مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15401|ئىنكاس: 150

ساياھەتچىلەر ئاپپاراتىدىكى نادىر ئەسەرلەر 1-توپلام   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6206
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 565 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 02:29:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالام تورداشلار، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!

مىسرانىمدا مۇنبەر ئوينىغىلىمۇ ئويلاپ باقسام 10 نەچچە يىل بولمىسىمۇ 1 نەچچە ئاي بوپتۇ، كۈچىمىز يەتكەن يازمىلارغا مۇنازىرە قاتناشتۇرۇپ، يەتمىگەنلىرىگە قۇلاق موللىسى بوپ ئولتۇردۇق. كەمىنە مۇشۇ ئېلان لايىھە ساھەسىدە قاتراپ يۈرۈيدىغان بولغاچ، مەيلى تەكشىلىك ئېلانى بولسۇن، تېلېۋىزىيە ئېلانى بولسۇن ياكى تور لاھىيەلىرى بولسۇن خېلى زور ئىشتىياق بىلەن قىزىقىمەن. چەتنىڭ ئىسىل، يۇقىرى تەسەۋۋۇردىكى لاھىيەلىرىنى قەۋەتلا ياقتۇرىمەن، ئۆزۈممۇ ئانچە-مۇنچە ئىشلەپ قويىمەن، لاھىيەلىرىمنى كىيىنچە كۆپچىلكىنىڭ باھالىشىغا سۇنىمەن.


خوش مەقسەتكە كەلسەك، مەن كۆپۈنچە چەتنىڭ ئېلان سەنئەت، لاھىيە تورلىرىنى كۆپرەپ ئارلاپ قويىمەن، چەتئەللىك ساياھەتچى، فوتوگىراف ئۇستىلىرىنىڭ ئىسىل ئەسەرلىرىنى ساقلىۋالماي قالمايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى رايۇنىمىزنى باش تىما قىلغان ئەسەرلەر بولۇپ، ئاساسەن قەشقەر كونا شەھەر رايۇنى ئەتراپىدا تارتىلغان. فوتوگىرافلارنىڭ رەسىم تارتىش تېخنىكىسى، تارتىش ئوبىكتىنى تاللىشى ھەمدە ئەسەرلەرنىڭ ئىنتايىن تەبىئى چىقىشى بەكلا گەۋدىلەنگەن بولغاچقا، كۆپلىگەن زىيارەتچىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى باھا بەرگەنكەن. ساقلاپ قويغان ئەسەرلەرنى بىر قانچە توپلامغا بۆلۈپ تەييارلاپ قويغان ئىدىم نۆۋەتتە بىرىنجى توپلامنى يوللىدىم. جەمئى 25 پارچە رەسىم، قېنى تورداشلارمۇ بەھىرلەنگەچ باھا بىرىپ بېقىڭلار!





بۇ بالىلار نىمىدىگەن ئاقسا ھە!
بۇ رەسىىمگە بىرىلگەن باھا ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپ، بالىلارنىڭ تەبىئى ئوبرازى باشقا فوتوگىرافلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. بەزى كىشىلەر بۇلارنىڭ كىيىنىش تەبىئىلىكىنى، مەسىلەن ئاۋۇ ئوماقنىڭ كۆينەكنىڭ ئالدىنى ئېچىپ ئاقسا تۇرىشى، ياندىكى كۆينەكسىز بالىنىڭ تاسمىسىنىڭ نوچىلىقىنى....  كىنولاردىكى پىرسوناژلارغا ئوخشاتقان، بولۇپمۇ ئاۋۇ تۆمۈر تاسما بەكلا قىززىق نۇقتا بولغان.


  

خۇشال ھەم ئوماق بالا باققۇچىلار!
بۇ رەسىم نۇرغۇنلىغان فوتۇگرافلارنىڭ قىززىقىشىنى تارتقان بولۇپ، " ئالاھىدە " بالىلار ھارۋۇسى قىززىق نۇقتا بولغان. شۇ تاپتا بۇ ئوماق ھەدىلىرىنىڭ ئويۇننى ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ كۈزىتىۋاتاتتى.




ھەقىقى جاسارەت!
رەسىمدىكى بالىنىڭ مىيىپ ھالەتتە چىرايدىن ئۆزىنىڭ تەمكىنلىكى، جاسارەتلىكى تەبەسسۈم قىلغان بولۇپ، يەنە قانداقتۇر بىر يوشۇرۇن تەسەۋۋۇر گەۋدىلەنگەن. بەزىلەر بۇ رەسىمنى " دۆلەت جۇغراپىيەسى " يەنى " National Geographic " ژورنىلىغا تەسىيە قىلغان.




قەيسەر شاكىچىك!
ئۇنىڭ ھازىر نىمىگە نەپرەتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىكىمىز مومكىن، لىكىن چوقۇم ئىشقا بۇيرۇلغانلىقىغا ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئەخلەت ئالغۇچنى چىڭ تۇتىۋالغانلىقىنى چوقۇم كۆردىڭىز.




سەبىلەرچە كۈلكە بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس!
فوتىگىرافلار بۇ رەسىمنى تارتقان فوتوگىرافقا بالىنىڭ مەمنۇنلۇق بىلەن تەبەسسۈم قىلغان ساددا كۈلكە جىلۋىسىنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلىگەنلىكىگە قايىل بولغان.




رەسىم چۈشىش ياڭزام بولامدىكەن!
باھالىغۇچىلار بۇ بالىدىكى چولپانلارغا خاس ياڭزا چىقىرىپ ئىپادىلەنگەن بۇ رەسىمنى بەھىرلەنگەنلكىگە خوش بولغان.




مەن نامرات ئەمەس!
بۇ رەسىم باشقىلارنىڭ دىيىشىچە يۇقىرىدا دىيلىگەندەك ژورناللاردا ئىشلىتىلگەنكەن، باشقا فوتوگىرافلار بۇ رەسىمنى ھەرخىل فوتوگىرافلار مۇكاپاتىغا سۇنىشنى تەكلىپ قىلىپتۇ. قېنى سىزنىڭ باھارىڭىزنى ئاڭلاپ باقايلى




تاتلىق ھەم خوشچاقچاق!
باھالارنىڭ كۆپۈنچىسى بۇ ئوماقنىڭ شوخلىقىغا بىرىلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئارقىدىكى قەدىمى دەرۋازىغا بىرىلگەن.




قېرىنداش بىز!
بۇ بالىلاردىكى ئۆتكۈر نەزەر باھالىغۇچىلارنىڭ قىززىقتۇرغان بولۇپ، ئاكىسىدىكى بىرخىل پەخىرلىنىش، قەيسەرلىك جىلۋىسى، ئىنىسىدىكى ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىش ئىپادىسى قاتارلىقلار بۇ رەسىمنى تېخىمۇ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە قىلغان.




ئەڭ گۈزەل كىچىك مودېللار!
بۇ سۈرەتتىكى ئاۋۇ پىشىق خىشلىق قەدىمى تاملار بۇ ئوماق سەبىيلەرنىڭ گۈزەللىكىگە تېىخمۇ ئىسسللىق قوشقان بولۇپ، نۇرغۇن فوتوگىرافلار ئۆزىلىرىنىڭ ھاياتىدا مۇشۇنداق تەبىئىلىكنى ئىز قالدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرشىىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.




نەپرەتمۇ ياكى كۈلكە جىلۋىسىمۇ؟
بۇ بىر جۈپ بىلگىلى بولمايدىغان ئۆتكۈر كۆزنىڭ قانداق سىھرى بارلىقىنى كۆپچىلىك ئېيتىپ بېقىڭلار




دوسلۇق.....
فوتوگىرافنىڭ قالدۇرۇشىچە ئۇ كۆرگەن ئۇيغۇر باللىرى بەكلا شوخ بولۇپ، جۈرئەتلىك ئىكەن. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ قانداق پەرقىلىنىشى ھەرگىز بالىلار دوسلۇقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.




ھوللىۋۇد چولپانلىرى!
مەزكۇر رەسىم فوتۇگىرافلار ئارسىدا بەكلا قىززىق نۇقتا بولغان بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ ئوبرازىغا ھەتتا ھوللىۋۇدنىڭ كىچىك چولپانلىرىدىن يۇقىرى باھا بەرگەن. بولۇپمۇ ياندىكى قىزچاقنىڭ قەيسەرلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ھالىتى بەكلا باشقىلارنىڭ دىققتىنى تارتقان.




دوسلۇق ۋە قېرىنداشلىق!
كۆپلىگەن قەشقەرگە ساھايەت قىلغۇچىلارنىڭ قالدۇرۇشىچە، باللىلاردىكى بىرخىل دوسلۇق، شوخلۇق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مەدەنىيەت جەھەتتىن ھەۋەس قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن.




تەبئى ئوبراز ۋە گۈزەللىك!
قارا رەڭ ماسلاشتۇرۋىتىلگەن بۇ رەسىم ھوللىۋود ئۈچۈن ئەڭ ياخىشى بىر ئېلان خام ماتېرىيالى بولىدۇ. فوتوگىراف بۇ رەسىمنى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن تارتقان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ رەسىمنى ئىشلەتسە بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىغان.




قوغۇنچى بالا!
بۇ بالىنىڭ غەمكىن ( بىچارىلىك ) ئارلاش  قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن قاراشلىرىنىڭ مەنىسى نىمىدۇ؟ فوتوگىراف بۇ بالىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى قالدۇرغان.




يەنە بىر چولپان ئوسمان!
بۇ بالىنىڭ ئىسمى ئوسمان بولۇپ، فوتوگىرافنىڭ قارا رەڭ ئاساس قىلىنغان ھوللىۋۇد فىلىملىرىدەك چىققان بۇ رەسىم بەكلا ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ جەسۇرانە تىكىلىپ قاراشلىرى ئالدىدا، ئانچە پاكىز بولمىغان يۈزلىرى ئۇنىڭ ئوبرازىغا تەسىر كۆرسەتمەستىن، بەلكى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈس قوشقان.




سەبى ئوسمان!
ئۇنىڭ كىرلىشىپ كەتكەن كىچىك ۋېلسىپىتى، بوينىدىكى " قىزىل " گالاستۇك ئۇنىڭغا باشقىچىلا، كىچىك بالىلارغا خاس خاراكتېر قوشقان.




قىزغىن قارشى ئېلىش!
رەسىمدىكى ھەربىر ئوبرازنى ئىنچىكە كۈزەتسىڭىز، ئىنتايىن تەبئى بىر ھالەتنى بايقايسز.




گۈزەللىك!
بەلكىم بۇ قىزچاقنىڭ سېرىق چاچلىرى ئۇنى چەتئەللىكلەرگە تېخىمۇ ئوماق كۆرسەتكەن بولىشى مۇمكىن، تېخى بەزىلىرى بۇ قىزچاقنى دۇنيا گۈزىلى مۇسابقىسىگە قاتنىشىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىپتۇ. ئىشقىلىپ بۇ قىزچاق ۋە سىڭلىسى بەكلا  گۈزەلكەن.




ھەقىقى گۈزەللىك!
فوتوگىرافلارنىڭ قانداق باھا بەرگەنلىكىنى مىنىڭچە بىلىپ ھېس قىلالايسىلەر، بىر-بىردىن گۈزەل ھەدە-سىڭىل، بولۇپمۇ كىچىك سىڭلىسىنىڭ ئوبرازىغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بىرىلگەن. بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى نىمە دىگەن بەخىتلىك!




چاچ پوسۇنۇم بولامدىكەن!
ئەگەر بۇ رەسىمنى تارتقان فوتوگىراف ئەسكەرتمە بەرمىسە سىزنىڭ بۇ قىزنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بۇ رەسمىنى نۇرغۇن كىشىلەر  فەيس بۇك، تىۋىتتېر قاتارلىق بەتلەردە بەھىرلەنگەن بولۇپ، بۇ قىزنىڭ چاچ پوسۇنى بەلكىم مودا بولۇشى مۇمكىن.




گۈزەللىك، يەنە گۈزەللىك!
بۇ سۈرەتمۇ بالىلار سۈرەتلىرى مۇكاپاتى دىگەندەك مۇكاپاتلاردا يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەنكەن. قىزچاقنىڭ تەبئى بۈدىرە چاچلىرى ئۇنىڭ ئاپئاق يۈزلىرىگە تېخىمۇ ھۆسۈن قوشقان بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ كىيىمىمۇ ھوللىۋۇدنىڭ ئايال چولپانلىرىنىڭ مۇراسىم كىيىمدىن قېلىشمايدىكەن. بەزى كىيىم لاھىيلىگۈچىلەر بۇ رەسىمنىڭ ئاستى پۈتۈن چىققنى سورىغان بولۇپ، بۇ قىزچاقنىڭ كىيىمىگە كۆزى چۈشكەنكەن.




ئەڭ قالتىس تارتىش ماھارىتى ماكاپاتى!
بۇ بولسا قەشقەر كوناشەھەر رايۇنى جاڭقۇرغان تەرەپلەر بولۇپ، فوتوگىراف شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن بۇ ئەسەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.




قايتىش!
بۇ قەدىمى مەھەلىدە تارتىلغان بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ نۇرغۇن يوشۇرۇن ئىپادىلەش كۈچى بىلەن كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا نائىل بولغانكەن.


قېنى كۆپچىلىكنىڭ بەھىرلەنگەن، ئۆزىنىڭ باھالىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز-ئارا مۇنازىرە قىلىشنى ئۆمىد قىلىمەن!
ئۇزۇنغا قالماي بۇ توپلامنىڭ 2-بۆلۈمى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jassurman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 02:30 PM  


ھازىرغىچە 14 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
subihan + 100 بەك ياخشى رەسىملەر ئى.
TATLIHIM + 451 ھەقىقەتەن كۆزلىرىم نە.
zvmrat + 100 كۆز ياشلىرىم ماڭا بوي.
نەۋرۇز + 50 ھەقىقەتەن ئېسىل تارتى.
elijan + 200 رەھمەت
simab + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
hokumran + 500 ھەقىقەتەن ئېسىل
sazguri + 100 ساقلىۋالدىم ھە رەھمەت
aptap104 + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
سۈمەييە + 100 تەسىرلەندىم .
kaisar + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
zulayha + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
مارشال + 200 كۆزۈم نەمدىدى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2551   باھا خاتىرىسى

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ناداندىن دوستۇڭ

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68292
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4588
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 03:45:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىېشكى يوق موللامنڭ ،قۇلقۇقى تىنچ........

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5334
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9585 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 03:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلىمنىڭ ئۇچىغا كەلگەن گەپنى قايسى سۆز ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلەشنى بىلەلمەي قالدىم .   

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5493
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1194 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 03:50:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

212859f0b0esf9qsf0wdfd[1].jpg



بۇ سۈرەتتەك سۈرەتكەن،بەكلا ياقتۇردۇم.

بۇ نامرات بالىنىڭ رەسىمى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەسلەتتى،ماڭا.


ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94647
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7241 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 03:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۇقۇرىدىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ كۆزلۈرۈم نە خۇشاللىققا ئوخشىمايدىغان، نە خاپىلىققا ئوخشىمايدىغان ئۆزۈممۇ تولۇق ھىس قىلمىغان بىر تۇيغۇدا ياشلاندى.ئۇفلا دەيمەن .
قەتئىلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلەر، مەن نامرات ئەمەس دەپ كۈلۈپ تۇرغان چىرايلار، ئەخلەت شازىسىنى چىڭ تۇتۇپ نەپرىتى ئېنىق تۇرغان كۆزلەر،قېرىنداشلىق ھەم دوسلۇق مىھرىدىن يانغان كۆزلەر،ۋۇجۇدىدىن  ئۆز ئەركىنى قولىغا ئالىلىغۇدەك غورۇر تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلەر....دىمەك: ھاياتنىڭ كەلگۈسىنى بىز ، بۇلارغا بېرىمىز- شۇڭا قولىمىزنى مەھكەم تۇتۇپ بۇ ئەزىزلەرگە خاس تارخ ئۇلايلى ھەم قالدۇرايلى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 03:53 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈمەييە + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

بېشىم ئاغرىپلا ت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42291
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4207
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 3168 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 03:52:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئۇستىلىق بىلەن تارتىلغان سۈرەتلەركەن. مەن كەسپى نوقتىدىن باھا بىرەلمىسەممۇ لىكىن ئىنىچكىلەپ قارىغانسىرى بىرخىل مەنانى، ئوبرازنى ھىس قىلغىلى بۇلدىكەن.....ساقلىۋالغۇدەك رەسىملەركەن.بىر پارچە سۈرەتتىن بىر رومانمۇ چىقىدۇ دىگەن گەپنى كىم ئېيىتقان بولغىيدى؟

‹جىنايةت› جةميةتلةشسة ‹جىنايةت› بولماي قالىدۇ..........

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 997
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 30089
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7243 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 03:55:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahmardan يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 07:45 PM
مۇشۇ  قەشقەر توغۇرلۇق سۈرەتلە تارتىلسىلا  توپا ئويناپ  ...

مەن ئاشۇ توپا ئويناپ يۈرگەن بالىلارنى،كونا ئۆيلەرنى قەشقەردىكى سەرەنگە بىنادىن،ئاسفالىتلاشقان يوللاردىن ياخشى كۆرىمەن.پاكىز كوچا مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس،ئاشۇ توپا تۇتۇپ يۈرگەن بالىلاردەك قەلبى پاكىز بالىلارنى كۆرۈشكە ھېرىسمەندۇرمەن.
زامانىۋىلىق،تەرەقىيات ئەندىزىسى كۆپ جايلارنى شۇنداق ئەخلەتلەر بىلەن توشتۇرۋاتقان بولۇشى مۇمكىن،لېكىن،مېنىڭ كۆردىغان،ئەزىزلەيدىغان بۇ ئەزىز ماكاننىڭ تەۋەرۈك ماكانى بولغان شۇ كونا توپا يوللار ۋە ھەرخىل ئويۇن ئويناۋاتقان سەبىي بالىلار ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرسىدا ئۈزۈلۈش ھادىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر تۇقۇنۇشنى پەسەيتىۋاتقان بالىلار.بۇ رەسىمدىكى ھەربىر پارچە سۈرەت بىر ھېكمەت دۇردانىسى،بۇنى كۆرۈش بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ،ئۇنى كۆرۈپ،چوقۇم بىر ئۆزگىچە خاسلىق،مىللىيلىك ۋە قىممەت قارىشىنى تېپ چىقىش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا،تېما ئېگىسىنىڭ ئەجرى يەردە قالمايدۇ.

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
elijan + 100 كۈچ بەردى
ihsan0903 + 97
gomnam + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
سۈمەييە + 50 بەرھەق .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 257   باھا خاتىرىسى

قەلەم قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر ،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر ،
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا ،
نومۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر .
-ئابدۇقادىر جالالىدى

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94647
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7241 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 03:55:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahmardan يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 03:45 PM
مۇشۇ  قەشقەر توغۇرلۇق سۈرەتلە تارتىلسىلا  توپا ئويناپ  ...

ھەممە كىشى سىز شاھتەك ياشىيالمايدۇ. مۇشۇنداق رەسىملەر كىشى دىلىنى ھەم مەيلىنى تارقۇچىلىكى باركەن-دىمەك: بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىز مانا مۇشۇنداق چىنلىقنى خالايدۇ ھەم سېغىنىدۇ .  

قېنى مېنىڭ ئەكىس سادايىم...!

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5464
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2000 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 03:57:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىمنى ئىپادىلەش كۈچى بىلەن بىرگە يوللىسا ھوزۇرلانغاندەك بولىدىكەن ، مەنىسىنىمۇ بىلەلەيدىكەنمىز ، رەسىملەر شۇنداق جانلىق چىقىش بىلەن بىرگە ئىپادىلەشلىرىمۇ شۇنداق جانلىق چىقىپتۇ ،
ئاۋۇ بالا باققۇچى قىزنىڭ بالا بىقىش ئورۇندىقى ئەجەپ ئەپچىلكىنا ، مىنىڭمۇ دىققىتىمنى تارتتى

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ئازاپلىرىم،مېنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15686
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9079 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 04:00:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاددىي، ئەڭ تەبئىي قىياپەت سەنئەت گۈزەللىكىنىڭ يۈكسەك چوققىسى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
نېمىشقا چەتئەللىكىنىڭ نەزىرىدە بۇ رەسىم شۇ قەدەر ماختاشلارغا ھۇزۇرلىنشلارغا نائىل بولىدۇ؟
چۈنكى ئۇلاردىكى ئەڭ تەبئىي ۋە ئەڭ چىن ھېسىيات...ساختىلىك ئارلاشمىغان،رەڭڭارەڭ ئاپپارات ۋە سەھنە چىراقلىرى بولمىغان،ئەقلىڭىزنى لال قىلغۇدەك گىرىم ۋە كىيىم-كېچەك ،زىببىۇ-زىننەت ئىشلەتمەيمۇ شۇنچىلىك ئۇستلىق بىلەن تارتىلغان ئوماقلارنىڭ ئەڭ سەبىي،ئەڭ ھەقىقىي تۇرقى سۈنئىي گۈزەللىككە تويۇنغان چەتئەللىكىنى ھەيران قالدۇرغان..
تەبىئيلىك-ئەڭ گۈزەل سۈرەت........
سىز بىزنىڭ ئەتىراپمىزدا بۇ خىلىدىكى تۇرمۇش كارتىنسى كۆپ،بىزنىڭ پەقەت باشقىچە كۆز بىلەن قارىمىغان، بايقىمىغان يېرىمىز بار خالاس..چۈنكى خەلىقىمىز ماددىي ئېيتىياجدىن ئېشىپ مەنىۋىي ئېھتىياجغا تەلەپ قىلدىغان ھالاتكە تېخى يەتكىنى يوق.......
2-توپلامغا قاراپ قالدۇق جەسسۇر يىگىت... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چېچەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 04:01 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
katran + 10 تېتىملىق ئىنكاس............
sazguri + 10 كۆڭلۇمدىكى گەپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش