ئەليۇلئەلا ۋەسۋەسسى
ئاپتۇرى:قۇم
بۈگۈن يىللىق خۇلاسە ئىمتىھاننى تۈگىتىپ ئۆيۈمگە قايتىش ئۈچۈن كوچا ئابتوبۇسىغا چىقتىم،ئورۇن بولمىغاچقا ئوتتۇردىلا ئۆرە تۇردۇم،بىر ۋاقىتتا بىزنىڭ قوشنا مەكتەپتە ئىشلەيدىغان ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ بوش ئاۋازدا ئۆزئارا كۈلۈشۈپ دىيىشىۋاتقان پاراڭلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
-ئاداش قانداق ئوڭشىيالىدىڭمۇ؟
رەناگۇل ئۇياق-بۇياققا قارىۋەتكەندىن كىيىن ئاستاغىنە:- ئوڭشۇدۇم لىكىن تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.
-قانداقسىگە؟
-ۋاي ئاداش! شۇ يىگىرمىنەچچە،قىرىقنەچچە،ئەللىكنەچچە ئالغانلار كۆپكەن،بىر خانىلىق سان ئالغانلارنىڭ ئالدىغا 9نى يىزىۋەتتىم.ئوننەچچە ئالغانلارنىڭكىنى يەتمىشنەچچىگە،ئوتتۇزنەچچە ئالغانلارنىڭكىنى سەكسەننەچچىگە .ئۆزگەرتىۋەتتىم،بىراق شۇ يىگىرمىنەچچە،قىرىقنەچچە،ئەللىكنەچچە ئالغانلارنىڭكىگە پەقەت ئامال قىلالمىدىم.ھىلىقى نىرۋىسى ئاجىز توختەك بارغۇ 0ئاپتىكەن شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم،بىشىغا ئوننى يىزىپتىكەنمەن 100لا بولۇپكەتتى ئەمەسما
يىگىرمىنەچچە،قىرىقنەچچە،ئەللىكنەچچە ئالغانلارنى چايناپ پۈركىۋەتكىم كەپكەتتى.
-ھەي ئاداش ! ئۇ توختەك يىزا بويىچە ئەليۇل ئەلا بولۇپكەتسە قاملاشماس !؟
-ھەي !بۇنىڭ ئامالى بار،ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا دەرستە ياخشى بالىدىن بىرنى ئەۋەتمەمدىم ،باشقىلارغا ئىسمى ئالمىشىپ قاپتۇ دىسەم بولمىدىمۇ،مۇكاپاتلايدىغان غوجاملار توختەكنى تونۇمتى، بۇلتۇرمۇ كۆردۇققۇ ئىمتىھانغا قاتناشمىغان بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نۇمۇرىنى 100 قىلىۋەتسەك ھىچكىم بىلمىدىغۇ،تىخى رەھبەرلەر بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرلىقىنى تازا ماختاپ كەتمىدىمۇ .
-ھەي ! ئىمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرۈپ قالسا چاتاق چىقىپ قالارمىكىن؟
-بۇنى ئويلىماي قالمىدىم،ئىمتىھان قەغىزىنى قاتلاپ-قاتلاپ شىرەسىمنىڭ بۇلۇڭىغا تىقىپ قويدۇم،ھىچكىم تاپالمايدۇ.
- شۇنداق قىلىپ قانچە بالاڭ ئەلاچى بولغان بولدى؟
- ئەسلى لاياقەتلىك بالا ئۈچ ئىدى، ھازىر ئەلاچى 13،لاياقەتلىكلەر21 بولدى يەنە 7بالىغا پەقەت ئامال قىلالمىدىم.
-ئاداش ئۇنداقتا بۇيىلمۇ ناھىيە بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ كىتەمسەن نىمە؟
-بولسام ساڭىمۇ پايدىسى بار ،بۇلتۇرقىدەك خوگۇ بىلەن مىھمان قىلىمەن.
-ئاداش ئۆزگەرتكىنىڭنى ئى نازارەتچىلەر كۆرۈپ قالمىغاندۇ؟
-ۋاي ئۇ نازارەتچىمىز ئەتىگەننىڭياغى ئى شوجاڭ ئىشخانىسىدا ئۇخلاۋاتسا نىمىنى بىلەتتى.......
شۇ ئەسنادا ئۆيۈمنىڭ كوچا ئاپتوبۇسى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى بىكەتتە توختىدى ،ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ئۆيۈمگە ماڭدىم ،ئىشىك ئالدىغا بىرىشىمغا بالام يۈگۈرۈپ ئالدىمغا كىلىپ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى ئىمتىھاندا 58نۇمۇر ئىلىپ قالغانلىقىنى ،ئوقۇتقۇچىسىنىڭ 58 ئالغۇچە 18،38ياكى 8لا ئالساڭچۇ دەپ تىللاپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ كەتتى،مەن بالامنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ :-
-بالام ئوقۇتقۇچۇڭ نىمە دېسە دەۋەرسۇن،سەن بۇندىن كىيىن ئەللىك نەچچە ئىلىۋەر مەن شۇنىڭغا رازى دىدىم ۋە بالامنى يىتىلەپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Kum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-29 03:51 PM