|
|
|
|
بايام خەنزۇچە خەۋەرلەرنى كۆرىۋىتىپ « بېرما ھۆكىمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى ئاڭشەن سۇچى ( 昂山素季 ) نىڭ تايلاند ۋە ياۋرۇپادىكى زىيارەت داۋامىدا، دۆلەت نامىنى خاتا ئاتىغانلىقىنى ئەيىپلىگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم.
بېرما دېگەن دۆلەت نامىنىڭ ئەسلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپدىن قويۇلغان نام ئىكەنلىكىنى، بىرما ھۆكىمىتىنىڭ 1989- يىلى <بېرما > دىگەن دۆلەت نامىنى < مىئانمار> ( Myanmar نى ئاشۇنداق ئوقۇپ تۇردۇم، بىلىدىغانلار تۈزۈتۈپ قويۇڭلار.) قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى كۆردۈم. بۇ نام ھازىر چەتئەللەردىمۇ ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولۇپتۇ.ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ نامى ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىدا <بېرما> دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ھازىر قارايدىغان بولساق بىرمۇنچە دۆلەت ، مىللەت ناملىرى ئاشۇنداق خاتا، ۋاقتى ئۆتكەن ياكى كەمسىتىش مەنىلىرىدىكى ئىسىملاردا تۇرىۋىتىپتۇ.(نېمىس دىگەن مىللەت نامىنىڭ رۇسلارنىڭ گىرمانلارنى كەمسىتىش مەنىسىدە قويغان نامى ئىكەنلىكىنى تېخى يېقىندىلا ئۇقتۇم، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ نامى ئۇيغۇرچىدا خەنزۇ ئوقۇلۇشى بويىچە ئاتايمىز) تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئويلىغانلىرى بولسا ئاڭلاپ باقساق دېگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم.
خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى: http://news.sohu.com/20120630/n346915253.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-30 12:28 PM
|
|
|
|
|
|