|
|
|
|
مۇقەددەس كېمە 9- ناملىق ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەر يۈزىگە قوندى بۈگۈن (يەنى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى) بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دا، مۇقەددەس كېمە 9- ناملىق ئالەم كېمىسى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن قونۇش رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوندى، جىڭ خەيپېڭ، ليۇ ۋاڭ، ليۇ ياڭ قاتارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئامان-ئېسەن ئۆيىگە قايتتى. يەر يۈزىدىن بېرىلگەن كۆرسەتمىگە ئاساسەن، ئالەم كېمىسى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم يەر يۈزىنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن قايتىش ھالىتىگە كىرىپ، قايتىش بۆلۈمچىسى بىلەن ئىلگىرىلىتىش بۆلۈمچىسى ئايرىلىپ، ئاپتوماتىك موتۇرغا ئوت يېقىلدى، ئالەم كېمىسى ئاتموسفىرا قاتلىمىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، پاراشوت ۋە چېكىندۈرگۈچى موتۇرنىڭ ياردىمىدە سۈرئەتنى تەدرىجىي ئاستىلىتىپ، مىنۇتىغا 3-4 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئالدىن بەلگىلەنگەن رايونغا ئوڭۇشلۇق قوندى. ھازىر 3 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى. ئىگىلىنىشىچە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشكەندىن كېيىن تۇنجى ۋاقلىق تامىقىغا دۈملەپ پىشۇرۇلغان قوي گۆشى، يۇتازا، ئۇماچ، مېۋە-چىۋە، كۆكتات ۋە بىر قىسىم ئېلېكتىرولتلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلغان. مەنبە: تېڭشۈن تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gunqa721 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-29 01:01 PM
|
|
|
|
|
|