مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2203|ئىنكاس: 22

گۈلەن: ئامېرىكىلىق بۇرادەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15046
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-6-29
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىلىق بۇرادەر
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئېنگىلىز تىللىق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان تارىخىم ئۇزۇن بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ مېنى "بۇرادەر" دېگىنىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن. رابى ئىسىملىك بۇ كۆك كۆز، سېرىق چاچلىق ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچۇم بىر مەزگىللىك ئالاقىدىن كېيىن مېنى "بۇرادەر" دېيىشكە باشلىدى. بۇرادەر دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگىلىزچىگە ئورتاق سۆز بولۇپ "قېرىنداش" دېگەن مەنىدە ئېدى. ئېنگىلىز تىللىقلار ئاكا دېگەننى چوڭ بۇرادەر، ئۇكا دېگەننى كىچىك بۇرادەر دەپ ئاتايتتى. بىز تىل مەسىلىلىرىگە بولغان قىزىقىشىمىز، مائارىپقا بولغا ئىشتىياقىمىز ۋە ھەققانىيەتكە بولغان ساداقىتىمىز سەۋەبلىك دائىم مۇڭدۇشۇپ قالاتتۇق. مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپتا قوللۇنىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئورنىغا خەنسۇچىنىڭ دەسسىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان ئۇيغۇردىكى مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىك ھادىسىسىگە قىزىققانلىقىغا قايىل ئېدىم. ۋاقتىم چىقىپلا قالسا ئۈرۈمچىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەكشۈرۈشتە  بولاتتىم. بىزنىڭ تەكشۈرۈش ئوبېكتىمىز ئۇيغۇرچە ئوقۇغان، خەنسۇچە ئوقۇغان ۋە قوش تىلدا ئوقۇغان ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار بولاتتى. رابى ئۇيغۇرچىنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ خەنسۇچىدىن بىخەۋەر ئېدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئالاقە قىلغۇدەك سەۋىيەدە بولمىغىنى ئۈچۈن كۆپىنچە مەن تەرجىمانلىق قىلاتتىم.
بىر كۈنى رابى ئۇيغۇرچە دەرسكە كېلەلمىدى، سەۋەبى شىخەنزىگە بىر ئېنگىلىزچە نۇتۇق مۇسابىقىسىگە تەكلىپ قىلىنغانىكەن. كېيىنكى قېتىملىق دەرستە مۇسابىقە توغرىلىق پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭغا خەنسۇلارنىڭ تاماق ۋە ھاراق زورلىغىنى ئېغىر كەپتۇ. "زورلىمىسىمۇ يېسەڭ بولمامدۇ؟" دېسەم، "مەن مۇسۇلمان تۇرسام، ئۇلارنىڭ تامىقىنى قانداق يەيمەن" دېمەسمۇ تۇرۇپلا قالدىم. ئەسلى ئۇنىڭ مېنى بۇرادەر دېگىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداشلىقى نوقتىسىدىن دېيىلگەنىكەن. ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا ئامېرىكىغا يەرلىك ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن بۇرادەرلەر بىلەن ئۇچراشتىم، سىرداشتىم، دوستلاشتىم. بۇرادەر دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇرچە قاتارلىق تۈرك تىللىرىدىن باشقا، ئوردۇچە، ھىندىچە، پارىسچە، كوردچە ۋە بىنگالچىلەرگە ئورتاق بولۇپ ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئاتالغۇسىغا ئايلانغان ئىكەن. شۇندىن كېيىن مەن رابىنى مېنىڭ تەمەسىز قىلىۋاتقان يارىدىمىمنى باشقىچە چۈشىنىپ قالارمۇ دەپ ئويلىمايدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى بىلىشتىن بۇرۇن كۆڭلۈمدە "ئامېرىكىلىق دېگەن شەخسىيەتچى، بىرسىگە يارىدەم بەرسە ھەق تەلەپ قىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ھەقسىز ياردىمىنى قوبۇل قىلمايدىغان خەق" دەپ ئويلايتتىم ۋە يارىدەم قىلدىم دەپ رەنجىتىپ قويدۇممىكىن دەپ دېلىغولدا بولاتتىم. ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقى ئارىمىزدىكى نۇرغۇن پەرەز ۋە گۇمانلارنى يوق قىلىپ ھەمكارلىقىمىز كۈچەيتكەن بولدى.
ھاياتىمدا قىلغان خەيىر ئىھسانلىق ئىشلارنى دۇنيانى ئېتىز دەپ بىلىپ ھەمىشە ياخشىلىق تېرىيدىغان دېھقان مىللەتنىڭ پۇشتى بولغىنىم ئۈچۈن قىلغانىدىم. كىم بىلسۇن، مۇشۇ ئىزگۈ نىيەت بىلەن قىلغان خالىس خىزمەتلەر بەدىلىگە ڧورد خەلقئارالىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم. مۇكاپاتقا ئېرىشىش بىر گەپ، ياخشى مەكتەپتىن چاقىرىق ئېلىش يەنە بىر گەپ ئېدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنگىلىزچە توڧىل ۋە ج ئار ئىي دېگەن ئىمتىھانلاردىن يۇقۇرى نەتىجە ئالمىسام بولمايتتى. ئۈرۈمچىدە بۇ ئىمتىھانلارغا يېتەكچىلىك قىلغۇدەك كۇرس يوق ئېدى. بۇ چاغدا رابى ماڭا كۆپ يارىدەمدە بولدى. ھەپتىدە ئۈچ كۈن ئۇنىڭدىن يېزىقچىلىقتىن دەرس ئالدىم. ئۇنىڭدىن ئالغان يېزىقچىلىق ھەققىدىكى بىلىملىرىم ئامېرىكىدىكى ئوقۇشۇمدىمۇ بەك ئەسقاتتى. ئۇ ئۈرۈمچىگە ئۆز خىراجىتى بىلەن كەلگەن بولۇپ ۋىزىسىنى خەنسۇلار ئاچقان ئېڭگىلىش ڧىرست دېگەن تىل مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى بىلەن ئالغانىدى. ئۇنىڭ چۈشلىرى كوچىدا سېتىلىۋاتقان پۇشۇرۇلغان قىزىلچىنى ئەكىرىپ يەپلا كىتابىغا قادىلىپ ئولتۇرۇشلىرىغا قاراپ ئۆزەمنىڭ ھەقسىز دەرس ئالغىنىمدىن ئۇيىلاتتىم. ھەق بېرىشنى تىلغا ئالساملا ئۇ " بۇردەر، ساڭا بۇلارنى ھەق ئېلىش ئۈچۈن ئۆگەتمەيۋاتىمەن، سېنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن" دەيتتى. ئۇ چاغدا ئايالىم ئوقۇۋاتقان، بالامنى كىشى ياللاپ باقتۇرۇۋاتقان، ئالى مەكتەپنىڭ مۇئاشى تۆۋەن بولغاچقا ئۇنىڭغا قەرز قىلماي تۇرۇپ ئەمگىكىگە لايىق ھەق بېرەلمەيتتىم. ئەمگىكىگە ھەق بېرەلمىگەندىكىن ئەمگەك قىلىپ بەرمەكچى بولدۇم. ئۇنىڭ قولىدا بىز توپلىغان ئۇيغۇرچە ئاۋاز ھۆجقەتلىرى بار ئېدى. شۇلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق يارىدەمدە بولماقچى بولدۇم. ئەمما بىلدىمكى ئۇ بۇلارنى كورلىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بالىغا تەرجىمە قىلغۇزىۋاتقىلى يېرىم يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ ئۇكىمىزنىڭ ئائىلىسىدە قېيىنچىلىق بولغاچقا ئوقۇشىنى داۋام قىلالمىغانىكەن. رابى ئۇنىڭ ئوقۇشىغا يارىدەم بېرىش ئۈچۈن تەرجىمە ئىشىنى شۇ بالىغا قىلغۇزۇپ ھەق بېرىۋېتىپتۇ. ماڭا قىلغۇزغان بولسا ھەق ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە سۈپەتلىك قىلىپ بەرگەن بولاتتىم.
مەن ئامېرىكىغا كېتىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە پاجىيەلىك قارا كۈنلەر باشلاندى. ئايالىمنىڭ پاسپورت بېجىرىشىمۇ سۇغا چىلىشىپتۇ. تېلىڧون ۋە تور تاقالغاچقا ئايالىم ئۇچرىغان قىينچىلىق ۋە ھەقسىزلىكلەرنى ئۇ چاغدا شاڭگاڭدا تۇرۇۋاتقان رابىدىن بىلدىم. ئۇنىڭ ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ھېلىقى كورلىلىق ئوقۇغۇچىسى ۋە بىر قانچە ئۇيغۇر تونۇشلىرىمۇ پاسپورت ئالالماپتۇ. تېلىڧوندا قانداق قىلىش توغرىلىق جىق مەسلەھەتلەشتۇق. ئاخىرى رابى گۇئاڭجودىكى چەتئەل تىل مەكتەپلىرىنىڭ بىرىگە مۇدىرلىق ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدىغان بولدى. بۇرۇن جوڭگۇدىكى بىر تىل مەكتىپىدە مۇدىر بولۇپ باققاچقا ئۇنىڭ بۇ ئىشقا ئىشەنچى بار ئېدى. بۇنداق بولغاندا ئۇ مۇدىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئايالىمنى ۋە كېيىنچە باشقا مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر بالىلارنى گۇئاڭجودىكى تىل مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلاللايتتى. خىزمەت گۇئاڭجودا بولغاچقا شىنجاڭدىن نوپۇس يۆتكىگىلى ۋە پاسپورت بىجىرگىلى بولاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇلارنى مەسلەھەتلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي رابىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى ئامېرىكىغا چاقىرتىۋالدى. پىلانىمىز پىلان پېتى قالدى.
ۋەتەنگە تېلىڧون ئېلىنمايدىغان، تور تاقالغان شۇ مەھشۇم كۈنلەردە رابى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى. تېلىڧوندا كۆپ مۇڭداشتۇق. يازلىق تەتىل مەزگىلى بولغاچقا ئۇنىڭ تەكلىبىنى خۇشھاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ يۇرتىغا-مايئەمىگە يۈرۈپ كەتتىم. ئالدىمغا چىققانىكەن، قىزغىن قۇچاقلاشتۇق. شۇ قارا كۈنلەردىكى رابى مەن ئۈچۈن مۇڭداش ئېدى، ۋەتەندىن خەۋەر ئېدى، دەرتكە مەلھەم ۋە تەسەللى ئېدى. "بۇ مېنىڭ ساڭا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەكەلگەن سوۋغىتىم" دەپ بىر بولاقنى سۇندى رابى. تەقەززالىقتا ئالدىراپ  ئاچتىم، رابىنىڭ سوۋغىتى ھاۋاسى چقىرىلىپ قاچىلانغان كاۋاپ ۋە پولۇ ئېدى. يولدا رابى مەندىن "بەزى غەرپ مەتبۇئاتلىرى بۇ پاجىيەنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مىللەتلەر توقۇنىشى دەيدۇ، سەنچە قانداق؟" دەپ سورىدى. " مەنچە بۇ مىللەتلەرنىڭ بىرىنى تۆرگە ئېلىپ قالغانلىرىنى پەگاغا چۈشۈرۈپ قويۇپ توقۇنۇشتۇرۇشتىن باشقا گەپ ئەمەس" دېدىم، ئەلەم بىلەن بوغۇلۇپ. رابىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ھەيران قالدىم، ئۈرۈمچىدە ئىككى ئېغىزلىق تار ۋە زەي ئۆيدە ماڭا يېزىقچىلىقتىن دەرس بەرگەن رابىنىڭ ئۆيى داچىلىقلار مەھەللىسىدە ئىكەن. ئۆينىڭ بېزىلىشى ۋە ھەر بىر جاھازدىن بىر مۇكەممەللىك ۋە ئېسىللىقنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. "بۇ ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيى، دادام ئادۋۇكات، ئۇ مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك ئۆيلەردىن ھوزۇرلىنىدۇ" دەپ قويدى رابى ماڭا قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ.  كەچتە رابىنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە غىزالاندۇق. رابى ئائىلىسىدىكىلەرگە بىزدىكى پاجىيەدىن تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولسا كېرەك. تەلىيىمگە ئامېرىكىدا نەگە بارسام ئۇيغۇرلۇقۇمنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەم سورايدىغان پاجىيەدىن ھىچ كىم  ئېغىز ئاچمىدى. بولمىسا كەچلىك غىزا گېلىمدىن ئۆتمىگەن بولاتتى. كەچلىك تاماققا بېلىق پۇشۇرۇلغانىكەن. تاماقتىن بۇرۇن رابىنىڭ مۇسۇلمانچە دۇئاسى ماڭا تولىمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلدى. مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىق خىرىستىيانلارنىڭ ئادىتىدە تاماقتىن بۇرۇن داستىخاندىكىلەر قوللىرىنى تۇتۇشۇپ دۇئاغا ھازىرلىنىدۇ، ئادەتتە ئەر ساھىپخان تېشىدا دۇئا قىلىدۇ، قالغانلار ئاخىرىدا "ئامىن" دەپ ئەگىشىدۇ. رابىنىڭ ئۆيىدىمۇ تاماقتىن بۇرۇن مۇشۇنداق دۇئاغا ھازىرلاندۇق، ئەمما دۇئانىڭ مەزمۇنى مۇسۇلمانچە بولدى. خىرىستىيانلار ئىشلىتىدىغان گاد سۆزىنىڭ ئورنىغا ئاللاھ سۆزى قوللىنىلدى. ھەممىسى خىرىستىيان مېھمانلارنىڭ سورۇندىكى رابىنىڭ مۇسۇلمانچە دۇئاسىغا "ئامىن" دەپ ئەگىشىشى ماڭا ئىنسانلار ئارىسىدىكى بىر ھۆرمەتنى ھىس قىلدۇردى. رابى ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى توغرا چۈشىنىشى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى ۋە  ھەسرەتلىك ئۇھ تارتقۇزدى. تاماقتىن كېيىن رابىنىڭ چوڭ، ئېگىز بىر كىتاب ئىشكابىغا لىق تىزىۋېتىلگەن ئىسلامغا دائىر ئېنگىلىزچە كىتابلىرىغا چۆكۈپ كەتتىم.  ئۇنىڭ ئىسلامنى نەقەدەر چوڭقۇر تەتقىق قىلىشتىن كېيىن تاللىغانلىقى ئوقۇغان كىتابلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇراتتى.
رابى ئۇزاق ئۆتمەي ئۈرۈمچىگە قايتىپ ئايالىم بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. ئۈرۈمچىدىكى چېغىدا رامىزاندا ئايالىم ۋە بالامنى يوقلاپ كەپتۇ. ئايالىمغا بىللە چۈشكەن رەسىملەرنى كۆرسىتىپ خاتىرجەم قىلىپتۇ. ئانىسى بىلەن ئاشخانىدا تارتقان بىر رەسىم بار ئېدى. ئۇ رەسىمنى ئانامغا بېرىپ قويۇشنى تاپىلاپتۇ. چۈنكى مەن ئۇ رەسىمنى ئانامنى مەندىن ئەنسىرىمىسۇن، ئۆي تامىقى يىيەلمىدى دەپ كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن دەپ ئالاھىدە رابىنىڭ ئاشخانىسىدا تارتقۇزغانىدىم. ئايالىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە پۇرسەت بولمىدى. 2011-يىلى ۋەتەنگە قايتماقچى بولغىنىمدا مېنى قوللىغان بىردىنبىر كىشى مۇشۇ رابى بولغانىدى. چۈنكى ئىككىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن زامانىۋىي مائارىپ ئەندىزىسى بىرلەشكەن بىر مەكتەپ قۇرۇش ھەققىدە بۇرۇنلا مەسلەھەتلەشكەن ئېدۇق.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 07:20 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tohtihan1 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
möljarli + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
zulayha + 500 رەھمەت.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 839   باھا خاتىرىسى

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

ھەي جۇڭگۇچىلىق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5478
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4514 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەنكا مۇشۇ يازغىنىڭىزنىڭ  داۋامى باردەكلا ھىس قىلۋاتمەن يا ؟...


  مۇنبەردە ھەممىمىز ئامرىكىلىقنى ئانداق مانداق دەپ كۆپۈك چاچىرتىپ تىللايمىز يۇ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلۇقلىرىنى  ئۈگىنىشنى خالىمايمىز...


ئەڭ ئاددىسى ئۇ ئامرىكىدا بايلار مەھەلىسىدە تۇردىكەن ...پۇل مېلى شۇنچە يىتىپ تۇرسىمۇ
، ئۈرۈمچىدە ئىككى ئېغىزلىق تار ۋە زەي ئۆيدە ئۆيدە تىرىشىپ ئۈگەنگەندىكى قىياپىتىنى كۆز ئالدىمىزغا ئەكىلىشنى خالىمايمىز...
تولۇق ئوتتۇردا مۇئەللىم بىزگە : ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئەزەلدىن شۇنداق ئەقىللىق ھەم تىرىشچان مىللەت ئىدى.لىكىن ھازىر دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەڭ ھورۇن چىدىماس مىللەت بوپ قالدۇق دىگەن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
izqel + 20 دەي دىسە گەپ جىق جۇمۇ،

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2436
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1177 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەكتەپتە چەتئەللىك مۇسۇلمانلار بار،تاماقخانىدا بېرگە غىزالىنىمىز.

ھەر قىتىم ئۇچراپ قالسام «ئەسسەلامۇ-ئەلەيكۇم »دەپ سالام قىلىدۇ(تونۇمايمەن،لېكىن ھەممىمىز مۇسۇلمان)

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105819
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 7001 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپقا بولغا ئىشتىياقىمىز ۋە ھەققانىيەتكە بولغان ساداقىتىمىز سەۋەبلىك دائىم مۇڭدۇشۇپ قالاتتۇق.نىمانداق ئېسىل ئىبارە.

ئوقۇپ  "مەن مۇسۇلمان تۇرسام، ئۇلارنىڭ تامىقىنى قانداق يەيمەن" دېمەسمۇ تۇرۇپلا قالدىم. ئەسلى ئۇنىڭ مېنى بۇرادەر دېگىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداشلىقى نوقتىسىدىن دېيىلگەنىكەن. بۇ يەرگە كەلگەندە كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتتى.

ھاياتىمدا قىلغان خەيىر ئىھسانلىق ئىشلارنى دۇنيانى ئېتىز دەپ بىلىپ ھەمىشە ياخشىلىق تېرىيدىغان دېھقان مىللەتنىڭ پۇشتى بولغىنىم ئۈچۈن قىلغانىدىم.ئاللاھ ئەزىز قىلسۇن .

ئۈرۈمچىدە بۇ ئىمتىھانلارغا يېتەكچىلىك قىلغۇدەك كۇرس يوق ئېدى.كاللامغا چوڭ سوئالدىن بىرى قويۇلدى. دىمەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇشۇنداق كەمتۈكلۈكنىڭ بىزنى ئۇسۇلچى مىللەت قىلىپ قۇيۇۋاتقان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى دەماللىققا ئويلاپ قالدىم . بۇ بىر بوشلۇق...تولدۇرۇش كېرەك ئىدى.....


رابى ئۇنىڭ ئوقۇشىغا يارىدەم بېرىش ئۈچۈن تەرجىمە ئىشىنى شۇ بالىغا قىلغۇزۇپ ھەق بېرىۋېتىپتۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە يىغلاپ ئۈنۈممۇ چىقىپ كەتتى. مەن ھەم بىز نىمە قىلىۋاتىمىز.....؟

ماڭا قىلغۇزغان بولسا ھەق ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە سۈپەتلىك قىلىپ بەرگەن بولاتتىم.بۇ گەپنى قەستەن مېنىڭ يېشىمنى توختۇتۇش ئۈچۈن دىگەن بولۇڭ قېرىندىشىم .

ئاخىرى رابى گۇئاڭجودىكى چەتئەل تىل مەكتەپلىرىنىڭ بىرىگە مۇدىرلىق ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدىغان بولدى. نىمە دىگەن چوڭ يۈرەك بۇ؟ خۇرسەنمەن - مۇشۇنىڭ ئۆزى ھاياتتىكى بۇرچ. ئىنسان خۇشاللىقى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى بۇرچ بىلەن ياشاشمۇ ،ياشىيشلايدىغانلار ئۈچۈن بەخىت. بۇ يىگىت نىمە ئۈچۈن--- ئاللاتىن بۇ يىگىتكە كاتتا ئاجىرلەر بولسۇن . كۆزلىرى بۇلاقتەك تۇرۇپ ھەققە قارىيالمىغان مىللەت ئىگىلىرىگە ..... ئۇف.

تېمىڭىزنى ئوقۇپ تۈگەتتىم...ئەمما نىمە بولدۇمكى،ياشلىرىم تېخى توختىمىدى. توختىمىدى، توختىمايۋاتىدۇ......

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
möljarli + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
XERHAN + 55 تەپەككۇرى كۈچلۈك
izqel + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 205   باھا خاتىرىسى

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

كۈچىمىز يەتمىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42256
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 447
توردا: 2889 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رابى دىگەن قاراى بىلەن شۇنچە ئۇزۇن بىللە يۈرۈپ نىمدەپ باشتىراق بىلىمگەنسىز  ئۇ ئىشلرىنى.. ھەرارس ھېلقى ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغۇزۇپ نېمە قىلدىكەن رابى...
تەرجىمە ئىشلىرى پۈتۈپ قالغان بولسا باشقا بىرەر پىلانلىرى بارمىكەن تۇق....
داۋامى بار ھەقاچان..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARAL52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 06:10 PM  


كۈچىمىز يەتمىگەنىگە سەل تۇرۋالساق پۇرسەت كىلىدۇ.ئەمما قىلالايدىغان ئىشنى كىچىكتۈرسەك چاتاق .......................

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5888
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4702 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەن ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇسام گۈلەن ئەپەندىنىڭ ھاياتىنى ئۆز ھاياتىمغا سېلىشتۈرۈپ، ئېقىن سۇدەك بىھۇدە، ئەھمىيەتسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئۆمرۈمگە ئېچىنىمەن، بەزى ھاللاردا شۇنداقمۇ ئويغا كېلمەنكى، ئاللاھ ئاتا قىلغان ساغلام تەن، ساپ ئەقىل... لەرنى  خۇددى بىلىمەي تاشلاپ قويۇپ داتلىشىۋاتقان پىچاققا ئوخشىتىپ، ئىسىراپ بولىۋاتقانلىقىغا خۇرسىنىمەن..............

بىراق يازمىلىرىڭىزدىن ئۆزگىچە زوق ۋە ئىشتىياق ئىلىپ، تۇرمۇش ۋە خىزمىتىمگە ئۈلگە ئىلىۋاتىمەن! گۈلەن ئەپەندىنىڭ مەنىلىك ھاياتىغا ھەۋەس قىلىمەن................
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 04:36 PM  


بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھرىبانلىقنىڭ، قەلبنىڭ چەك-چىگرىسى بولمايدۇ. ئادەملەر ئۆزى بەرپا قىلىدۇ . ئەشۇنداق پاجىئەلىك كۈنلەردىكى بىر-بىرىنى چۈشىنىش ئەڭ قىممەتلىكتۇر. گۈلەن ئەپەندى يەنىلا تەلەيلىككەنسىز، كۆڭۈل- كۆڭۈلنى تونۇپتۇ .

ئىتقادىم ئىككى ئ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23855
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4287
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 3005 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-6-29
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم نادىر تىمىللىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي ....سىز بىزگە ھقىقەتەنمۇ كېرەكلىك يازمىلارنى بېرىپ كىلىۋاتسىز ،سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز بىلەن تۇنۇشقاندىن باشلاپ مەندە «قۇدۇقنىڭ ئىچىدە ياشاۋەرمەي تالانىمۇ كۇرۇش »ئىستىم ئۇلغايىدى .....مەنچە ھەر بىر ئادەم ئوزىنى يېڭىلىشى كېرەك

مىھرىبان اللە گۇناھلىرىمىزنى مەخپىرەت قىلغايلا

بارلىق قىممەتنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2264
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9633
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 5489 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن زامانىۋىي مائارىپ ئەندىزىسى بىرلەشكەن بىر مەكتەپ قۇرۇش ھەققىدە بۇرۇنلا مەسلەھەتلەشكەن ئېدۇق.ماۋۇ ئارزۇنىڭ تىزراق رىياللىققائايلىنىشىغا تەشنامەن.

قاراڭلار ئاۋۇ ئادەمگە!ئۇ ھەمىشە ئۈزى جاۋاپ تاپالايدىغان سۇئاللارنى سۇراشقىلا ئامراق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81668
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"شۇ مەھشۇم كۈنلەردە "دېگەن جۈملىدە «مەشئۇم»دېگەن سۆزچۈك «مەھشۇم»دەپ يېزىلىپ قاپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆلتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 09:30 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش