزدەش> قاتارلىق ئەسەرلىرى ، ئىزدىنىش جەريانلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ .   ئۇنىڭ< ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخى >، مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ت
ۆھپىسى ، ئىش- ئىزلىرى ، <تاتارلارنىڭ ئۇيغۇر مائارىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى تۆھپىسى >،مۇسابايىفلارنىڭ تۆھپىسى ھەققىدىكى ئىنىقسىزلىقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەمگىكىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ، قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك ،ئەلۋەتتە.  قىسقىسى يالقۇن روزى خەلقىمىز ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئاز ئۇچرايدىغان تالانت ئىگىسىدۇر ، ئۇ بىزنىڭ قوللىشىمىزغا ، ئاسرىشىمىزغا، ئەرزىيدىغان تۆھپىكار مائارىپ تەتقىقاتچىسىدۇر. مەن ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلەيمەن . ( بۇ قىسقا يازما بىلەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ئىجادىيەت ھاياتىنى يورۇتۇپ بەرگىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە. پەقەت قىسقا بىر كۆڭۈل ئىزھارىم،خالاس. قالغىنىنى ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ تولۇقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .)       ئەبەي تارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80903
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3794
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 06:17:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەق گەپنى يىزىپسىز قىرىندىشىم،دىمىسىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي-يىزىقچىلىقى يالقۇن روزىدەك باھادىر تەنقىدچىلەرگە مۇھتاج. مىنىڭمۇ يالقۇن روزىغا بولغان ھۈرمىتىم بەك چوڭقۇر.
   يالقۇن روزى يازغان«كۈرەش رەجەپكە ئوچۇق خەت»دىگەن ئوبزورمىنى بەكلا قايىل قىلغان.ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7219
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1461 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 06:28:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالقۇن رۇزى مەن ئەڭ قول قۇيىدىغان زىيالىيلىرمىزنىڭ بىرى ،  ئەگەرچەندە مۇشۇنداق بىر ئەدەبىي ئوبزورچىلىرىمىز بولمايدىغان بولسا كىتاپ بازىرنى پاخال كىتاپلار قاپلاپ كەتكەن بۇلاتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-30 06:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1900
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1575 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 06:32:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالقۇن روزى قولىغا  پىچىقىنى ئېلىپ بەزى يازغۇچى شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوپراسىيە قىلىپ قۇيىدۇ. مۇشۇنداق ئادەملەر بولمىسا بولمايدۇ زادى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-30 06:37 PM  


ئوت يۈرەك

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3729
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 06:54:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالقۇن  روزىنىڭ  ئوبزورلىرىدىن بىر  قانچىسىنى  ئوقۇغان  ، لىكىن تىلى  شۇنداق ئۆتكۈركەن،ھە.

كىشى دەيدۇ ئۆزىنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار،
مەن دەيمەنكى شۇ تۇخۇمنىڭ ئاشۇ تاشتا دەردى بار.

