مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4376|ئىنكاس: 23

پاكىستان نادىر فىلىم:«كىشلىك دۇنيا»توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىلىڭ گۈزەل ، روھىڭ پاك بولسۇن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6450
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9205
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 3313 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 06:59:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پاكىستان نادىر فىلىم:«كىشلىك دۇنيا»توغرىسىدا

kixlikdunya.JPG

201022021133515.jpg

فىلىمدىكى ئاساسلىق پىرسۇناژلار:

رازىيە،مەنسۇر،گۇلسۇم،سىكىنە،مۇختەر(قىمارۋاز) بەھرا خانىم

سەۋزىيە(نازىرنىڭ قىزى) قەيسەر( رازىيەنىڭ ئوغلى،ئادۋۇكات) قاتارلىقلار

فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزم ۇنى:

باش ئادۋۇكات  مەنسۇر گۈلسۈمنىڭ ئۆگەي قىزى-رازىيىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.بۇ ئىككى ياش ئۆمۈرلۈك بىر جۇپ ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن، ۋەدە بېرىشىدۇ. مەنسۇر ئەنگىلىيىگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولغانداگۈلسۈم رازىيىنىڭ مەنسۇرنى ئايدۇرۇمغا چىقىپ، ئۇزاتقىلى چىقماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى ئايرۇدۇرۇمغا چىققىلى قويماي،ئۆز قىزى سىكىنەنى ئايرۇدۇرۇمغا مەنسۇرنى ئۇزاتقىلى چىقارتىدۇ.سىكىنە ئايرۇدۇرۇمغا چىقىپ، مەنسۇرغا  چېقىمچىلىق قىلىپ، «رازىيە سىزنى ئۇزاتقىلى چىققىلى ئۇنىمىدى.»،دەپ تۆھمەت چاپلاپ، ھېلىگەرلىك بىلەن مەنسۇرنىڭ ھىمايىسىغا ئېرشىۋالىدۇ.ھەمدە «مەنسۇرغا رازىيىگە خەت يازسىڭىز مېنىڭ نامىمدا يېزىڭ،مەن خەتنى رازىيىگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. »،دەپ ساختىپەزلىك قىلىپ، مەنسۇرنى ئالدايدۇ.

مەنسۇر ئەنگىلىيىگە ئوقۇ شقا بارغاندىن كىيىن، رازىيىنى قىلچىمۇ ئۇنتۇپ قالماي، سىكىنەنىڭ نامىدا 32 پارچە خەت ئىبەرتىدۇ. ئەمما سىكىنە خەتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، خەتنى رازىيىگە بەرمەي، كۆز-كۆز قىلىپ، «مەنسۇر مېنى ياخشى كۆرىدۇ.»،دەپ ماختىنىپ، رازىيىنىڭ مەنسۇرغا بولغان چىن مۇھەببىتىنى بەربات قىلىۋىتىدۇ. گۈلسۈم بىلەن سىكىنە ئانا-بالا رازىيىنى مەنسۇر بىلەن ئايرىۋەتكەندىن كىيىن،رازىيىنى قىمارۋاز لۈكچەك-مۇختەرگە بەرمەكچى بولىدۇ. مۇختەرمۇ گۈلسۈم ئائىلسىنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ ئائىلىنىڭ 20 مىڭ رۇپىيە قەرزىنى تۆلەپ قويۇپ، گۈلسۈملەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرشىۋالىدۇ، لىكىن رازىيەنىڭ دادىسى  قىزىنى مۇختەرنىڭ نىكايىغا بېرىشكە قارشى تۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. شۇ سەۋەپتىن رازىيەنىڭ دادىسى ۋە گۈلسۈملەر رازىيىنى مەجبۇرى ھالدا مۇختەرگە ياتلىق قىلىۋىتىدۇ. مۇختەر رازىيىنى ئۆز ئەمرىگە ئالغاندىن كىيىن، ھاراق-شاراپ ئىچىپ، قىمار ئويناپ، ناشايان ئىشلارنى قىلىپ، رازىيىنى خوتۇن ئورنىدا كۆرمەيدۇ. بىر قىتىملىق  قىماردا مۇختەر رازىيىنىڭ تويلۇق زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۇتتۇرۋىتىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان رازىيە ئەھۋالنى دادىسى ۋە گۈلسۈمگە ئېيتىدۇ. لىكىن گۈلسۈم يەنىلا مۇختەرنى ئاقلاپ، رازىيىنى خارلايدۇ.يەنە بىر قىتىملىق قىماردا مۇختەر ئۆيدىكى پۇلغا يارىغىدەك نەرسىلەرنى ئۇتتۇرۇپ، تۈگەتكەندىن كىيىن خوتۇنى رازىيىنى دوغا تىكىپ، ئايالىنىمۇ قىماردا ئۇتتۇرۋىتىدۇ. قىماردا رازىيىنى ئۇتۇۋالغان قىمارۋاز رازىيىنى ئېلىپ كىتىش ئۈچۈن، رازىيىنى تۇتۇۋىلىپ، ئۇنىڭغا پوخۇرلۇق قىلماقچى بولغاندا رازىيە قىمارۋازنى يىقىتىۋىتىپ، قېچىپ كېتىدۇ. قىمارۋاز رازىيىنى قوغلاپ تۇتالماي، مۇختەرگە «ئايالىڭ قېچىپ كەتتى، تېپىپ بەر.»دەپ زورلۇق قىلىدۇ. مۇختەر ئاچچىغىنى باسالماي، يېنىدىن پىچاقنى چىقىرىپ، قىمارۋازنىڭ كۆكرىگىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ .مۇختەر يەنە غەرق مەست ھالدا رازىيىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆيدىكىلەرگە:«قىزىڭ قېچىپ كەتتى، نەگە يوشۇردۇڭ؟»دەپ جىدەل قىلىدۇ. رازىيەنىڭ دادىسى بۇ ئەلەمگە چىدىماي، يىقىلىپ چۈشۈپ جان ئۈزىدۇ. رازىيە دوختۇرخانىدا دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قاتتىق ھەسرەت چېكىدۇ. رازىيە مۇختەرنىڭ ئۆيىدىين قېچىپ چىققاندىن كىيىن، بەھرا خانىمنىڭ يېنىدا قىلىپ، ئۇنىڭ ھىسداشلىقىغا ئېرشىدۇ. بەھراخانىم ئۇنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن كىيىن، رازىيىگە قىزغىن كۆيۈنۈپ، ئۇنى ناخشىچىلار كۇلىبىدا ناخشا ئوقۇيدىغان داڭدار چولپان قىلىپ تەربىيلەيدۇ. رازىيە بۇ كۇلۇبتا ناخشا ئېيتىپ، تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. مۇختەر رازىيەنى ھېچيەردىن تاپالماي، گۈلسۈمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ: «مېنىڭ 20 مىڭ رۇبلى پۇلۇمنى بەر! رازىيەنى قاچۇرۋەتتىڭ، بۇنىڭ ئورنىغا قىزىڭ سىكىنەنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ كېتىمەن.»،-دەپ سىكىنەنى سىرىتقا سۆرەيدۇ. گۈلسۈم ئۆيىدىن تاپانچا ئېلىپ چىقىپ، مۇختەرگە ئوق چىقىرىدۇ، بىراق ئوق مۇختەرگە  تەگمەي، سىكىنەگە تېگىپ، سىكىنە جان ئۈزىدۇ. گۈلسۈم قانۇن تەرىپىدىن «قىزىنى ئۆلتۈردى.»،-دىگەن پاكىت بىلەن قولغا ئېلىنىدۇ.

مەنسۇر ئەنگىلىيەدىن كەلگەندىن كىيىن، رازىيەنى ئىزدەپ تاپالماي، شۇ يۇرۇتتا ئادۋۇكات بولۇپ ئىشلەيدۇ. مەنسۇر بىر كۈنى توساتتىن يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا رازىيە ئۇنى كۆرۈپ قالىدۇ، لىكىن ئۇ كۆرۈشمەيدۇ. بىر قىتىم بەھرا خانىم رازىيەنى بىر ئولتۇرۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ. ئادۋۇكاتلار باشلىقى-نازىرمۇ مەنسۇرنى بۇ ئولتۇرۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئولتۇرۇشتا رازىيە ناخشا ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ كەچۈرمۈشلىرىنى بايان قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇ كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ چوڭقۇر ھىسداشلىقىغا ئېرشىدۇ. مەنسۇر رازىيەنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايدۇ ۋە ئۇنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ رازىيە ناھايىتى خوشال بولىدۇ.

مەنسۇر ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىنىڭ چەتئەلدە توي قىلغانلىقىنى، بىر ئوغۇل بالىسىنىڭ بارلىغىنى، لىكىن ئايالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ، ئوغلىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئاتا-ئانىسى بەكمۇ خوشال بولۇپ كېتىدۇ. نازىرمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مەنسۇرنى بالدۇرراق توي قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رازىيەنىڭ ئوغلى-قەيسەرنى مەنسۇر «ئوغلۇم»دەپ يوشۇرۇنچە بېقىۋالىدۇ. ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كىيىن مەنسۇر قەيسەرنى ئەنگىليىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. قەيسەرمۇ چوپ-چوڭ يىگىت بولۇپ،   ئوقۇپ ئادۋۇكات بولغاندىن كىيىن نازىرنىڭ قىزى-سەۋزىيىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.

رازىيە 20 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرۈشمىگەن ئوغلى-قەيسەرنىڭ خېتىنى مەنسۇردىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، خەتنى ئوقۇپ، ئىنتايىن خوشال بولىدۇ. مەنسۇر بىلەن رازىيەنىڭ يوشۇرۇنچە ئالاقىسى باشقىلارنى:«مەنسۇرنىڭ بۇ ناخشىچى ئايال بىلەن چاتىقى بار »،-دېگەن گۇمانىنى قوزغاپ قويىدۇ. قەيسەر بىلەن سەۋزىيەنىڭ مەسىلەھەت توي چېيىغا نۇرغۇن مىھمانلار يىغىلىدۇ. رازىيەمۇ يوشۇرۇنچە ياندىكى ئۆيدە تۇرۇپ، ئوغلىنىڭ مەسىلەھەت تويىنى كۆرىدۇ. بۇ كېچىلكتە قەيسەر بىلەن سەۋزىيە بىر -بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ ناخشا ئوقۇيدۇ. ئولتۇرۇشتىن قايتقاندىن كىيىن، رازىيە ئۆيىگە كېلىپ تۇرىشىغا مۇختەر يوشۇرۇنچە رازىيەنىڭ ئۆيىگە كىرىۋىلىپ،رازىيەگە:«ماڭا پۇل بەر، بەرمەيدىغان بولساڭ، قەيسەرگە مەن سېنىڭ داداڭ، دەپ، ھەممە ئەھۋالنى ئېيتىمەن.»،-دەپ تەھدىت سالىدۇ. رازىيە ئوغلى-قەيسەرنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆيىدىن تاپانچا ئېلىپ چىقىپ، مۇختەرگە قارىتىپ، بەش پاي ئوق ئاتىدۇ، لىكىن بۇ ئوق مۇختەرگە تەگمەيدۇ. توساتتىن ئارقا تەرەپتىن كەلگەن ئوق بىلەن مۇختەر جان ئۈزىدۇ. ئەسلىدە گۈلسۈم قاماقتىن چىققاندىن كىيىن، مۇختەرنىڭ رازىيەنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قىزى-سىكىنەنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ ئۆيگە يوشۇرۇنچە كىرىپ، مۇختەرنى ئارقا تەرەپتىن ئېتىپ تاشلايدۇ. سوت مەھكىمىسى رازىيەنى:«مۇختەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن قاتىل.» دەپ قاراپ قولغا ئالىدۇ. مەنسۇر تۈرمىگە بېرىپ، رازىيەنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىىڭغا قىزغىن تەسەللىي بېرىدۇ. رازىيەنى سوتخانىغا ئېلىپ كىرىدۇ. قەيسەر نازىر بىلەن بىرلىشىپ، رازىيەنى ئېيىپلاپ:«ناخشىچى پاھشە ئايالدىن ياخشى ئادەم چىقمايدۇ.»دەپ ھاقارەتلەيدۇ. بىراق مەنسۇر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رازىيەنى پاك ئايال دەپ ئاقلايدۇ. سوت رازىيەنىڭ ئوغلى بارلىغىدىن گۇمانلىنىدۇ ھەمدە:« ئۇنىڭ ئوغلى كېلىپ، سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتسۇن!»،-دەپ جاكالايدۇ. قەيسەرمۇ رازىيەنىڭ ئۆز ئانىسى بولۇپ قېلىشىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغاچقا، ئۇمۇ ھەدەپ رازىيەنى« پاھشە»،دەپ كەمسىتىدۇ. كىيىنكى قىتىملىق سوت  باشلىنىشتىن بۇرۇن قەيسەر مەنسۇر بىلەن ئەھۋاللىشىپ، مەنسۇرغا:«دادا، سىزنىڭ بۇ رەزىل پاھشە ئايال بىلەن نىمە مۇناسىۋىتىڭىز بار؟»دەپ مەنسۇرنى ئېيىپلايدۇ. مەنسۇر بۇ چاغدا قەيسەرگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ:« رازىيە سېنىڭ ئۆز ئاناڭ!»،-دەپ ئېيتىدۇ. قەيسەر بۇنىڭغا ئىشەنمەي:« مەن بۇ پاھشە ئايالنىڭ ئوغلى ئەمەس.» دەپ ئازاپلىنىپ يىغلايدۇ.

مەنسۇر پاكىت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقىي دادىسى ئەمەسلىگىنى، لىكىن رازىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئانىسى ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ قەيسەرگە ئۆز ئانىسى رازىيەنى تونۇتىدۇ-دە، ئۇنىڭ كەچۈرمۈشلىرىدىن خەۋەردار قىلىدۇ.

ئاخىرقى قىتىملىق سوتتا رازىيەنىڭ ئوغلىنىڭ سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتىشىنى جاكالايدۇ. بۇ چاغدا قەيسەر ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رازىيەنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رازىيەنى ئاقلايدۇ. قەيسەر ئانىسى-رازىيەنىڭ ئالدىغا بېرىپ، قۇچاقلىشىپ دىدارلىشىدۇ.

نازىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلسىدىكىلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن،رازىيەگە ھىسداشلىق قىلىدۇ. بۇ قىتىمقى سوتتا رازىيەنىڭ ئوقى مۇختەرگە تەگمەي، گۈلسۈمنىڭ  ئاتقان ئوقى بىلەن مۇختەرنىڭ  ئۆلگەنلىكى  ئېنىقلىنىدۇ  ھەمدە گۈلسۈم ئۆزى مۇختەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، قىزى- سىكىنە ئۈچۈن، ئىنتىقام ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. سوت  دەرھال گۈلسۈمنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە ئۆزى ئىقرار  قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، قولغا ئالىدۇ. رازىيە گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن، رازىيە ئەركىنلىككە چىقىدۇھەمدە ئوغلى-قەيسەر،مەنسۇرلار بىلەن قايتا جەم بولۇپ، بۇ بىر كىشىللىرى يېڭىدىن تۇرمۇشقا ئېرشىدۇ. قەيسەر سەۋزىيە بىلەن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، مۇرات-مەخسىدىگە يېتىشىدۇ.

ماقالىنى يازغۇچى- قەشقەر شەھەر16- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى-

ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى  تېلفۇن-13779894333  

2012 يىلى  6-ئاينىڭ 28-كۈنى  قەشقەر


قەشقەر شةۋقىي ظصلانچصلصقص سصصزنصث ظصلانچصلصق ساهةسصدصكص توغرا تاللصشصثصز!        
شەۋقى مۇنبىرىگە كۆڭۈل بۆلەيلى!
  [url=http://www.shewqiy.com/]http://www.shewqiy.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7711
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8595
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5421 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:28:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تولىمۇ ياخشى فىلىم ،فىلىمدىكى باش رولچى مەنسۇر‹مۇھەممەد ئەلى› بىلەن رازىيە ‹زىبا› ئۆز تۇرمۇشىدىمۇ ھەقىقي بىر جۈپلەر . مۇھەممەد ئەلى 2006 يىلى كېسەل سەۋەبى قازا قىلغان ، زىبا بەكلا قېرىپ كىتىپتۇ . بەكلا تەسىرلىك كىنو جۇمۇ بۇ !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82067
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4202
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاكىستان كىنولىرىدىن مىراسخوردىن باشقىسى داق

تازنىڭ نېمىسى بار تۆمۈر تاغىقى قاغىلار قاقئېتىدۇ ئۆز كۆڭلىنى شاد ئېتىدۇ بىرئىككىئۈچ ئىتتىپاقلىقكۈچچەيلەپيانچىيمىزدۈشمەنكەلسەدۇچئۆزىنىسورغانشەھەرسوراپتۇ

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:36:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىراسخور  ئەسمەتخاننىڭ ما گىپى بەك قىزىق جۇما ،

قارا نىياز ئەلى  ئىنگىلىسلارنىڭ بىر نەرسىگە قويغان ئىسىمىدىن ئادەمنىڭ سۆيۈنگىسى كىلىدۇ ..

ياخشى كىنولار  تايگىر بىلەن مىراسخوردىن باشقىسىنى تازا كۆرگۈم كەلمەيدۇ . بۇ كىسپۇرۇشلارنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىساملا ئاچچىقىم كىلىدۇ مىنىڭ

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7711
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8595
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5421 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:46:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاش يۈرەك دىگەن كىنو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82224
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3249
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:47:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7711
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8595
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 5421 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:57:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-28 10:52 PM
ھە   توغرا  دەل  شۇ  كىنو  ،  كۆرسەم كۆرسەم كۆرگۈم  كىلىت ...

مېھرى شەپقەت دىگەن فىلىم

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1988
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12078
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8712 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:39:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ كىنو ئۆزى قىنى ، مەنمۇ كىچىك ۋاختىمدا بىر قىتىم كۆرگىمنىم ئىسىمدە،
يەنە بىر قىتىم كۆرۇشىنى ،ئارزۇ قىلاتتىم،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 12:20:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىنونىڭ ئادرىسىنى ياكى ئۆزىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48902
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6774
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 695 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 12:45:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىلىمنىڭ چۈشەندۈرىشىنى بەك تەپسىلىي يېزىپسىز... مەنمۇ بىر كۆرگەندەك قىلىمەن.. لېكىن ۋەقەلىكى تازا ئىسىمدە قالماپتىكەن ئەمدى ئەسلىيەلىدىم.. رەخمەت سىزگە.. كۆپ جاپا چېكىپسىز.

روھىنى پاكلىغان ئادەم مۇرادىغا يېتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش