مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2998|ئىنكاس: 20

نامراتلىق ئىچىدە يېتىلگەن‹‹داڭدار››لار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5284
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7870
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:08:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېسىم  بولغان ئىكەن   قارشىلىشىش  بولىدۇ  ،  ئېزىش  بولغاندا  كۆرەش  قىلىش  بولىدۇ .

بىر ئايالنىڭ  بىر  كىشىدە  قاتتىق  ئۆچ  ـ ئاداۋىتى  بار ئىكەن . ئۇ كىشىدىن  قانداق
ئۆچ  ئېلىش  توغرۇلۇق  ئۇزاق  كاللا   قاتۇرۇپ  ئاخىرى  ئۇ  كىشىنىڭ  بالىسىنى ئىېلىپ
كېتىپ  ئۆچ  ئالماقچى  بولۇپتۇ  .  
پۇرسەت  كۈتۈپ  بىر  كۈنى   ئۇ كىشىنىڭ  بالىسىنى  ئوغۇرلاپ  كېتىپتۇ . ئاندىن  بىر
پېرىخونغا   نۇرغۇن  ئالتۇن  بېرىپ  ،  بالىنى   جازالاشنى  قارار قىلىپ  پېرىخوندىن
يول كۆرسىتشنى  تەلەپ  قىلىپتۇ  .
پېرىخون  ئالتۇنلارنى  ئالغاندىن  كىيىن  ئايالغا  ۋەدە  بېرىپ  ئايالنىڭ  دېگىنى
بۇيىنچە  قىلدىغان  بوپتۇ  .  ئاندىن  بالىنى  بىر  بايغا   بېقىۋالغىلى  بېرىپتۇ .
ئارىدىن  بىر  مەزگىل  ئۆتكەندىن كىيىن  ئايال ،  بالىنىڭ ئەھۋالىنى  بىلىپ
باقماقچى بولۇپ  پېرىخوننى  ئىزدەپ كەپتۇ  .  
پرىخون  بالىنى   بىر  بايغا   باققىلى  بېرىۋەتكەنلىكىنى  ئېيتىپتۇ  .
ئايال   ئاچچىقلاپ  ،  بۇ  قانداقمۇ  ئۆچ  ئېلىش  بولسۇن  ؟  ساڭا  بەرگەن ئالتۇنلىرىم
بىكارغا  كېتىپتۇ  دەپ   پېرىخوننى  ئەيىبلەپ  كېتىپتۇ  .  

پېرىخون :   ئايالغا ، ئالدىرىما  !  يەنە  بىر مەزگىل  ساقلا  !
كىيىن  ئەھۋالنى  بىلسەڭ  مىنىڭ  ئۇسۇلۇمنىڭ   توغرا  ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇدەپ
رەددىيە  بېرىپتۇ .  
ئارىدىن  نەچچە  يىل ئۆتۈپ   باي  ئالەمدىن  ئۆتۈپتۇ  .  باينىڭ  ئۆيىدە  غەمسىز
ئېرادىسىز  ،  جاپاغا  چىدىمايدىغان  ، مۇستەققىل  قارشى  يوق  ،  جاھاندارچىلىق
قىلىشقا  ئىپى  يوق  ،  ئەيىش  ـ  ئىشرەت  ئىچىدە  تەربىيسىز  چوڭ بولغان  بالا
بايدىن  قالغان  مىراسلارنىمۇ  تېزلا   خەجلەپ  تۈگىتىپتۇ  .  
پېرىخون   ئايالنى   چاقرىپ   بالىنىڭ  ئەھۋالىنى  كۆرۈپ  بېقىشنى  ئېيتىپتۇ  .
ئايال  ،  بالىنىڭ   تۇلىمۇ  بىچارە  ،  چۈشكۈن  ،  يارامسىز  ، ھېچ  ئىشقا  كارغا
كەلمەيدىغان  ھالىتىنى كۆرۈپ   پېرىخوننىڭ  ئەقلىگە  قايىل بولۇپتۇ  .
ئەمما  ،  ئۆزىنىڭ  بۇنداق  رەزىل  ۋاستىلەر  بىلەن  بالىغا  زىيانكەشلىك قىلىپ
ئاشۇرۋەتكەنلىكىنى  ئويلاپ  خېجىل بولۇپتۇ  .

          <<   مەڭگۈلۈك  ئەقىل ـ پاراسەت>> تىن  
                                                                       ___  ئامرىكا





قىسقىغىنا  بىر  نەچچە  يىل ئىچىدە يوقنى بار  قىلىپ رېم ئېمپىرىيسى زىمىنىدىمۇ چوڭ
بولغان  ئېمپىرىيەنى  بەرپا  قىلغان .  گەرچە  ئۇنىڭ جەڭچىللىرىدە  دۇبۇلغا ـ ساۋۇت
بولمىسىمۇ  ،  يۈكسەك  ئېتىقادنى  يۆلەك   قىلىپ  ئاياللىرىمۇ  ئەرلەر  بىلەن سەپ
تارتىپ جەڭ  قىلىپ  رىملىقلارنى  قىرىپ  ۋەتۋەرىكىنى  چىقىرىۋەتكەن . ئۇلارنىڭ
قۇراللىرى  قالاق  ، ئۇزۇق ـ  تۈلۈك ، يەم ـ بوغۇز  يېتەرسىز بولسىمۇ ھەربىي ئىنتىزامنى
قاتتىق   ساقلاپ  ، بولاڭ ـ تالاڭ قىلىپ باقمىغان  ،  بۇغدايغا  تايىنىپ جەڭ قىلىپ
ئاخىرى  ئاسىيا  ، ئافرىقا  ۋە  ياۋرۇپادىكى  ئىسپانىيە  قاتارلىق  دۆلەتلەرنى
نامراتلىق ،  قالاق  قۇشۇن ـ قۇراللار  بىلەن  بويسۇندۇرۇپ  دۇنيا  تارىخىدىكى ئەڭ
چوڭ   بۈيۈك  ئېمپىرىيەنى  بەرپا  قىلغان << ئۇلۇغ  قۇماندان>> قۇماندان دەل ـ
پەيغەمبىرىمىز   مۇھەممەد  ئەلەيھىسالامدۇر  .   

تارىخى  ماتىرياللاردىن  قىسقارتىپ  ئۆزلەشتۈرۈلدى .

1955  ـ  يىلى  باھاردا بىر  نىكاھسىز  توغۇلغان  بۇۋاق  ئامرىكىدا  دۇنياغا  كەلدى .
شۇ  چاغدا ئامرىكىدا  نىكاھسىز  بالا  توغقان  ئايال  ۋە توغۇلغان  بالىلار  ئېغىر
كەمسىتىش ۋە  باشقىلارنىڭ  سۆز  ـ  چۆچەكلىرىگە  ئۇچرايىتتى  .  
ئانىنىڭ  بالىنى  بېقىپ  ـ تەربىلەپ  چىققۇدەك  شارائىتى  يار  بەرمىگەچكە  ،  بالىنى
يېتىم ،  ئىگە  ـ  چاقسىز  باللىلارنى  بېقىۋالدىغان  دارلىئىتامغا  بېرىۋەتكەن .
ئۇ  بەخىتسىز  بالىنى   باشقا  بىر  كىشى  بېقىۋالغان  .  ئەپسۇسلىنارلىق يېرى ـ
ئۇ  بالا  بېقىۋالغان  دادسىغا ئاز  بولمىغان  ئاۋارىگەرچىلىكلەرنى  تېپىپ  بەرگەن  .
مەكتەپكە  ئوقۇشقا  كىرىپ مەكتەپتە  ئۇيۇنقېپى  ، كەپسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن
مەكتەپتىن  ھەيدىلىپ  مەكتەپ  ئالماشقان  .  قوشنىللىرىغىمۇ  ئاۋارىچىلىق تېپىپ
بېرىپ   دادىسى  ئىلاجسىز  ئۆي  كۆچۈشكە  مەجبۇر  بولغان .
دادىسى  بالىنى  سېتانفورد ئۇنۋېرسىتىتىغا  ئوقۇشقا  بەرگەن .   ئەمما  بۇ  مەكتەپنىڭ
ئوقۇش  ھەققى  يۇقرى  بولغاچقا   دادسىنىڭ  تاپقان  ـ  تەرگىنى  بالىنىڭ خىراجىتىگە
كەتكەن  ۋە  باشقا  سەۋەبلەردى  بۇ  بالا   مەكتەپتە  ئالتە  ئاي ئوقۇپلا  چېكىنىپ
چىقىپ   دادسىنىڭ  يەر ئاستى ماشىنا  توختىتىش  ئۆيىدە   تۇنجى  شىركىتىنى قۇرغان
بۇ   كىشى   دەل   ـ  ئالما   شىركىتىنىڭ   قۇرغۇچىسى   سېتىۋىن  جوبىس .
ئەگەر  ئالما  شىركىتىنى  سېتىپ  100  دوللارلىق  پۇل  بۇينچە  ھىسابلىسا ئامرىكا  
زىمىندىكى   %  42   يەرنىڭ  يۈزىنى  ياپقىلى بولىدۇ  .

سېتىۋىن  جوبىسنىڭ  سېتانفورد  ئنۋېرسىتىدا  سۆزلىگەن  ، << ئۆلۈشتىن بۇرۇن قانداق
ياشايسىز  >>  ؟   ناملىق  لىكسىيەسى  ۋە  باشقا  تەرجىمھال  ئەسەرلىرىدىن
قىسقارتىپ  ئۆزلەشتۈرۈلدى .  

بىر  ئادەمنىڭ   روھ  ،  ئىددىيسىدە   قۇلنىڭ  روھىي  بولىدىكەن   ،كېلىپ  چىقشىنىڭ
قانداق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر   قۇل  بولىدۇ  .  ئەگەر  ئۇنىڭ  روھىدە  ھۆر  ئادەمنىڭ
روھىي  بولىدىكەن   ،  كېلىپ  چىقشىنىڭ  قانداق  بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر  ھۆر ئادەم
بولىدۇ  .   
                         <<  بابلون  پاراسەت >>  لىرىدىن .


بىر  بالا   دادسىدىن  كىچىك  يېتىم  قېلىپ  ئائىلە  ۋە  ئۇكىللىرىنىڭ  ھالىدىن خەۋەر
ئېلىشقا  مەجبۇر  بولغان  .  نامراتلىق  سەۋەبىدىن  مەكتەپكە  كىرەلمەي تۆمۈرچىلىك
دۇكنىغا   شارگىرىت   بولغان  .  كۇچىلاردا  يايما  ئاچقان  .  
بۇ  تـۆ مۈرچىنىڭ  شارگىرتى   دەل  _  ھوللىۋود   قۇرغۇچىسى  گوردېۋىندۇر.
يىللىق  كىرىمى    ،  نەچچە  مىليارىدقا   يېتىدۇ .

نامراتلىق  سەۋەبىدىن  ، ئون  ياش  ۋاقتىدا  ئۆيىدىن  ئايرىلىپ  شارگىرىت ئىشچى
بولغان  ھەر  يىلى  يىغقان  پۇللىرىنى  مەكتەپتە   بىر  ئاي  ئوقۇشقا  كىتاب  كۆرۈشكە
سەرىپ قىلغان  .  تاغدا  ئوتۇن  كەسكەن ،   دېھقانچىلىق مەيدانىدا جاپالىق ئىشلىگەن
كىيىن  پارلامىنىتقا  كىرىپ  ئامرىكىغا  مۇئاۋىن  زۇڭتۇڭ  بولغان .
بۇ  كىشى  خېنىرى  ۋېللىسون .

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ  نەزىرىدە بىر  گىزىت  ساتقۇچى  ۋە  يايما  ئاچقۇچى
ھەر قانداق  كەسىپتە  چوڭ  ئىشلارنى  قىلالىشى  مۇمكىن ئەمەس .
تەڭرىدىن  ئاغرىنىپلا  يۈرىيدىغان ،  مىنىڭ  مۇشۇ  ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىمغا
باشقىلار   سەۋەبچى  ،  مەن  بىر  يارامسىز  تۇرسام  ،  قولۇمدىن  نىمە  ئىش كەلسۇن ؟
دەپ  تۇرمۇشتا   تۇنجى  قەدەمنى  بېسىشقا  جۈرئەت قىلالمايدىغان  كىشىلەر  ئۈچۈن
ئېيىتقاندا :  يۈرەكلىك  ئىزدىنىدىغان  ،  باتۇرلۇق  بىلەن  يېڭىلىق  يارتىدىغان  
تەڭدىمەتلىرى  بىلەن  سېلىشتۇرغاندا  ، ئۇلارنىڭ  مۇۋەپپىقىيەتكە  ئېرىشىدىغان
پۇرسىتى  تۇلىمۇ  ئاز  بولىدۇ .


شۇلارنىڭ  تەرجىمھالىي  ۋە  ماتىرياللاردىن  قىسقارتىپ  ئۆزلەشتۈرۈلدى .









ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈمەييە + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7424
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:27:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئۆزىنىڭ ناچار شارائىتىنىلا كۆرۈش بىر ئەخمىقانىلىق بۇلاردىن باشقا بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا يىتىلگەن مائارىپچى ، يازغۇچىلىرىمىز بار .

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35883
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4668
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:34:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پولاتمۇ كۈچلۈك ئوتتا تاۋلىندۇ ..،

ھەر بىر تال گۈرۈچنىڭمۇ سورىقى قىلىنىدۇ !!!!!!!!!!!!!!

مۇسۇلماننىڭ بەختى ئىسلام بىلەن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70853
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5983
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:56:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۈڭۈل قويغان ئادەمگە )   ئادەمدە مۇستەھكەم ئىتىقاد ئىرادە ئۆزلىكسىز تىرىشىش بۇلدىكەن چۇقۇم كوزلىگەن ئارزۇسىغا يىتەلەيدۇ.

بىلىمسىزلىكنىڭ ‹‹بالياتقۇسىدا›› قۇللۇقتىن ئبارەت ‹‹تۆرەلمە›› يىتىلىدۇ.

زەھەرلىك شاھ قايتىپ كەلدى!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30984
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4745
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 740 سائەت
تىزىم: 2011-2-19
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 12:53:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېسنىي شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋالت.دېسنىيمۇ بىر سەرگەردان رەسسام ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسكى كەپىسىدە 4 يىلدىن ئارتۇق ياشىغان مەزگىلىدە، بىر چاشقان بىلەن بىللە تۇرغان. دېسنىي رەسىم سىزىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇ چاشقان دائىم رەسىم سىزىش تاختىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالاتتى.
شۇ سەۋەپتىن دېسنىي «مۈشۈك بىلەن چاشقان» فىلىمىدىكى چاشقان جېررىينىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ چاشقان سەۋەپلىك مەشھۇر شەخىسكە ئايلاندى، كاتتا بىر كارخانىنىڭ خوجايىنى بولدى.

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش-ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى !______________________________________ئىملاغا دىققەت قىلىڭ، تىنىش بەلگىلەرنى توغرا قويۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78230
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2834
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 09:32:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇنلىرنى مەن بىلمەيدىكەنمەن. رەھمەت .

نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ.

كارخانا دىگەنلىك ئىش ئورنى دىگ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9695
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8824
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 09:50:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنجى ھېكايىدىكى ۋەقەلىكنىڭ ۋەزنى ھەقىقەتەن چوڭكەن . دۈشمىنىڭىزنى ئۇرۇۋالغىنىڭىز ، تىللىۋالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى ، ئۇنۇڭغا قاخشاتقاش زەربە بەرگەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ . تىللىغىنىڭىزنى نى ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ ، ئۇرۇۋالغان يېرىڭىز مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ساقىيىپ كېتىدۇ . ئەمما ئۇنۇڭغا دۈشمەنلىك غەرىزىدە بەرگەن خاتا تەربىيە ، تەلىم نىڭ كۈچى ئۇنى بىر ئۆمۈر نابۇت قىلىشقا يېتىدۇ .
مانا بۇ ، دۈشمەننىڭ دۈشمىنىنى قەستلەشتىكى ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇل !

__ ئىلىغا چىقىپ كەتتى ، يول بىلمەيدىغان باللار .
__ سودىسىنى قىلالارمۇ ، چالا سودىگەر باللار .
__ ئاتۇش كۈيلىرىدىن .....

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 01:24:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى مەكتەپلەردىكى ئىشلار كۆز ئالدىمغا كەلدى....

بايلار،باشلىقلارنىڭ باللىرى دەرىستە ھىچنىمە بىلمەيدۇ،نامرات-كەمبەغەللەرنىڭ باللىرى ئىمتاھاندا بېرىنجى.

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10410
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 06:48:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە  رەھمەت جۇمۇ

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73905
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3246
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 08:45:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇر چېچىشنى بىلمىگەن ئىنسان مەڭگۈ باشقىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ياشايدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش