ئاغرىنمايمەن سېنىڭدىن ،
چۈنكى سەندە گۇنا يوق.
چىن قەلبىڭدىن سۆيدۈڭ سەن مېنى ،
ئامالىم يوق ۋاز كەچمەي.
چۈنكى مەندە نە چارە،
ئۈمۈد بىلەن سۆيسەممۇ سېنى .
تەغدىر بىزنى ئايرىدى،
رازى بولغىن مېنىڭدىن،
سېنىڭ ئۈچۈن كەچتىم ھەممىدىن.
مەيلى تارتسام دەرت - ئازاپ سېنىڭ ئۈچۈن رازىمەن ،
خەيرى نىگار خوشلاشتىم سەندىن .
ئۆتكەن شېرىن كۈنلەر بولدى ئاچچىق ئەسلىمە ،
يۈرۈگۈمنى ئەزدى ھەممىنى،
خىيالىمدىن ئۆچۈرسەم كۆز ئالدىمدا سىمايىڭ.
سېغىنىشلار قىينىدى مېنى ،
بەخىتلىك بول ئۈمۈدۈم،
خوشال ئۆتسۇن كۈنلىرىڭ،شۇدۇر مېنىڭ ئارزۇ- ئارمىنىم.
ئەمما بولسۇن ئېسىڭدە سۆيگەن سېنى چىن دىلدىن ،
سەن قەلبىمدە مەڭگۈ سەن مېنىڭ!
سەھەر بۈگۈن كۈندىكى ئادىتى بويىچە چوڭ ئاپىسىنىڭ ھويلىسىغا سۇ سەپمەكچى بولۇپ ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستەڭدىن چۆگۈنگە سۇ ئېلىۋاتاتتى ، تۇيۇقسىز ئالدىغا بىر تاش چۈشۈپ ئۈستى باشلىرى يۆل بولۇپ كەتتى . ئۇ ئەتراپىغا شۇنچە قاراپمۇ ھىچ ئادەم كۆرمىدى. شۇ ئەسنادا ئۆستەڭنىڭ بويىدا ئۆسكەن دەرەختە بىرسىنىڭ قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ دەرەخكە مايمۇندەك يامىشىپ چىقىۋالغان پىرقەتنى كۆردى-ۋە:
- ساراڭمۇ سىز نىمە قىلغىنىڭىز ئۇ؟ دەپ سورىدى پىرقەتتىن .
-چاخچاق قىلىپ قويدۇم، خاپا بولۇپ كەتكىنىنى !؟دىدى
-خاپا بولمامتىم ئەمىسە؟ دەپ چۆگۈننى ئېلىپ ماڭدى سەھەر. ئۇ چاققىچە پىرقەتمۇ دەرەختىن چۈشۈپ :
- سەھەر ! مەن بۇندىن كېيىن تەتىلدە كىلىمەن، سىزمۇ كېلىڭ ھە؟ دىدى.
- ھە، قاراپ باقاي! دىدى سەھەر ۋە ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
بۇ سەھەرنىڭ تولۇقسىز 2- يىللىقتا ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرى بولۇپ تەتىللەردە چوڭ ئاپىسىغا ياردەملەشكىلى بۇ يەرگە كېلەتتى.ئۆزىمۇ بۇ شەھەرلىك ئىدى. پىرقەت بولسا باشقا شەھەردىن بولۇپ، ئۇمۇ سەھەر بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولۇپ تۇلۇقسىز 2- يىللىقتا ئوقۇيتتى، ھەم بولار تۇققان كىلەتتى. بۇ سەھەرنىڭ پىرقەتنى چوڭ بولۇپ بىرىنجى قېتىم كۆرىشى ئىدى ، ئاتا- ئانىللىرى بولارنى تەڭ تۇغۇلغان چوڭ بولغاندا قوشۇپ قويىمىز دەيتتى. ھەم ھەر ئىككىلىسى ئۆينىڭ كىچىگى ئىدى .پىرقەت كىچىگىدە جاھىل ھەم تەرسا ئىدى.
مانا ھەش پەش دىگىچە نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى، سەھەر ئۇنۇڭ كەلگەن كەلمىگەنلىگىنىمۇ سۈرۈشتۈرمىدى، لېكىن ئىككى يىل ئۆتكەن بىر يازلىق تەتىلدە چوڭ ئاپىسىنىڭكىگە چىقتى . ئۇ چاغدا ئۇ ئەمەس ئۇنۇڭ ئاكىسى كەلگەن ئىدى. ئاكىسى سەھەرنى كۆرۈپ ئالدىغا كېلىپ سالاملاشتى، سەھەر ئويلايتتى<< ئۇ كەلگەنمىدۇ؟ >> لېكىن ئۇنى ئاكىسىدىن قانداقمۇ سورىسۇن؟نىمىشقىكىن ئۇنى كۆرۈشنى شۇنچە ئارزۇ قىلىپ قالدى .ئۇ ئاخىرى<< ئۇ كەلمەپتۇ دە!>> دەپ ئويلىدى، ئەمدى ئۆيگە كىرىپ كىتەي دەپ تۇرىشىغا يىراقتىن پىرقەتنىڭ بالىلار بىلەن ۋاڭ- چۇڭ قىلىشىپ كېلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى، باشلىرى يۆل ئىدى. پىرقەتنىڭ ئاكىسى سەھەرنىڭ ئۇنۇڭغا قاراپ قالغىنىنى كۆردىمۇ؟ ئىشتىكلا <<ھە ئۇ كۆلگە سۇغا چۈشكىلى كەتكەن گەپ ئاڭلىمايدۇ ئاشۇنداق !>>دىدى. ئۇنۇڭ قولىدا بىر پاختەك تۇراتتى .ئۇ خوشال ھالدا سەھەرنىڭ يېنىغا كېلىپ قاچان كەلدىڭىز ؟ دىدى سەھەر :
- خېلى بولدى كەلگىلى! دىدى خاپا بولغان ھالدا . پىرقەت ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
- كۈن بەك ئىسسىپ كېتىپتۇ شۇڭا سۇغا چۈمۈلۈپ كەلدىم ، پاختەكمۇ تۇتۇپ كەلدىم دېدى، سەھەر:
- نىمە قىلىسىز ئۇنى؟
- ئوينايمەن !
-قانداق ئوينايسىز؟
- پۇتىنى باغلاپ قويىمەن ئۇچالمايدۇ!
- توۋا ئاشۇمۇ ئويۇنما؟ دىدى.
-ھە مەن قۇشلارنى تۇتۇپ باغلاپ، تۇخۇملىرىنى چېقىپ باللىرىنى ئۇگۇسىدىن ئېلىۋېلىپ ئوينايمەن دىدى، سەھەر:
- يامان بولىدۇ ، ئۇلارنىڭمۇ جېنى بار! قولىڭىز تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ ! دىدى .پىرقەت سەھەرگە سىنچىلاپ قارىدى، سەھەر بۈگۈن ئۆزىنىڭ رېبىنتۇ چېچىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاق چىمچىم كۆڭلىگىنى كىيىۋالغان ئىدى. بۇ كىيمى ئۇنۇڭغا شۇنداق ياراشقان ئىدى.
ئەتىسى سەھەر كۆۋرۈك بويىدا ئولتۇرۇپ كىر يۇيىۋاتاتتى نەدىندۇ پىرقەت ئۇنۇڭ يېنىدا پەيدا بولدى. ھەم كېلىپلا سەھەرنىڭ يېنىغا كېلىپلا ئولتۇردى،بۈگۈن ئۇ ياقىسى ئاق قارا چىمچىم كوپتىسى بىلەن پونى قارا يوپكىسىنى كىيىۋالغان ئىدى سەھەر ئۇنۇڭدىن بەكمۇ خېجىل بولدى .چۈنكى كوپتىسىنىڭ ياقىسى كىر يۇيغاندا، ئېڭىشكەندە ،ياكى سۇ ئالغاندا سەل ئېچىلىپ قالاتتى. شۇڭا ئۇ يۇيۇۋاتقان كىرىنى چايقاشقا سۇ ئالغىلى كۆۋرۈكتىن پەسكە چۈشتى ، كىم بىلسۇن پىرقەت كۆۋرۈكتە تۇرۇپ ئۇنۇڭ سۇ ئالغان ھالىتىگە قاراپ تۇرۇپ :
سۇنى مەن ئەپ بېرەيمۇ؟ دىدى. ئۇنۇڭ قاراپ تۇرغىنىدىن خېجىل بولغان سەھەر قاپىقىنى تۇرۇپ:
بولدى رەھمەت ئۆزۇم ئالىمەن، سىز ئاياقتا تۇپ تۇرىڭە مەن سۇ ئېلىۋالاي! دىدى. پىرقەت ھىچنىمىنى ئويلىمىدىمۇ:
-ئېلىۋەرمەمسىز؟ دىدى . تېخىمۇ ئاچچىغى كەلگەن سەھەر ئاچچىق بىلەن:
- سىز قاراپ تۇرسىڭىز قانداق ئالىمەن؟ دىدى .شۇ چاغدىلا پىرقەت ئېسىگە كەلدىمۇ،-
ھە ئۇنداقتا مەن كېتەي! دەپ ماڭدى . سەھەرمۇ گەپ قىلمىدى ، ئۇنۇڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنۇڭ كىر يۇيۇشىغا قاراپ تۇرغىنىدىن كەتكىنىمۇ ياخشى بولدى دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى سېغىندى، ئۇنۇڭ يېنىدا بولىشىنى ئارزۇ قىلدى .
مەنبە:ئۆز قەلىمىم .
داۋامى بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-6 07:46 PM