بىر كۈنى ئىشخانىدا ماتىرىيال رەتلەپ ئولتۇراتتىم،تۇيۇقسىز ئىشىكتىن بىر جۈپ قىز-يىگىت كىرىپ كەلدى،ئىختىيارسىزلا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىميۇ يەنە ئالدىمغا قاراپ ئىشىمنى قىلىۋەردىم،لىكىن ھېلىقى قىزنى بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلاتتىم،ئىتتىك بېشىمنى كۆتۈرۇپ قارىدىم،ئاھ خۇدا!!!دەل ئۆزى شۇ،ئۈچ يىلدىن بېرى مىنى قاتتىق ۋىجدان ئازابى تارىتقۇزغان ،مىنى تالاي كېچە ئۇيقۇدىن بىدار قىلغان ،مەن كېچە-كۈندۈز ۋىسالىغا يىتىشنى ئويلايدىغان قىز ئەشۇ شۇ!!!
مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى،خۇددى ئاسمان-زىمىن چۆرگىلەۋاتقاندەك ھىس قىلىپ كەتتىم،بىردەمدىن كىيىن ئىسىمنى يىغىپ ئۇلارغا قارىدىم،ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك گۈزەل ھەم يېقىملىق ئىدى،يېنىدىكىسى ئۇنىڭ يولدىشى بولسا كېرەك،ئىشقىلىپ مەن شۇنداق پەرەز قىلدىم،ئۇلار ئۆي سېتىۋالغان بولسا كېرەك،قەرىز بىجىرگىلى كىرگەن ئىدى ،قەرىز ئىشلىرىنى يان تەرەپتىكى ئايال خەنزۇ بىجىرەتتى،يولدىشى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرسىتىۋاتاتتى،ئۇ بولسا يولدىشىنىڭ يېنىدا ئۈنسىز تۇراتتى.ئۇ مىنى كۆردىمۇ كۆرمىدىمۇ بىلمەيمەن،مەن يەنىلا ئۇنىڭغا سەپسالدىم،ئۇ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ئېچىلىپ،چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەندى،بۈدىرە قىلغان چاچلىرى،تاقىۋالغان ئالتۇن جابدۇقلىرى ،يېڭى دەۋىرگە ماسلاشقان مودا كىيىملىرى ئۇنىڭغا تۇلىمۇ ياراشقان ئىدى.
توۋا!!دىدىم ئىچىمدە،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ كۇچىلاردا ئۇچرىتىپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كىتەتتىم،ھەر قېتىم سىرىتغا چىققان ۋاقتىمدا كۆزلىرىم ئادەملەر توپى ئارسىدىن ئۇنى ئىزدەيتى،خۇددى ئۇ ھازىرلا شۇ كىشلەر توپى ئارسىدىن،كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كىلىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى،ئۇنىڭ مەھەلىسىدىن ئۆتسەم ئۇنىڭ ئىشكىگە قاراپ كۆزلىرىم تىشىلىپ كىتەتتى،ئۇنىڭ شۇ دەقىقىدە ئۆيىدىن چىقىپ قېلىشىنى ئاللادىن تىلەيتىم،لىكىن بىز ئايرىلىپ كىتىپ تا مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭ سايىسىنى كۈرۈش تۈگۈل ئۇ توغرىلىق بىرەر خەۋەرمۇ ئاڭلىمىغان ئىدىم.مەن ئۇنىڭ يولدىشىغا سەپسالدىم،ئۇ بويى ئىگىز ،خېلى قاملاشقان بالىدەك قىلاتتى،،،،،،،،،
شۇ چاغدىكى ھىسياتىمنى قەلەم ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن،ئىشقىلىپ ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ كارنىيىنى سىقىپ ئۆلتۈرۈپلا قويغان بولسام ياخشى بولاتتى دەپ ئويلاپ ئۈلگۈردۈم.خۇددى ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتسەم ئۇ ماڭا مەنسۇپ بولىدىغاندەك،ئۇ مەڭگۈ مىنىڭ بۇلىدىغاندەكلا ھىس قىلىپ كەتتىم،يەنىلا ئۇنىڭغا قارىغۇم كەلدى،قارىغانسىرى يۈرىكىم پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىپ كەتتى،ئەمدى ئۇلار چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپ قۇلىدىكى ماتىرىياللارنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى ۋە كەم ماتىرىياللارنى ئەتە ئەكىرىپ بىرىدىغانغا دىيىشىپ چىقىپ كەتتى.....
مەن ئولتۇرغان جايىمدا قاققان قۇزۇقتەكلا ئولتۇرۇپ قالدىم،بۇرۇنقى ئىشلار خۇددى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۈتۈشكە باشلىدى....
ئۇ قىز مىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم بۇسارەنىڭ نەۋرە سىڭلىسى ئىدى،مەن بۇسارە بىلەن خېلى ياخشى ئۆتەتتىم،مەن ئالى مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىغا چىققان يىلى،بىر كۈنى كونسۇل كۇچىسىدا بىر ئاغىنەم بىلەن تاماق يىگىلى بىر ئاشخانىغا كىردۇق،بۇسارەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرۇپتۇ،بىز كىرگەندىن كىيىن تۆتىمىز بىللە ئولتۇردۇق،بۇسارە ئۇنى بىزگە ‹‹نەۋرە سىڭلىم ئەدىنە›› دەپ تۇنۇشتۇردى.كىيىن پاراڭ ئارلىقىدا ئۇنىڭ شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى ،ھازىر ئالى مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىغا چىققانلىقىنى ،ئىككىمىزنىڭ كەسپىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدىم،بىز تاماق يىگەچ ئانچە-مۇنچە كەسىپ توغرىلىق پاراڭلىشىپ قويدۇق.تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ئۇلار ئۆز يۇلىغا ماڭدى،بىزمۇ ئۆز يۇلىمىزغا ماڭدۇق.لىكىن بۇ ئەدىنە قىزنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن پەقەتلا كەتمىدى.ئۇ شۇنچىلىك مۇلايىم ،نازۇك كۈرۈنەتتى،لىكىن چىرايىدىن بىر خىل قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى،بويلىرى ئىگىز،چاچلىرى ئۇزۇن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياراشتۇرۇپ كىيىۋالغان ئاق رەڭلىك كۆينىكى ئۇنى تېخىمۇ جەزبىدار قىلىپ كۆرسەتكەندى.
ئەسلىدە دوستۇم بىلەن بىللە بازار ئايلانماقچى ئىدۇق،ئۇنىڭغىمۇ رايىم بارماي ياتاققا قايتىپ كەلدىم،كۆز ئالدىمدا يەنىلا شۇ سىما،توۋا ،قايسى كۈنى بىر كىتابتىن ‹‹بىر ئادەمنى ياخشى كۈرۈشكە بىر مىنۇت ۋاقىت يىتىدۇ!››دىگەن جۈملىنى كۆرگەن ئىدىم،ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ قانداق......مۇشۇ خىيال كاللامغا كەلگەندە يۈرىكىم قارىتلا قىلىپ قالدى.‹‹بەلكىم مۇنداقلا قىزىقىپ قالغاندىمەن،ئەتىلا ئۇنى ئۇنتۇپ قالامدىم تېخى››ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم،باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ دىققىتىمنى باشقا تەرەپكە بۇرىماقچى بۇلۇپ قۇلۇمغا ‹‹لېيىغان بۇلاق ››رۇمانىنىڭ ئۈچىنچى قىسمىنى ئالدىم....
بىر ھەپتە ئۆتتى،لىكىن كۆز ئالدىمدا يەنىلا شۇ ئەدىنەنىڭ سىماسى،كىتاب ئوقۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى بولدۇم،ئەسلىدە جالالىدىن بەھرامنىڭ ‹‹لېيىغان بۇلاق››ناملىق رۇمانىنى قىزىقىپ ئوقىۋاتاتتىم،بۇ كىتابنى ئوقۇشمۇ خوش ياقمىدى،كىتابنى تۇتۇپ ئولتۇرىمەن،مەن كىتابنى ئوقۇمدىم ياكى كىتاب مىنى ئوقۇمدۇ بىلمەيمەن،ئىشقىلىپ دەرىس ۋاقتىدىمۇ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان ئىدى.
تۇيۇقسىز كاللامغا ئۇنى ئىزدەپ بېقىش ئىستىكى كىرىۋالدى،ئۇنى ئىزدىسەم نىمىشقا بولمىغىدەك،توۋا !نىمىدىن قورقىمەن،مەنمۇ خېلى يامان ئەمەس بالىغۇ؟بۇنداق قىينالغۇچە ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ ،ھېچ بولمىغاندا دوسىت بۇلۇپ قالساممۇ بۇلىدىغۇ؟ ...دەرھال تىلىغۇننى قۇلۇمغائالدىم-دە بۇسارەگە تىلىغۇن قىلدىم،ئۇنىڭ بىلەن بىردەم ئۇياندىن-بۇياندىن پاراڭلاشقان بولدۇم،بۇسارە سىزىپ قالدىمۇ قانداق،مەندىن بىۋاستىلا سورىدى‹‹مىنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدىگەنمىدىڭ؟››مەن سەل دۇدۇقلاپ قالدىم،ئاخىرى مەن دادىللىق بىلەن بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپ ئۇنىڭ ماڭا يارىدەم بىرىشىنى ئۈتۈندۈم،ئۇ گىپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى،ۋە‹‹كۈزۈڭ ھەقىقەتەن مال تۇنۇيدىكەن جۇمۇ،لىكىن سەن بەك جىق بەدەل تۆلەپ كىتەرسەنمىكىن››دىدى، مەن مەيلى دىدىم،شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تىلىغۇن نۇمۇرىغا ئىرىشتىم....
يۈرىكىم گۈپۈلدەپ كىتىۋاتاتتى،توۋا ،ئۇنىڭغا دەرھال تىلىغۇن قىلغۇم كەلگەن بولسىمۇ ،لىكىن تىلىغۇن قىلسام نىمە دەيمەن،ئۈزۈمنى نىمە دەپ تۇنۇشتۇرىمەن؟كاللامدا نۇرغۇن گەپلەرنى تىزىۋالغاندىم،لىكىن بۇ گەپلىرىم پەقەت قولاشمايۋاتقاندەكلا تۇيۇلدى،شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئىككى-ئۈچ سائەت ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتتىم،راسىت گەپنى قىلسام ئۈزۈمگە شۇنداق ئاچچىقىم كەلگەندى،مەنمۇ بىر ئوغۇل بالىمۇ؟بىر تىلىغۇننىمۇ جايلاپ قىلالمىسام،مەن نىمىگە ھېساب ئەمدى.
ئاخىرى قەتئى نىيەتكە كىلىپ تىلىغۇننى قۇلۇمغا ئالدىم ۋە ئۇنىڭ نۇمۇرىنى باستىم.تىلىغۇن تۇتقان قوللىرىم تىترەپ كىتىۋاتاتتى،يۈرىكىم قۇلۇمدىن بەكرەك تىتىرەۋاتاتتى.
‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم››تىلىغۇندىن ئۇنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلاندى،....
شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشتۇم،بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز بارا-بارا يېقىنلاشتى،يۈز تۇرانە كۈرۈشتۇق،مەن بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭ مەكتىپىگە بارغان بولدۇم،بىر يىلدىن كىيىن بىز يۈرۈپ قالدۇق.بۇسارە دىگەندەك مۇشۇ باسقۇچقا كەلگۈچە مەن ھەقىقەتەن كۆپ بەدەل تۆلىگەن ئىدىم،ھەتتا مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇ بىر قېتىممۇ ماڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىلىغۇن قىلىپ باقمىغان ئىدى، ئىشقىلىپ مەن قانداق قىلسام ئۇنىڭ بىلەن يۈرەلىگەنلىكىمدىن خۇشال ئىدىم.
ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى قىز ئىدى،ئۇنىڭدا ھەققى بىر قىزلارغا خاس خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بار ئىدى،ئۇ دەردىمگە دەرمان بۇلالايىتتى،گەپ-سۆزلىرىمۇ شۇنداق ئۇرۇنلۇق،خۇددى تۇرمۇشتا پىشقان ئاياللاردەك ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئىدى،كىيىم-كىچەكنىمۇ شۇنداق ماسلاشتۇرۇپ كىيەتتى. دەرەستىمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى،ھەر يىلى دىگۈدەك ئوقۇش مۇكاپاتى ئالاتتى .ھازىرقى جەمىيەتتە بۇلۇپمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلارنىڭ ئىچىدە بۇنداق ھەم ئەخلاقلىق،ھەم دەرىستە ياخشى،ھەم چىرايلىق قىزلار ناھايىتى كەم ئۇچرايتتى،بىزنىڭ ئارىمىزدا خېلى پەردىشەپ بار ئىدى،بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشەتتۇق،بىر-بىرىمىزدىن تەپتارتاتتۇق،بەزىدە ئۇ بىزنىڭ مەكتەپكە كىلەتتى ،كۆپ ھاللاردا مەن ئۇنىڭ مەكتىپىگە باراتتىم.بىزنىڭ پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيتتى،ئىشقىلىپ .ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم ھەقىقەتەن مەنىلىك ھەم خۇشال ئىدى،كۆپ ھاللاردا مەن تەشەببۇسكار ئىدىم ،ئوغۇل بالا بولغاندىكىن شۇنداق بۇلىشى كېرەك دەپ ئويلايىتتىميۇ ئۇنىڭمۇ ماڭا نىسبەتەن ئازراق تەشەببۇسكار بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم.بىر كۈنلەردە ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۆرمەس بۇلۇپ قېلىشىدىن،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيىتتم.
ئويلىمىغان يەردىن بىزگە كۆز تەگكەندەكلا مىنىڭ بىر خاتالىقىم تۈپەيلىدىن،مەن ئۇنىڭدىن
ئۈمۈرۋايەت ئايرىلىپ قالدىم.
ئايرىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىدى.
بىر شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن مەن ئۇنىڭ مەكتىۋىگە باردىم،ئۇ كۈنى ئۇ قىزىل رەڭلىك كۆينەك كىيىۋالغان بۇلۇپ بۈلەكچىلا چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى،بىز بىردەم كۈتۈپخانىدا كىتاب كۆرگەندىن كىيىن تاماق يەپ بۇلۇپ مەكتەپ ئايلاندۇق،بۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان بۇلۇپ ئەتراپنى غۇۋا چىراق نۇرى يورۇتۇپ تۇراتتى،بىز ئايلىنىپ مەكتەپنىڭ چەترەك بىر يىرىگە كىلىپ ئولتۇردۇق،چىراق نۇرى ئاستىدا ئۇنىڭغا قارىدىم،توۋا!ئۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى،شۇ چاغدا ئۇ كۈزۈمگە خۇددى رىۋايەتلەردىكى ھۆر-پەرىلەردەك كۈرۈنۈپ كەتتى،ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئاشىق-بىقارار بۇلۇپ قالغانلىقىمنى شۇ چاغدا ھەقىقى ھىس قىلدىم.ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنى چىڭ بىر قۇچاقلاپ بېقىشنى،گىلاستەك لەۋلىرىگە قېنىپ ،قېنىپ سۈيۈپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن ئارىمىزدا پەردىشەپ بولغاچقا بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم،قىسقىسى مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى چۈشەنگەچكە ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرىگەن ئىدىم،ئۇ كۈنى قوزغالغان يىگىتلىك ھىسلىرىمنى پەقەتلا باسالمىدىم،دىمسىمۇ ئالى مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققان ئۇغۇللارنىڭ ئۈزىنى بۇنچىلىك تۇتىۋالالىشى ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى،
ئۇ ھەدەپ سىنىپىدا يۈز بەرگەن بىر قىزىقارلىق ئىشنى ماڭا سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى،ئۇ مىنىڭ ئۈزىگە بۇنداق تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىمنى ،كاللامدا بۇنداق بولمىغۇر خىياللارنىڭ لەيلەپ يۈرىۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولسا كېرەك.