ئاللا بىر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5282
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8608
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 6956 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2012-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 07:19:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالقۇن روزى تېلۋوزۇردا سۆزلەيدىغان بولسا گەپ خۇددى پىلىمۇتتىن چىققاندەك توختىماي چىقىپ تۇرىدۇ. گەپ سۆزلىرى بەكلا جايىدا ، ئورۇنلۇق گەپ قىلىپ قويىدۇ. مەن بۇ ئادەمگە بەكلا قايىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79820
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3581
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2012-5-6
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 07:23:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن شۇنداق .بۇ زاتنىڭ تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما دىگەن ماقالىلار توپلىمىنى ئوقۇپ ،ئەدەبىيات ساھەسىدە مۇشۇنداق بىر نازارەت قىلىپ تۇردىغان ئادەم بولسا بولدىكەن دەپ ئويلىغانتىم.ئەگەر مۇشۇنداق بىر ئادەم بولمىسا ھەركىم ئۆزى خالىغاننى يىزىپ يۈرسە، ئۇنىڭ يازغانلىرىغا تەشەككۈر ، رەھمەتتىن باشقا جاۋاب كەلمىسە ئۇنداقتا ئۇ يازغۇچى قانداقمۇ ئىلگىرلىيەلىسۇن.بولسا باشقا ساھەلەردىمۇ مۇشۇنداق بىر ئادەملەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79363
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3670
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 07:25:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالقۇن روزى «يۈزى قېلىن» ۋەتەنپەرۋەر. بىزگە دەل ئاشۇنداق «يۈزى قېلىن» ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەرلەر كېرەك. بەزىدە ئارتۇقچە يۈز قاراش ۋە يۈزنى ئاياشمۇ ئەكس تەسىر بېرىپ قويىدۇ. يالقۇن روزىنىڭ پىچىقىنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق ئۆتكۈر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يالقۇن روزىنىڭ مۇختەر بۇغرانى تەنقىد قىلىپ يازغان ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئارقىدىنلا مۇختەر بۇغرامۇ يالقۇن روزىنى تەنقىد قىلىپ ماقالە يازدى. مەيلى يالقۇن روزى بولسۇن، مۇختەر بۇغرا بولسۇن، پەرھات تۇرسۇن بولسۇن ھەممىسى ئاتۇشلۇق، ئۇ يۇرتدىشىم ئىدى دەپ يۈرمىدى. بۇمۇ ئۇنىڭ ھەققانىي مەيدانى. مەن يالقۇن روزىنىڭ توغرا ياكى مۇختەر بۇغرانىڭ ۋە ياكى پەرھات تۇرسۇننىڭ ۋە ھەم ياكى باشقىلارنىڭ توغرا، يالقۇن روزىنىڭ خاتا دېمەيمەن. ھىچكىم تەرەپدارى ئەمەسمەن. بىراق ئۇيغۇر ئىجتىمائىيىتى ئۈچۈن يالقۇن روزى بولمىسا بولمايدۇ.
مەن شۇنىمۇ ئارزۇ قىلىمەنكى، يالقۇن روزى بىلەن مۇختەر بۇغرا ئۆز ئارا بىر بىرىنى تەنقىد قىلدى يۇ، بىراق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر پىروگراممىسىدا دەرقەمتە ئولتۇرۇپ بىر مەسىلىنى (بىر ناخشىغۇ دەيمەن) ئورتاق مۇزلاھىزە قىلدى. ئەگەر پەرھات تۇرسۇن بىلەنمۇ مۇشۇنداق دەرقەمدە ئولتۇرۇپ پىكىرلەشكەن بولسا قانداق ئوبدان بولاتتى.

ئەركزات ئۇچۇر- ئېلانچىلىقى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 634
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 44512
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6306 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 07:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەدەبىيات-سەنئىتىمىز يالقۇن روزىدىن، يالقۇن روزىدەك ھەقنى دادىل سۆزلەيدىغان،  بەزى مەجروھ «ئەسەر»لىرىمىزگە شىپاھلىق مەلھەملەر بىلەن داۋا بولۇپ، ئۇنى ۋاقتىدا ئەملەپ تۇرىدىغان ھەقىقىي پەرۋىشكار، نازارەتچى، ئەدەبىيات-سەنئەتنى چىن ماھىيىتى بىلەن ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئۇنىڭ يۈنۈلۈشىنى توغرا بەلگىلەپ بېرىشتىكى قابىل سەركەردىلەردىن ئايرىلىپ قالسا، تولىمۇ پۈچەكلىشىپ كېتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، يالقۇن روزى ئەدەبىيات-سەنئىتىمىز ئۈچۈن، ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزنىڭ ئاتموسفىراسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئۇنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرالىشىمىز ئۈچۈن ئەسلا كەم بولسا بولمايدىغان پەرۋىشكار. ساختا ھاياجانلار بىلەن قۇرۇق نام-شەرەپ قازىنىش ئويىدا ئەدەبىيات-سەنئەت گۈلىستانىمىزدا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئاتالمىش  « سەنئەتكار» لارغا توغرا دېئاگنوز  قويۇپ داۋالىيالايدىغان،  ئۆلچەملىك تون پىچىپ ياراشقۇدەك ياساندۇرۇپ قويالايدىغان  ئەدەبىيات-سەنئەت پەرۋىشكارى.  ئىنكاسىمنى ئۇنىڭ مۇنۇ مەزمۇندىكى ئىبارىلىرى بىلەن  يەكۈنلەيمەن:
    1. « سەنئەت-بايلىقىمىز، ئەمما ئۇ-بارلىقىمىز ئەمەس».
   2. « بۈگۈنى ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن ئويناپ-كۈلگەن ئەلنىڭ ئەتىسى يىغا-زارە، نالە-پەريات بىلەن ئۆتىدۇ».

ئەركزات مەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لۇغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم -نەرقىم بىلەن.

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6719
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 07:56:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھەببەت


ياخشى كىتابب ۇ

سىزنىڭ تېخى ھىلىقى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە  زادى نېمىڭىزنى بىرىسز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش