مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4535|ئىنكاس: 68

ئۇنۇڭ ئۆيدىكىلىرى قوشۇلمىغان مۇھاببەتتىن ۋاز كىچىشىم كېرەكمۇ؟....   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43400
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3933
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1795 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 09:08:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ئۇ بۇ ئۆمۈرۇمدىكى تۈنجى يۈرگەن يىگىتىم ئىدى. ئىككىمىزنىڭ تونۇنىشىمىزمۇ شۇنداق تاساددي بولغان ئىدى. مەن ئۇنى بىلگەن چىغىمدا ، ئۇ باشقا يۇرتتا ئىشلەيتى. بىز دوسلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن دەسلەپتە تىلفۇندا ئاللاقىلەشتۇق.بىر-بىرىمىزنى چۈشۈنىشتۇق.ئۇ بولسا تۇرمۇشتا پىشقان، بىشىدىن ئىسىق -سوغۇقلار ئۆتكەن، يىتىمچىلىكنىڭ دەردىنى شۇنداق تارتقان،بەشۋاق نامازنى تاشلىمىغان يىگىت ئىدى. مەن بولسام ، بۇ ئۆمۇرۇمدە مىيپلىقنڭ دەردىنى تارتقان، ئۆزۇمنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشۇمغا قىلچىلىك ئىشەنچىم يوق ، پەقەت ھازىرقى مۇقۈم خىزمىتىمنى قەدىرلەپ ، بارلىق مۇھاببتىمنى خىزمىتىمگە بىرىپ ، ئۆز خۇشاللىقىمنى خىزمىتىمدىن ئىزدەپ، بىر كۇننىڭ خۇشال ،خاتىرجەم ئۆتكۈنىگە شۇكۇر قىلىپ ،تۇرمۇشنىڭ يولدا يالغۇز بولساممۇ ، يىقىلىپ قالماي مىڭىۋاتقان ياش ئىدىم.
      قاچان ئۇنۇڭ بىلەن تونۇشتۇم ،شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭدىكى خاتىرجەملىك تۇرمۇشۇم  بۇزۇلدى. كۆپ ئىشلارنى ئويلايدىغان ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇ بىر ساغلام يىگىت مەندەك بىر  مىيىپ قىزنى چىن كۆڭلىدىن سۆيەلەرمۇ ؟دىگەن سوئال  ھەرقاچان مىنى ئازاپلايتى....شۇنداق قىلىپ بىز 3ئايدەك تىلىفۇندا ئاللاقىلىشىپ ياخشى سىرداش دوسلاردىن  بولۇپ قالدۇق. پىكىرلىرىمىز ھەرقاچان ئوخشاش ،تۇمۇشقا بولغان كۆزقاراشلىرىمىزمۇ بىر يەردىن چىقاتتى.كىچە-كىچىلەپ ئۇخلىماي پاراڭلىشىپ چىقاتتۇق. شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئۇنى ئاللا قاچان ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھس قىلغانىدىم.
     بىر كۈنى ئۇ يۇرتقان كىلىمەن دىدى. مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى . يۇرۇكۈم خۇشاللىقتىن يىرىلاي دىدى، شۇنۇڭ بىلەن بىرگە  كۆڭلۈمگە ئەنسزچىلىك چۈشتى.......كۈزنۇڭ سوغۇق كۇنلىرى ئىدى. ئككىمز ئاخرى كۆرۇشتۇق. ئۇ ئاقسىرىق، قاڭشا بۇرۇن، بويى ئىگىز كىلىشكەن يىگىت ئىكەن. مەن كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. مەن ئاللاقاچان ئۇنۇڭ قامەتلىك تۇرقىىغا ئاشىق بولغان ئىدىم. ئەڭ مۇھىمى ئۇنۇڭ تىرىشچان،قىينچىلىققا چىداش رۇھىغا، ئەخلاقىغا قول قوياتتىىم.
    ئاخرى كۆرۇشتۇق....ئەمما ئىشلار مەن ئويلىغىنىمدەك بولمىدى! مەن ئەنسىرگەن ئىش ئاخىرى يۈزبەردى.... مەن تۈنجى كۆرۈپ ئۇنۇڭ كۆزلىرىدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى ،ئۇ مىنى ياخشى كۆرۇشكە ئامالسىزكەن. ئۇ ماڭا يۇرۇش تەلىپىنى قويغان بولسىمۇ ، مەن قوبۇل قىلالمىدىم. نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم يول قويمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە كەتتى... بىز خۇشلاشقان شۇكۈن تۈنجى قارلەپىلدەپ ياققان كۈن ئىدى... ياز ئاپتىبىدەك ئىلىغان كۆڭلۈم بىردىنلا قار ئۇشقۇنلىرىدا مۇزلاشقا باشلىدى. چۇنكى يۇركۇم چىدىيالمىغان ئىدى...ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللي بەردىم.ئۇ راستىنلا مىنى چىن يۈركىدىن سۆيسە ، قايتا مىنى ئىزدەپ كىلىدىغۇ - دەپ ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ شۇ يىلى قىشنى ھىجران ئازابىدا ئۆتكۇزدۇم. ئۇ ماڭا نەچچەرەت تىلفۇن قىلدى ، ئۇچۇرلار يازدى.... ئىچقايسىسنى ئالمىدىم . چۇنكى ئۇنۇڭ كۆڭلىدىن  ئۈنتۈنسىز غايىپ  بولۇشنى تالىغان ئىدىم .
       كۆڭۈللەرنى مۇزلىتىدىغان قىش ئاخرى كەتتى . باھارئىللق شامىلىنى ۋۇجۇدۇمغا ئىلىپ كىشكە باشلىدى...ئۇ مىنى ئۇنتالمىىغىنى، مىنى ئازاپلارغا قويۇپ چىدىيالمىغىنى ،دوسلىرىمغا ئيتپتۇ! ئۆزىنى كەچۇرۋىتىشنى ، ھەممە ئىشلارنى قايتىدىن باشلىغۇسىنىڭ بارلىغىنى ئىيتىپتۇ . شۇنداق قىلىپ دوسلىرىم مىنى ئولتۇرغۇزمىدى. ئۇلارنىڭ مەدىتى ئاستىدا ئۇنۇڭ تىلىفۇننى ئالدىم !شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ دوسىلقىمىز ، مۇھەببەت بىخلىرىمىز  تەڭ بىخلاشقا باشلىدى.
     تۇغۇلغان كۇنۇم كەلدى! ئۇ تۇيۇقسىز مەھەلىمىزدە پەيدا بولدى! مەن ھاياجىنىمدىن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. شۇ كۇنى ئۇ چىن يۈركۈدىن چىقىرىپ ماڭا يۈرۈش تەلىپىنى رەسمي قويدى. شۇ كۈن مەن بۇ ھاياتىمدا تۇنجى ئۆزۈمنى بەختلىك قىز دەپ بىلگەن كۈن بولغان ئىدى. مۇزلىغان يۇركۈم مۇھەببەت ئوتىدا ئىلىشقا باشىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشلىگەن يىرىدىن ئوغۇرلىقچە كىلىپ ،مۇھەببەت ئوتىنى تەڭ يىقىپ ، يەنە ئىش ئورنىغا كەتتى. مانا ھەش -پەش دىگىچە بىزنىڭ ئارلاشقىنىمىزغا بىر يىل 35كۈ ن بوپتۇ. بۇ جەريانىدا مەن ئۇنۇڭ كۆزلىرىدىن مىنى ھەقىقەتەن چىن سۆيىدىغانلىقىنى كۆردۈم. خۇش بولدۇم....
     بىز توي قىلىشقا پۇتۇشتۇق . بىراق كۆڭلۇم  نىمىشقىدۇر يەنىلا بىر ئىشلاردىن ئەنسىرەيتى . كۆڭلۇمدە <ئۇنڭ ئۆيدىكىلىرى ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا قانداق قارار؟ قۇشۇلارمۇ ؟... مىنى قوبۇل قىلالارمۇ؟ >دىگەن ئويلاردا يۇرۈكۇم ئاچىق بولاتتى.... بىر كۇنى مەن ئۇنۇڭغا< ئاپىڭىز بىلەن كۆرۇشەي >دىدىم. ئۇ <مەن سىنىڭ ئەھۋالىڭنى ئاپامغا ئىيتقان ،ئەنسىرمە ئۇ قۇشۇلدى> دىدى. ئەمما مىنىڭ كۆڭلۇم مىنى جىم ئولتۇرغۇزمىدى. ئاخىرى يەنىلا ئاپىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۇپ قويغىنىمنىڭ توغۇرا ئىككەنلىكىنى ھىس قىلىپ ، ئاخرى ئاپىسى بىلەن كۆرۈشتۇم. ئاپىسى 60ياشلار ئەتراپىدىكى ياشىنىپ قالغان ، خۇشخۇي مىجەز ئايال بولۇپ ، مىنى ياختۇرۇپ قالغانلىقىنى، پۇتۇمنىڭ ئۇنچىلا ئىغىر مىيپ ئەمەسلىكىنى ، مىىنىڭ تىتىك ،چىقىشققاق مىىجەزىمنى ياختۇررۇپ قالغانلىقىنى ، ئوغلىغا ئىيتىپتۇ.ئەنە شۇكۇندىن باشلاپ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز بىخەتەرلككە چىققان ئىدى. ئۇ ماڭا شۇنچىلىك كۆيىنەتتكى ،ئەتراپىمىزدىكى دوسلىرىمىز بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدىن سۆيۇنگەننىدى.
       بىر ياخشى ئىشنىڭ ئارقىسىغا يامان ئىش يۇشۇرنۇپتۇ دىگەندەك، بىزنىڭ خۇشال بەختلىك كۈنلىرىمىز بىر يىلدىن ئاشقاندىن كىيىن، مۇھەببەت گۈللىرىمىزگە ئۈشۈك تىگىشكە باشلىدى. ئۇ توي قىلىش ئۇچۈن يۇرتقا ئككى ئاي كىلىپ ئوي سالغانىدى. ئۆيمۇ پۇتۇپ قالاي دىگەندە ، ئۇنۇڭ ماڭا بولغان پوزۇسىيسىدە بىردىنلا ئۆزگۈرۇش بولدى.مەن بۇلارنى ئۆي سىلىش ئىغىر كەلگەشكە ھەم ئىقسادى بىسىم بولغاچقا مۇشۇنداق بولۇپ قالدى دەپ چۇشەندىم  . ئۇنۇڭغا تەسەللى، مەدەتلەرنى بەردىم . ئەمما...... ئۆي  پۇتتى .ئۇ كەتمەكچى بولدى ، شۇ كۇنى ئۇ ماڭا خۇشمۇ دىمەي كىتىپ قالدى..... ئۇنۇڭ <ئايرىلىپ كىتەيلى >دىگەن ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ، ئۆزۇمنى يوقۇتۇپ قويدۇم.... يۇرۇكۇم پارا-پارا بولدى ، نىمە ئۇچۇن شۇنداق بولغانلىقىنڭ تىگىگە يىتەلمىدىم. ئۇ كەتتى ... يۇركۈمىگە بىر تالاي ئازاپلارنى سىلىپ قويۇپ كىتىپ قالدى. كىين بىلدىمكى ، ئۆيدىكىلىرى شۇنداقلا توققانلىرى
ئىككىمىزنىڭ توي قىلىشىغا قۇشۇلماپتۇ! مەن بىلەن توي قىلسا ، ئۇنۇڭدىن كىچىدىغانلىقىنى ئيتىپتۇ.ئۇمۇ قاتتىق ئازاپتا ، نىمە قىلىشنى بىلەلمەي، ئامالسىز شۇ يولنى تالىغان ئىككەن. مەن بۇلارنى بىلگەندن كىيىن ئۇنۇڭدىن ھەم تۇققانلىرىدىن ئاغىرنمىدىم. چۇنكى بولمىغان ئىشنى زولاپ بولغۇزغاننڭ پايدسى يوق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەنىدىم.ئامالسىز بۇنداق مۇھەببەتىن ۋاز كەچتىم. ئۇ كىتىپ 10كۈن بولماي ماڭا تىلىفۇن قىلىشقا باشلىدى. ئۆزىنىڭ مىنى ئۇنداق ئاسان ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنۇڭ تۇرمىشىدا مەن بولمىسام ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئيتىپ،قايتىدىن يارىشۋالساق دەپ ئۆتۇنۇپ تۇرۋالدى. ئۇنۇڭ مەندىنمۇ بەك ئازاپلانغىنى كۆرۇپ يۇركۈم يەنە چىدىمىدى. ئۇ ھامان بىر كۇنى ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىمە ، قايىل بولمىغىچە توي قىلمايمەن دەيدۇ .شۇنداق قىلىپ بىز يارشىۋالدۇق. ئەممە ئۇنۇڭ ئۆيدىكىلىرى بىزنى ئايرىلىپ كەتتى دەپ ئويلايدۇ. مەن شۇتاپتا گاڭگىراپ قالدىم ، نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم .تاللىشىمنىڭ توغىرا ياكى خاتالىقىنى ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن .شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ  ماڭا يول كۆرسىتىشنى ئۈمۈد قىلىمەن !
    ئۆيدىكىلىرى قوشۇلمىغان مۇھاببەتىن ۋاز كىچىشىم كىرەكمۇ؟ ياكى ئاخىرغىچە مۇھەببتىمىزدە چىڭ تۇرايلىمۇ؟...



ئۆزەڭنى سۆي!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50331
يازما سانى: 503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1160 سائەت
تىزىم: 2011-8-3
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:42:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاللاش ، تالىماسلىقنى ئۆز يۇركىڭىزدىن سوراڭ،يۇركىڭىز ئۇنى سۆيسە ،ئۇنىڭ سىزنى چېن دىلدىن سۆيدىغىنىغا ئېشەنچ بولسا تاللاڭ،ئىككىڭلارنىڭ كەلگۇسى توي قىلشىڭلارغا ئېشەنچ يوق بولسا، ھەقىقەتەن ئاتا - ئانسى قارشى تۇرۋالسا ، ئاۋال ئۇ ئۆيدىكىلىزنى قايىل قىلسۇن ئاندىن ۋاقىتنى سۇزماي توي قىلۋىتڭلار ، ئەگەر ئۇ قايىل قىلمىسا ئايىرىلىپ كىتىپ ئۆز بەختىڭىزنى قايتىدىن ئىزلەڭ........

پەقەت ئۆزەڭنى سۆي ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆيشىگە ئىرشەلەيسەن.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2491 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:50:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئانىسى قۇشۇلمىسا ۋاز كەچكۇلۇك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-28 10:55 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2491 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:03:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.يۈزسىز ئادەم يۈزسىزلىكىنى ھەر ۋاقىت ھەر جايىدا ھەر كىمگە قىلىۋىردۇ

چەكلەنگەن ئەزا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3898
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:24:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىنىڭ مەسلەھەتىم شۇكى،
ۋاز كەچمەڭ! پۇرسەت بىرىڭ!
چىن مۇھەببەتنى تاپماق،بەس مۈشكۈلدۇر!
تاپتىڭىز،ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۈلەيسىز!
تالاي سىناققا دۇچ كىلىسىز،ۋىسالغا يىتىش ئۈچۈن ،
نۇرغۇن ئازاپلىق مۇرەككەپ جەرياننى باشتىن كەچۈرىسىز!
ھەر ئىككىلىڭلار،بەل قويۋەتمەڭلار! تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسىلەر!











































سەمىڭلارغا شۇنى سەپ قويايكى،

                                                   اللاھ رىسقىڭلارنى قوشقان بولسا،سىلەرنى ھېچكىم

ئايرىيالمايدۇ! تەغدىر پىشانەڭلىگە توي قىلىش پۈتۈلمىگەن بولسا،مىڭنى قىلساڭلارمۇ بىكا!

                                     ‹   تەلەپ قىل،سەۋەپ قىل›


چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com
kishi mini kishi dise`kishi bilen kishi Ishim ،kishi mini kishi dimise`kishi bilen nime Ishim~

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4065 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:24:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاز كەچمەي ،تىرشىپ بېقىڭ .ئۆيدىكلرىنىڭ چۈشەنچسگە ئېرشىشكە تىرشىڭ . گەرچە قارشلىق بىلەن توي قىلسغىڭىزمۇ ،تويدىن كېيىن ياخشى كېلىن بولسڭىز يەنلا بەختلىك بولۇپ كېتسلەر .
مەن شۇنداق بىر ئىشىنى ئۇچۇرتقان تويدىن بۇرۇن ئۆيدىكلرى يىگىتىنىڭ قىزىنى ئېلشقا قەتئى قارشى بولغان ،تويىمۇ شۇ قارشلىق ئىچدە بولغان .بىراق قىز كىلىن بولغاندىن كېيىن ئانا تىلسمۇ ،خاپلسمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ خىزىمتىنى قىلغان ،قىلغاندىمۇ شۇنداق ياخشى قىلغان .كېيىن ئانا كېلىنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ياخشى ئۆتكەن .قىز بەختلىك ئائلگە ئېرشكەن . مانا مۇشۇنچلىك . ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ قىزدەك خوشخۇيلۇق ،ئىشچانلىق ،كەڭ قورساقلىق كېرەك ئەلۋەتتە . ئىشلرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5769
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 448 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:26:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



كەچۈرۈڭ ، مىنىڭ سىزگە مەسلىھەت بەرگىدەك سالاھىتىمنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن . بىراق  سىزگە تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى ، بالدۇر ئىچىلغان گۈل ،بالدۇر تۇزۇيدۇ . مانا شۇنىڭدەك جۆرە تاللىغاندا، بولۇپمۇ ئۆمۈرلۈك ھەمرا تاللىغاندا تۇنجى قەدەمنى ئويلۇنۇپراق باسقۇلۇق . بولمىسا كىيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن .....

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3979
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 12:13:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىككىلىڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرسەڭلار ،بۇ بىر سىناق دەپ تۇرۇپ ،سەۋر قىلىڭلار .ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر تەسىرلىنىپ قوشۇلۇپمۇ قالار ،(ئاللاھ رىسقىڭلارنى قاتقان بولسىلا )سەبىرچان بولۇڭ ،بۇ يولدا بوران -چاپقۇن تولا .

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8328
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 12:35:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48902
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6765
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 695 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 01:01:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كۆڭۈل باغلىنىپ قالسا چاتاق ئىدى سىڭلىم، ئاللاھ رىسقىڭلارنى قوشقان بولسا ئىشلار ئىزىغا چۈشۈپمۇ قالار،، ئەمما مېنىڭچە كۆپرەك دۇئا قىلىڭ، چۈنكى ئۇ ھەممىگە قادىر. ئاللاھ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىش شۇنداق راۋان ھەل بولۇپ كېتىدۇ...

روھىنى پاكلىغان ئادەم مۇرادىغا يېتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش