ئاھ ، ئاڭلىسا مەندەك يايلاق قىسىسىنى ،
تاغ كەپتىرى مەن بىلەن تەڭ چىكەر پىغان .
ئەي دوستلۇرۇم دەرتسىزلەرگە ئېيتىڭ شۇنى ،
سەن بىلمەيسەن دەرتمەنلەرنىڭ قەلبى ۋەيران .
شەيخ سەئىدى
********************************************
كىتىشىمنى ئويلىسام
مۆئمىنلىكىم تۇتىدۇ كىتىشىمنى ئويلىسام ،
نەھىگە قول بارمايدۇ كىتىشىمنى ئويلىسام .
غەيۋەت قىلغۇم كەلمەيدۇ كىتىشىمنى ئويلىسام ،
ھەق سۆزلىگۈم كىلىدۇ كىتىشىمنى ئويلىسام .
تۆككۈم كىلۇر دەردىمنى كىتىشىمنى ئويلىسام ......
تۇغۇلدۇممەن دۇنياغا تۇغۇلماقمۇ تەس ئىكەن ،
تۇغۇلۇپ ساق قاتارغا قوشۇلماق بەك تەس ئىكەن .
مىڭ جاپادا چوڭ بولساق جان باقماقمۇ تەس ئىكەن ،
غورۇر-ۋىجدان-ئىمانلىق ياشىماق تەس، تەس ئىكەن .
مۇرتەدلىكتىن قورقىمەن كىتىشىمنى ئويلىسام .....
ئەستەغپۇرلا شەيتان دەپ ئېزىپ قالساق بەزىدە ،
تۈزەلمىدۇق ۋە لىكىن رېستۇراندا - بەزمىدە .
يامانلىقنى قامچىلاپ ناخشىدا ھەم نەزمىدە ،
يۇيۇنمىدۇق يەنىلا پاكلىق سۈيى ئەزمىدە .
پاكلىنىشنى خالايتىم ، كىتىشىمنى ئويلىسام ....
ئويناپ ياشاپ ھاياتتا ئۆتتى تىزلا ئاز ئۆمۈر ،
دەتكە ئادەم ئۆلمەسكەن بولمىسىمۇ جان تۆمۈر .
ئەلگە بەرسەم ئىسسىقلىق رازى ئىدىم بوپ كۆمۈر ،
دەيتى ئەلمۇ شۇنىڭدا مەندىن مەدەت سەن سۈمۈر .
سۈمۈرسەملا ئارمان يوق ، كىتىشىمنى ئويلىسام ....
دەيدۇ چوڭلار كىچىكنىڭ پەقەتلا يوقتۇر غېمى ،
چۈنكى تەييار ئۇلارغا ھەر ۋاقىتلىق ئاش-نېنى .
نان بولسىلا يايرامدۇ سىزچە،بارچە جان تېنى ،
يەم-خەشەكتە يايراشتۇر پەقەتلا ھايۋان جېنى .
بولمىسامكەن پەرقسىز ،كىتىشىمنى ئويلىسام ....
كەلگەچ ھايات پەقەتلا ھەر بىر جانغا بىر قېتىم ،
مەنىلىك ئۆتسە ھايات بولمىسا ئۇ لاي ئېقىن .
باغلانمىسام كىشىگە بۇلۇپ كالا بىر سېغىن ،،،
رازى ئىدىم بولساممۇ گەرچە مىسكىن بىر يىتىم .
مەنىسىزلا كەتمىسەم ، كىتىشىمنى ئويلىسام ....
تويمىساممۇ ھاياتقا كەلسە ئەجەل ئامال يوق ،
ئۇنتۇلمىسا قەبرىگاھ كىتەر ئىدىم كۆڭۈل توق .
گۈزەل بېھىش يۇرتۇمغا تارالغاندىن پىتنە پوق ،
ئەل ئالدىدا ئوغلاپ بوپ رازى ئىدىم يىسەم ئوق .
ئەل ئاغزىدا ئۆلمىسەم ، كىتىشمنى ئويلىسام ....
بىر ياخشىغا بىر (يامان)ھەمرا قىلغان خۇدايىم ،
ساقلىسىكەن كىلىشتىن قېرىنداشتىن ئىلاھىم .
ساپ ئۈزىدىن دىگەن سۆز ياتلا بولسا قەۋمىمگە ،
ئون سەككىزمىڭ ئالەمگە ئاڭلىنار شوخ سادايىم .
ساپ بولمۇدۇم بولمايمەن، كىتىشىمنى ئويلىسام ...
ئېزىقتۇردى شەيتانمۇ كىلىپ بەزەن قېشىمغا ،
ھالاللىقتىن قىزغىنىپ تۇپا چاچتى ئېشىمغا .
بازغىنىنى تەييارلاپ بەختۇ -ئامەت تېشىمغا،
رەھىمسىزلەر،پەرۋاسىز ۋىسالسىز كۆز يېشىمغا.
دىلبىرىمگە ئىنتىزار،كىتىشىمنى ئويلىسام ....
توۋا دەيمەن،دىدىم كۆپ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا ،
شۇنچە تېزلا كەلگىنى زىمىستان قىشلىرىغا .
بىرۇر ھىساپ ھەممىسى ئەتمىش-قىلمىشلىرىغا ،
كىشى بولسا گەر زالىم بەركەت يوق چىشلىرىغا .
زالىملاردىن بولمايمەن ، كىتىشمنى ئويلىسام ....
بىرسى مىنى دەر قارا، ھەمراسى ھەم دىدى ئاق ،
دىسە بىرى ئۈرۈككەن ،دەيدۇ بىرى گۈلە قاق .
چۈشىنەمسەن دەردىمنى؟باش چايقىدى دىدى ياق ،
ئىنتىزارمەن گۈلۈمگە ، ماڭا بەلكى بۇ كۈن ھاق .
ئەيىپ زادى كىمدىدۇ؟ كىتىشىمنى ئويلىسام.....
ئانا دىگەن دۇنيادا چىن مۇھەببەت سىماسى ،
مىھرىۋانلىق تەختىدە يەككە ئۈزى ھىماسى .
بىرۇر ئوردا بالىغا يوقتۇر ئۇنىڭ بىناسى ،
شۇنچە كۆپتۇر ئېلىشى،لىكىن يوقتۇر رىياسى .
رازى قىلسام كۈلەتتىم ،كىتىشىمنى ئويلىسام ...
رەنجىتەركەن ھەر كىشى گۈدەكلىك قىپ ئانىنى ،
ئويلىماسكەن كەلگۈسى ئائىلىسى - بالىنى .
چاغلىماسكەن بوپ نادان كىيىنلىك ھەم ھالىنى ،
ئويلايدىكەن ياشلىق دەپ نىگارىنى - يارىنى .
مەن بولمايمەن ئاشۇنداق،كىتىشىمنى ئويلىسام...
يىراق ئەمەس تاغلارمۇ كۆرۈنسىمۇ گەر يىراق ،
قىينايدىكەن كىشىنى ھەممىدىن ئەپسۇس پىراق .
قاراڭغۇدا ئەۋزىلى كىرەك ئىكەن جىن - چىراق .
ئاياغ قويسا مەنزىلگە ھەتتا يېقىن شام -ئىراق .
چىراق بولسام يايرايتىم، كىتىشمنى ئويلىسام.....
ئەل ئالدىدا تۇغۇلدۇم ھەم ئۆستۈردى ئەل مىنى ،
ھەممىدىن بەك شىپالىق ماڭا ئەلنىڭ ساپ نېنى .
يەپ تۇرۇپ ئەل تۇزىنى،تۇزكور بولسام مەن قېنى ،
تۈلكىمۇ ھەم قوغدايدۇ بولغاچ پاناھ ئۆز ئىنى .
نۇمۇس ماڭا تۈلكىدىن،كىتىشىمنى ئويلىسام....
بۇلبۇل سايرار قەپەستە يا گۈلشەندە ھەۋەستە ،
ئوخشىمايدۇ سايرىشى دەتتە، خوشلۇق، پەۋەستە .
ئەجدادىمنىڭ سۆزلىرى ئۇنتۇلمىدى ھەم ئەستە ،
ئۇنۇتسام گەر ئۆزلۈكنى ئورنۇم بۇلۇر بەك پەستە .
ئەجدادىمنى ئەسلەيمەن،كىتىشىمنى ئويلىسام...
غورۇر-ۋىجدان،ئىمان دەپ جار سالساقمۇ شۇنچە بىز ،
ئوڭشالمىدۇق يەنىلا يامان يولدىن بەزىمىز....
غورۇر-ۋىجدان ئىمانسىز ھەم ئەمەسمىز ھەممىمىز ،
پەخىرلىنەر بىزدىنمۇ بىر كۈن نەۋرە-چەۋرىمىز .
قالدۇرىمەن شانلىق ئىز، كىتىشىمنى ئويلىسام....
سىنىڭ قانداق باھايىڭ ئەجدادىڭغا ئەي ئەۋلات ،
سەنمۇ ھامان بولۇرسەن ئەۋلادىڭغا ھەم ئەجدات .
رازى باھا بەرسە گەر ، ئەۋلات ئۇرمىسا پەريات ،
روھىم تاپۇر ئەمىنلىك ، بولمىسا گۈلۈم بەربات .
ئوخشاش باھا ئالمىسام،كىتىشىمنى ئويلىسام....
ئەللىك يەتتە دىگەن سان تارقىلىپتۇ يېقىندا ،
بار ئىمىش ھەم مەنىسى ئۆزگە تىلغا بېقىندا .
كۆپ تىل بىلىش شەرەپلىك ھەرقانداق بىر ئېقىمدا ،
ئانا تىلنى بىلمەسلىك نومۇس پۈتۈن ئىقلىمدا .!
ئەللىك يەتتە بولمايمەن،كىتىشمنى ئويلىسام ...
ئۆلمەي دەپ ئەل ئالدىدا ئىجادىيەت ياراتتىم ،
ياقتۇرۇپ چۈشەنگەننى ئانچە-مۇنچە قاراتتىم .
يىتىشىچە قۇربىمنىڭ ياخشى سۆزلەر تاراتتىم ،
خەلقىم بولسىلا رازى يەنە شېئىر يازاتتىم ...
ئەل ئەڭ مۇھىم قەلبىمدە،كىتىشىمنى ئويلىسام .....
******************************************
خاتىمە
ئاللاھىم ياراتتى مىنى ئەزىز دەپ ،
ھەرگىز خار ئەمەسمەن بەندە ئالدىدا .
تۇزكورلۇق قىلمايمەن خەلقمگە زىنھار ،
ئاشكارا ۋە ياكى پنھان دالدىدا ....!!!
ئاپتۇرى:ئۆزەم(مۇھەممەتئەلىجان.چۇڭقۇرچاق)
قېرىنداشلىرىمنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىمنى توغرا ئۇسۇلدا ئەسكەرتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barquk8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-30 02:50 AM