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۇنى تارتىپ تۇرغۇزدۇم ۋە ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم،ئۇمۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قاتتىق چۈچۈپ كەتتى ۋە نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى،شۇ مىنۇتتا خۇددى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئىرىپ كەتكەندەك،بىر ئىللىق سىزىم مىنى ئۆز ئىكەنجىسىگە ئالغاندى،مەن ئۇنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدىم،ئۇ ئەمدى قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىدى،ئۇ ھە دەپ قۇچىقىمدىن يۇلقىناتتى،لىكىن نازۇك بىلەكلىرى مىنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرىم ئالدىدا ئاجىزلىق قىلاتتى،مەن ئۇنى سۆيمەكچى بولدۇم،لىۋىم ئۇنىڭ لىۋىگە تەگدىمۇ،تەگمىدىمۇ بىلمەيمەن،ئۇ قۇلۇمدىن يۇلقۇنۇپلا چىقىپ كەتتى،ۋە تەستىكىمگە بىرنى سالدى،مەن چۈچۈپ كەتتىم،ئۇ ئالدىمدا ئاغزىللىرىنى ئۈمچەيتىپ ماڭا چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى،مەن يەنە ئۇنىڭغا ئېسىلدىم،
‹‹ئەدىنە،سىنى ياخشى كۆرىمەن،ئۇنداق قىلما،مۇشۇ بىر قېتىم....››‹‹سىنى بۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن،باشقا ئوغۇللاردىن ھېچقانداق پەرقىڭ يوقكەن››دىدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ،‹‹ئۈتۈنۈپ قالاي....››مەن ئەسلىدە ئۈتۈنۈپ قالاي مىنى كەچۈرگىن دىمەكچى ئىدىم،ئۇ مىنىڭ سۈزۈمنى خاتا چۈشەندى بولغاي چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتتى ۋە ‹‹بەك ئىپلاسكەنسەن،يەنە مۇشۇ گەپنى قىلىۋاتىسەنغۇ؟››دەپلا ئاغزىنى تۇتۇپ يىغلاپ كىتىپ قالدى....
جايىمدا قاققان قۇزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدىم،ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىغىدەك قۇدىرەت مەندە يوق ئىدى،مەن نىمە ئىش قىلىپ قويدۇم،،،،،بېشىمنى چاڭگاللاپ جايىمدىلا ئولتۇدۇم،يەر جاھان پىرقىراپ چۆرگىلەۋاتقاندەك،بېشىمغا بىرسى توقماق بىلەن ئۇرغاندەكلا ئاغرىپ كەتكەندى،ئۇ يەردە قانچىلىك ئولتۇردۇم بىلمەيمەن،بىر چاغدا سەل ئەسلىمگە كەلدىم،دەرھال ئۇنىڭغا تىلىغۇن قىلدىم،ئەپسۇس،ئۇنىڭ تىلىغۇنى ئىتىك ئىدى،بۇ تىلىغۇن ئەمدى مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئىتىك بۇلۇپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن
كىچىچە شۇ يەردە تۈنەپ چىقتىم.ھىچبىر ئۇيقۇم كىلدىغاندەك ئەمەس،كاللامدا ئۈزۇمنى ئەيىپلەشتىن ،پۇشايماندىن باشقا ھىچنىمە يوق.ئوغوللارنىڭ يىغلىشغا ئەڭ ئۆچ ئىدىم.بېشىمغا قانچە ئېغىر قىسمەتلەر كەلسىمۇ يىغلىمايمەن دەپ قەسەم قىلغان ئىدىم .لىكىن بىر كۇنلەردە بىر قىز بالائۈچۈن يىغلاپ قالدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.ئەسلىدە مەنمۇ خېلى غورورلۇق ،ۋىجدانلىق ئوغول بالا ئىدىم.توۋا.......
ئەتىسى سەھەردە مەكتىۋىمگە قايتتىم.تاماقمۇ يىمەيياتاققا كىرىپ ياتتىم.تۇرقۇمنى كۆرۇپ ياتاقداشلىرىم قورقوپ كىتىشتى......
شۇ ھالدا بىر ھەپتىنى ئۆتكۇزدۇم ،ئۇنىڭ تىلفۇنۇمىدىكى رەسىملىرنى نەچچە يۇز قېتىم كۆرۇپ بولغاندىمەن،ئۆز-ئارا يېزىشقان ئۈچۈرلارنىمۇ ،نەچچە قېتىم ياندۇرۇپ ئۇقۇدۇم،ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلسام يەنىلا ئۇنىڭ تىلفۇنى ئىتىك.ياتقىغا ئۇرسام ئالدىغان ئادەم يوق.توۋا،ئۇ مۇشۇنداقلا يوقاپ كىتەرمۇ. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشۇش پۇرستى يوقمۇ ؟ئۇنىڭغا چۇشەندۇرگىدەكمۇ پۇرسەت يوق.پۇرسەت بولسىمۇ نىمە دەپ چۇشەندۇرمەن.ئۆزۇمنى ئاقلامدىم ياكى ئۇنىڭدىن ئەپۇ سۇرامدىم.ئۇ مىنى كەچۈرەمدۇ دەپمۇ ئويلىدىم. چۇنكى مەن ئۇنىڭ بۇنداق جەھەتتە جاھىل مىجەزنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم.
ئاردىن 20كۇندەك ۋاقىت ئۆتتى. ئۇنىڭدىن خەۋەر يوق.ئاخىرى يۈزۈمنى داپتەك قىلىپ بۇسارەگە تىلىغۇن قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكۈم بارلىقىنى ئېيىتتىم،بۇسارە ئۇنى باشلاپ چىقىدىغان بولدى ،بىز ئەتىسى كونسۇل كۇچىسىدىكى ‹‹ئاۋرال ››تىز تاماقخانىسىدا كۈرۈشىدىغان بولدۇق ،كۈرۈشىدىغان ۋاقىتنىڭ تىزراق يىتىپ كىلىشىنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتىۋاتاتتىم .
بۇ ۋاقىتمۇ يىتىپ كەلدى.مەن بالدۇرلا بېرىپ ئورۇن ئېلىپ ئۇلارنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم ،بىر چاغدا بۇسارە يالغۇز كىرىپ كەلدى،ئۇنىڭ يالغۇزلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم لەسسدە بۇلۇپ قالدى،ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغان ئىدىم.ئەپسۇس،ئۇ كەلمىگەن ئىدى.
بىز بىردەم پاراڭلاشتۇق ،ئۇ بۇسارەدىن گەپ ئەۋەتىپ بەرگەندى،ئۇ ‹‹ئىلىياس ئەمدى مىنى ئىزدىمىسۇن، ئۇنى بەك چوڭ بىلەتتىم،ئۇ بەكلا نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى،ئۇ مىنىڭ بۇ تەرەپتىن ئۈزۈمگە ۋە ئۇنىڭغا قانچىلىك يوقىرى تەلەپ قۇيىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلدى. ئالدىرىمىغان بولسىمۇ مىنىڭ بارلىقىم ھامان ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولاتتى،ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتىدا بولغىنى ياخشى ئىدى،مەن ھازىرچە ئۇنداق ئىشلارنى قۇبۇل قىلالمايمەن ،مىنىڭ ئۈمۈرلۈك ھەمرايىمنىڭ ئالدىغا ھەر قايسى تەرەپلەردىن پاك ھالەتتە بارغۇم بار.....››ئاخىرىقى گەپلەرنى ئاڭلاشقا ئەمدى تاقىتىم قالمىغان ئىدى،،،مەن زادى نىمە قىلىپ قويدۇم،ئەمدى مىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىم پۈتۈنلەي نۆلگە تەڭ بولغاندى ..ياق!!ياق!!مەن ئۇنىڭدىن بۇنداقلا ۋاز كەچمەيمەن،مەن چۇقۇم ئۇنىڭغا چۈشەندۈرىمەن،ئۇ چۇقۇم مىنى كەچۈرىدۇ.ھاپىلا-شاپىلا بۇسارە بىلەن خوشلىشىپ مەكتىۋىمگە قايتىپ كەلدىم،يۈرىكىمنى بىر نەرسە پىچاق بىلەن تىلغاۋاتاتتى،ۋىجدان ئازابى بىلەن ھىجران ئازابى بىرلىشىپ مىنى ساراڭ قىلىپ قويغاندى.
ئەتىسى ئۇنىڭ مەكتىۋىگە باردىم.ئۇنىڭ ياتاق بىناسى ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم،توۋا،شۇ بىر كۇن كەچكىچە ئۇياتقىدىن چىقمىدى.يا كىرمىدى. خۇددى ئۇ مىنڭ كېلدىغانلىقىمى بىلپ قېلىپ قەستەن شۇنداق قىلۋاتقاندەكلا ھىس قىلدىم.كۆڭلۇم شۇنچىلىك يېرىم بولدى.ئۆزۇمدىن شۇنداق نەپرەتلەندىم. لىكىن ئورنىغا كەلمەيتى.ئامالسىز مەكتىۋىمگە قايتىپ كەلدىم. كۇنلىرىم ئەنە شۇنداق ۋىجدان ئازابى ئىچىدە پۇچىلىنىپ ئۆتمەكتە.ئەسلىمىللىرىم ماڭا ھەمرا بۇلۇپ كۇنلىرىمنى ئاران كەچ قىلىپ ئۆتكۇزەتتىم .سىرتلارغا چىقساممۇ ئۇنى ئۇچراتىمىغان ئىدىم.
كىيىن مەن ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ قايتىپ كالدىم.يۇرۇتقا قايتقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش ئوتلىرىم تېخىمۇ كۇچەيدى. تەتىل مەزگىللىرى قەستەن بازارغا چىقاتتىم.پۇتلىرىم مىنى ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە سۆرەيتى،لىكىن يەنىلا ئۇنى ئۇچرىتالمىدىم.توۋا.ئۇ بۇ ئالەمدە بارمىدۇ!؟ئەجىبا مەن شۇنداق ئېغىر گۇناھ قىلغاندىمەنمۇ؟خۇدا مىنى ھەتتا ئۇنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر كۆرۇش پۇرستىگە ئىگە قىلمىغان ئىدى......
ئۈچ يىل ئەنە شۇنداق ئۆتتى،بۇ ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇنى بىرەر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق،كۈندۈزلەردە ئۇ خىيالىمدا،كىچىلەردە بولسا ئۇ چۈشۈمدە ماڭا ھەمرا ئىدى ،ئۇنى نەپرەت ئىچىدە ئەمەس بەلكى چۇڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەيتىم،گەرچە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغان بولساممۇ،قىلغان شۇ ئەخمىقانە ئىشىم ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلساممۇ شۇنداق بىر قىزنى ياخشى كۈرەلىگەنلىكىم ئۈچۈن ،قىسقا بولسىمۇ شۇنداق بىر قىزنىڭ ياخشى كۈرىشىگە ئېرىشەلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۈزۈمنى بەخىتلىك ھېسابلايتىم،ھازىر ئۇنىڭ روھى،جىسمى باشقا بىر ئادەمگە مەنسۇپ بۇلۇپ كەتتى،يۈرىگىم ھەسرەت ئوتىدا پۇچىلانغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭغا بەخىت تىلىدىم،،،،
‹‹بەخىتلىك بول ئەدىنە،سەن چوقۇم بەخىتلىك بولالايسەن،،،،سىنى سۆيگەن ئىدىم،ھازىرمۇ ھەم شۇنداق،بەلكىم سىنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ كىتەلمەسمەن،لىكىن ساڭا چىن يۈرىكىمدىن بەخت تىلەيمەن،،،،،››
ئىختىيارسىزلا كۈزۈمدىن ئىككى تامچە ياش دۇمىلاپ چۈشتى.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-29 12:34 PM