ssqi يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 07:30 AM 
ئۇلار ئىزا تارتىشتىن تۇگۇل پەخىرلىنىدۇ!
ئادەم كۆپ يەردە كىيمىڭىز كۆيسە يەردە دومىلاپ ئۈلگۈرمەي سېلىپ تاشلىشىڭىز چوقۇم . قاراڭە كىچىك قىزنىڭ تېرىسىنىڭمۇ خېلى يېرى كۆيۈپتۇ . كىچىككىنە قىزنىڭ شۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىشىمۇ خېلى بىر ئىش . خەۋەرنى تەھلىل قىلماي نەدە بىر ئىشلارنى تەھلىل قىلىدىكەن ...
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رەسىم ئۇ ئايالنىڭ نارەسىدە ۋاقتىدىكى رەسىمىكەن . بۇغۇ بەدىنى كۆيۈپ كىيمىنى سېلىۋېتىپتۇ ، ئەجىبا سىزنىڭ كىچىك ۋاقتىڭىزدا يالاڭاچ چۈشكەن رەسىمىڭىز يوقمۇ ؟ ئوماق تۇيۇلغان بولغىيتى ؟
بۇ سۈرەت ئەينى ۋاقىتتىكى بىچارە بالىلارنىڭ قانداق ھالغا قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بېرىدىغان سۈرەت بولغاچقا فوتوگرافمۇ ، مەتبۇئاتقا ئېلان قىلغۇچىمۇ قىلچە ساختىلىق قىلماي ، قىزچاققا كىيىم كىيدۈرۈپ قويماي سۈرىتىنى ئەينەن چىقىرىپتۇ . ئۇ قىزچاق چوڭ بولۇپ ئۇ سۈرەتنى كۆرگەندە مېنىڭچە قەتتىي سىز دېگەندەك پەخىرلىنىش ، ئۇيىلىش ھېس قىلمايدۇ ، ئەكىسچە شۇ چاغدىكى قورقۇنۇچلۇق كەچۈرمىش كۆز ئالدىغا كېلىدۇ . سىز ئۆزىڭىزنى شۇ قىزچاقنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-29 10:02 PM